ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-10-22

    قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخىنىڭ داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/80287673.html

    2-          بۆلۈم «تۈركىي تىللار دىۋانى» توغرىسىدا
    11 –
    ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان دەۋر قاراخانىلار مەدەنيىتىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ، بۇ دەۋردە خاقانىيە تىلى (ئۇيغۇر تىلى) ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى. شۇڭا بىر مۇنچە كىشىلەر ئۇيغۇر تىلىدا بىر قانچىلىغان ئەسەرلەرنى يازغان. بۇ ئەسەرلەردىن زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەنلىرى ئىچىدە ھەر جەھەتتىن ئەڭ قىممەتلىك يەنە بىر ئەسەر «تۈركى تىللار دىۋانى» دۇر. مەھمۇت قەشقەرى بۇ ئەسەردە ئەرەپلەرنىڭ تۈركى تىلىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن، سۆز – ئىبارىلەرگە ئەرەپ تىلى بىلەن ئىزاھات بەرگەن. «تۈركى تىللار دىۋانى» (تۆۋەندە «دىۋان» دەپ ئالدۇق) دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى ئىنسكلوپىدىيىلىك لوغەت دەپ ھىساپلانغان «كاڭشى لوغىتى» دىنمۇ كۆپ ئىلگىرى تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ ئەسەر مەملىكىتىمىزدىكى قەدىمقى يادىكارلىقلار ئىچىدە بىباھا گۆھەرلەرنىڭ بىرسى ھىساپلىنىدۇ.
    ئىلىم دۇنياسى «دىۋان» نى تىلشۇناسلىقتا تەڭداشسىز ئەسەر دەپ ھىساپلىماقتا. «دىۋان» مۇندىن 1000 يىل ئىلگىرى تۈزۈلگەن تۈكى تىللىرى قامۇسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىزنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ھازىرقى شىنجاڭ رايونىغا ئالاقىدار ئىنتايىن مۇھىم مارتىرىيال مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنى چوڭ ئىنسكلوپىدىيە دىيىشكە بولىدۇ.
    «دىۋان» دا قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ۋە باشقا تۈركى تىللارنىڭ ئاساسلىق قائىدىلىرى، گىرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى، ھەر بىر جاينىڭ دىئالېكتىكىلىق پەرقلىرى ۋە ئۇلارنى ئىپادىلەشتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ جانلىق ئۆرنەكلىرى بايان قىلىنغان. «دىۋان» دا كەلتۈرۈلگەن ئۆرنەكلەر، جۈملە، ماقال، تەمسىل، بېيىت، شېئىر، پارچە، داستانلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلار ئارقىلىق قەدىمقى دەۋردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى تىللىرىنىڭ تىل تۈزۈلۈشى، قەدىمقى تارىخى، ئەدەبىياتى ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇللىرى، قەبىلىلەرنىڭ ئىسمى ۋە جايلاشقان يەر ناملىرى، ئۇلارنىڭ بىر بىرىگە قوشۇلۇپ كېتىش جەريانلىرى، يىمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، ئۆي جابدۇقلىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق ئېتنوگراپىيىلىك قىممەتلىك مەنبەلەر قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىلار جەمىيىتىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مۇھىم ماتىرىيالدۇر.

