ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-10-21

    قارا خانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخىنىڭ داۋامى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/80179636.html

    2-          بۆلۈم «قۇتادغۇ بىلىك» توغرىسىدا

    «قۇتادغۇ بىلىك» قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ قەدىمقى دەۋرلىرىنى چۈشىنىشتە بىرىنچى قول ماتىرىيال بولۇپلا قالماستىن، بەلكى جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن مەدەنيىتىنى يارىتىشتا قوشقان شانلىق تۆھپىسىنى چۈشىنىشتىمۇ ئەڭ ئوبدان تارىخىي ھۆججەتتۇر.
    «قۇتادغۇ بىلىك» قاراخانىلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائى ھاياتىنىڭ مەھسۇلى. قاراخانىلار دەۋرىدە دۆلەت تۈزۈلمىسىدە، جەمىيەتتىكى ھەر قايسى تەبىقىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە يېڭى مەسىلىلەر بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ جەمىيەتنىڭ ئۈستقۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەخلاق، قائىدى، ئىنتىزام، قانۇن، پىرىنسىپلارنى، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى مۇناسىۋەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىش، قاراخانىلار جەمىيىتىنىڭ ئىچكى ھاياتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىزاھلاپ بېرىش شۇ دەۋرنىڭ جىددى تەلىۋى ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار جەمىيىتىنىڭ ئىجتىمائى، سىياسى، ئىقتىسادى، ئەخلاقىي ۋە تەربىيە قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئالاقىدار بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىنچىكە ئىجتىمائى تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىگەللەپ چىققان مەسىلىلەرنى ئىلمىي قاراش بويىچە سېستىمىلاشتۇرۇپ چىقتى؛ ھۆكۈمرانلارنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرى، دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋەزىپىسى، ئۇلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاقىي پەزىلەت ۋە ئۇلارنىڭ شەرتلىرى قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىغا دائىر مەسىلىلەرنى چوڭقۇر پەلسەپىۋى كۆز قاراش بىلەن يۇرۇتۇپ بەردى.
    «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ ئەھمىيەتلىك يېرى شۇ يەردىكى، ئاپتۇر بۇ ئەسەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ شۇ دەۋردىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى يۇرۇتۇپ بەرگەندىن تاشقىرى، قەدىمقى تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي مەنبەلىرىنى ئۆز ئەسىرىگە سىڭدۈرۈپ، شۇ دەۋرگە نىسبەتەن ئىلغار پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
    ئاپتۇر بۇ ئەسىرىدە يەنە قەدىمقى ئەسەرلەردىن قالغان تارىخىي مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ ۋە ئۇلارنى پەلسەپىۋى كۆز قاراشلار بىلەن بېيىتىپ، قەدىمقى دەۋرلەردىن تارتىپ داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بۈيۈك مەدەنىيەت بولمىغاندا، ھازىرقى يۈكسەك تەرەققى قىلغان مەدەنىيەتنىڭ بولغايدىغانلىغىنى تارىخىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بەردى. شۇڭا «قۇتادغۇ بىلىك» قاراخانىلار دەۋرىنىڭ ئىجتىمائى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ قەدىمقى مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھاياتى

    يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىك» تە ئۆز ئىسمىنى پەقەت بىرلا قېتىم (6627 – بەت) تە تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتى توغرىسىدا، «قۇتادغۇ بىلىك» نى كىتاپخانلارغا تۇنۇشتۇرۇش مەقسىدىدە قوشۇمچە قىلىنغان نەزمى ۋە نەسرى مۇقەددىمىلەردە بېرىلگەن مەلۇماتلاردىن باشقا، مەلۇمات بېرىدىغان ئېنىق بىر مەنبە يوق. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئەسەردە مۇنداق دەيدۇ:

    تەگۈردى ماڭا ئەلىگ ئەلگە ياشىم،

    قۇغۇ قىلدى قۇزغۇن تۇسى تەگ باشىم.

    ئوقۇر ئەمدى ئالتىمىش ماڭا كەل تەيۇ،

    پۇسۇغ بولماسا باردىم ئەمدى نارۇ.

    (ماڭا تەككۈزۈپ قولىن ئەلىك يېشىم،

    قۇغۇ قىلدى قۇزغۇن تۇسىدەك بېشىم.

    مېنى قىچقىرىپ ئاتمىش ئەمدى دەيدۇ كەل،

    بارۇرمەن ئەگەردە يەتمىسە ئەجەل.)

    يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇشۇ بېيىتلىرىغا قاراپ، ئۇنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىۋاتقان چاغلاردا دەل ئەللىك ياشلارغا كىرىپ قالغانلىغىنى قىياس قىلىش مۇمكىن.

    يىل ئاتمىش ئەردى تورت يۇز بىلە،

    تۆكەل ئون سەككىز ئايدا ئايدىم بۇ سۆز.

    دىگەن مىسرالارغا قارىغاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ كىتاپنى ھىجىرىيىنىڭ 462 – يىلى (مىلادى 1069 – يىللار) جەمى 18 ئايدا يېزىپ تۆگەتكەن. ئەمدى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىشقا باشلىغاندا، بېيىتتا ئۆزىنىڭ 50 ياشلاردا ئىكەنلىگىنى ئېيتقانلىغىغا قاراپ، ئۇنىڭ تەخمىنەن مىلادىنىڭ 1019—1020يىللىرى بالاساغۇندا توغۇلغانلىغىنى بىلەلەيمىز. ئاپتۇر بۇ ئەسەرنى بالاساغۇندا يېزىشقا باشلاپ قەشقەردە تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇنى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئېلى ھەسەن ئىبنى سۇلايمانغا تەقدىم قىلغان.
    تاۋغاچ سۇلايمان ئارسلان بۇغرا قاراخان ئاپتۇرنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىنىڭ كۈچلۈكلۈگىنى ماختاپ، كىتاپنىڭ قەدىر – قىممىتىگە يېتىپ، ئۇنىڭغا «خاس ھاجىپ» لىق ئۇنۋانى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئاپتۇرنىڭ ئىسمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەپ ئاتالغان. مۇشۇ ئىلمىي ئۇنۋان بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار ھاكىمىيىتىگە تەسىر ئۆتكۈزىدىغان ئەربابقا ئايلاندى. قاراخانىلار مۇشۇ دەۋردە ئۆز سىياسىتىنى ياخشىلاش، قانۇن – تۈزۈملىرىنى ئىسلاھ قىلىش، مالىيە، ئىقتىسات ۋە پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سودا، قاتناش، دىخانچىلىق، چارۋىچىلىق، قول سانائەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مائارىپ، مەدەنيەتنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدى.
    يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار دەۋرىنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق شائىرى، پەيلاسوپى، مۇتەپەككۇرى ئىدى. ئۇ بارلىق تۈركى تىل دىيالېكتلىرىنى ئېنىق بىلگەندىن تاشقىرى ئەرەپ، پارس تىللىرىنىمۇ ياخشى بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ يېتىلگەن ئىنسكلوپىدىگى دىيىشكە بولاتتى.
    يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قاچان ۋاپات بولغانلىغى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بولمىغانلىقتىن، تولۇق تەرجىمىھالىنى رەتلەپ چىقىش قىيىن. لېكىن ئاپتۇر ئۆز ئەسىرىنىڭ قوشۇمچە قىلىنغان قىسمىدا ئۆز ئەھۋالىنى سۆزلەپ كېلىپ، قېرىپ قالغانلىغىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن بايان قىلىدۇ:

    تاتىغ ئەردى بارچە يىگىتلىك ئىشىم،

    ئاغۇ قىلدى ئەمدى ماڭا يەر ئاشىم.

    (يىگىتلىكتە تاتلىق ئىدى ھەر ئىشىم،

    ئوغا قىلدى ماڭا يەر ئېشىم)

    قايىڭ تەگ بودىم ئەردى ئوق تەگ كونى تۇز،

    ياتەگ ئەگرى بولدى ئەگىلدىم تۇگىتتم.

    (قېيىندەك بويۇم ئوقتەك ئىدى تۈز،

    يايدەك ئەگرى بولدى، پۇكۇلدۇم ئېگىلىپ.)

    بۇنىڭدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ خېلىلا ئۇزۇن يىل ياشىغانلىغىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.

    ئەسەرنىڭ نامى ۋە بىر قانچە نۇسخىلىرى

    يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ نامى ھەققىدە بۇ ئەسەرنىڭ 351 – بېيىتىدە مۇنداق دەيدۇ:

    كىتاپ ئاتى ئوردۇم قۇتادغۇ بىلىك،
    قۇتاد سۇ ئوقىغىلىقا تۇتسۇ ئەلىگ.

    (كىتاپقا «قۇتادغۇ بىلىگ» دەپ ئات قويدۇم، ئوقۇغان كىشىنى قۇتلۇق قىلسۇن، ئۇنىڭغا يول كۆرسەتسۇن.)
    ئالىملار «قۇتادغۇ بىلىگ» ياكى «قۇتادغۇ بىلىك» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ھەر خىل ئىزاھلاپ كەلدى. قەدىمقى تۈركچە «قۇت» سۆزى «قۇتلۇق»، «مۇبارەك»، «مۇقەددەس»، «بەخت» مەنىسىدە، «بىلىك» ياكى «بىلىگ» بىلىم دىمەكتۇر. دۇنيا ئالىملىرى ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا «قۇت» سۆزىنى «بەخت – سائادەت» مەنىسىدە چۈشىنىپ، «قۇتادغۇ بىلىك» دىگەن سۆزنى «بەخت – سائادەت بىلىمى» دىسە، بەزىلەر «بەختلىك قىلغۇچى بىلىم»، «پادىشاھلارغا لايىق بىلىم» دەپ ئىزاھلاشتى. رەشت رەھمىتى ئارات «قۇتادغۇ بىلىك» نى «ئادەمگە ھەر ئىككى دۇنيادا بەخت – سائادەتلىك (قۇتلۇق) بولۇش يولىنى كۆرسەتكۈچى بىلىم» دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدى.
    «قۇتادغۇ بىلىك» ئۈستىدىكى مۇلاھىزە ۋە چۈشەندۈرۈشلەرگە قاراپ شۇنى ئېيتىشقا بولىدۇكى، «قۇتادغۇ بىلىك» بەخت – سائادەتكە ئېرىشىش يولىنى كۆرسىتىش مەقسىدىدە يېزىلغان. ھەقىقى مەنىسى بىلەن ئېيتقىنىمىزدا، بۇ ئەسەرنى ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن دۆلەتنى ئەخلاق، قانۇن، ئىلىم، ئادالەت بىلەن ئىدارە قىلىش دەستۇرى، قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنىڭ پۇروگىراممىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
    «قۇتادغۇ بىلىك» قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدىبى تىلى بىلەن مەسنەۋى شەكلى ۋە ئارزۇ ۋەزنىدە يېزىلغان بولۇپ، جەمى 6645 بېيىت، 13 مىڭ 290 مىسرادىن تەركىپ تاپقان، 85 بابقا بۆلۈنگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان نۇسخىسى تېخىچە دۇنيادا تېپىلمىدى. قۇتادغۇ بىلىكنىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن نۇسخىلىرى ئەسەر يېزىلغان ۋاقىتتىن بىر قانچە ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن كۈچۈرۈلگەن، بۇلار ۋېنا، قاھىرە، پەرغانە نۇسخىلىردىن ئىبارەت.
    (ئا) ۋېنا نۇسخىسى. بۇ نۇسخا مىلادىنىڭ 439 – يىلى ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ھىرات شەھىرىدە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن، 1474 – يىلى ئىستامبۇلغا كەلتۈرۈلگەن؛ 1796 – يىلى ئاۋسترىيىلىك ھامىر پورۇگىستاك ۋېناغا ئېلىپ بېرىپ، ۋېنا كۇتۇپخانىسىغا تاپشۇرغان، ھازىرغىچە شۇ يەردە ساقلانماقتا. 19 – ئەسىردە ۋېنگرىيىلىك شەرقشۇناس ئا. ۋامبىرى ۋە رۇس ئالىملىرىدىن ۋ. رادلوۋلار بۇ ئەسەرنى تۇنجى قېتىم تىرانسكرىپسىيىسى ۋە بىر قىسىم تەرجىمىسى بىلەن دۇنياغا ئېلان قىلغان.
    (ب) قاھىرە نۇسخىسى. بۇ نۇسخا ئەرەپ يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن، جەمى 8500 بېيت، بۇ نۇسخىنى قاھىرە خدىۋلىك كۇتۇپخانىسىنىڭ نېمىس مۇدىرى دوكتۇر مۇرىتز 1896 – يىلى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى. كېيىنكى دەۋرلەردە تۈركىيە تىل جەمىيىتى بۇ نۇسخىنىڭ فاكسىمىل نۇسخىسىنى تۈركىيىگە ئېلىپ بېرىپ، 1943 – يىلى نەشىر قىلدى.
    (ت) پەرغانە نۇسخىسى. بۇ نۇسخا 445 بەت، 6095 بېيت بولۇپ، ئەرەپ يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن، 1914 – يىلى زەكى ۋەلىدى توغان پەرغانىنىڭ نەمەنگان شەھىرىدىن تاپقان.
    بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش زۈرۈركى، «قۇتادغۇ بىلىك» دۇنياغا تۇنۇلغاندىن كېيىن، دۇنيا ئالىملىرى ئىچىدە «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغىدا يېزىلغانلىغى ھەققىدە ئوخشىمىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇ دەۋرلەردە قەشقەر ۋە قەشقەر ئەتراپىنىڭ ئىسلام دۇناسى بىلەن بولغان زىچ باغلىنىشىغا، ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ خېلى بۇرۇنلا بۇ جايلاردا ئۆزىگە زىمىن ھازىرلىغانلىغىغا قاراپ، «قۇتادغۇ بىلىك» نى ئىسلامىيەت مەدەنىيىتى ئەسەرلىرىنىڭ بىرى دەپ قاراش تارىخىي رىياللىققا ئۇيغۇن ئەمەس. قاراخانىلار قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن بىللە ئەرەپ يېزىغىنىمۇ باراۋەر قوللانغان. مەھمۇت قەشقەرى قەدىمدىن تارتىپ قاراخانىلارنىڭ دۆلەت ئىشلىرىدا ئۇيغۇر يېزىغىنىڭ قوللىنىلغانلىغى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دىگەن ئىدى: «قاراخانىلار تىلى ئەڭ ساپ تىل، قەدىمقى زاماندىن تارتىپ مۇشۇ كەمگىچە قەشقەردىن تارتىپ چىنغىچە بولغان ھەممە تۈرك شەھەرلىرىدىكى بارلىق خاقانلار، سولتانلارنىڭ كىتاپ، خەت – چەكلىرى مۇشۇ يېزىق بىلەن يۈرگۈزۈلگەن». يەركەندىن 11 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىغا ۋە 12 – ئەسىرنىڭ 30يىللىرىغا ئائىت رەسمى ۋەسىقىلەر ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا ئائىت ھۆججەتلەر تېپىلدى. بۇ ھۆججەتلەردە ئۇيغۇر يېزىغىنىڭ، ئەرەپ يېزىغىنىڭمۇ قوللىنىلغانلىغىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. رەشىت رەھمىتى ئارات: «تارىخىي پاكىتلار «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئەبۇ ھەسەن ئىبنى سۇلايمان ئارسلان بۇغرا قاراخانغا تەقدىم قىلىنغان دەسلەپكى نۇسخىسىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن يېزىلغانلىغىنى ئىسپاتلىماقتا» دىگەن. بۇ ۋەسىقەھۆججەتلەردىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، شۇ دەۋردە ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن يېزىلغان ھۆججەتلەر بولغىنىدەك، ئەرەپ يېزىغى بىلەن يېزىلغان ئەرەپچە ھۆججەتلەرنىڭمۇ بارلىغى، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ بەزىلىرىدە گۇۋاچىلارنىڭ ئىمزالىرى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن يېزىلغانلىغى دۆلەت ئىشلىرىدا يۈرگۈزۈلىدىغان يېزىقلار ئىچىدە يەنىلا ئۇيغۇر يېزىغى ئاساسىي ئورۇندا تۇرغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمدى ئەرەپ يېزىغى قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەنلىگىگە كەلسەك، بۇ ھەقتە قولىمىزدا ئېنىق مەلۇمات يوق.
    تارىخىي مەنبەلەردە ئۇيغۇر يېزىغى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالتۇن ئوردا ۋە ئىران تەۋەسىدىكى تۈرك خانلىقلىرىدا كېيىنكى چاغلارغا قەدەر قوللىنىلغانلىغى قەيت قىلىنىدۇ. دىمەك، پاكىتلار «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ بۇغرا خانغا تەقدىم قىلىنغان ئەسلى نۇسخىسىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن يېزىلغانلىغىنى ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلماقتا.
    «قۇتادغۇ بىلىك» خەلقئارا جامەئەتچىلىككە تونۇلغاندىن كېيىن، باشقىلار تەرىپىدىن «قۇتادغۇ بىلىك» كە يېزىلغان بىر مۇقەددىمىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: چىن ۋە ماچىن ھېكىملىرىنىڭ ھەممىسى شۇنداق دەپ تونۇغانكى، تۈركتە چىن ئەللىرىدىن ئىبارەت بارلىق شەرق ئەللىرىدە بۇغرا خان تىلى (خاقانىيە تىلىنى دىمەكچى) ۋە تۈركى سۆزلەر بىلەن ھىچكىم مۇنداق بىر پايدىلىق كىتاپنى يازمىغان. بۇ كىتاپنىڭ پايدىلىق بىر كىتاپ ئىكەنلىگىنى ھەر قايسى ئەللەردىكى ھېكىملەر، ئالىملار نامايەن قىلىشتا ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىدى. چىنلىقلار «ئەدىبى مۈلۈك» (دۆلەتنىڭ ئەدەپ – قائىدىلىرى)؛ ماچىن پادىشاھلىغىنىڭ چوڭلىرى «ئەينە يول مەمالىك» (مەملىكەت ئەينىگى)؛ شەرق ئىلىنىڭ چوڭلىرى «زىنە تول ئەل ئومۇرا» ( ئەمىرلەر زىننىتى)؛ تورانلار «قۇتادغۇ بىلىك»، ئىرانلىقلار «شاھنامەئى تۈركى» دەپ ئاتىدى.
    بۇنىڭدىن «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ دۇنيا ئەللىرىگە قانچىلىك چوڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىگىنى كۆرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، «قۇتادغۇ بىلىك» ئۆزىنىڭ مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلۇغى، ماتىرىياللىرىنىڭ موللۇغى، ھەجىمىنىڭ چوڭلۇغى، ئالىمىنىڭ بىلىمىنىڭ كەڭلىگى قاتارلىق جەھەتلەردىن قارىغاندا، يالغۇزلا تارىخ كىتاۋى ئەمەس، يا رايون، شەھەرلەرنى تەسۋىرلەيدىغان جۇغراپىيىۋى كىتاپ ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ قەدىمقى ئىجتىمائى ھاياتىنى، روھىي قىياپىتىنى، دۇنيا قاراشلىرىنى، ئەخلاقىيپەزىلەتلىرىنى، بولۇپمۇ قاراخانىلار دەۋرىدىكى دۆلەتنىڭ سىياسەت، قانۇن، ئەخلاق ھەققىدىكى چوڭقۇر پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى ئوبرازلىق بەدىى شېئىر شەكلى بىلەن يۇرۇتۇپ بەرگۈچى يىگانە ئەسەردۇر.

