خام ماتىريالى:قوي گۇشى500گىرام،سۇ يېغى250گىرام،سەۋزە 4 دانە،باش پىياز 1دانە،تۇخۇم 2تال ،كۆكمۇچ ،ئالقات ،گۈرۈچ بىرچىنە .
8 B7 M& S! j3 G
$ a6 k3 ?. N2 c7 Y: _) e; X
$ u* ]' k! g" Q0 wتەم خۇرۇچلىرى:تۇز،ئاقمۇچ،قارمۇچ،كىراخمال ،زىرە.
4 m, `, K* c( P
8 z- c) L" I$ w( @8 T5 h
تەييارلاش ئۇسۇلى:قوي گۇشىنىڭ سوڭىكىدىن،300گىرام لوق گوشنى ئاجىرتىپ بىر پاش پىياز بىلەن يۇمشاق چاناپ .تۇز ،ئاقمۇچ،زىرە،قارمۇچ،كىراخمال سېلىپ،ئارلاشتۇرۇپ،تۇخۇمنى چېقىپ تەييارلىۋالىمىز.سەۋزىنى قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز،باشپىيازنىمۇ توغرىۋالىمىز.بىرچىنە گۈرۈچنى (چوڭراق چىنە ئۆلچەم قىلىنسۇن ) پاكىز يۇيۇپ ئىلمان سۇغا چىلاپ قويىمىز ،(ئازراق گۇرۇچنى مەرۋايىت ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.مەرۋايىت قىلىش ئۇچۇن لومى گۇرۇچى تەۋسىيە قىلىنىدۇ)
8 o! N! F( E! B' k8 [
0 G- |# z/ b; P' k" P4 C1 l پىشۇرۇش ئۇسۇلى:قازانغا 250 گىرام ئەتراپىدا ماي قۇيۇپ چۈچىگەندە ( چوڭراق قوشۇقتا بىر قوشۇق قوي ماي ئارلاشتۇرساق تېخىمۇ ياخشى ) گۆشنى سالىمىز ، گۆش قىزارغاندا پىيازنى سېلىپ سارغايغىچە قورۇپ ، ( مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېلىپ ) توغرالغان سەۋزىنى سېلىپ قورۇيمىز ، سۈيى پۈتۈنلەي تۈگىگەندە سۇ قۇيۇپ ، ( ئادەتتە بىر چىنە گۈرۈچكە بىر چىنە سۇ ئۆلچەم قىلىنىدۇ ، گۈرۈچنىڭ سۇ يىيىش ئەھۋالىغا قاراپ تەڭشىلىدۇ ) ئوت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ سۈيى پىشقىچە قاينىتىمىز ، ئاندىن تۇزىنى تەڭشەپ ( تۇزى سەل ئۆتۈپرەك كەلسە ياخشى ) قازاننىڭ قاينىشىنى توختۇتۇپ تۇرۇپ ( سەۋزە ئاستىغا چۆككەندە ) ئىككى قۇشۇق شېكەرنى سىپىپ ،گۈرۈچنى يەڭگىل سالىمىز ، ئوتنى كۈچەيتىپ قازاننى تەكشى15مىنۇت قاينىتىپ ، سۈيى تۈگەشكە ئاز قالغاندا ، كەپكۇرنى سەۋزىگە يەتكۈزمەي سېلىپ گۈرۈچنى بىر قېتىم ئۆرۈپ ، ئاشنى قازاننىڭ ئوتتۇرىسىغىراق يىغىپ چۇكا سانچىپ ئۈستىگە ،مەرۋايىتنى سېلىپ، سېلىپ تۇۋاقنى يېپىپئوتتۇراھال ئوتتا 2-3 مىنۇت قايناتقاندىن كىيىن دۇملەيمىز ، كىيىن ئوت كۈچىنى تېخىمۇ تۆۋەن ھالەتكە ئەكىلىپ يەنە 20 مىنۇت دەم يىگۈزگەندىن كىيىن ئاچساق ئاش كۆيۈپ كەتمەي ياخشى پىشىدۇ ، پىشقان پولونى گۆشنى ئېلىۋىتىپ تۇرۇپ ياخشى ئارلاشتۇرۇپ تەخسىلەرگە ئۇسسىساق بولىدۇ
8 ?1 f4 N5 F* \6 k, p- ?
پولونى دۇملەپ پىشقىچە بولغان ئارلىقتا بىز مەرۋايىت كومىلاچنى تەييارلىۋالساق بۇلىدۇ.بىز بايامقى تەملەندۇرۇپ تەييارلىۋېلىنغان گوشنى قاق«گۇلە»چوڭلىقىدا يۇملاق شەكىلگە كەلتۇرۇپ تەيارلاپ قۇيۇلغان گۇرۇچنىڭ ئۇستىدە دۇمۇلاتساق گۇرۇچ چاپلىشىدۇ .
8 w4 P) u% |2 f, t& G5 j( e, [1 j: p; L9 x
: H% h7 @6 T- Q: q
تەكرار قىلىش ئارقىلىق ھەمىسىنى تەييارلىۋېلىپ قاسقانغا 20مىنۇت دۇملىسەك مەرۋايىت كومىلاچ تەييار بۇلىدۇ .بۇنى پىشقان پولونىڭ ئۇستىگە قۇيۇپ بىرگە ئىستىمال قىلىمىز .
D* b$ A3 X! n, U% K! c$ ]' F
* I, B6 E. t' }( X. }& ^# s
5 i- V* j0 J" K" t" d
ئالاھىدىلىكى: پولونىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى، تەبىئىتى ئىسسىق، قۈۋەتلىك، كۈچلۈك، قويۇق تاماق بولۇپ، بەدەندىكى خورىغان ئېنىرگىيىلەرنى ۋە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈل بولغان ھەر خىل ۋىتامىنلارنى تولۇقلايدۇ.
. ^+ g: h5 J! f6 ^" \0 h: J& P
ئەسكەرتىش : ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەر ھەر خىل سوغۇق سەيلەرنى قوشۇپ ئىستىمال قىلىشى كېرەك .