ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-10-17

    قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخىنىڭ داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/79304148.html

    1080 – يىلى شەمسىۇلمۇلۇك سەمەرقەنت بىلەن خەرجەڭ ئارىسىدىكى «ئاق كوتەل» دىگەن جايدا چوڭ ساراي بىنا قىلدۇرغان. خەرجەڭ قىشلىغى يېنىدا «قورغان مەلىكە» نامىدىكى ساراينى سالدۇرغان؛ بۇخارا شەمساباد سارىيىنى ۋە بۇخارا مەسچىدىنى يېڭىدىن سالدۇرغان، بۇ بىنالار ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىگى بىلەن ھېلىمۇ ئادەملەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
    قاراخانىلاردىن غەربىي ئېلىك خان خىزىر دەۋرىدە (1081 – يىلى ۋاپات بولغان) سەمەرقەنتتىكى «جۇپبار» دىگەن يەردە گۈزەل بىر ساراي سالدۇرغان. ئاتاقلىق تارىخچى نەرشەخى «بۇخارا تارىخى» دىگەن ئەسىرىدە بۇ ھەقتە: «بۇ ساراي بەكمۇ گۈزەل بولۇپ، ئۇ كامالەتكە يەتكەن ماھىر ئۇستىلار تەرىپىدىن سېلىنغانلىقتىن، 30 يىلدىن بويان قاراخانىلارنىڭ ئوردا سارىيى بولۇپ كەلمەكتە» دەپ بايان قىلغان. «كىتاپ موللازادە» دىگەن ئەسەردە، ساغىر بەگ ئارسلان خاننىڭ 1103 – يىلى بۇخارادا «بۇخارا سارىيى» ناملىق ساراي سالدۇرغانلىغى، شەمسابادتا 1119 – يىلى چوڭ تىپتىكى بىر مەسچىت بىنا قىلغانلىغى، 1121 – يىلى جامەنىڭ بۇلۇتقا تاقاشقان مۇنارىسىنىڭ ياسالغانلىغى بايان قىلىنغان. بۇ خىل خان سارايلىرى، مەسچىت، جامەلەر ئەينى دەۋردە يۇقۇرى تېخنىكا ئاساسىدا ماھىرلىق بىلەن ياسالغانلىقتىن ئۇزاق زامانلاردىن بېرى بۇزۇلماي كەلگەنلىگى قاراخانىلار دەۋرىدىكى بىناكارچىلىق تېخنىكىسىنىڭ يۇقۇرىلىغىنى، نەققەشچىلىق، سىرچىلىق سەنئىتىنىڭ تەرەققى قىلغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىمارەتلەر قەدىمقى بىناكارلىقىنى تەتقىق قىلىشتا چوڭ ئىلمىي قىممەتكە ئىگىدۇر.
    ئىزاھاتلار:
    ① «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم، 59 – بەت.
    ② «تۈركى تىلار دىۋانى» دا سوغۇن بۇغراخانغا زەھەر بېرىلگەن جاينىڭ ئېتى، دىيىلگەن. ئەمما قايسى بۇغراخان ئىكەنلىگى ئېنىق ئېيتىلمىغان. شۇ چاغدا ساتۇق بۇغراخان ئاتۇشتىكى سوغۇن دىگەن جايدا بولغانلىغى ئۈچۈن، ئېھتىمال ساتۇق بۇغراخان بولسا كېرەك دەپ تەخمىن قىلىمىز. بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
    ③ «تۈركى تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىنىڭ 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم، 51 – بەت.
    ④ يۇقۇرقى ئەسەر، 564—565 – بەتلەر.
    ⑤ چەتئەل تارىخىي مەنبەلىرىدە ھارۇن بۇغراخاننى مىلادىنىڭ 993 – يىلى ۋاپات بولغان دەپ كۆرسەتكەن بولسا، خەنزۇچە مەنبەلەردە 992 – يىلى ۋاپات بولغان دىيىلگەن. مەن ئۇيغۇر تارىخىي مەنبەلىرىدىكى 997 – يىلىنى توغرا دەپ قارايمەن.
    ⑥ سىۋار – ئەرەبچە «ئاتلىق ئەسكەر» دىگەن مەنىدە—ت.
    ⑦ «تۈركى تىللار دىۋانى» 1 – توم، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 592 – بەت.
    ⑧ ئېلىك – قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا ئەل ئىگىسى، يۇقۇرى خان دىگەن مەنىدە.
    ⑨ خاقانىيە – قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان مەركىزى قىسىم «خاقانىيە ئۆلكىسى» دەپ ئاتىلاتتى—ت.
    ⑩ قارغۇ – قاراۋۇل تۇرا، ئىگىز دۆڭلەرگە قۇرۇلغان تۇرا. دۈشمەن كۆرۈنگەن ھامان ھەممەيلەننىڭ جەڭگە تەييار بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوت يېقىلىدۇ.
    ⑪ ئىم – ھەربى قوشۇنلاردا باش قوماندان تەرىپىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەن مەخپى بەلگە (پارول)، مۇنداق بەلگىلەر قۇش ۋە قوراللارنىڭ ئېتى ياكى باشقا سۆزلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئىككى تۈركۈم ئەسكەر ئۇچراشقاندا، بىر بىرىنى تونۇشقا ۋە ئۇقۇشماي ئۇرۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا خىزمەت قىلىدۇ. كېچىسى ئىككى كىشى ئۇچراشقاندا، بىرى يەنە بىرىدىن ئىم سورايدۇ، سورالغان كىشى ئىمنى بىلسە ئۆز كىشىسى ھىساپلىنىدۇ؛ بىلمىسە ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. «تۈركى تىللار دىۋانى» 1 – توم، 54 – بەتكە قاراڭ.

    تۆتىنچى باب قاراخانىلار دەۋرىدىكى مەدەنىيەت

    1- بۆلۈم قاراخانىلار دەۋرىدىكى مەدەنىيەت توغرىسىدا ئومۇمىي مەلۇمات

    قاراخانىلار خانلىغىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئومۇمى ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي قىسمىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا چوڭ تۆھپە قوشتى؛ شىنجاڭدىكى قەدىمقى تۈركى خەلقلەرنىڭ قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇشى ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىدى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا گۈللىنىش دەۋرىنى ياراتتى.

    تارىم ۋادىسى 3 خىل مەدەنىيەتنىڭ (يونان، ھىندى، چىن مەدەنىيىتى) ۋە ئۈچ خىل دىن (بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى، ئىسلام دىنى) نىڭ ئۇچراشقان ئورنى، قەدىمقى بۈيۈك كارۋان يولى – «يىپەك يولى» نىڭ تۈگۈنى ئىدى. 3 خىل مەدەنىيەت، 3 خىل دىننىڭ مەركىزى بولغان بۇ رايون تارىختا مەدەنىيەت رايونى بولۇپ كەلدى. شۇڭا بۇ رايوندا ياشىغان ئۇيغۇر، ياغما، قارلۇق قاتارلىق خەلقلەر ماددى، مەنىۋى مەدەنىيەتتە ئۆز دەۋرىدە يۇقۇرى سەۋىيىگە يېتىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر ياراتتى.

    تارىخىشۇناس مورگان: «دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تارىم ۋادىسى ئاستىدا كۈمۈكلۈكتۇر. قاچانكى بۇ ئاچقۇچ تېپىلىدىكەن، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ سىرى بىزگە مەلۇم بولغۇسى» دەپ ئالدىن – ئالا بىشارەت بەرگەن ئىدى. دىمەك، تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمقى مەدەنىيەتنىڭ سىرى تەلتۈكۈس ئېچىلسا، غەربىي رايوننىڭ قەدىمقى ئەينى تارىخىي قىياپىتى رۇشەنلىشىش بىلەن بىللە، دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار مۇھىم تارىخىي پاكىتلارمۇ ئايدىڭلىشىدۇ. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئارخىولوگىيە ساھەسىدىكى مۇشەققەتلىك ئىزدىنىشكە باغلىق.

    ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى يىپەك بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان دىيىش ئارتۇقچىلىق قىلمايدۇ. قەدىمقى يونان تارىخچىلىرى ھازىرقى شىنجاڭ توغرىلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازدى. يونانلىق ھىرىدوتۇس ئۆزىنىڭ «تارىخ» ناملىق ئەسىرىدە قەدىمقى شىنجاڭنى «سېرىس ئېلى» دەپ تىلغا ئالغان. مىلادىدىن 4 ئەسىر ئىلگىرى ياشىغان يونانلىق ئالىم كىسياس ئۆز ئەسەرلىرىدە «سېرىس دۆلىتى» (يىپەك دۆلىتى) نى تىلغا ئالغان. بىر قەدەر مۇكەممەل ۋە تەپسىلىرەك ئەسەر يېزىپ قالدۇرغان، مىلادىنىڭ 2ئەسىرىدە ياشىغان يونانلىق جۇغراپىيون پىتولېمى (مىلادىنىