باش بەت  ناخشا ئاڭلاش ئىجادىيەتلىرىم   ماقالىلىرىم تۇرا ئۇقتۇرۇشى

 

  • ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسلىلىرى3 - [نادىر ماقالىلەر]

    2010-12-11

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/88259743.html

     5. خۇلاسە ئورنىدا: نېمە قىلالىشىمىز مۇمكىن؟
       ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىدىكى مەسىلىلەر ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلدى. بۈگۈن بىزنىڭ شاھىت بولۇۋاتقىنىمىز زىيالىيلىرىدىن تارتىپ ئوقۇغۇچىلىرىغىچە ئاساسەن دېگۈدەك چوڭقۇر يېزىلغان ئىلىم تەتقىقاتى ئەسەرلىرىنى ئوقۇمايدىغان، ئىلىم تەتقىقاتىنىڭ كۇرسى چۈشكەن، ئوقۇرمەن كىرىزىسى ئەۋج ئالغان ئېچىنىشلىق بىر رېئاللىقتۇر. بۇ خىل بىنورمال رېئاللىقنىڭ باش كۆتۈرۈشىدە ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىلىرىدىن تارتىپ نەشرىياتلارغىچە، پىروفېسسورلاردىن ماگىستىرلارغىچە، ئۇنۋان باھالىغۇچىلاردىن تارتىپ ئۇنۋان كويىدا ئىلىم ئەخلاقىنى تامام ئۇنتۇغان ساختا تەتقىقاتچىلارغىچە، ... ھەمىلا ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. بىز كۆرۈۋاتقان بۇ رېئاللىقتا ھىسسىي يازما، ماغزاپ يازما، ساختا يازما يامراپ كەتكەن بىر يازما خارابىلىكى كۆزگە تاشلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ دېگەنلىك ئىنتايىن ئاز ساندىكى سۈپەتلىك ئىلىم تەتقىقاتى ئەسەرلىرى تېخىمۇ جىق بولۇشى كېرەك ئىدى. مېنىڭ نەزىرىمدە، ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرناللىرىدا ئىلىم چىرىكلىكى ۋە چاكىنىلىقىغا يول قويۇۋاتقانلار، ئىلىم تەتقىقاتىنى ئويۇن ئورنىدا كۆرۈۋاتقانلار مىللەتنىڭ ئەقلىي قۇۋۋىتىنىڭ دات بېسشىغا يول قويۇۋاتقانلاردۇر؛ توغرىراقى ، ئەۋلادلىرىمىزغا سېسىق، پور ئالما بېىسپ كەتكەن سىۋەت كەبىي خارابىلىشىۋاتقان «ئىلىم سۇپىسى» نى تەييارلاۋاتقانلاردۇر. بۇنداقلارنى ئىلىمنىڭ قاتىللىرى ، مىللەت ئەقلىنىڭ گۆركارلىرى دېمەي ئامال يوق.
       مەن ماقالەمنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە پەن ئوبيېكتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر، پەن سۇبيېكتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ۋە پەن كونتېكىستىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ئىپادىلىرىنى تەھلىل قىلدىم. بۇنىڭ ئىچىدە پەن كونتېكىستىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ھازىرچە بىزنىڭ قۇربىتىمىز يەتمەيدۇ. تىرىشساق، ئىمكانىيەتلەرنى سەپەرۋەر قىلساق، پەن سۇبيېكتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مەسىلە يېقىنقى 10 ـ 20 يىل ئىچىدە  ھەل بولۇشى مۇمكىن. پەن سۇبيېكتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەل بولسا، تەبىئىي يوسۇندا پەن ئوبيېكتىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەرمۇ ھەل بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇ دېگەنلىك ئىلىم ئەھلى ئۆزىگە، نەشرىياتچى ۋە مۇھەررىر ئىلمىي ئۆتكەلگە تەلەپنى قاتتىق قويسا، پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان تالانتلىق ياشلىرىمىز بولسا، ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت ساھەسىدىكى مەسىلىلەر ئاستا بولسىمۇ، قىسمەن دائىرىدە بولسىمۇ ھەل بولىدۇ دېگەنلىكتۇر. تۆۋەندە تىرىشساق پۈتۈنلەي قىلغىلى بولىدىغان، ئىمكانىيەتلىرىمىز يار بېرىدىغان ئىشلارنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
      «1». ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنىڭ نەزەرىيە، مېتودولوگىيە قۇرۇلۇشىنى لايىھەلەش.
      تۇنجى قەدەمدە قىلىدىغان مۇھىم ئىش سۈپىتىدە يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ئەدەبىياتشۇناسلىق ، جەمئىيەتشۇناسلىق ، ئىنسانشۇناسلىق ، پىسخولوگىيە، سىياسىيشۇناسلىق، ئېتىكا، ئېستېتىكا، ئىقتىساد شۇناسلىق ساھەلىرىدە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئالىملار يازغان نەزەرىيەگە، مېتودولوگىيەگە ئائىت كىلاسسىك كىتابلارنى تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇش ۋە بۇ پەنلەرنىڭ تارىخىدا مۇناسىۋەتلىك يېزىلغان كىتابلارنى تەرجىمە قىلىش لازىم. سەۋەبى، نەزەرىيە ۋە مېتودولوگىيە ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنىڭ جېنى. ئەڭ قىزىقارلىق يېرى، بىزدە ئەدەبىيات، مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ساھەلىرىدە ئەسپىرانت تەربىيەلەش ئورۇنلىرى ۋە خېلى كۆپ زىيالىينىڭ بولۇشىغا قارىماي، ھەتتا نوپۇزلۇق ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان ئەدەبىيات نەزەرىيەسى، ئىنسانشۇناسلىق نەزەرىيەسى كىتابلىرى ۋە مېتودولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارمۇ تېخى تەرجىمە قىلىپ نەشرگە ئورۇنلاشتۇرۇلمىدى.
      «2». كىتاب سودىگىرى ئىلىم تەتقىقاتى ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتىنى تونۇش.
      ھازىر «مورتوم» ، «غالىبىيەت» ، «ئىزچىلار» قاتارلىق شىكەرلەر ۋە شەخسىي كىتابچىلاردىن ئەركىن ئىبراھىم، ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن، ئىمىنجان سەيدىن، ئېلى توختى، ئوسمانجان مۇھەممەت پاسىئان قاتارلىق تىجارەتچىلەر كىتاب سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. بۇ ، ئادەمنى سۆيۈندۈرىدىغان ئەھۋال. بىز بۇ كىتاپچىلارنى  قوللىنىشىمىز، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ تارىخ ئالدىدىكى بۇرچىنى تونۇشى لازىم. بۇنداق دېيىشىمدە سەۋەب شۇكى، ھازىر نەشرىياتلار تىراژنىڭ كەملىكىدىن سۈپەتلىك ئىلىم تەتقىقاتى ئەسەرلىرى بولسىمۇ نەشر قىلماس بولۇۋالدى. مەن شەخسىي كىتابچىلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت ساھەلىرىدىكى سۈپەتلىك ئىلىم تەتقىقاتى ئەسەرلىرىگە ئايانماي مەبلەغ سېلىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق قىلالىسا، بۇ، ئۇيغۇرنىڭ 21 ـ ئەسىر ئىدىيە تارىخىغا ئورنايدىغان كاتتا بىر تۆھپە بولىدۇ. ئالايلۇق، يالقۇن روزى ئەينى ۋاقىتتا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋە ئەسەد سۇلايماننىڭ ئەسەرلىرىنى دادىللىق بىلەن نەشرىگە تەييارلىمىغان بولسا، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋە ئەسەد سۇلايمان ئەسەرلىرى بۈگۈنكى كۈندە ئىلىمگە ھېرىسمەن ئۇيغۇر ياشلىرىغا بۇ دەرىجىدە تەسىر قىلالارمىدى؟ ئەلۋەتتە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىتابچىلىرىمىزمۇ ھازىرغىچە نۇرغۇن ياخشى كىتابنى چىقاردى. مۇبادا بىر كىتابچى نوقۇل پايدىنىلا كۆزلىسە، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنىڭ بىر مىللەتنىڭ بىلىش تارىخىدىكى رولىغا سەل قارىسا، كەلگۈسىدە خۇددى پۇل تېپىپ خەلققە پايدىسى تەگمىگەن خەسىس بايلاردەك ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. بىز مۇسابايېفلار جەمەتىنى نېمىشقا ھازىغىچە ئەسلەيمىز؟

    «3». بۇ ساھەدە توختاپ قالغان تالانت ئىگىلىرى قولىغا قايتا قەلەم ئېلىش.
      ھازىر ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدە تالانتلىق بىر زىيالىينىڭ يېتىلىپ چىقمىقى ئىنتايىن تەس. خىلمۇ خىل ئوبيېكتىپ چەكلىمە، قاتتىق مېھنەت قىلىشىغا قارىماي كېلىدىغان ئازغىنە كىرىم، ئوقۇرمەن كىرزىسى ۋە مەۋجۇدىيەتنىڭ قىيىنلىقى قاتارلىق تالاي ئامىل بۇ ئىككى ساھەدىكى زىيالىيلارنىڭ ئالدىغا سوئال بولۇپ قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلگەنسېرى ئادەمنىڭ ئازابى كۈچىيىدۇ. ماددىي كاپالەت بولمىسا تېخى بولمايدۇ، دىققەت چېچىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن مەن نەزەر دائىرىسى كەڭ، بىلىمى چوڭقۇر زىيالىيلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى رەتكە سېلىۋالغان تەقدىردە قولىغا قايتا قەلەم ئېلىشىنى تەشەببۇس  قىلىمەن. مەن بۇ توغرىسىدا ئويلانغىنىمدا، ئالدىن بىلەن ئېسىمگە داۋۇد ئوبۇلقاسىم، تاھىر ھامۇت قاتارلىق بىر قانچە تالانلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى كېلىدۇ . خىلمۇ ـ خىل  سەۋەپ تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ يازغانلىرىنى روياپقا چىقارمايۋاتقىنىغا ياكى يېزىشتىن توختاپ قالىنىغا بىر قانچە يىل بوپقالدى. مېنىڭچە، بۇ ئىككى ساھەدە يېڭى زىيالىيلىرىمىز يېتىشىپ چىققۇچە، ئاللىبۇرۇن تەييارلىقى پۈتكەن، نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىپ بولغان زىيالىيلىرىمىز قولىغا قايتا قەلەم ئالسا، ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەيىمىزگە يېڭى گۈلدەستىلەر قېتىلغان بولاتتى.
     
     «4» . پىداكار، تىرىشچان، قۇربان بېرىشنى خالايدىغان بىر تۈركۈم ياشلار بولۇش.
       پىكىر قىلىشنى خالايدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ پىكرىي قۇۋۋىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدە قۇربان بېرىشنى خالايدىغان بىر تۈركۈن تىرىشچان ياشلار بولۇشى كېرەك. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ ئىككى ساھەنىڭ جاپاسى جىق، كىرىمى ئاز بولىدۇ. ئەمما بۇ ئىككى ساھە تەرەققىىياتى بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى سۈپىتى، پىكرىي قۇۋۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ھال باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيدىغان، ئىلمىي ئەمگەككە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان، ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئۈزۈل ـ كېسىل ئىسلاھ قىلغان بىر تۈركۈن ياشلارنىڭ بولۇشى، پىداكارلىق كۆرسىتىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاددىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ۋىجدان پەنلىرىدۇر. ئۇنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدى يەنىلا ۋىجدان ئىگىلىرىدە . ئۇنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى شام كەبىي كۆيىدىغان يۈرەك.
      
       «5». ھەمكارلىق ئاساسىدا بۇ ئىككى ساھەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇ ـ تېرمىنلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈش.
       مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇ ـ تېرمىنلارنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەقىدە ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇنداق يازىدۇ: «بىر مىللەتنىڭ ئىستېمالىدىكى ئۇقۇملار ئەگەر شۇ مىللەتنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق، پەلسەپە، تارىخ، مەدەنىيەتشۇناسلىق ساھەلىرى تەرىپىدىن خاس مەۋقەدە يورۇتۇلمىغانىكەن، ئۇ مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئىجتىمائىي مەۋقەدە يورۇتۇلمىغانىكەن، ئۇ مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئىجتىمائىي پېنى بولمىغان بولىدۇ. ئىجتىمائىي پېنى بولمىغان مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي جېنى يوق بولغان بولىدۇ.» . ئەمما ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى ئەقەلىي تېرمىن ـ ئاتالغۇلارمۇ تېخىچە قېلىپلاشمىدى. جەمئىيەتشۇناسلىقنى بەزىلەر سوتسىيولوگىيە، ئىنسانشۇناسلىقنى بەزىلەر ئانتروپولوگىيە، شېئىرىيەتنى بەزىلەر پوئىزىيە دەپ ئاتىماقتا. بۇ خىلدىكى ھەر كىم خالىغىنىنى ئاتايدىغان بىنورمال ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى زىيالىيلار مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ئۈچ تىلدا قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك. بىر پەنگە كىرىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلىرى بىلەن تونۇشۇش لازىم. بۇ ھال بىزدە «ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ئىزاھلىق لۇغىتى» نىڭ يۈزۈلۈپ نەشر قىلىنىشى تەقەززا قىلىدۇ. ئەگەر شارائىت يار بەرسە، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي  پەنلەر تەتقىقاتى» قاتالرىق ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرناللىرى خجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى ئاتالغۇلارنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر ساندا ئايرىم بەت ئاجراتقان بولسا كاتتا ئىش بولغان بولاتتى. بۇ ئىشلانرىڭ ھەممىسى بىزدىن ھەمكارلىقنى ، كېڭىشىپ ئىش كۆرۈشنى؛ ھىس قىلىش، پىكىر قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇپ قالماي ھەركەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇتەپپكۈر جون دېۋېينىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، «ئەمەلىي ھەركەتكە ئايلانمىغان تونۇش ئەھمىيەتسىزدۇر. »

    «6». مۇسۇلمانلارنىڭ بىلىش تارىخىدىكى ، غەربنىڭ ھازىرقى زامان بىلىش تارىخىدىكى مۇھىم تەپەككۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيەلىرىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىش.
       ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت ساھەيىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا ئاۋۋال قىلىشقا تېگىشلىك ئۈچ ئىش بار: مېتودولوگىيە بىلەن تونۇشۇش، ئىدىيە ۋە نەزەرىيە بىلەن تونۇشۇش، مۇھىم تەپەككۈرلار بىلەن تونۇشۇش. بۇ ئۈچ ئىش ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىزنىڭ ئاسپىرانتلىرىمىزنىڭ ، قىزغىن ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىگە چوڭقۇرلاپ كىرىشىدە ئورۇندىمىسا بولمايدىغان ئەقەلىي تەلەپ. ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىيلىرى ئارىسىدا مەيلى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىيە تارىخىدىكى، ۋە مەيلى غەربنىڭ ئىدىيە تارىخىدىكى ھېچقانداق بىر مۇتەپەككۈر ۋە ئۇنى ئىدىيەسى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىنمىدى، ئۆگىنىلمىدى ۋە ياكى چالا ئۆگىنىلدى. ئۇنىۋېرسىتېتلىرىمىزدا ماركىسىزم ـ لېنىنىزم ئوقۇتۇش كافېدارالىرى قۇرۇلدى،  ئەمما كارل ماركس خاتا چۈشىنىلدى ياكى پاخال قىلىۋېتىلدى؛ ئۇنىڭ كوممۇنىزىم ۋە دىن ھەققىدىكى قاراشلىرى ئەمەلىيەتتىن ئۆتمىگەنلىكى، ئۇنى چۈشىنىش باشتىن ـ ئاخىر ئىدىئولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۇيئىستېمالىغا ئايلانغىنى ئۈچۈنلا ئۇيغۇرلاردا ئۇنىڭ 100 نەچچە يىلدىن بېرى ئىقتىسادشۇناسلارنى، جەمئىيەتشۇناسلارنى ئالدىرىتىپ كېلىۋاتقان باشقا نۇرغۇن نۇقتىئىنەزىرىگە سەل قارالدى.  كارل ماكستىن باشقا بىزدە ئىسىمى بىر قەدەر كۆپ تىلغا ئېلىنغان، ئەمما چالا ـ پۇچۇق چۈشىنىلگەن مۇتەپەككۈر فرىدىرىخ نىچىشې بولدى. بىز بۈگۈن ئاكادېمىيە سورۇنلىرىدا ئەڭ كۆپ مۇلاھىزە قىلىۋاتقان تېمىلارغا كارل ماركس ۋە فرىدىرىخ نىچىشې سەۋەپچى بولغان.»  كارل ماركس ۋە فرىدىرىخ نىچىشېدىن باشقا يەنە سىگمۇند فرۇئىد ئىدىيەسىمۇ چۈشىنەلمەي، ئۆگىنىلمەي تۇرۇپ تىللاش ئوبېكتىغا ئايلاندى. بۇ خىل بىنورمال يۈزلىنىش ھەققىدە يازغان پەرھات تۇرسۇن مۇنداق يازىدۇ: «بىر نەرسىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ تىللاشنىڭ لەززىتىدىن چۈشەنمەي  تۇرۇپ تىللاشنىڭ لەززىتى شېرىن بولىدۇ. سەۋەبى، ئادەم ئۆزى بىلمىگەن نەرسىنى تىللىغاندا بىلمەسلىكتىن ئىبارەت توساقنىڭ چەكلىمىسگە ئۇچراپ، تەمتىرەپ قالمايىدۇ.» مېنىڭ بۇ يەردە ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان بىر نۇقتا شۇكى ، بىر ئىدىيەنى ئۆگىنىش ئۇنىڭغا ئەل بوپكېتىش دېگەنلىك ئەمەس. بىز ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت ساھەلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بىلىش تارىخىدىكى ، غەربنىڭ بىلىش تارىخىدىكى مۇتەپەككۈرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيەلىرى بىلەن سىستېمىلىق تونۇشىمىز كېرەك. بىز ئىبىن رۇشىد، غەززالىيدىن تارىتپ مالىك نەبى، فەتقۇللا گۈللەنگىچە بولغان مۇسۇلمان مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ ئىدىيەلىرى بىلەن، ھەم دېكارت، كانتتىن تارتىپ دېررىدا، فۇكاۋغىچە بولغان غەرب مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ ئىدىيەلىرى بىلەن تونۇشىمىز لازىم. بۇ ھال بىزدە «غەرب پەلسەپە تارىخى»، « 20 ـ ئەسىر ئىدىيە تارىخى» قاتارلىق كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىشىنى كۈتىدۇ. 

       «7» . كىتاپ ئوقۇش، ئىزدىنىش ئۇسۇلىمىزنى ئىسلاھ قىلىش.
      ھازىر بىزنىڭ مىللەت سانىغا نىسبەتەن ئاز ھسابلانغان ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىدا بىر بولسا ئوقۇپلا قوپۇپ كېتىش، بىر بولسا قوقۇغان نەرسىنىڭ قۇلىغا ئايلىپ كىتىش، بىر بولسا ياخشى كىتاپ قەدىرسىز قېلىش خاھىشلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلانماقتا. مەن نۇرغۇن كىتابخۇمار قېرىندىشىم بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا بەزىلەرنىڭ ھەرقانداق كىتابنى رومان ئوقۇغاندەك ئوقۇپلا قويۇپ كېتىدىغانلىقىنى؛ بەزىلەرنىڭ ئۆزى ئالاھىدە چوڭ بىلگەن بىر مۇتەپەككۈرنى ياكىۇنىڭ ئىدىيەسىنى شەيئىلەرگە، ئوبيېكتىپ دۇنياغا ھۆكۈم چىقىرىشتىكى بىردىنبىر ۋاسىتە قىلىۋالىدىغانلىقىنى؛ بەزى «ياخشى كىتاب» ئىزدەپ يۈرگەنلەرنىڭ بىزدە ئاللىبۇرۇن چىقىپ بولغان ياخشى كىتابلارنى ئوقۇشقا، ھەتتا بايقاشقا ئۈلگۈرمىگەنلىكىنى سېزىپ  ھەيران قالىمەن. مەن ئويلايمەنكى، ئىلىم تەتقىقاتى ئەسەرلىرىنى ئوقۇپلا قوپۇپ كېتىش ئوقۇمىغانغا باراۋەر. كىتاب ئوقۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا خاتىرە قالدۇرۇشىمىز، چاتما تەسەۋۋۇر ۋە باغلاشقا ماھىر بولۇشىمىز، ئەڭ ئاخىرىدا مۇستەقىل پىكىر قىلىپ ئوقۇغانلىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ بىلىمىمىزگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىشىمىز لازىم. مېنىڭ ىلىم تەتقىقاتى ئەسەرلىرىنى ئوقۇشتا قوللىنىدىغان ئۇسۇلۇم ئۈچ:ئاۋۋال قىزىقىپ ئوقۇش ، ئاندىن مۇلاھىزە قىلىش، چۈشىنىش ھەم سوئال قويۇش، ئاخىرىدا باغلاش ۋە تەتبىقلاش. ئەگەر ئېرىشىدىغىنىمىز تېڭىرقاش ۋە زېرىكىش بولىدۇ. بىزدە رومان، پوۋسىت، ھېكايە ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەن ئىلىم تەتىقاتى ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەندىن كۆپ. بۇنى يامان ئەھۋال دېگىلى بولمايدۇ. ئەدەبىي ئەسەرنى چوقۇم ئوقۇش كېرەك. ئەمما، رومان ئوقۇش باسقۇچىدا توختاپ قېلىش بىر ياخشى ئوقۇرمەننىڭ سۈپىتى ھەم ئۆلچىمى ئەمەس، ھەم كىتاب ئوقۇشتىكى ئاخىرقى پەللە ئەمەس. پىكىر قىلىش ئۈچۈن بىز يەەن سۈپەتلىك ، سەۋىيەلىك ئىلىم تەتقىقاتى ئەسەرلىرى ۋە كىلاسسىك كىتابلارنى ئوقۇشىمىز كېرەك. مەن جەمئىەيت تەكشۈرۈش داۋامىدا «ياخشى كىتاب» ئىزدەپ يۈرگەن نۇرغۇن ئوقۇرمەننىڭ بىزدە ئاللىبۇرۇن يورۇقلۇققا چىققان بەزى ياخشى كىتابلارنى ئوقۇمىغانلىقىنى بايقىدىم. قانۇنلۇق نەشر قىلىنىپ بولغان بولىسمۇ دىققەت قوزغىيالمىغان ياكى سەل قارالغان كىتابلار ئىچىدە چەت ئەللەرنىڭ پەلسەپەسى ۋە پىكرىي قۇۋۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردىن «سوفىيەنىڭ دۇنياسى» ، «زورو ئاستىر شۇنداق دەيدۇ» ،«ئوشو پەلسەپىسى» ، «مۇتەپەككۈرلار ساداسى»، «ئىنسانىيەت تارىخىدىكى 100 مەشھۇر ئەسەر» ، «غەربنىڭ تەپەككۈرى» قاتارلىق كىتابلار؛ پىسخولوگىيىگە دائىر ئەسەرلەردىن «ھاياتقا تەمسىل ، قىسمەتكە ئاچقۇچ» ، «قەلب خەرىتىسى» ، «سىزنىڭ سەۋەنلىكلىرىڭىز» قاتارلىق كىتابلار؛ سىياسىيشۇناسلىققا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردىن «مەن ھەقىققەتنى قانداق چۈشەندىم.» ، « سىياسىينىڭ رەزىللىكى» ، «ھۆكۈمدارلار دەستۇرى» ، «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى» قاتارلىق كىتابلار؛ ئىسلام دىنى ۋە پەلسەپەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردىن «قىسقىچە ئىسلام دىنى تارىخى» ، «ئىسلامنىڭ سۈبھى ۋە ياشلىق دەۋرى»، «ئىسلام پەلسەپە تارىخى» ، «ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە» ، «مۇسۇلانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق يولى» ، «شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ» قاتارلىق كىتابلار؛ ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىش تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردىن «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ، «تەسەۋۋۇپ پەلسەپەسى» ، «ئۇيغۇرلاردا شامانىزم» ، «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىدىن ئوچېرىكلار» ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي دەۋرىدىكى پەلسەپە بىخلىرى» قاتارلىق كىتابلار؛ تارىخقا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردىن مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كۆرەگانىينىڭ «تارىخىي رەشىددىي» ، ھاجى نۇرھاجىنىڭ «قاراخانىيلار سۇلىسى تارىخى» ، «يەكەن سەئىدىيە خانلىقى تارىخى» قاتارلىق كىتابلار؛ ئىسراپىل يۈسۈپنىڭ  «ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك ـ ئېچمەك تارىخى» ، يۈسۈپجان ياسىننىڭ «ئاتېللا»، سەئىدۇللا سەيپۇللايوفنىڭ «مەن شاھىت بولغان ئىشلار » قاتارلىقلار بار.
      كىتاب ئوقۇش، ئىزدىنىش ئۇسۇلىمىزدىكى يەنە بىر مەسىلە، ئوقۇغان نەرسىگە پۈتۈنلەي ئەل بوپكېتىش ۋە ئوقۇغان نەرسىلىرىمىز ئاساسىدا خۇلاسە چىقىرىشقا ئالدىراش. گېرمانىيە پەيلاسوپى فرىدىرىخ نىچشې «خۇلاسىگە ئېرىشىش ـ تەسەلىيگە ئېرىشىش دېمەكتۇر» دەپ يازىدۇ. ئوقۇغان نەرسىمىز ھەرقانچە ئېسىل، قايىل قىلارلىق بولغىنى بىلەن شەيئىلەرگە ھۆكۈم قىلىشتىكى بىردىنبىر ئۆلچەم بولالمايىدۇ. بۇ ھال ئەدەبىيات ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنىڭ تەرەققىىياتىغا پايدىسىز بولۇپ ، ئوقۇرمەن تەسلىمچىلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
       ئوقۇرمەن تەسلىمچىلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەم ئۆزىمىزگە جەلپكار بىلىنگەن نەرسىلەرگە سوئال قويۇشىمىز كېرەك. مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيەسىنى ئۆگەنگەندە «ئاۋۋال ئۆگىنىش، ئاندىن گۇمانلىنىش» پوزىتسىيەسىنى تۇتىمەن. لېكىن، بۇ دېگەنلىك چۈشەنمەي تۇرۇپ گۇمانلىنىش، بىلمەي تۇرۇپ ئىنكار قىلىشقا ئالدىراش ئەمەس.
     
       «8» . نەشرىياتچىلار، مۇھەررىرلەر ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ۋىجدانىي قەرز، تارىخىي يۈكسەكلىك نۇقتىسىدىن تونۇش.
       ھەربىر مۇھەررى تارىخ ئالدىدا، ئەۋلادلارنىڭ ئەقىل نېسىۋىسى ئالدىدا جاۋابكار. ئىلىم ھايانكەشلىكى ۋە ئىلىم چاكىنىلىقىغا يول قويۇۋاتقان بىر مۇھەررىر ئۆز ۋىجدانىنى سېتىۋاتقان نەشرىيات بىدىكىدۇر. ماغزاپ بىلىمنى، ۋاقتى ئۆتكەن بىلىمنى ۋە كۆچۈرۈلگەن، تەرجىمە قىلىنغان يازمىنى «تەتقىقات» دەپ كۆتۈرۈپ چىققان ئادەملەرنى ئىلىم ئوغرىلىرى، ئىلىم ماڭقۇرتلىرى دېيىش كېرەك. ئۇلار بىزنىڭ دۈشمەنلىرىمىزدۇر؛ ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى تەرەققىياتىنىڭ كۈشەندىلىرىدۇر. بىلمىدىم، بازار ئىگىلىكى دەۋرىگە كىرىش بىلەن تەڭ ژۇرنال چىقىرىش ھوقۇقىنى ئۆزىنى سەمرىتىش، چوپقەتچىلىك پۇرسىتى دەپ چۈشەنگەن ئاز بىر قىسىم نەپسانىيەتچى مۇھەررىرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پىكرىي قۇۋۋىتى، ئادىمىيەت ـ ئىجتىمائىيەت پەنلىرى تەرەققىياتىغا سېلىۋاتقان زىيىنىنى كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلىرىمىز «لەنەت تارىخى» غا قانداقراق بىر تەرزدە يېزىپ چىقاركىن؟ بىلمىدىم، ئاغزىدىكى شوئارلارنى «مىللەتپەرۋەرلىك» دەپ چۈشىنىۋالغان، ئايرىمخانىلاردا ھاراق رۇمكىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ تۇرۇپ «خەلقنىڭ غېمىنى يەۋاتقان زىيالىيلىرىمىز» ئىلىمنىڭ نومۇسىغا تېگىدىغان ئىشلارغا نېمىشقا سۈكۈت قىلىدىكىن؟ يەنە بىلمىدىم، بىزنىڭ نۇرغۇن قىزغىن، مەسئۇلىيەتچان ئوقۇرمىنىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىنكاس ئىقتىدارى ئۆلدىمىكىن؟ ئوقۇپلا قويۇپ كەتمەي ئاۋۋال پىكىر، ئاندىن ھەرىكەت قىلىدىغان، مەن ئىزدەپ يۈرگەن ئوقۇرمەنلەر نەلەردە يۈرىدىكىن؟

    مەنبە: ئوكيان تورى


    收藏到:Del.icio.us