    مەھمۇت قەشقەرى توغرىسىدا
    «
    تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ ئاپتۇرى مەھمۇت قەشقەرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 – ئەسىردە ئۆتكەن مۇتەپەككۇر ئالىمى.
    مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ھاياتى ھەققىدە قولىمىزدا ماتىرىيال كەم. ئەمما، «دىۋان» نىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا مەھمۇت قەشقەرى ئۆزىنىڭ تولۇق ئىسمىنى «مۇھەممەت ئوغلى ھۈسەيىن ئىبنى مەھمۇت قەشقەرى» دەيدۇ. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئۆز ئىسمى مەھمۇت، دادىسىنىڭ ئىسمى مۇھەممەت ئىكەنلىگىنى ئېنىق بىلەلەيمىز.
    مەھمۇت قەشقەرىمەھمۇت قەشقەرى قەشقەرنىڭ ئەينى زاماندىكى يېزىلىرىدىن ئوپالنىڭ ئازىق كەنتىدە توغۇلغان، قەشقەردە ئىجادىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.
    مەھمۇت قەشقەرىنىڭ قاچان توغۇلغانلىغى ۋە قانچىلىك ئۆمۈر كۆرگەنلىگى ھەققىدە «دىۋان» دا بايان قىلىنغان قاراخانىلار خانلىغىنىڭ خانلىق شەجەرىسىدىكى مەنبەلەرگە قاراپ شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغۇللىرىدىن بولغان مۇسا ئىبنى ئابدۇكېرىم، يەنە بىر ئوغلى سۇلايمان ئىبنى ئابدۇكېرىم، سۇلايماننىڭ ئوغلى ھارۇن (ئەلى ھەسەن) ئىبنى سۇلايمان ھىجىرىيىنىڭ 302 – يىلى، مىلادىنىڭ 992 – يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى يۈسۈپ قادىرخان بۇ مەزگىلدە، ھېچ بولمىغاندا، 20 ياشلاردا بولۇشى كېرەك. يۈسۈپ قادىرخان خېلى ئۇزۇن ئۆمۈر سۈرگەن بىر ئادەم بولۇپ، ھىجىرىيىنىڭ 423 – يىلى، مىلادىنىڭ 1032 – يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنى 60 ياشلاردا ۋاپات بولغان دەپ ھىساپلىساق، ئۇ، ھېچ بولمىغاندا، مىلادىنىڭ 971—981 – يىللىرىدا توغۇلغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئۇزۇن داۋام قىلغان ئۇرۇشلاردىن كېيىن خوتەننى ئىشغال قىلغانلىغىنى بىلىمىز. ئۇ قەشقەردە «ناسىر دەۋلە قادىرخان» دىگەن ئۇنۋان بىلەن، ھېچ بولمىغاندا، ھىجىرىيىنىڭ 396 – يىلى، مىلادىنىڭ 1005—1006 – يىللىرىدىن باشلاپ ھۆكۈم سۈرگەن بولىدۇ. چوڭ ئوغلى سۇلايمان ئىبنى يۈسۈپ يەركەندىمۇ تەخمىنەن ھىجىرىيىنىڭ 407 – يىلى، مىلادىنىڭ 1016—1017 – يىللىرىدىن باشلاپ ھۆكۈم سۈرگەن بولىدۇ. ئىككىنچى ئوغلى مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ بەك كىچىك ئەمەس ئىدى. يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، مەھمۇت ئىبنى يۈسۈپ ھىجىرىيىنىڭ 449 – يىلى، مىلادىنىڭ 1057—1058يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان. بۇ ۋاقىتتا مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپنى ھىجىرىيىنىڭ 327يىلى، مىلادىنىڭ 991—992 – يىللىرىدا توغۇلغان دەپ قىياس قىلساق، ھۈسەيىن ھىجىرىيىنىڭ 400 – يىلى، مىلادىنىڭ 1010—1011 – يىللىرىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ چىقىدۇ. بۇنداق بولغاندا، مەھمۇت ئىبنى ھۈسەيىن ئىبنى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ توغۇلغان يىلى تەخمىنەن ھىجىرىيىنىڭ 442 – يىلى، مىلادىنىڭ 1028—1029 – يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن شۇ نەرسە ئايانكى، مەھمۇت قەشقەرى بۇ ئەسەرنى يازغان مەزگىلدە تەخمىنەن 40 ياكى 50 ياشلاردا بولغانلىغى ئېھتىمالغا بەك يېقىن. بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
    مەھمۇت قەشقەرى قاراخانىلارنىڭ مەركىزى بولغان قەشقەردىكى «ساچىيە» كۇتۇپخانىسىدا، سەمەرقەنت ۋە بالاساغۇنلاردا، كېيىنكى چاغلاردا باغداتتىكى مەشھۇر كۇتۇپخانىلاردا ئەرەپ، پارىس ۋە تۈركى تىللاردىكى ئىلمىي ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلغان ۋە چوڭقۇر بىلىم ئالغان.
    مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» نى يېزىشتىن ئاۋال ئىلى ۋادىسىدىن تارتىپ تاكى ئامۇ دەريا، سىر دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان پۈتۈن ماۋرا ئۇننەھر ۋە ھازىرقى شىنجاڭ دائىرىسىدىكى ئوغۇز، تۈركمەن، ياغما، چىگىل، قارلۇق، قىپچاق، باسمىل، چومۇل، تۈركەش، ياباقۇ قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە تىل پەرقلىرى ئۈستىدە جاپالىق ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، دۇنياۋى قىممەتكە ئىگە بولغان بۇ ئەسەرنى مەيدانغا چىقاردى. ئاپتۇر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زىرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن – ئاياق كېزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تىلى دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتى. مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ، ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ چىقتىم
    بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈش مۇمكىنكى، مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» نى يېزىشتا ۋە تەتقىق قىلىشتا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەپ، ئۇنى ئۆزىگە خاس ئالاھىدە بىر خىل ئىلمىي ئۇسۇلدا تۈزۈپ، كېيىنكى ئەۋلاتلارغا «ئەبىدى يادىكار» قىلىپ قالدۇرغان. تارخخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا، مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» دىن باشقا يەنە «تۈركى تىللىرىنىڭ نەۋھىگە ئائىت جەۋھەرلەر» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنىمۇ يازغانلىغى مەلۇم. ئەمما بۇ ئەسەر بىزنىڭ قولىمىزدا يوق.

    «دىۋان» نىڭ يېزىلغان ۋاقتى
    مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» نى يېزىش ئۈستىدە توختىلىپ «بۇ كىتاپنى ھىجىرىيە 464 – يىلى جۇمادىيەل ئەۋۋەلنىڭ باشلىرىدا يېزىشقا كىرىشىپ، 4 قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئوبدان تەھرىرلەپ چىققاندىن كېيىن، 466 – يىلى ھىجىرىيىدە تاماملىدىم» دەيدۇ. ئاپتۇرنىڭ مۇشۇ سۆزىدىن قارىغاندا، «دىۋان» نىڭ 1 – نۇسخىسى ھىجىرىيىنىڭ 464—466 – يىللىرى (مىلادى 1072—1074 – يىللار) دا يېزىلغان بولۇپ، ھىجىرىيىنىڭ 467 – يىلى (مىلادى 1075 – يىلى) دا قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ، پۇختا تەھرىرلىگەندىن كېيىن، باغداتتىكى ئابباسىلار خەلىپىلىگىنىڭ 27 – خەلىپىسى بولغان ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرىللاغا تەقدىم قىلغان.