    «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا
    «
    قۇتادغۇ بىلىك» 82 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق:
    1 –، 2 –، 3 – باپلاردا تەڭرىگە، مۇھەممەت پەيغەمبەرگە ۋە ئۇنىڭ چارىيالىرىغا مەدھىيە ئوقۇلغان؛ 4 – باپتا بۇغرا خانغا مەدھىيە ئوقۇلغان؛ 5 – باپتا يەتتە سەييارە يۇلتۇز ۋە ئون ئىككى بۇرچ سۆزلىنىدۇ؛ 6 – باپتا ئادەمنىڭ ھۆرمىتى، چۈشەنچىلىرى بىلىمدىن پەيدا بولىدىغانلىغى سۆزلىنىدۇ؛ 7 – باپتا تىلنىڭ ئارتۇقچىلىغى، پايدا – زىيىنى سۆزلىنىدۇ؛ 8 – باپتا كىتاپ ئىگىسى ئۆزىنىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ؛ 9 – باپتا ياخشىلىق قىلىش ھەققىدە تەربىيەنەسىھەتلەر سۆزلىنىدۇ؛ 10 – باپتا ئىلىم ۋە پاراسەت، پەزىلەتنىڭ پايدىسى سۆزلىنىدۇ؛ 11 – باپتا كىتاپنىڭ ئىسمى ۋە ئاپتۇرنىڭ قېرىغانلىغى سۆزلىنىدۇ؛ 12 – باپتا قىلىقھەركەتنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ زىيىنى سۆزلىنىدۇ؛ 13 – باپتىن 79 – باپقىچە ئەسەردىكى 4 ئاساسىي پىرسۇناژ: كۈن تۇغدى (پادىشاھ)، ئاي تولدى (ۋەزىر)، ئۇگدۇرۇلمىش (ۋەزىر ئوغلى)، ئۇغۇرمىش (ۋەزىرنىڭ قېرىندىشى) قاتارلىق 4 پىرسۇناژنىڭ سۆھبىتى سۆزلىنىدۇ؛ 80 – باپتا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆتكەن ياشلىغىغا ئېچىنىپ قىلغان پۇشايمانلىرى سۆزلىنىدۇ؛ 81 – باپتا زاماننىڭ بۇزۇلغانلىغى ۋە دوستلارنىڭ ۋاپاسىزلىغى سۆزلىنىدۇ؛ 82 – باپتا ئالىم ئۆزىگە نەسىھەت قىلىپ، ئۆزرە تىلەيدۇ؛ ئۆز ئەسرىنىڭ توغرىلىق (ئادالەت)، سائادەت (بەخت)، ئەقىل، قانائەتتىن ئىبارەت تۆت ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغانلىغىنى بايان قىلىدۇ. ئالىم بۇلارنىڭ ھەر بىرىگە تۈركچە ئىسىم قويغان؛ توغرىلىققا «كۈن تۇغدى» ئىسمىنى بېرىپ، ئۇنى پادىشاھ ئورنىغا قويغان؛ سائادەتكە «ئاي تولدى» ئىسمىنى بېرىپ، ئۇنى ۋەزىر ئورنىغا قويغان؛ ئەقىلغا «ئۇگدۇرۇلمىش» ئىسمىنى بېرىپ، ئۇنى ۋەزىرنىڭ ئوغلى ئورنىغا قويغان؛ قانائەتكە «ئۇدغۇرمىش» ئىسمىنى بېرىپ، ئۇنى ۋەزىرنىڭ قېرىندىشى قىلىپ ئالغان. ئالىم دۆلەتنى تۈزەش ۋە دۆلەتنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىغا ئائىت سىياسەت، قانۇن، جەمىيەت، ئەخلاق، ئەقىل، قانائەت ھەققىدىكى پەلسەپىلىك كۆز قاراشلار ۋە تەشەببۇسلارنى تۆت شەخسنىڭ ئۆزئارا سوئالجاۋاپ شەكلىدىكى سۆھبىتى ئارقىلىق ئوبرازلىق بايان قىلىپ، خەلق ھىمايە قىلىدىغان دۆلەتنىڭ قانداق بولۇش لازىملىغى، دۆلەتنى بىلىم، ئەقىل، پاراسەت ۋە ئادىل قانۇن بىلەن باشقۇرغاندا، ئۇنىڭ روناق تاپىدىغانلىغى، ھەممە ئىشتا بىلىم، ئەقىل، پاراسەت ۋە ئەخلاقنى يېتەكچى قىلىشنىڭ زورۇرلىگى، دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭ ئەخلاق – پەزىلەتتە باشقىلارغا ئۆلگە بولۇشىنىڭ لازىملىغى، خەلقنىڭ دۆلەتكە ۋە دۆلەت ئەرباپلىرىغا قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇشى، دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭ خەلققە قانداق مۇئامىلىدە بولۇشىنىڭ لازىملىغى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئېنىق كۆرسەتكەن. مەسىلەن:

