:::Bagwanblog:::园丁博客:::

باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:

باغۋەن :

  • 2009-04-29

    خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار - [مائارىپ]

    يېزىلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار
        ئايتىللا ئۆمەر     2009– يىل4– ئاينىڭ28– كۈنى 12:23 شىنجاڭ گېزىتى
     يېزىلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى(سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش) سەۋىيىسى شەھەرلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىگە قارىغاندا تۆۋەنرەك، بۇنداق بولۇشى ئۇلارنىڭ ئانا تىلىدىن باشقا تىلدا ئالاقە قىلىش مۇھىتىنىڭ بولمىغانلىقى، خەنزۇ تىل يېزىقىنىڭ ئوقۇلۇش، يېزىلىش، جۈملە تۈزۈلۈشى، تەلەپپۇز قىلىنىشى ئۇيغۇر تىلىنىڭكىگە ئوخشاشمىغاچقا، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە خەنزۇ تىلى دەرسى بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاپ، خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم:

         1. ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئەمەلىيىتىدە يىراق مۇساپىلىك زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرىنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئوقۇتۇش مەۋقەسى، دەرس مەزمۇنى، دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى، سوئال سوراش شەكلىدە ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلىدىغان، تېز ئۆزلەشتۈرىدىغان ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، بوش ئورۇن تولدۇرۇش، جۈملە تۈزۈش، جۈملىلەرنى تولۇقلاش، ئانالىز قىلىش، ئېغىزچە سىناق بىلەن دوسكىغا چىقىرىپ مەشىق قىلدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

         2. تىلنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، خەنزۇ يېزىقىدىكى ئاتالغۇلارنىڭ ئىلىم – پەننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ يېڭىلىنىپ بېرىشتەك قانۇنىيىتىنى ئوقۇغۇچىلارغا جانلىق چۈشەندۈرۈپ، ئايرىم خەتلەرنىڭ ئىپادىلەۋاتقان مەزمۇنىغا، ئوخشاشمىغان تىل مۇھىتىدىكى ئوقۇلۇشىنىڭمۇ ئوخشاشمايدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، سۆزلەرنىڭ ئىستېمالدىكى پەرقىنى ئوقۇغۇچىلارغا تونۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارغا خەنزۇ تىلى دەرسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلدۈرۈش لازىم.

         3. ئوقۇتقۇچىلار تۇرمۇشتا كۆپ قوللىنىلىدىغان سۆز، جۈملىلەرنى كۆپرەك مەشىق قىلدۇرۇپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشى بىلەن دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزئارا خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىشكە يېتەكلەش شۇنداقلا خام سۆز، تېكىستلەرنى يادلاشقا، كۆپ ئاڭلاشقا تەشكىللەش لازىم.

         4. خەنزۇ تىلى دەرسىدىكى مۇھىم، قىيىن نۇقتا مەزمۇنلىرىنى ئېنىق ئايرىپ، ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى روشەن ئىگىلەش لازىم. دەرس ئۆتۈشتە ئاڭلاش بىلەن سۆزلەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشى لازىم.

         5. خەنزۇ تىلى دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە، دەرس ئۆتۈش مېتودىنى يېڭىلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

    (ئاپتور: يەكەن ناھىيىسى ئودانلىق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن





باشقۇرۇش سۇپىسى

[ باشقۇرۇشقا كىرىش ]