    مەھمۇت قەشقەرىنىڭ باغداتقا بېرىشى توغرىسىدا
    مەھمۇت قەشقەرىنىڭ باغداتقا بېرىشىدىكى سەۋەپ توغرىسىدا تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا ھازىرغىچە ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت. پىرىتساك: «مەھمۇت قەشقەرىنىڭ باغداتقا نىمە سەۋەپ بىلەن كۆچۈپ كەلگەنلىگى پەقەت ئاشكارىلانمىغان، تۈرك ئەللىرىدە ئېلىپ بارغان نۇرغۇن ساياھەتلەرنىڭ سەۋەپلىرى سۆزلەنمىگەن. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ باغداتقا بېرىشتىن ئىلگىرىكى ۋەقەلەر تولۇق ئېچىلمىغان» دەپ قارايدۇ.
    سالچۇقىلار دەۋرىدە باغدات ئەرەپلەر بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغان ۋە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى بولغانلىغى ئۈچۈن، سىياسى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ۋە بىرەر مەرتىۋىگە ئېرىشىش ئارزۇسىدا بولغانلارنىڭ باغدات ۋە مىسىرغا كۆچۈپ بارغىنىدەك، ئىلىم – پەن بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئارزۇ قىلغانلارنىڭمۇ مەدەنىيەتنىڭ مەركىزىگە بېرىشى تەبىى ھال ئىدى. شۇ دەۋرلەردە باغداتتىن باشقا بۇخارا، قاھىرە ۋە شام قاتارلىق بىر مۇنچە شەھەرلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار باغداتتەك ئەھمىيەتلىك ئەمەس ئىدى.
    باغداتقا توپلانغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ ئەرەپ دۇنياسىغا نىسبەتەن مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەسىرى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، پۈتۈن سىياسى، ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ قولىدا ئىدى.
    مەھمۇت قەشقەرى باغداتقا بارغان ۋاقىت سالچۇقىلار سولتانى مەلىكشاھنىڭ تەختتىكى ۋاقتى بولۇپ، ئۇنىڭ خوتۇنى تۇركان خاتۇن قاراخانىلار خانى تاۋغاچ بۇغراخاننىڭ قىزى ئىدى. بۇ خاتۇن رەسمى سىياسى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ۋىلايەت دەرىجىلىك ئورۇنلارغا كۆپىنچە تۈركلەردىن ۋالى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى تەيىنلەيتتى. بۇنداق ئوبېكتىپ سەۋەپ تۈپەيلىدىن، تۈركى خەلقلەرگە تېخىمۇ يېقىنلىشىش ۋە ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش نىيىتىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسى ۋە ئەرەپ تىلىدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ زور كۆپچىلىگى ئۈچۈن، تەبىى ھالدا، ئۇيغۇر تىلى (خاقانىيە تىلى) نى ئۆگىنىش زورۇرىيىتى توغۇلدى.
    تارىخىي مەنبەلەردىن قارىغاندا، قاراخانىلار دۆلىتىدە ھىجىرىيە 447—448 – يىللىرى (مىلادى 1056—1057يىللىرى) سىياسى ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. ئەڭ چوڭ خان (ئارسلان خان) سۇلايمان ئىبنى يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ئىنىسى ھەم خانلىق شىرىگى بولغان مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپكە قارشى سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ، دۆلەت ھوقۇقىنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان. ئىككى ئوتتۇرىدىكى جەڭدە ئارسلان خان سۇلايمان ئبنى يۈسۈپ مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشىدۇ. بۇغراخان مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ ئۇنى زىندانغا تاشلاپ، دۆلەت ھوقۇقىنى قولغا ئالىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، يەنە ئىبنولئەسىر ئۆزىنىڭ «تارىخى كامىل» دىگەن ئەسىرىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ: «15 ئايدىن كېيىن، بۇغراخان مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ چوڭ خاقان (ئارسلان خان) بولۇپ، دۆلەت ھوقۇقىنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېگىنگە تۇتقۇزدى. ئۇنى دۆلەتنىڭ نامزات خانى دەپ ئېلان قىلدى، لېكىن، بۇغراخاننىڭ (ئارسلان مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپنىڭ) 2 – خوتۇنىدىن تۇغۇلغان كىچىك بىر ئوغلى بار ئىدى. بۇ خوتۇن ھۈسەيىن چاغرى تېگىننىڭ نامزات خانلىققا تەيىلەنگەنلىگىگە نارازى بولۇپ، بۇغراخان (سۇلايمان ئىبنى يۈسۈپ) غا قەست قىلدى، ئۇنى ۋە پۈتۈن بىر ئائىلىنىڭ بىر نەچچە ئەزاسىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ قېرىندىشى ئارسلان خان ئىبنى قادىرخان (سۇلايمان يۈسۈپ) نىمۇ بوغۇزلىۋەتتى. مەھمۇت ئىبنى ھۈسەيىن يەنى مەھمۇت قەشقەرى مۇشۇ قىرغىندىن ئامان قالغان بىر قانچە كىشىنىڭ بىرسى ئىدى. ئۇ بۇ ۋاقىتتا قېچىپ چىقىپ خوشنا تۈرك ئەللىرىگە بېرىپ، بۇ جايلاردا 10 نەچچە يىل يۈرۈپ ئاخىرى باغداتقا كېلىپ قالدى. مەھمۇت قەشقەرى بۇ ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا تۈرك دۇنياسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى
    قاراخانىلار دەۋرىدە تۈركى خەلقلەرگە ئورتاق بولغان قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ئەنئەنىسىنى ساقلىغان ھالدا شەكىللەنگەن يېزىق تىلى ۋە ئەدىبى تىل بار ئىدى. مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» نى يېزىشتا ئۆز دەۋرىدىكى ئەدىبى تىلنى ئاساس قىلدى. ئۇ خاقنىيەنىڭ مەركىزىي ئۆلكىسى (قەشقەر رايونى) دىكى خەلقلەر سۆزلىشىدىغان ئورتاق تىلنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ فونېتىكا – گىرامماتىكا قائىدىلىرنى ئېنىق چۈشەندۈردى. قاراخانىلارنىڭ مەركىزىي ئۆلكىسىدە ياشىغىچى خەلقلەرنىڭ تىلىنى ئومۇمى تىلنىڭ ئاساسىي دەپ ھىساپلاپ، ئۇنىڭغا «خاقانىيە تىلى» دەپ نام بەردى. خاقانىيە تىلى ئەڭ ساپ ئۇيغۇر ئەدىبى تىلى بولۇپ، ئۇ قەدىمقى ئۇيغۇرچە 24 ھەرپتىن تۈزۈلگەن؛ بارلىق خاقانلار، سولتانلارنىڭ كىتاپ، خەت – چەكلىرى قەدىمقى زاماندىن شۇ كەمگىچە، قەشقەردىن تارتىپ چىن ۋە ھەممە تۈرك شەھەرلىرىگىچە مۇشۇ يېزىق بىلەن يۈرگۈزۈلگەن.
    مەھمۇت قەشقەرى خاقانىيە تىلىنىڭ ئەرەپ تىلىدىن قېلىشمايدىغانلىغى ئۈستىدە توختالغاندا، تۈركى تىلىنىڭ ئەرەپ تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىغىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

    «دىۋان» نىڭ مەزمۇنى
    «
    دىۋان» تىلشۇناسلىق كاتىگورىيىسىگە كىرىدىغان ئەسەر بولسىمۇ، لېكىن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭغا ھەممە ساھەدىن مەلۇمات بېرىلىپ، ناھايىتى كەڭ مەزمۇن بىلەن بېيىتىلغان.
    (ئا) ئەدەبىيات
    «دىۋان» بىزگە قاراخانىلار ئەدەبىياتى توغرىسىدىكى ياخشى مەلۇمات بېرىدىغان مەنبەلەردىن بېرىدۇر. ئۇنىڭغا قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر ۋە تۈركى خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىنى، مەدىنى ھاياتىنى، كۆرەش پائالىيىتىنى، ئەقىلپاراسىتىنى، ئىنچىكە ۋە ئەتراپلىق بايان قىلىدىغان 242 پارچە (1 – جىلدىدا 117 پارچە، 2 – جىلدىدا 48 پارچە، 3 – جىلدىدا 77 پارچە) ئەدىبى پارچە ۋە تۈركى خەلقلەرنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، قوشاق، تەمسىل، ھىكمەتلىك سۆزلەر كىرگۈزۈلگەن. «دىۋان» غا كىرگۈزۈلگەن شېئىر، قوشاق، ماقالتەمسىللەر ئۆزىنىڭ يېقىملىقلىغى، گۈزەللىگى، رەڭدارلىغى ۋە مەزمۇنىنىڭ موللىغى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ.
    (1) ئوۋچىلىق ۋە ئەمگەك قوشاقلىرى
    «دىۋان» دىكى ئوۋچىلىق ۋە ئەمگەك قوشاقلىرى تەبىئەتنى، جەمىيەتنى ئۆزگەرتكۈچى، ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقنى ياراتقۇچى ئەمگەكچى خەلقنىڭ پائالىيىتى، روھىي قىياپىتى ۋە سەيلە – تاماشاسىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ:

    يىگىتلەرىك ئىشلەتۇ،

    يىغاچ يەمىش ئىرغاتۇ.

    قۇلان كېيىك ئاۋلاتۇ،

    بەزرەم قىلىپ ئاۋنالىم.

    (يىگىتلەرنى ئىشقا سېلىپ، مىۋىلىك دەرەخلەرنى ئىرغاتتۇرۇپ، ياۋا ھايۋانلارنى ئوۋلىتىپ، بايرام قىلىپ كۆڭۈل ئاچايلى.)
    «دىۋان» دىكى بۇ خىل ئوۋچىلىق ۋە ئەمگەك قوشاقلىرىغا ئىپتىدائى جەمىيەتكە دائىر ماتىرىياللار سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ قوشاقلار ئەدىبى قىممىتى جەھەتتىنلار ئەمەس، بەلكى ئۇزاق زامانلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى، ئىپتىدائى جەمىيەتنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە.
    (2) جەڭ قوشاقلىرى
    «دىۋان»دىكى جەڭ قوشاقلىرىدا قاراخانىلار تېرىتۇرىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قاراخانىلار ھاكىمىتىنى مۇستەھكەملەش، كىچىك خانلىقلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىچكى بۆلۈنۈشكە خاتىمە بېرىشتىكى جەڭ – ئۇرۇشلار ۋە ئىسلام دىنىنى كېڭەيتىشتە ۋە ئومۇملاشتۇرۇشتا غەيرى دىندىكىلەر ئۈستىدىن قىلغان غازاتلار، خوشنا ئەللەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئېلىپ بارغان جەڭ، ئۇرۇشلار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

    ئالپلار ئارىغ ئالقىشۇر،

    كۈچ بىر قىلىپ ئارقاشۇر.

    بىر بىر ئۇزە ئالقىشۇر،

    ئەزگەرمەزىپ ئوق ئاتار.

    (باتۇرلار بىر – بىرىنى ئۆلتۈرۈشتى، كۈچنى توپلاپ ئۆز كىشىلىرىنى قوللاشتى، مەدەت بېرىپ بىر – بىرىنى ئالقىشلاشتى، ئۆلۈمدىن قورقماي ئوق ئېتىشتى.)

    ......................................

    تەلىم باشلار يۇۋالدىمات،

    ياغى ئاندىن ياۋالدىمات.

    كۈچى ئانىڭ كەۋەلدىمەت،

    قىلىچ قىنقا كۈچۈن سىغدى.

    (باتۇرلارنىڭ باشلىرى تېنىدىن جۇدا قىلىندى، شۇڭا دۈشمەننىڭ ھەيۋىسى سۇنۇپ، كۈچى ئاجىزلاشتى. قىلىچلار يۈزىگە قاتقان قاننىڭ كۆپلىگىدىن قىنىغا تەستە سىغدى.)
    (3) مەرسىيە قوشاقلىرى
    «دىۋان» دىكى مەرسىيە قوشاقلىرى قايغۇ، ئۆلۈم ھادىسلىرى يۈز بەرگەندە ئېيتىلىدىغان مەرسىيىلەر. «دىۋان» دا چوڭ سالماقنى تەشكىل قىلىدىغان ئىككى مەرسىيە بار: بۇنىڭ بىرى قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قەھرىمانى ئالىپ ئەر تۇڭانىڭ ئۆلۈمىگە بېغىشلانغان مەرسىيە، يەنە بىرى نامى كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، ئۇرۇشتا ۋاپات بولغان تارىخىي شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئەسلىتىدىغان مەرسىيىلەر. مەسىلەن:

    ئالپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ،

    ئېسىز ئاژۇن قالدىمۇ.

    ئۆزلەك ئۇچىن ئالدىمۇ،

    ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر.

    (ئالىپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ؟

    يامان دۇنيا قالدىمۇ؟

    پەلەك ئۈچىنى ئالدىمۇ؟

    ئەمدى يۈرەك تىتىلۇر.)

    ...............................

    ئۇلىشىپ ئەرەن بورلەيۇ،

    يىرتىپ ياقا ئۇرلايۇ.

    سىقىرىپ ئۇنى يۇرلايۇ،

    سىغتاپ كۆزى ئۇرتۇلۇر.

    (ئەرلەر بۆرىدەك ھۇلىشىپ،

    ياقا يىرتىپ ۋاقىرىشىپ.

    ئۈنىنىڭ بېرىچە چىقىراپ، پەريات چىكىپ،

    ئۆكسۈپ كۆزنى ئۇرتىلەر.)⑮ (ئاپراسىياپنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن)

    بۇ خىل مەرسىيىلەردە تىپىك تارىخىي شەخسلەرنىڭ خەلق يولىدا كۆرسەتكەن خىزمىتى ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ جەڭدە ۋاپات بولغانلىغىغا چوڭقۇر قايغۇ – ھەسرەت ئىپادىلەنگەن.
    (4) مۇھەببەت قوشاقلىرى
    قاراخانىلاردىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە مەيدانغا كەلگەن مۇھەببەت قوشاقلىرى شۇ دەۋردىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ساپ – سەمىمى ئەخلاقىنى، سۆيگۈھىسىياتىنى، شۇ دەۋردىكى كىشىلىك ۋىجدان ۋاپادارلىغىنى تېما قىلغان. بۇ قوشاقلار «دىۋان» يېزىلىشتىن بۇرۇن خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان مۇھەببەت قوشاقلىرىدۇر. مەسىلەن:

    باردى كۆزۈم يارۇقى،

    ئالدى ئۆزۈم قونۇقى.

    قاندا ئەرىنج قانىقى،

    ئەمدى ئۇدىن ئۇزغۇرۇر.

    (كۆزۈمنىڭ يۇرۇغى كەتتى،

    جېنىمنى ئالدى.

    ئۇ قەيەردە بولغاي،

    ئەمدى ئۇيقۇدىن ئويغىنار.)

    كۆز نۇرۇم (سۆيگەن يارىم) كەتتى، ئۇ مىنىڭ روھىمنىمۇ ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتتى. ئەمدى ئۇ قەيەردىكىن؟ ئۇنىڭ پىراقىدىن كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ.

    .............................

    بولنار مەنى ئۇلاس كۆز،

    قارا مەڭىز قىزىل يۈز.

    ئاندىن تامار تۇگەل تۇز،

    بولناپ يانا ئول قاچار.

    (ئۇۋلار مېنى خۇمار كۆز

    قارا خاللىق قىزىل يۈز.

    تامار ئاندىن تۇگەل ئۇز،

    ئوۋلاپ يەنە ئۇ قاچار.)

    قارا مەڭلىك قىز يۈزلىرىدىن گۈزەللىك تېمىپ تۇرىدىغان خۇمار كۆز مېنى ئەسىر قىلىدۇ، ئەسىر قىلىدۇ – دە، يەنە قېچىپ كېتىدۇ.
    (5) پەندى – نەسىھەت قوشاقلىرى
    «دىۋان» دا يېزىلغان پەندى – نەسىھەت قوشاقلىرى شۇ دەۋرنىڭ ئىجتىمائى ئەخلاق قارىشىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بۇ قوشاقلاردا كىشىلەر ئەجداتلارنىڭ ئېسىل خىسلەتلەرگە ۋارىسلىق قىلىشقا، ئۇلارنى ئۆزلەشتۈرۈشكە، چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىشقا، ئىلىم – پەن ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىنغان ۋە تەييارتاپلىق، يالغانچىلىقنىڭ ئىنسانغا زىيانلىق ئىكەنلىگىنى تەسۋىرلىگەن.

    بىلگە ئەرىگ ئەزگۇ تۇتۇپ سۆزىن ئېشىت،

    ئەرزەمنى ئۆگرەنىپەن ئىشقا سورا.

    (بىلىملىك ئادەمنى ئىززەتلەپ، سۆزىنى ئىشت،

    پەزىلىتىنى ئۆگىنىپ ئىشقا ئاشۇر.)

    (ب) تىبابەتچىلىك
    «دىۋان» ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى تىببى ئىلمى، تىبابەت تارىخى ئۈستىدە بىزنى مول ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش، تەبىئەت ۋە كىسەللىكلەر بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا، ھەر خىل داۋالاش تەدبىرلىرىنى ئىجات قىلغان ئىدى. «دىۋان» مۇشۇ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، تۈركى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ماكانلاشقان رايونىنىڭ ئاب – ھاۋاسى، يەر – سۈيى، خەلقىنىڭ تۇرمۇشى، ئۆرپ – ئادەتلىرى، غىزالىنىشى، بۇ جايلاردا ئۆسكەن ھەر خىل ئۈسۈملۈكلەر، ئوت – چۆپ، مەدەن، دورا – دەرمەك بايلىقلىرى، شاراپ تەييارلاش ئۇسۇللىرى، كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئىلمى توغرىسىدا ماتىرىيال بېرىدۇ.
    شۇ دەۋردە خەلق ئىچىدە پەيدا بولغان كېسەللىكلەردىن قان بېسىمى كېسىلى، موخۇ كېسىلى، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى، بەزگەك، ئاق كېسەل، ئىچ ئۆتكۈ، زۇكام، باش ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى، چاپلاشقاق كېسىلى، قۇساق ئاغرىغى، قېرىندا سېرىق سۇ يىغىلىش كېسىلى، سېرىق چىچەك كېسىلى، ئۆسمۈرلەرنىڭ تىرنىغىغا ئاق داغ چۈشۈش كېسىلى، كېزىك كېسىلى، ئاياللارنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈش كېسىلى، تاز، قىچىشقاق كېسىلى قاتارلىق ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالىغانلىغى، قۇساق ئاغرىغىنى ئىگىر بىلەن داۋالىغانلىغى، «ئاكىت» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دورىنى زەپەر بىلەن قوشۇپ ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى داغنى داۋالىغانلىغى بىر بىرلەپ بايان قىلىنىدۇ. يەنە ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتىشتا ھەسەل، زەپەر، سىغۇن ئوت (مېھرىگىيا)، قوداي يېغى، ئىپار ۋە ھايۋان، ئۇچار – قانات ھەمدە ھەر خىل ئۈسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىلغانلغى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بېرىدۇ. بىز بۇنىڭدىن تۈركى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا ئۆزىگە خاس تىببى ئىلىمنىڭ بولغانلىغى، بۇ ئىلىمنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى داۋالاش تەجرىبىلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن تاللاپ قوبۇل قىلىپ، ئۆز تىببى ئىلمىنى بېيىتقانلىغىنى كۆرىۋالالايمىز.
    «دىۋان» دا يەنە ئۇيغۇر ۋە تۈركى خەلقلەرنىڭ كالىندارچىلىغىغا دائىر مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئەڭ قەدىمقى زامانلاردىن تارتىپلا يىللارنى موچەل بىلەن ھىساپلاش ئۇسۇلىنىڭ تۈركى خەلقلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقانلىغىدىكى تارىخىي پاكىتلارنى بىزگە يېىپ قالدۇرغان.
    قاراخانىلار دەۋرىدە ئاسترونومىيە خېلىلا تەرەققى قىلىپ، ئاسماندىكى سەييارىلەرنىڭ ئورۇنلىشىشىنى تەتقىق قىلىش باشلانغان. شۇ چاغدىكى ئاسترونوملار ناھايىتى نۇرغۇن يۇلتۇزلارغا ئىسىم قويۇپ، بىزنى ئاسمان جىسىملىرى توغرىسىدا مەنبەلەر بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى. «دىۋان» دا بۇ ھەقتىمۇ ياخشى مەلۇمات بېرىلگەن.
    مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» قاراخانىلار خانلىغى دەۋرىدە بىزگە قالدۇرۇلغان مەدىنى مىراس بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە بارلىق تۈركى خەلقلەرنىڭ ئۇزاق تارىخىي ئۆتمۈشىنى تىل ۋاستىسى بىلەن بايان قىلىپ بەرگەن ئۆچمەس تارىخىي ھۆججەتتۇر.

