9 خىل يېمەكلىكنى كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ

2009-02-18 11:11:27   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى

      دۆلەت سەھىيە مىنىستىرلىكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى قېرىنداشلارغا تۆۋەندىكى 9 خىل يېمەكلىكنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ:
      1. ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇم: ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇمنى تەييارلاشتا بەلگىلىك مىقداردا قوغۇشۇن ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا، دائىم ئىستېمال قىلغاندا قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىپلا قالماستىن، يەنە كالتسىي كەملىكنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
      2. سېسىق دۇفۇ: سېسىق دۇفۇنى ئېچىتىش جەريانىدا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مىكرو ئورگانىزملار ئوڭايلا بۇلغىنىشقا ئۇچرايدۇ. بۇندىن باشقا، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە كۆپ مىقداردىكى ئۇچۇشچان ئامىنو تۇزى ۋە ھىدروگېن سۇلفىد قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاقسىلنىڭ پارچىلىنىشىدىن پەيدا بولغان چىرىگەن ماددىلار بولۇپ، ئادەم تېنىگە ئىنتايىن زىيانلىق.blog
      3. تېتىتقۇ: ھەربىر ئادەم كۈنىگە قوبۇل قىلىدىغان تېتىتقۇ مىقدارى 6 گرامدىن ئاشماسلىقى كېرەك، ئەگەر زىيادە كۆپ قوبۇل قىلسا قاندىكى گليۇتامىن كىسلاتاسىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ، ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان ئىككىنچى تەرتىپلىك مۇسبەت ئىئونلۇق كالتسىي ۋە ماگنىيدىن پايدىلىنىشنى چەكلەپ قويىدۇ ھەمدە قىسقا مۇددەتلىك باش ئاغرىش، يۈرەك سېلىش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەمنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىغىمۇ ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ.
      4. تەييار چۆپ: تەييار چۆپنىڭ تەركىبىدە ئادەم تېنىگە پايدىسىز بولغان يېمەكلىك پىگمېنتى ۋە چىرىتمەس دورا قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت ئىستېمال قىلسا تەن ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىدۇ.
      5. گازىر :  گازىر تەركىبىدە كۆپ مىقداردىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بار بولۇپ، كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئادەم تېنىدىكى ئۆت ئىشقارىنى كۆپلەپ خورىتىپ، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ فۇنكسىيىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.yanfun
      6. پالەك: پالەكتىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، يەنە چۆپ كىسلاتاسىمۇ بار. يېمەكلىك تەركىبىدىكى قىممەتلىك ئېلېمېنت سىنك ۋە كالتسىي چۆپ كىسلاتاسى بىلەن بىرىكىپ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم تېنىدە سىنك ۋە كالتسىينىڭ كېمىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
      7. كالا - قوي گۆشى كاۋىپى: كالا - قوي گۆشىنى ئىسلاپ ۋە قاقلاپ پىشۇرۇش جەريانىدا، راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددا ھاسىل بولىدۇ.
      8. چىلىغان سەي: چىلىغان سەي ياخشى تەييارلانمىسا، ئۇنىڭ تەركىبىدە راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددا - ئاممونىي نىترات كىسلاتاسى ھاسىل بولىدۇ.
      9. پىلتە قۇيماق: پىلتە قۇيماقتىكى زەمچە بولسا تەركىبىدە ئاليۇمىن بولغان ئانئورگانىك ماددا بولۇپ، ئەگەر ھەر كۈنى پىلتە قۇيماق يېگەندە ئاليۇمىننىڭ بۆرەك ئارقىلىق چىقىرىلىشى قىيىنلىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭە ۋە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىدە زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ھەتتا ياشانغانلاردا كۆرۈلىدىغان دېۋەڭلىك كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ.