باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:
- تور سۈرئىتىنى تىزلىتىش (1)
- autorun ۋىروسى خاسلىقىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ھۆججەتلەرنى ئوڭشاش
- ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ باھالاش - [بىلوگ بىلىملىرى]
- winXP نىڭ كىرىش پارۇلىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ....
- alimamaسىزنىڭ ئېلان ئىلتىماسىڭىزنى يەنە تەستىقلىمىدىمۇ !؟
- ئۆزىمىزنىڭ بىلوگىنى قانداق تەشۋىق قىلىمىز ؟
- بىلوگباستىكى خەنزوچە ئۇسلۇبلارنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى
-
2009-04-27
ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىسىدا ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى 9 پەرق [يېڭى ] - [مائارىپ]
ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىسىدا ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى 9 پەرق [يېڭى ]
1. قىز ئوغۇل پەرقى - قىزلار تەبئى پەننى تاللىغان بولسىمۇ ، تەبئى پەنگە تىزىملىتىشىڭىز زۆرۈر ئەمەس ، ئۇنداق بولمىغاندا مەكتەپكە بارغاندىن كىين ، ئۆزىڭىزنىڭ ئوقۇيدىغان كەسپىڭىزنىڭ سىتانۇك بىلەن ھەپىلىشىدىغان كەسىپ ئىكەنلىكىنى بىلگىنىڭىزدە تەن قۇۋىتىڭىز قول سېلىپ ئىشلەشكە يار بەرمەي پۇشايماندا ئاھ ئۇرۇپ قالىسىز .
2.رايۇن پەرقى - جەنۇپ تەرەپلەرنىڭ موھىتى ئوبدان ، دەريا- تاغلىرى گۈزەل ، ئىسسىق ؛ شىمال تەرەپ توپا-چاڭ ، سوغاق بولسىمۇ ، سىياسى ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە يېقىن < ئوتى بار جاينىڭ سۈيى يوق ، سۈيى بارنىڭ ئوتى .>.
3.چۈشىنىش پەرقى - بىر كەسىپنىڭ نامىغا قاراپ ، سىز ، ئۆيىڭىزدىكىلەر ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەر ھەرگىزمۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىين نىمە ئىش كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسىپ ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ ، ئېھتىيات قىلىڭكى ، ھەرگىزمۇ نامى يېقىشلىق مەكتەپ ۋە كەسىپلەرگە مەپتۇن بۇلۇپ قالماڭ ، ھازىر دىگەن < باراڭ پۇل ئەمەس ، قاپاق پۇل > .
4.تەرەقىيات پەرقى - كومپىيۇتېر ، ئىېنگىلىز تىلى ، ساياھەتچىلىك ، پايچەك تەھلىلى ، فىزىكا قۇرلۇشى قاتارلىق ساھالەردىكى ئېختىساس ئېگىلىرى بىردەملىككە تويۇنغاندەك قىلسىمۇ ، لىكىن يىراققا نەزەر سالغىنىمىزدا ، بۇ خىل ساھەلەرنىڭ تەرەقىيات بوشلۇقى ئىنتايىن چوڭ .
5.نام پەرقى - فىزىكا فاكولتىتىنىڭ ئۇچۇر قۇرلۇشى كەسپى ھەرگىزمۇ ماتىماتىكا فاكولتىتىنىڭ كومپىيۇتېر كەسپى ئەمەس ، ھەرگىزمۇ ئارلاشتۇرىۋەتمەڭ .
6. كونا-يېڭىلىق پەرقى - بەزى ئۇنۋىرستىتلارنىڭ نامى ناھايتى مودا ، لىكىن ئۇ ئېھتىمال ئەمدىلا قۇشىۋاتىلىپ تەستىقلانغان يېڭى مەكتەپ بۇلىشى مۆمكىن ؛ ئەكسىچە بىر كونا ئۇنۋىرستىتنى بولسا 40- 50 ياشلىق كىشىلەرمۇ بىلىدۇ .
7.كەلگۈسى قىممەت قارشى پەرقى - بەزى نوقتىلىق ئۇنۋىرستىتلارغا ئۆتۈشتە ئەلۋەتتە رىقابەت ئىنتايىن كۈچلۈك بۇلىدۇ ؛ لىكىن يېڭى بىر ئۇنۋىرسىتىتلارنىڭ بولسا كىرمەك ئاسان ، لىكىن پۈتتۈرگەندىن كىيىن سىزگە رىقابەت پۇرسىتى يوق بۇلۇپ قېلىشى مۆمكىن .
8.ئۆز-ئۆزىنى تۇنۇشتىكى پەرق - ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى ۋە قىزقىشىنى ياخشى بايقىيالىغاندىلا ئۆزىگە ماس كېلىدىغان كەسىپلەرنى تاللىيالايسىز ، ئەكسىچە بولغاندا ئالمان -تالماندا بۇلۇپ قالىدۇ .
9.شاھىت جەھەتتىكى پەرق - بەزىلەر ئاتا -ئانىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە مەكتەپ ۋە كەسىپ تاللايدۇ ، لىكىن دېققەت قىلىش كېرەككى ، ئىمكان بار بالىلارغا قۇيۇپ بەرگۈلۈك ، چۈنكى مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيدىغىنى ئەلۋەتتە بالا دە !مەنبە : خەنزوچە <ئوقۇتقۇچىلار بىلوگى > دىن ئۆزلەشتۈرۈلدى .
评论