ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ئانىسىدىنمۇ ئۇلۇغ ، نۇقسانسىز ، كۆيۇمچان ئايال بولماس . شۇڭا ئۇلار ئانىسىنىڭ ئولچىمى بۇيىنچە ئايالىنى دەڭسەيدۇ . ئانىسىغا سېلىشتۇرىدۇ . ئاياللار ئەرلەرنىڭ بۇ قارىشىنى ئوزگەرتەلمەيدۇ . قىسقىسى ، ئېرىنى سويۇشنى بىلگەن ئايال چوقۇم ئالدى بىلەن ئېرىنىڭ ئاتا - ئانىسىنى ياخشى كۆرۇشى ، ھورمەتلەشنى بىلىشى زورۇر . ئۇنداقتا ، كېلىن بولغۇچى قېينىئانىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ۋە مېھرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ىش كېرەك ؟
1.كېلىن ئېرىگە بولغان مۇھاببىتىنى دايىم قېينىئانىسىغا بىلدۇرۇپ تۇرۇش بىلەن بىللە ، قېينانىسىنى خۇددى ئۆز ئانىسىدەك كۆرىدىغانلىغىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك؛
2 . قېينانىسىنىڭ ئالدىدا ئېرىنىڭ ياخشى گېپىنى كۆپ قىلىپ بېرىش كېرەك ، چۇنكى ھەر قانداق ئانا ئوغلىنىڭ غەيۋىتىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ ؛
3 . كېلىن قېيناتا - قېينانىسىنىڭ ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلماسلىقى ، بەزى مەسىلىلەردە پىكرى بىلەن ئۆزىنىڭ قارىشى زىت بولغان تەقدىردىمۇ قېينانىسىغا يول قويۇشى كېرەك ؛
4. كېلىن ھەر ۋاقىتتا قېينانىسى تەرەپتە تۇرۇپ گەپ قىلىشى كېرەك ، ئەگەر ئېرى بىلەن قېينانىسى ئوتتۇرسىدا ئىختىلاپ كورۇلسە ، كېلىن چوقۇم قېينانىسى تەرەپتە تۇرۇپ ئېرىنى بېسىشى كېرەك . چۇنكى نۇرغۇن قېينانىلار ئوغلىنىڭ ‹‹ ئوزگۇرۇپ كېتىشى ›› نىڭ سەۋەبىنى كېلىنىدىن كورىدۇ ، شۇڭا كېلىن چوقۇم قېينانىسى تەرەپتە تۇرىدىغانلىغىنى بىلدۇرۇپ قويۇشى كېرەك ؛
5 . كېلىن قېينانىسىنىڭ ئالدىدا ئېرىگە بەكمۇ يېقىنچىلىق قىلىپ كەتمەسلىكى لازىم ، بولمىسا قېينانىسىدا ھەسەت قوزغاپ قويىدۇ ؛
6. كېلىن قېينانىسىغا ئۆز
قىزىدەك كۆيۇنىشى ، ئۆز ئانىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشى كېرەك . لېكىن يېقىنچىلىق قىلىپ چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك كېرەك ؛
7 . كېلىن قېينانىسىغا ئونىڭ تۇرمۇشدىكى مۇھىم ئورنىنى بىلدۇرۇپ قويۇش كېرەك . شۇنداق بولغاندىلا قېينانىنىڭ قەلبىدە ئىپتىغارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ ، ئۇلاردىن رازى بولىدۇ ؛
8. كېلىن قېينانىسىنىڭ ئالدىدا ياغاچتەك قېتىۋالماسلىقى ، چوڭ ئىشلاردا مەيدانى مۇستەھكەم ، كىچىك ئىشلاردا دوت بولۇۋېلىشى كېرەك . بۇنداق بولغاندا قېينانا كېلىنىگە ھەم قايىل بولىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ ؛
9. كېلىن قېينانىسى بىلەن ئازارلىشىپ قالسا ئېرىگە چاقماسلىقى كېرەك . ئۇنداق قىلغاندا قېينانا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت يىرىكلىشىپلا قالماي ، ئېرىنىڭ غەزىپىنى كەلتۇرۇپ قويىدۇ . شۇڭا ئېرىگە قېينانىسى بىلەن ئوتكۈزگەن كۆڭۇللۇك ۋاقىتلىرىنى دائىم سوزلەپ بىرىشى كېرەك ، شۇندىلا ئەر ئايالىنىڭ ئىقتىدارلىقىغا قايىل بولىدۇ ھەم ئۇنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك قەدىرلەيدۇ ؛
10 . ئەگەر قېينانا ھەق گەپ ئۇقمايدىغان ، جاھىل بولسا ، كېلىن چوقۇم قېينانىسىغا ئۆزى ۋە قېينانىسىنىڭ ئوغلى ئەڭ ياخشى كورىدىغان ، قەدىرلەيدىغان ئايال ئىكەنلىگىنى ، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋېتى يىرىكلەشسە ، ئائىلىنىڭ ئومۇمى كەيپىياتىغا ، پۇتۇنلىگىگە تەسىر يېتىدىغانلىغىنى بىلدۇرۇپ قويۇشى كېرەك ؛
مەنبە بايىنغۇلىن گېزىتى