بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار

تەۋسىيلىك تائاملار

كوپ كۇرۇلگەن تائاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » رەسىملىك تائاملار » جان قوزام
كۆكتات ھەم دۇفۇ قۇشۇلغان تۇخۇم
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : ئارزىگۈل ۋاقتى : 2017-04-26كۆرۈلىشى : قېتىم

 تاماقنىڭ چۈشەندۈرلىشى :
تاماقنىڭ ئىسمى :كۆكتات ھەم دۇفۇ قۇشۇلغان تۇخۇم  . 
 ئىستىمال قىلىش يېشى :  9 ئايلىقتىن يۇقىرى بالىلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ .
كېرەكلىك ماتىرياللار : دۇفۇ 40 گىرام ، تۇخۇم 1 تال ، پالەك يۇپۇرمىقى 6 تال ، مايلىق يېسىۋېلەك 3 قۇلاق ، پىياز ئاز مىقداردا ، قىزىل مۇچ مۇۋاپىق مىقداردا ، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا .
كېرەكلىك ئەسۋاپلار : ئادەتتىكى قازان . 1 تال قاچا  . چوكا .
 

تەييارلاش باسقۇچى :
1 . دۇفۇ 40 گىرام ، تۇخۇم 1 تال ، پالەك يۇپۇرمىقى 6 تال ، مايلىق يېسىۋېلەك 3 قۇلاق ، پىياز ئاز مىقداردا ، قىزىل مۇچ مۇۋاپىق مىقداردا ، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلىۋالىمىز .


2 . دۇفۇنى پاكىز يۇيۇپ ، قاچىغا سېلىپ چوكا بىلەن قوچۇيمىز .


3 . بىر قېتىم سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزىمىز .


4 . تۇخۇمنى قاچىغا چېقىپ قوچۇپ ئېلەشتۈرۈپ تەييار قىلىۋالىمىز .

 


5 . پىيازنى پاكىز يۇيۇپ ، ئۇششاق توغراپ تەييار قىلىۋالىمىز .


6 . قىزىل مۇچنىمۇ پالىز يۇيۇپ ، ئۇششاق توغراپ تەييارلىۋالىمىز .


7 . مايلىق يېسېۋېلەك بىلەن پالەكنىمۇ ئۇششاق توغراپ تەييار قىلىۋالىمىز .


8 . تەييار قىلىۋالغان تۇخۇمنىڭ ئۈستىگە ، تەييار قىلىۋالغان قىزىل مۇچ بىلەن پالەك ، مايلىق يېسىۋېلەكنى سالىمىز .


9 . نىپىز يالتىراقتا ئۈستىنى ياپىمىز .


10 . قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ ، قاچىنى قازانغا سېلىپ دۈملەپ پىشۇرىمىز .


11 . مانا ئوماق قوزىڭىزنىڭ سىڭىشلىك تامىقى تەييار بولدى . 

 

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015