:::Bagwanblog:::园丁博客:::

باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:

باغۋەن :

  • 2009-04-27

    39يىلدىن بويانقى ئەڭ يۇقىرى رىكورتلۇق تىمپىراتۇرا - [خەۋەرلەر]

    39يىلدىن بويانقى ئەڭ يۇقىرى رىكورتلۇق تىمپىراتۇرا
     بۇيىل 4- ئاي <ئاتەش ماكانى > دەپ ئاتالغان تۇرپان ئويمانلىقىدا ، 39يىلدىن بويانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى تىمپىراتۇرىلىق رىكورت يارىتىلدى .
    يېقىنقى يىللاردىن بويان ، ئۈرۈمچىدە كۆپ قېتىم يامغور يېغىپ ، ھاۋا تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ ، لىكىن ئۇنىڭ قوشنىسى بولغان تۇرپان ، توقسۇن رايۇنلىرىدا يەنىلا   31 سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تىمپىراتىرا   ھالىتى ساقلانماقتا . تۇرپان مېتورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئاشكارلىشىغا قارىغاندا  بۇيىل 4 ئايدا تۇرپان ، پىچان ، توقسۇن رايۇنلىرىنىڭ ئوتتۇرچە تىمپىراتۇرىسى 21.7 ، 17.5 ۋە 21.1 بولۇپ ، تۇرپان بىلەن توقسۇن 39 يىلدىن بويانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى 20.5 ۋە 20.0 لىك يۇقىرى تىمپىراتۇرا رىكورتى يېڭىلانغان .
    مۇتەخەسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە بۇخىل يۇقىرى تىمپىراتۇرا ئاساسلىقى  بۇ يىلقى رايۇنىمىزدىكى ئىسسىق قىش ھادىسىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن ، يەنە ئۇلارنىڭ دىيىشىچە بۇخىل يۇقىرى تىمپىراتۇرا ھەرخىل دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا پايدىلىق ئىكەن .





    评论

  • [avatar:30]ھاۋانىڭ بۇنداق ئىسىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى يەنىلا ئۆزىمىزدىن كۆرسەك بۇلىدۇ دە ! تەرەققىيات دەۋەردۇق ، ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى بەلكىم بۇلا بولمىسا كېرەك ..
    ئەلقۇت回复مۇئەللىم 说:
    بۇنىڭغا كىممۇ بىرنەرسە دىيەلىسۇن !؟ بۇنداق ھادىسىلەر ھازىر خېلى كۆپىيىپ قالدىغۇ دەيمەن ...
    2009-05-05 10:01:29

باشقۇرۇش سۇپىسى

[ باشقۇرۇشقا كىرىش ]