    4 – بۆلۈم «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» توغرىسىدا
    قاراخانىلار دەۋرىدە يېزىلغان «قۇتادغۇ بىلىك»، «تۈركى تىللار دىۋانى» دىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى بىلەن پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا مەشھۇر بولغان نادىر ئەسەر «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» («ھەقىقەت ئىشىگى») دىگەن ئەسەرنى مىسال قىلىش مۇمكىن.
    «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نىڭ ئاپتۇرى ئەھمەت يۈكنەكى 12ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرى ياشىغان ئۇيغۇر ئەدىپ. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىنىڭ يېزىلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس. ئەمما ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ۋە تىل خۇسۇسىيەتلىرىدىن قارىغاندا، بۇ ئەسەرنى قاراخانىلار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا يېزىلغان دەپ تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى ئاساسىدىكى ۋەزنەسىھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ئەسەر جەمى 14 باپ، 484 مىسرا (كىتاپقا ئىلاۋە قىلىنغان 3 پارچە شېئىر بىلەن 512 مىسرا) دىن تەركىپ تاپقان. ئالدىنقى 5 بابى 11 بوغۇمدىن تۈزۈلگەن مەسنىۋى (ھەر بىر كوبلىتى ئىككى مىسرالىق شېئىر)، كېيىنكى 9 بابىنىڭ ھەر بىر مىسراسى 11 بوغۇمدىن تۈزۈلگەن. 1 –، 2 –، 3 – مىسرالىرى قاپىيىلىشىپ كېلىدىغان روبائى شەكلىدە يېزىلغان. كېيىن، دۇنيا ئالىملىرىدىن بىر قانچىلىرى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىلاۋە قىلغان مىسرالىرىنى قوشقاندا، بۇ ئەسەر جەمى 512 مىسرادىن تەركىپ تاپقان داستان ئىكەنلىگىنى تېپىپ چىقتى.
    «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر تىلى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىش ھەمدە قەدىمقى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆگىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەمىر ئارسلان خوجا قاراخان تەرىپىدىن بۇ ئەسەرگە يېزىلغان ئىلاۋىدە، ئەسەرنىڭ قەشقەر تىلى (خاقانىيە تىلى) دا يېزىلغانلىغى ئېيتىلغان.
    «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» غا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ ئەسەر چاغاتاي تىلى (چاغاتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلى) بىلەن يېزىلغان. بۇ ئەسەر ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە تۈركى تىللار ئىچىدە تۇتقان ئورنىنى تەتقىق قىلىشىمىز ئۈچۈن بىزنى قىممەتلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
    «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نىڭ بىزگە ھازىرچە مەلۇم بولغىنى 3 خىل قوليازما نۇسخىسى بولۇپ، بىرىنچىسى، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى (ئا نۇسخا). بۇ مىلادىنىڭ 1444 – يىلى زەينۇل ئابىدىن، سولتان بەخت، ھۈسەيىن قاتارلىقلار تەرىپىدىن سەمەرقەنتتە كۆچۈرۈلگەن، ھازىر ئىستامبۇلدىكى «ئايا سۇفىيا» موزېيىدا ساقلانماقتا. ئىككىنچىسى، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن ئەرەپ يېزىغىدا قۇرمۇ قۇر پاراللىل قىلىپ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى (ب نۇسخا) بولۇپ، بۇ نۇسخا مىلادىنىڭ 1480 – يىلى ئابدۇلراززاق قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئىستامبۇلدا كۆچۈرۈلگەن. بۇ نۇسخىسىمۇ ئىستامبۇلدىكى «ئايا سۇفىيا» موزېيىدا ساقلانماقتا. ئۈچىنچىسى، يالغۇز ئەرەپ يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى (ت نۇسخا) بولۇپ، بۇ نۇسخىمۇ ئىستامبۇلدا كۆچۈرۈلگەن. بۇ نۇسخىنىڭ كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى ۋە كۆچۈرۈلگەن كىشىنىڭ نامى ئېنىق ئەمەس. ھازىر بۇ نۇسخىمۇ ئىستامبۇلدىكى «توپقاپى ساراي» كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.

