ئاساسىي تېما : ئاياللارنىڭ ياخشى-يامان خۇيلىرى ھەققىدەئاۋاتلىقى:82ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



گۈزەل ياشلىق
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 2809
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2835 نوقتا
پۇل : 28350 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:3038(سائەت)

 ئاياللارنىڭ ياخشى-يامان خۇيلىرى ھەققىدە


گەپ ئاڭلايدىغان ،جانابى ھەقنىڭ ئەمىرىنى ئادا قىلىدىغان گۇزەل ۋە ياخشى ئايال گاداينى شاھ قىلىدۇ .
قوينۇڭدا ياتقان خانىم كۇڭلۇڭگە مۇۋاپىق ۋە چىقىشقاق ئايال بولسا ،ئىشىكىڭدە ھەر كۇنى پادىشاھلاردەك بەش قېتىم نۆۋەتچى قوي .
كۇن بويى ھەر خىل دەردلەرنى تارتىپ ،تۇندە ئۇيۇڭدە دەردىڭگە دەرمان بولىدىغان ياخشى خوتۇنۇڭ بولسا ھېچ غەم يېمە.
كىمنىڭ ئۇيى پاراۋان ۋە ھەمراھى ئۇنى جاندىن سۇيسە ،ھەقتائالا ئۇنىڭغا شەپقەت نەزىرى بىلەن قارايدۇ .
ئايال ھەم گۇزەل ، ھەم نومۇسلۇق بولسا ،ئېرى ئۇنىڭ چىرايىغا قارىغىنىدا ئۇزىنى جەننەتتە بىلسۇن .
قەلبى خانىمى بىلەن بىر بولغان كىشى مۇرادىغا يېتىدۇ .
ئايال دىندار ۋە شېرىن سۇز بوسا ،ئۇنىڭ گۇزەللىكىنى ئىزدەش ئورۇنسىزدۇر .
ئەخلاقى گۇزەل بولغان ئايال چىرايى ،بەدىنى گۇزەل بەدىنى گۇزەل بولمىسىمۇ ھېچ ۋەقەسى يوق ،ئۇنىڭ ياخشى خۇيى كەمچىلىكلىرىنى ياپىدۇ .
سەت بولسىمۇ ،ئەخلاقى گۇزەل ئايال پەرى چىراي ،ئەمما خۇلقى ئەسكى ۋە جېدەلخۇر ئايالدىن ئەۋزەلدور .
ياخشى خويلۇق ئايال ئېرىنىڭ قولىدىن سىركىنى ھالۋا قىپ ياپىدۇ .
يامان خويلۇق ئايال ھالۋا يېسىمۇ تەلەتى سىركە ساتىدۇ .
ياخشى ئايال روھنىڭ ئوزۇقى ،كۇڭۇل شادلىقى ،يامان خويلۇق جېدەلخۇر ئاياللارغا كەلسەك ،بۇنداقلاردىن خۇدا ساقلىسۇن !
ئەسكى مىجەزلىك ئايالنى ئالغان ئەر قاغا بىلەن بىر قەپەستىكى تۇتى قوشقا ئوخشايدۇ .ئۇ قەپەستىن قوتۇلۇشنى جان دەيدۇ .
يامان خوتۇنغا يۇلۇقۇپ قالساڭ ،يا بېشىڭنى ئېلىپ كەت ،يا نىمە دېسە خوپ دەپ ئولتۇر .
جېدەلخۇر ئايال بىلەن بىر ئۇيدە ئولتۇرۇپ جېدەللەشكەندىن سەپەرگە چىققىنىڭ ئەۋزەل .ھالبۇكى ،كەش ئاياغنى قىستىسا ،يالاڭ ئاياغ ماڭغان راھەتتۇر .
ئۇيۇڭدە تەلەتى يامان ھەمراھنىڭ بولغۇنىدىن زىنداندا ياتقىنىڭ ئەۋزەلدۇر .
ئۇيىدە يامان ىوتۇنى بولغان ئەر سەپەرگە چىقسا ھېيىت -بايرام كەيپى سۇرىدۇ .
ئۇيدىكى ئايالنىڭ ئاۋازى قاتتىق بولسا ،ئۇ ئۇيدە خەير بولمايدۇ .
خوتۇنۇڭنى بازارغا قويۇپ بەرمە .گەپ ئاڭلىمىسا ئۇر .ئەگەر گېپىڭنى ئۇتكۇزەلمىسەڭ قويۇپ بەر ،ئۇ ئەر كىشىدەك يۇرۇۋەرسۇن ،سەن بولساڭ ئايال كىشىدەك ئۇيدە ئولتۇر .
خوتۇن ئېرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسا ،ئەرنى ئەر دىگۇلى بولمايدۇ .بۇنداقلار خوتۇننىڭ ئىشتىنىنى كىيىپ ئۆيدە ئۇلتۇرغۇنى تۇزۇك .
ئالغان خوتۇنۇڭ بىلىمسىز ۋە ۋاپاسىز چىقسا ،بېشىڭغا بالا ئالغان بۇلىسەن .
ئايال ئارپا ئۇلچىكىدە بىرنى خيانەت قىلسا ،بۇغداي ئامبىرىڭدىن ئۇمىدىڭنى ئۇز .
قايسى ئەرنىڭ ئۇزىگە يارىشا قولى ۋە قەلبى توغرا -دورۇس خوتۇنى بۇلسا ،جانابى ھەقنىڭ كاتتا ئىلتىپاتىغا ئېرىشتى دېمەكتۇر .
ئايال يات ئەرگە قاراپ كۇلسە ،ئېرىگە دېگىن ،ئۇزىنى ئەر دىمىسۇن .
يات ئەرلەرگە قارىتا ئايالنىڭ كۇزى كۇرمەس بولسۇن .ئۇيدىن چىقسا ،ئۇدۇل مازارغا كەتسۇن .
ئۇپا - ئەڭلىككە ھېرىسمەن ئايال ئېرىنىڭ يۇزىگە قارا سۇرەر .
خوتۇنۇڭ ئۆيدە ئولتۇرمىسا ،سېنىڭ ئۇ ئۇيدە ئۇلتۇرشۇڭ ئاقىلانلىك ئەمەس .
نامۇۋاپىق ئايالنىڭ قولىدىن تىمساھنىڭ ئاغزىغا قاچ ،چۇنكى نومۇس بىلەن ئولۇش نومۇسسىز ياشاشتىن مىڭ مەرتىۋە ياخشى .
خوتۇنۇڭغا ياتنىڭ يېنىدا يۇز ئاچقۇزما . سۆزۈڭنى ئاڭلىتالمىساڭ دېمەككى  ئەر ئۇدۇر ، سەن يۇزۇڭنى ياپ .
ياخشى خۇيلۇق گۇزەل ئايال كاتتا دۇلەت ۋە سائادەتتۇر .بۇنداق ئايالنى چىڭ تۇت ، ئۇنداق بولمىسا قويۇۋەت ، نەگە بارسا بارسۇن .


« بوستان » دىگەن كىتابتىن كۇچۇرۇلدى 
 

تەن ساقلىق ، زور بايلىق .

Posted: 2009-03-12 18:52 | [پۈتۈكچى]
باس باس مۇنبىرى >> تەرمىلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation