باش بەت  ناخشا ئاڭلاش ئىجادىيەتلىرىم   ماقالىلىرىم تۇرا ئۇقتۇرۇشى

 

  • مەن ئىمتىھاندىن ئۆتتۈم - [تور كۈندىلىك خاتىرەم]

    2009-06-16

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/azgun1-logs/41089703.html

    بىزنى  تەقەززا قىلغان خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈن(2009-يىلى6-ئاينىڭ 15-كۈنى)ئاخىرى    چىقىپتۇ.بۇ ئىمتىھان قارىماققا مۇنداق ئادىلا كۆرۈنگەن بىلەن بىزنىڭ بىر يىل ۋاقتىمىزنىڭ زايا بولۇش بولماسلىقى مۇشۇ ئىمتىھانغا باغلىق بولۇپ قالغان ئىدى. ئەگر بىز مۇشۇ ئىمتىھاندا مەكتەپنىڭ بەلگىلىگەن ئۆلچىمىگە توشساق ئاندىن كەسىپكە چىقالايىتتۇق ئەگەر مەكتەپنىڭ ئۆلچىمىگە توشمىساق پەقەت ئىككىلا يول قالاتتى بىرى تەييارلىقتا بىر يىل قايتا ئوقۇش،يەنە بىرى ئەمدى باشلانغان ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆيگە قايتىپ كىتىش ئىدى. بۇ ئىككىلا يول ئادەمگە ئازاپ ئىلىپ كىلەتتى، مەغلۇبىيەتكە قىستايىتتى. ئ
    ەگەر ئالىي مەكتەپ ھاياتى بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە قايتىش يولىنى تاللىسام دادامنىڭ يوقلۇقىنى چاندۇرماي مەن ئۈچۈن قىلمىغانلىرى قالمىغان بىچارە ئانامغا يۈز كىلەلمەيىتتىم. چۈنكى مەن  ئالىي مەكتەپكە كەلگۈچە ۋە كەلگەندىن كىيىن ئانامغا نىمە جاپالارنى سالمىدىم!؟ يەنە بىر تەرەپتىن ئەل-ئاغىنە، ئۇرۇق-تۇغقان، ئەللە-مەھەللە، قۇلۇم قوشنىلارنىڭ ئالدىدا سۆز-چۆچەككە قىلىشتىن ، يۈزۈم چۈشۈپ كىتىشتىن قورقاتتىم.
          ئىككىنچى يول يەنى تەييارلىقتا يەنەبىر يىل قايتا ئوقۇشنى تاللىسام بىر يىل ۋاقىت، كەم بولغاندا ئون نەچچە مىڭ يۈەن پۇل دىگەنلەرنى بەدەل تۆلىەەندىن سىرىت يەنە تونۇش-بىلىشلەرنىڭ ئالدىدا يۈزۈم پولا ئاش بولاتتى.
          بۈگۈن چۈشتىن كىيىنلىك دەرىسكە كىرىشنىڭ ئالدىدا بىر قىز ساۋاقدىشىم :
    _تۇرسۇنجان مەن خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدا 6-دەرىجىدىن ئۆتۈپتىمەن دېدى.  ھەم ھەيران قالغان ھالدا سورىدىم
    _ قانداق بىلدىڭىز؟ ئوقۇتقۇچى بىزگە 24-چىسلا چىقىدۇ دىگەن ئىدىغۇ.
    _ ھازىر تېلىفۇنغا چىقىرىپتۇ.
    _ھە مەنمۇ سۈرشتۈرۈپ باقاي ئەمىسە.
          ياتاققا يۈگۈرگەن پىتى كىرىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنشكەمنى قولۇمغا ئالدىم_دە، تىلفۇنخانىغا قاراپ چاپتىم. بۇ ۋاقىتتا تىلفۇنخاندانەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرگىلى كىرگەنلەر خلى كۆپ ئىدى. مەن تونۇيدىغان بىر-نەچچەيلەندىن قانچىنىچى دەرىجىدىن ئۆتكەنلىكىنى سورىسام بەزىلىرى 6_دەرىجىنى ئاپتۇ بەزىلىرى 5-دەرىجىنى ئاپتۇ. مەن ئۇلارغا شۈنچە ھەۋەس قىلىپ قالدىم چۈنكى بۇ ئىمتىھاندا ئۆزۈمگە ئانچە ئىشەنچىم يوق ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بىرىپ تېلىفۇن تورۇپكىسنى قولۇمغا ئالدىم. لىكن شۇنداق قورقىۋاتتىم. تىلفۇندىن 5-دەرىجە دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قالدىم. مەندىن سورىغانلارغا ئۆزۈمنى تۇتالمىغان ھالدا ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋارقىراپ "5-دەرىجە" دەپ جاۋاپ بەردىم. ئۇلارمىنى مۇبارەكلىدى. چۈنكى  مەكتەپنىڭ ئۆلچىمىمۇ دەل 5-دەرىجە ئىدى. 5-دەرىجنى ئالدىم دىگەن گەپ ئوڭۇشلۇق كەسىپكە چىقتىم دىگەن گەپ.
        مەن ئۆز-ئۆزۈمگە قەسەم قىلدىم: كەسىپكە چىقاندىن كىيىن چوقۇم ياخشى ئوقۇيمەن...

    分享到:

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سىزنى مۇبارەكلەيمەن ! سىز نەدىن ؟! خەنزۇتىلىغا بولغان تەلەپ ئانچە يۇقىرى ئەمەسمۇ نىمە ؟
    ئازغۇن回复Xadlik说:
    ۋەئەلەيكۇم_ئەسسالام. مەن ئالدى بىلەن ئىنكاسىڭىزغا ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرمىغىنىمدىن ئەپۇ سورايمەن. مەن تىخى بلوگقا يىڭى بولغاچقا ئىنكاس يازسا كۆرۈنمەيدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇپتىمەن شۇڭا ئىنكاسىڭىزغا ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالمىدىم.
    مەن قەشقەر يەكەندىن، ھازىر ئىلى پىداگوگىيكا ئىنىستىتوتىدا ئوقۇۋاتىمەن. مەكتىپىمىز تەييارلىقتىن چىقىپ بولغىچە 5_دەرىجىنى ئىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. كىلەر يىل 6-دەرىجە قىلىپ بىكىتىدىكەن. قارىغاندا ئوقۇش پۇتتۈرۈپ بولغىچە 8-دەرىجىنى ئالمىساق ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىنى ئالالمايدىغان ئوخشايمىز.
    2009-06-18 15:38:53
  • مۇبارەك بولسۇن ! ھازىر دەۋىرنىڭ تەقەززاسى شۇ بولۇپ قالدى ، ئەمەسمۇ . يەنىمۇ تىرىشىڭ . بۇ ئىھتىياج بىزگە ياخشى قولايلىقلارنى بېرەلەيدۇ .
    ئازغۇن回复ئۇيغۇرتېكىن说:
    ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالمىغىنىمدىن ئەپۇ سورايمەن.
    مۇبارەكلىگىنىڭىزگە رەخمەت!
    توغرا دەيسىز. ھازىر تىل، كومپىيۇتىر بىلمىسە خىزمەت ئىزدەيمەن دەپ ئاۋارە بولغاننىڭ پايدىسى يوق بولۇپ قالدى ئەمەسمۇ.
    2009-06-18 15:43:40