    1459 – بېيىت: ئەسسىز ئوڭدى ئورما ئاي ئىلچى بوگۇ،

    ئەسسىز بولسا بولماز ئاۋۇنۇغ يىگۇ.

    (ئەي مەملىكەتنى ئىدارە قىلغۇچى ھاكىم! يامان تەرتىپ ئورناتما، يامان قانۇن بىلەن دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغىلى بولمايدۇ.)

    1411 – بېيت: ئاي ئەلىگ قاتىغلان ئۆزۈڭ ئەدگۇ بول،

    بەگى ئەدگۇ بولسا، بۇدۇن ئەدگۇ ئول.

    ئەي ھۆكۈمدار، ئۆزەڭ ياخشى بولۇشقا تىرىشقىن، بېگى ياخشى بولغان ئەلنىڭ خەلقىمۇ ياخشى بولىدۇ.)

    1458 – بېيت: تورۇ ئەدگۇ ئۇر ئاي تورۇ بەرگۈچى،

    تورۇ ئولدى ئىسسىز تورۇ ئۇرغۇچى.

    (ئەي قانۇن تۈزگۈچى، ياخشى قانۇن تۈز، يامان قانۇن تۈزگەن ئادەم تىرىك تۇرۇپ ئۆلگەن بولىدۇ.)

    1367 – بېيت: بەلا كۇچ يېرىندە سەن ئەدگۇ قىلىن،

    بۇدۇنۇغ سەۋىندۇرگىل ئەلگىن، تىلىن.

    (سەن خەلقنى بالا – قازادىن ساقلا، ياخشىلىق قىل، قولۇڭ، تىلىڭ بىلەن ئۇلارنى خوش قىل.)

    2969 – بېيت: نەچە بەگ ئۇلۇغ بولسا ئەسلى بەدۇك،

    تاپۇغچى بىلە بولدى ئاتى بەدۇك.

    (بەگنىڭ ئەسلى قانچىلىك ئېسىل، ئۆزى قانچىلىك ئۇلۇغ بولسۇن، ئۇنىڭ نامى خىزمەتكارلىرى بىلەنلا مەشھۇردۇر.)

    1435 – بېيت: ئۆزۇڭ مەڭگۇ بەگلىك تىلەسە تۇجى،

    تورۇ قىل بۇرۇندىن كۆتۈرگىل كۇچى.

    (ئەگەر داۋاملىق ۋە ئەبىدى بەگلىكنى خالىساڭ، ئادالەتتىن ئايرىلما، خەلق ئۈستىدىكى زۇلۇمنى ئېلىپ تاشلا.)
    يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەتنى تۈزەشتە دۆلەتنى ئىلىم – ئەقىل بىلەن باشقۇرۇش لازىملىغىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئۆگىنىش لازىملىغىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

    6608 – بېيت: بىلىرمەن تەسەسەن بىلىگدىن يىراق،

    بىلىگىسىزگە ساندىڭ بىلگىلى ئارا.

    بىلىمەن» دىمە، سەن تېخى بىلىمدىن يىراق،

    بىلىملىكلەر ئارىسىدا سەن بىلىمسىزلەردىن بىرى.)

    6605 – بېيت: بىلىگ بىل ئۆزۇڭگە ئورۇن قىل تورە،

    بىلىگ بىلسە ئۆزكە ئەدى بەرگ تۇرا.

    (بىلىم ئال، ئورنۇڭ تۆردە بولىدۇ، بىلىم ئادەم ئۈچۈن مۇستەھكەم بىر قالقاندۇر.)
    يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە ئاسترونومىيە بىلەن ماتېماتىكا قاتارلىق پەنلەرنى ئۆگىنىش ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «يۇلتۇزچىلارنىڭ دىلى ئاي، كۈنلەرنىڭ ھىساۋىنى بىلىدۇ. ئەي ئىنسان! مۇنداق ھىساپ بەك لازىمدۇر. بۇنى ئۆگەنمەكچى بولساڭ، گىئومېتىرىيە ئوقۇ، ئاندىن ساڭا ھىساپنىڭ ئىشىگى ئېچىلىدۇ. كۆپەيتىش، بۆلۈش ۋە ھەممە كەسىرلەرنى تولۇق ئۆگەنگىن ..... يەتتە قات ئاسماننىڭ سىرلىرىنى يەردە ياتقان غازاڭدەك پىششىق بىل، ئالگېبرا ئۆگەن.» يۈسۈپ خاس ھاجىپ «بۇ دۇنيا ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ، بەخت پەقەت جەننەتتىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ» دىگەن كۆز قاراشلارغا ئۆز پىكرىنى ئېيتىپ، «ئادەملەر ئارىسىغا بېرىش لازىم»، «قولغا كەلگەن ۋاقىتنى زادىلا بىكارغا ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ»، «ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادىن ئالىدىغان مەنپەئەتى ئەنە شۇ»، «جاپا بولماي، ھالاۋەت بولۇش مۇمكىن ئەمەس»، «ئادەملەر ئۈچۈن تاماق، كىيىم لازىم، بۇ ھاياتلىقنىڭ زورۇرىيىتى»، «قالغان ئۆمرۇڭنى ئەمدى بىكارغا ئۆتكۈزمە»، «سەۋر قىلساڭ، جاپا سەن ئۈچۈن نىمەتلىك بولىدۇ»، «ياخشىلىق تىلەشتىن ياخشىلىق قىلغان ئەۋزەل» دەپ، كىشىلەرنى قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىشقا، بەخت يارىتىشقا ئۈندەيدۇ ۋە كىشىلىك تۇرمۇشقا مۇھەببەت باغلاشقا چاقىرىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى دەۋردىكى جەمىيەت تەرەققىياتىدا دىخانلار، چارۋىچىلارنىڭ جەمىيەتنىڭ بايلىغىنى ياراتقۇچى ئىكەنلىگى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئۇلارسىز (دىخاننى دىمەكچى) ئىش پۈتمەس. ئۇلارغا كۈيۈمچان بول، ئۆزۈڭ ئۈچۈنلا ئىش قىلما» دەيدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ نوقتىنى شۇ دەۋردىلا تونۇپ يەتكەن.
    ئاپتۇر تىجارەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سودا – تىجارەت ئەھلى بىلەن ئارىلاش، ئۇلارغا ئوچۇق چىراي بىلەن ياخشى سۆز قىلغىن. سودىگەر تىجارەت قىلىپ غەرپ ۋە شەرقنى ئايلىنىپ، سېنىڭ ئارزۇ قىلغان نەرسەڭنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر ئۇ بولمىسا، شىمالىي ياۋروپا توقۇلمىلىرى قانداق كېلەتتى. سودىگەرلەر دۇنيانى ئايلانمىغان بولسا، ئۈنچەمەرۋايىتلارنى كىم كۆرەتتى. شۇڭلاشقا سودىگەرلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىل.» تىۋىپلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇلارنى ئۆزۈڭگە يېقىن تۇت، ئەزىز كۆر، ھېكىملەر پۈتۈن كىسەللىكلەرنى داۋالايدۇ. داۋالاش ۋاستىسى بىلەن كېسەللىك ساقىيىدۇ. ھېكىملەر كېسەلنى كۆرۈپ ئىلاج قىلىدۇ.» ئالىملار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئالىملار خەلققە يول كۆرسىتىدۇ، بۇلاردىن ئازدۇر – كۆپتۇر بىلىم ئۆگەن. ئالىملارنىڭ بىلىمى خەلق ئۈچۈن
    شائىرلار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «شائىرلار قىلىچتىن كەسكىن بولىدۇ. ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش كېرەك»، «ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى سىنچىلاپ كۆزەتسەڭ، ئۇلار دېڭىزغا چۆمگەن كىشىلەرگە ئوخشاش گۆھەر، ئۈنچە، ياقۇت چىقىرىدۇ».
    يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەت تەشكىلاتىدىكى خادىملار (تاپۇغۇچى) دا بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەتلەر توغرىسىدا سۆزلەپ: «بۇنداق خادىملار ئىناۋەتلىك كىشىلەردىن بولۇشى، سەمىمى بولۇشى، ئەخلاقلىق بولۇشى كېرەك. ئىتتىپاقسىزلىق تۇغدۇرىدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان، ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىدىغان ئادەملەرنى ھەرگىز ئۆزەڭگە يېقىن يولاتما» دەپ يامان ئىستىللارنى قاتتىق سۆككەن.
    يۈسۈپ خاس ھاجىپ بەگ ئۈستىدە توختىلىپ: «بەگ دۆلەتنىڭ باش ۋەكىلى، بەگنىڭ قانداق بولۇشى دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. بەگ بەگلىك ئىشلىرىنى قىلىپ ئۆگىنىدۇ. بەگ تىز پۈكمەس ئالپ (قەھرىمان)، جەسۇر، قابىل بولۇشى كېرەك. بەگدە مۇشۇ خىسلەتلەر بولسا، ئاندىن خەلق ئىشىنى ياخشى ئىدارە قىلالايدۇ»، «ياخشى پادىچى ئۆز قويلىرىنى بۆرىدىن ئاسرايدۇ، ياخشى خىسلەتلىك بەگمۇ خەلقنى ئاپەتتىن ساقلىشى لازىم. خان باغۇ – بوستانلارنى سۇغارغۇچىغا، خەلق گۈلگە ئوخشايدۇ. گۈل سۇغا قېنىپ باراقسان ئېچىلسۇن» دەيدۇ. ئەمەلدار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «تاپۇغۇچىئەمەلدارلارنىڭ بېشىدۇر، ئاندىن قالسا سۇ بېشى (ھەربى قوماندان) دۈشمەننى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتمەسلىگى، تىز پۈتمەسلىگى، بېشىدىن قەھرىمانلىق سەرگۈزەشتلىرىنى ئۆتكۈزگەن بولۇشى، كۈچلۈك، قەتئى، شەخسىيەتسىز، دادىل، باتۇر، تەمكىن بولۇشى لازىم. ئۆزىگە پەقەت بىر ئات، كىيىم – كېچەك ۋە قورال – ياراق قالدۇرۇشى لازىمكى، ئوغلۇم، قىزىم، خوتۇنۇم دەپ مال توپلىماسلىغى، سۈيۈم، بېغىم دەپ ئالتۇن – كۆمۈش توپلىماسلىغى كېرەك.

