• ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى - [بىز كىم؟]

    2010-06-30

    Tag:uyghur

    تۆۋەندىكىسى ئۇ شەخسلەرنى قىسقىچە چۈشۈندۈرۈش :
    ئابباس بۇرھان: پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى، تەتقىقاتچى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىن.
    ئابدۇكېرىم نەسىردىن: سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، رەسسام.
    ئابدۇكېرىم راخمان: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئەدەبىياتشۇناسلىق بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى.
    ئابدۇكېرىم خوجا: ئاتاقلىق شاىر، ئەدەبىي تەرجىمان.
    ئابدۇقادىر داموللا: 20-ئەسرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن دىنىي ئالىم.
    ئابدۇللا تىمەن: زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر سىياسىونلىرىنىڭ بىرى(تەيۋەن).
    ئابدۇقادىر تاش: سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر ژۇرنالىست.
    ئابدۇراخمان ئابلىكىم: بوكس تۈرى بويىچە ئاسىيا چېمپىيونى بولغان.
    ئابدۇراخمان قاھار: يازغۇچى، «ئىلى دولقۇنلىرى» قاتارلىق بىرقاتار رومان-پوۋېستلارنى يازغان.
    ئابدۇرېھىم ئەخمىدى: ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق ناخشىچى (قازاقىستاندىن، مۇراد ئەخمىدىنىڭ ئاتىسى)
    ئابدۇرەوپ پولات تەكلىماكانىي: ئەدەبىياتشۇناس، تىلشۇناس، پروفېسسور (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا)
    ئابدۇرېشىت ئابدۇۋەلى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى.
    ئابدۇرېشىت توختى: شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مول ھوسۇللۇق كومپوزىتورى.
    ئابدۇرېشىت زۇنۇن: كىيىم لايىھىلەش بويىچە ئالىي ئىنژېنېر.
    ئابدۇروسۇل ئابدۇللا: مېتېورولوگىيە بويىچە ئالىي ئىنژېنېر.
    ئابدۇشۈكۈر كېرىم: شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ رەسسامى.
    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئىجتىمائىي پەن ئالىمى.
    ئابدۇخالىق ئۇيگۇر: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي شاىرى.
    ئابلەق ئاۋامىسلىم: مول ھوسۇللۇق كومپوزىتور.
    ئابلەت ئابدۇرېھىم: ئوتلاقچىلىق مۇتەخەسسىسى (شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى)
    ئابلىمىت ئابدۇقادىر: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە-جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدىن، بىئولوگىيە پېنى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچى.
    ئابلىز ھېزىموف: يازغۇچى (قازاقىستان)، قازاقىستاندا نۇرغۇن ئىاجدىيىتى بارلىقى مەلۇم، ۋەتەندە «تەتۈر كىرپىك» ناملىق توپلىمى نەشر قىلىنغان.
    ئابلىز شاكىر: مۇقامشۇناس (شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدىن)
    ئادالەت ئەخمەتجان: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى (ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قىزى)
    ئادىل ھوشۇر: داڭلىق دارۋاز (شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىدىن)
    ئادىلجان جۇڭگودىكى ۋاسكېتبول چولپىنى، ۋاسكېتبولچىلارنىڭ دۆلەتلىك ترېنېرى.
    ئالىجان ئىبراھىموف: قازاقىستاندىن، كاتتا كارخانىچى.
    ئامىنە غاپپار: تىلشۇناس.
    ئارسلان ئابدۇللا: تىلشۇناس، پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن.
    ئايشەم ئەخمەت: يازغۇچى.«ئۆچمەس ئىزلار»، «مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭ» قاتارلىق رومانلارنى يازغان.
    ئايشەم ھوشۇر: مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى.
    ئازاد سۇلتان: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى،  شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەىسى.
    بىلال ئىلياس: ماتېماتىك، ياپونىيىدە.
    بوغدا ئابدۇللا: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شاىر (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن)
    چىمەن يۇنۇس: باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    دىلبەر يۇنۇس: دۇنياغا تونۇلغان دولقۇنسىمان يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى.
    دىلمۇراد كۇزىيېف: كاتتا كارخانىچى، قازاقىستاندا.
    دىلنار ئابدۇللا: ئۇسسۇل سەنئەتكارى.
    دىلناز ئەخمىدى: ناخشا چولپىنى (مۇراد ئەخمىدىنىڭ قىزى، قازاقىستاندا)
    دىلشات ئابلا: نېرۋا ئىلمى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى..
    دىلشات ھېۋىزۇللا: كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيال ئىنژېنېرى (ئەنگلىيىدە)
    دىلشات سۇلتان: ئەدەبىي تەرجىمان، ئالىي مۇھەررىر.
    دولقۇن رەھمىتۇللا: تېببىي مۇتەخەسسىس (ئامېرىكىدا)
    ئەكبەر غۇلام: ئەدەبىي تەرجىمان، يازغۇچى.
    ئەكرەم ئەلى: ئاگرونومىيە مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    ئەل فارابى: 10-ئەسردە ياشاپ ئۆتكەن، پەيلاسوپ، تېببىي ئالىم، مۇزىكىشۇناس.
    ئەلى ئەسمىتۇللا: قاتناش-ترانسىپورت تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    ئەلىشىر ناۋاىي: 15-ئەسردە ياشاپ ئىجاد قىلغان، مۇتپەككۇر شاىر.
    ئەنۋەر ھەسەن: ھايۋانات ئوزۇقشۇناسلىقى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    ئەنۋەر مۇھەممەت: شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىنىڭ يېتەكچىسى، ئاتاقلىق سېھىرگەر.
    ئەركىن سىدىق: ئوپتىكا پەنلىرى ئىنژېنېرى (ئامېرىكىدا)
    ئەسەت سۇلايمان: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن.
    ئەخەت تۇردى: يازغۇچى، ژۇرنالىست.
    ئەخمەت تۆمۈر؛ ئاسارئەتىقىلەرنى يىغىپ ساقلىغۇچى، «جۇڭگودىكى يىغىپ ساقلاش چولپىنى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
    ئەختەم ئۆمەر: يازغۇچى.
    ئەزىزوف قاسىم: گېنېرال.
    غازباي: مىلادىيىدىن ئىلگىرى خوتەندە ئۆتكەن ئاتاقلىق تېببىي ئالىم، قەدىمىي ھىندىستان مەنبەلىرىدە نامى تىلغان ئېلىنغان.
    غازى ئەمەت:رەسساملىق كەسپى پروفېسسورى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدىن.
    غەنى باتۇر: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قەھرىمانى.
    غەنى غوپۇر: ماتېماتىك، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    غەنىزات غەيۇرانى: لۇغەتشۇناس، شاىر، ئار تىل-يېزىق كومىتېتىدىن.
    غەيرەتجان ئوسمان: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن.
    ھاجىەكبەر ئەيسا: بايلىق خىمىيىسى مۇتەخەسسىسى، تەتقىقاتچى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسىدىن.
    ھىسامىدىن قۇربان: زامانىمىزدىكى “نەسىردىن ئەپەندى”.
    ھوشۇر ئەلى: رەسسام، خەتتات، بىرىنچى ئەۋلاد خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىشى.
    ھوشۇر ئىسلام: پروفېسسور، كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى.
    ھۈسەنجان جامى: ئاتاقلىق تەمبۇرچى، مۇزىكا ئىجادچىسى.
    ھۈسەنجان تۇنىياز: ئۆسۈملۈك ئاسراش كەسپى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    ئىبراھىم مۇتىى: زامانىمىز ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىنىڭ باشلامچىسى، تەتقىقاتچى.
    ئىدرىس ئابدۇروسۇل: ئارخېولوگ، تەتقىقاتچى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باھالىغۇچى.
    ئىليار شەيخىدىن: ئۆپكە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    ئىمىن تۇرسۇن: ئۆرپ-ئادەت تەتقىقاتچىسى، شاىر، تىلشۇناس.
    ئىمىننىياز ئىسماىل: كومپوزىتور، تۇرپان ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدىن.
    ئىسراپىل يۈسۈپ: ئارخېولوگ، قەدىمكى ئەسەرلەر ۋە تارىم مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى.
    ئىززەت ئىلياس: ناخشىچى، شىنجاڭ ئوپەرا ئۆمىكىدىن.
    جالالىدىن بەھرام: يازغۇچى، رەسسام. «لېيىغان بۇلاق»، كۆمۈرچى بالا»، «ئامەت ۋە ئاپەت» قاتارلىق رومانلارنىڭ ئاپتورى. مۇشۇ كىشىلەر قاتارىدىكى مۇسا سايرامىنىڭ رەسىمىنى جالالىدىن ئەپەندى سىزغان.
    ئابدۇۋەلى جارۇللايېف: ئاتاقلىق خەلق ناخشىچىسى.
    جيەن بوزەن: تارىخشۇناس، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن.
    جيەن يىڭخەي: جۇڭگودىكى مەشھۇر كارخانىچىلارنىڭ بىرى، خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن.


    收藏到:Del.icio.us




    无觅相关文章插件
  • ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.