بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار

تەۋسىيلىك تائاملار

كوپ كۇرۇلگەن تائاملار

خۇشتەم يېسى پۇرچاق
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : سەمەتجان ۋاقتى : 2016-08-27كۆرۈلىشى : قېتىم

 خۇشتەم  يېسى پۇرچاق(苦味豆角)قوروش ئۇسۇلى

خام ماتېرىيالى :يېسى پۇرچاقتىن(دۇجار) 400گىرام،گۆش ،كۆكمۇچ،  قىزىلمۇچ، سۇماي، غولپىياز،زەنجىۋىل،سامساق

IMG_0002.JPG

تەم خۇرۇچلىرى: ، تۇز،تېتىتقۇ، ئاق شېكەر، ئاقمۇچ،جاڭيۇ.

تەييارلاش ئۇسۇلى: گۆشنى نېپىز ياپراقچە توغرايمىز.  يېسى پۇرچاقنى پاكىز تازىلاپ ،يىپچىلىرىنى ئېلۋېتىپ، ئوتتۇرىدىن ئىككى پارچە قىلىپ تەييارلىۋالىمىز . كۆكمۇچنى ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز.قىزىلمۇچنى دوگىلىتىپ غالتەكچە قىلىپ توغرىۋالىمىز. سامساقنى چوڭراق توغراپ تەييارلىۋالىمىز. قازانغا تۆت چۇمۇچ ماي قۇيۇپ،ياغ نورمال قىزىغاندا يېسى پۇرچاقنى سېلىپ چۇمۇچ  بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ،ئارقىدىن گۆشنى سېلىپ قورۇيمىز .يېسى پۇرچاقنىڭ پوستى ئۆرلەپ چىققاندا مايدىن سۇزىۋالىمىز .

IMG_0013.JPG

قورۇش ئۇسۇلى:قازانغا ئازراق سۇماي،قۇيۇپ سامساقنى  سېلىپ قورۇپ داغلىۋالغاندىن كىيىن قورۇپ پۇراق چىققاندا ، كۆكمۇچ،  قىزىلمۇچلارنى سېلىپ قورۇپ ئاندىن سۇزىۋېلىنغا يېسى پۇرچاقنى قازانغا سېلىپ قورۇپ ئارلاشتۇرىمىز، تۇز ،تېتىتقۇ ،ئاقمۇچ ،ئاق شېكەر، سېلىپ ئارقىدىن جاڭيۇ قۇيۇپ تۇز تەمىنى تېتىپ تەخسگە ئالىمىز

IMG_0021.JPG

ئالاھىدىلىكى:قاننىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ قاندىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئەسكەرتىش:مايدا پىشۇرغاندا ياخشى پىشماي قالسا  زەھەرلىنىپ قىلىش ئېھتىمالى بار

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015