    ئىزاھاتلار:

    مورگاننىڭ «تۈرك تارىخىنىڭ ئانا خەتلىرى» دىگەن كىتاۋىنىڭ 1بېتى.
    «تۈركى تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم، 193 – بەت.
    «تۈركى تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم، 136 – بەت.
    قەشقەردە «ساچ مەدرىسى» دىگەن مەدرىسە بار. «سۇراھ» ناملىق كىتاپنىڭ ئاپتۇرى جامال قارشى ئۆز كىتاۋىدا، جەۋھىرى (مىلادىنىڭ 1002 – يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ «ئەسھاھ» ناملىق 4 توملۇق كىتاۋىنى قەشقەردىكى «ساچىيە» كۇتۇپخانىسىدىن ئالغانلىغىنى ئېيتىدۇ.
    ئەل جەۋھىرى (تولۇق ئىسمى ئۇبۇ نەسىر ئىسمايىل جادال فارابى) بولۇپ، ھىجىرىيىنىڭ 393 – يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ قاراخانىلارنىڭ يەنە بىر مەركىزى بولغان بالاساغۇندا توغۇلغان. ئۇ شۇ جايدىكى ئىبراھىم فارابى قاتارلىق ئالىملاردىن ئۆگەنگەن، كېيىن مىسىر، ئىراققا كېلىپ ئەرەپ تىلىنى تەتقىق قىلىپ، كېيىنچە نىشاپۇردا تۇرۇپ قالغان. ئۇ پارىسچە، تۈركچە تىلدا يېزىلغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. ئۇ «ۋانقۇلى» ناملىق ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش بىلەن مەشھۇردۇر.
    پروفېسسور ئاقجان ماشانۇر: «فارابى تۇغۇلغانلىغىنىڭ 1000 يىللىغى مۇناسىۋىتى بىلەن».
    «خاس ھاجىپ» خاننىڭ ئەڭ يېقىن كىشىسى، خاس مەسلىھەتچى دىگەن مەنىدە. مەھمۇت قەشقەرى «تۈركى تىللار دىۋانى» دا بۇ سۆزنىڭ قەدىمقى تۈركچىسىى «تاپاگۇ» يەنى سەلتەنەت تايانچىسى، دۆلەت تۈۋرۈگى، ئەڭ ئىشەنچلىك كىشى دىگەن بولىدۇ دەپ ئىزاھلىغان.
    ئوگە – تېگىندىن بىر دەرىجە تۆۋەن ئەمەلدار، مەسلىھەتچى.
    «ئوپال. بىزنىڭ يۇرتنىڭ نامى.» «تۈركى تىلار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 99 – بەت.
    « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980يىل نەشىرى، 1 – توم 2–، 3 –  بەتلەر.
    « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 348 – بەت.
    « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 316 –، 317 –  بەتلەر.
    « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 515 –، 516 –  بەتلەر.
    « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 59 – بەت.
    « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980يىل نەشىرى، 1 – توم 254 – بەت.
    « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980يىل نەشىرى، 1 – توم 65 – بەت.
    « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980يىل نەشىرى، 1 – توم 82 – بەت.
    « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 558 – بەت.

    بەشىنچى باب قاراخانىلار خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى

    قاراخانىلار خانلىغى 9 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 13 – ئەسىرگە قەدەر ھۆكۈم سۈرۈپ، مىلادىنىڭ 1222 – يىلى يىمىرىلدى.
    قاراخانىلار خانلىغى فېئوداللىق تۈزۈمدىكى ئۇيغۇر ئىسلام دۆلىتى، قاراخانىلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر – مەملىكىتىمىز تارىخىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەۋردۇر. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇ قاراخانىلار تېرىتورىيىسىدە ياشىغان ئۇيغۇر، تۈركى خەلقلەرنى بولۇپمۇ قەشقەر ۋادىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، گۈللەندۈرۈشتەك تارىخىي ۋەزىپىنى ئۆتىدى. بىر قانچە مۇستەقىل ھاكىمىيەتلەرنى ۋە بىر قانچە قەۋملەرنى قاراخانىلار دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بىرلىككە كەلگەن قۇدرەتلىك قاراخانىلار دكلىتىنى قۇردى. قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيىتىنى ئالغا سۈرۈپ، يېڭى بىر ئىسلام مەدەنىيىتىنى مەيدانغا كەلتۈردى. كەڭ تېرىتورىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان قاراخانىلار خانلىغى ئۆز دائىرىسىدىكى رايونلارنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش بىلەن يەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. خان ئۆزىگە قاراشلىق يەرلەرنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە بۆلۈپ بەردى. ئوتتۇرا ئاسىيا، ماۋرا ئۇننەھر ۋە يەتتە سۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئېلىك خان،


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.