بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار

تەۋسىيلىك تائاملار

كوپ كۇرۇلگەن تائاملار

قىزارتىپ قورىلغان كالا قويرىقى قورىمىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : سەمەتجان ۋاقتى : 2016-08-04كۆرۈلىشى : قېتىم

 خام  ماتىريالى:كالا قويرىقى1دانە،سەۋزە2باش،مايلىق يېسۋىلىك5تۇپ، سۇيېغى

تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، ،ئاق شېكەر،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،ئارپىدىيان،شاكال بەدىيان،
زەنجىۋىل،قۇزاقداچىن،قاقمۇچ،غولپىياز،سامساق،يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ،پەمىدۇر قىيامى،

تەييارلاش ئۇسۇلى :كالاقۇيرىقىنى.ئۈگە-ئۈگىلىرىدىن پارچىلاپ تەييارلايمىز،سەۋزىنى ياڭاق چوڭلىقىدا توغرايمىز .سامساق،زەنجىۋىلنى ئۇششاق يالپاق توغرايمىز

قورۇش ئۇسۇلى:قازانغا بىر چۇمۇچ ماي قۇيۇپ يېرىم چۇمۇچتىن ئازراق سېكەر سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ كۇپۇكچىلەر پەيدا بولغاندا،كالاقۇيرىقىنى سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ، قورۇپ،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،ئارپىدىيان، شاكال بەدىيان،زەنجىۋىل قۇزاقداچىن،
قاقمۇچ،غولپىياز،سامساق،يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ،پەمىدۇر قىيامى،قاتارلىقلارنى سېلىپ قورۇپ تۇز سېلىپ گوش چىلاشقۇدەك سۇقۇيۇپ1سائەت( يۇقىرى بېسىملىق قازان بولسا20مىنۇت) ئەتىراپىدا قاينىتىپ ئاندىن سەۋزىنى سېلىپ قايتىدىن دۇملەپ
سەۋزە پىشقاندا تۇز تەملىرىنى تېتىپ،مايلىق يېسۋېلىكنى قايناق سۇدىن ئوتكۇزۇپ تەخسىگە رەتلىك تىزىپ ئۇستىگە قورىمىنى ئۇسىمىز.

233828tl5y7eq77dl79bj5.jpg

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015