باش بەت  ناخشا ئاڭلاش ئىجادىيەتلىرىم   ماقالىلىرىم تۇرا ئۇقتۇرۇشى

 

  • ئىنسانپەرۋەر ئۇيغۇرلارغا بىلەت تاشلاڭ! - [تاغدىن- باغدىن]

    2010-12-29

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/94374907.html

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى باش بولۇپ ئۆتكۈزىۋاتقان «جۇڭگو تورچىلىقىدىكى 2010-يىللىق تەسىرچان شەخس» 88%7  
    (“中国网事·感动2010”年度网络人物) پائالىيىتىنىڭ توردا بېلەت تاشلاش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىۋىتىپتۇ. نامزاتلارنىڭ ئىچىدە ئىككى ئۇيغۇر بار ئىكەن، بىرى گۈيجۇدا كاۋاپچىلىق قىلىدىغان ئالىم ئاكا، يەنە بىرى تاشلىۋېتىلگەن خەنزۇ قىزىنى بېقىۋالغان سانجىلىق مىھرىبان ئانا مەنىساخان ساۋۇت ئىكەن. ھازىرقى بېلەت نەتىجىسىدە ئالىم ئاكا  11-ئورۇندا، مەنساخان ساۋۇت   19-ئورۇندا تۇرۇپتۇ، پەقەت بېلەت سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئالدىنقى 10 نامزاتنىلا تاللايدىكەن، بېلەت تاشلاش ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە. بېلەت تاشلايدىغان تور ئادرېسى:http://www.xinhuanet.com/newmedia/zgwsgd2010/index.htm nymF`0HYe1  
    نامزاتلار تىزىملىكدىكى سول تەرەپ بىرىنچىسى ئالىم ئاكا شۇ، رەسىمنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى投票 دىگەن خەتنى چىكىپ قويساقلا بولىدۇ. قارىغاندا ئالىم ئاكىنىڭ تاللىنىشىدىن خېلى ئۈمىد باردەك قىلىدۇ، كۆپچىلىك بىر مىنۇت ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ بېلەت تاشلاپ قويساڭلار، بىز تاشلىغان ئاشۇ بىر تال بېلەت مىللىتىمىزنىڭ ئىچكىرىدىكى خۇنۈك ئوبرازىنى ياخشىلاشتا خېلى ئوبدانلا رول ئوينىغۇسى ! گەرچە ئىچكىرىدكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ھالال ھۈنەر-خىزمەت، سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىر قىسىم ئوغرى-يانچۇقچى، زەھەر ئەتكەسچىلىرى ۋە يەنە ئاللىقانداق ھارام ئىشلارنى قىلىۋاتقان  قېرىنداشلىرىمىز سەۋەبىدىن دائىم چەتكە قېقىلىدىغان، كەمسىتىلىدىغان بىر مىللەتكە ئايلىنىپ قالدۇق. بۇ خىل ئازابنىڭ تەمىنى ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ھالال خىزمەت ۋە سودا قىلىۋاتقانلار ئوبدانلا بىلىدۇ. ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا مىھمانخانىلاردىن ياتاق ئالالمايدىغان، ئاپتوبۇس، مېترولاردا ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ئاممىۋى سورۇنلاردا بەكلا سوغۇق  مۇئامىلىگە ، ئالىيىپ قاراشلارغا ئۇچرايدىغان ئىشلار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ھەممىدىن بەك جانغا تېگىدىغىنى، ئۇيغۇرنى كۆرۈپلا نەرسىلىرىنىڭ ئوغۇرلىنىشىدىن ئەنسىرەپ سومكىسىنى مەھكەم قۇچاقلىشى، ئۆزىنى ئېپ قېچىشى، يانچۇقلىرىنى پات-پات سىلاپ قويۇشى... KtTlc#*KU  
    قېنى دوستلار ، ھەممىمىز ھەرىكەتكە كېلىپ تىزدىن بېلەت تاشلايلى، ۋاقىت چەكلىك ! KO*# ^+g  
    مۇمكىن بولسا بۇ خىل چاقىرىقلارنى باشقا مۇنازىرىلەرگىمۇ يوللاپ قويساڭلار، مۇشۇنى كۆچۈرۈپ ئەۋەتسەڭلارمۇ بولىدۇ.چ چ توپلىرى، مەكتەپداشلار تورى (校内网) دېگەندەك جايلارغىمۇ كۆپرەك يوللاپ قويساڭلار~ kD_Ac{{<  
    ئېسىڭلاردا بولسۇن، بېلەت تاشلاش ۋاقتى 2010-يىلى12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە.


    收藏到:Del.icio.us