    كۆر، ئارسلان بولۇ بەرىسە ئىتقا باشى،

    ئىت بارچە ئارسلان بولۇر ئۆز تۇسى.

    قالى بولسا ئارسلانغا ئىت باشى،

    ئول ئارسلان بولۇر بارچە ئىت ساقشى

    (قاراڭلاركى، بىر ئارسلان، ئىتقا باش بولسا، ھەممە ئىتلار ئارسلاندەك بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ئىت بىر ئارسلانغا باش بولسا، ھەممە ئارسلان ئىتقا ئايلىنىپ قالىدۇ.)
    شائىر يەنە، قوشۇننى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا لايىق بايلىق ئاجرىتىش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلنى بېيىتىش، جەڭدە ئەسىرگە چۈشكەنلەرگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش لازىملىغىنى ئېيتىدۇ. دۆلەتنى باشقۇرۇشتا: «ئۈچ نەرسە يەنى ئوڭ قولىدا قىلىچ، سول قولىدا مۇكاپات بېرىلىدىغان نىمەت بولۇش، ئاغزىدا تاتلىق سۆز بولۇش كېرەك» دىگەن پىكىرنى ئالغا سۈرىدۇ.
    يىغىپ ئېيتقاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار جەمىيىتىدىكى ھەر قايسى سىنىپ ۋە ھەر قايسى تەبىقىلەر ھەققىدە بىربىرلەپ توختىلىدۇ. دۆلەت ئىدارىلىرىدىكى خادىملار ئۈستىدە يۈرگۈزگەن مۇھاكىمىسىنى يەكۈنلەپ مۇنداق دەيدۇ:

    «ساڭا بەگلىك نىسىپ بولسا، بىلىمىڭ بىلەن ئىدارە قىل،

    يابغۇ – تېگىن بولساڭ، قولۇڭدىن كەلگەنگە قەدەر ۋاپادار بول،

    ئارمىيە قوماندانلىغىغا نىسىپ بولساڭ، دۈشمەننى بىل ، ھۇشيار تۇر،

    ساڭا ۋەزىرلىك نىسىپ بولسا، ئادىل بول، ناھەق ھۆكۈم چىقارما،

    ئۆگەلىك ئورنىغا ئېرىشسەڭ، ھۆكۈمدار خاتالاشقان بولسا يول كۆرسەت،

    ھاجىپ بولساڭ، پارە ئالما، قۇل، يىتىملەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلا،

    ھۆكۈمدارلار كاتىۋى بولساڭ، سىر ساقلاشنى بىل

    يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۈركى خەلقلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىنى، دۇنيا قاراشلىرىنى، ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى چوڭقۇر پەلسەپىۋى مۇھاكىمىلىرى ئارقىلىق يۈكسەك دەرىجىگە كۆتىرىدۇ. بۇ قاراخانىلار جەمىيىتى ئىدىئولوگىيىسىنىڭ ۋە مەدىنى ھاياتىنىڭ يېڭى بىر دەۋرگە كىرگەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنى نامايەن قىلغان بۇنداق بىر نادىر ئەسەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىپتىخارىدۇر!

    2-          بۆلۈم «تۈركىي تىللار دىۋانى» توغرىسىدا
    11 –
    ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان دەۋر قاراخانىلار مەدەنيىتىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ، بۇ دەۋردە خاقانىيە تىلى (ئۇيغۇر تىلى) ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى. شۇڭا بىر مۇنچە كىشىلەر ئۇيغۇر تىلىدا بىر قانچىلىغان ئەسەرلەرنى يازغان. بۇ ئەسەرلەردىن زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەنلىرى ئىچىدە ھەر جەھەتتىن ئەڭ قىممەتلىك يەنە بىر ئەسەر «تۈركى تىللار دىۋانى» دۇر. مەھمۇت قەشقەرى بۇ ئەسەردە ئەرەپلەرنىڭ تۈركى تىلىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن، سۆز – ئىبارىلەرگە ئەرەپ تىلى بىلەن ئىزاھات بەرگەن. «تۈركى تىللار دىۋانى» (تۆۋەندە «دىۋان» دەپ ئالدۇق) دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى ئىنسكلوپىدىيىلىك لوغەت دەپ ھىساپلانغان «كاڭشى لوغىتى» دىنمۇ كۆپ ئىلگىرى تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ ئەسەر مەملىكىتىمىزدىكى قەدىمقى يادىكارلىقلار ئىچىدە بىباھا گۆھەرلەرنىڭ بىرسى ھىساپلىنىدۇ.
    ئىلىم دۇنياسى «دىۋان» نى تىلشۇناسلىقتا تەڭداشسىز ئەسەر دەپ ھىساپلىماقتا. «دىۋان» مۇندىن 1000 يىل ئىلگىرى تۈزۈلگەن تۈكى تىللىرى قامۇسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىزنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ھازىرقى شىنجاڭ رايونىغا ئالاقىدار ئىنتايىن مۇھىم مارتىرىيال مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ%


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.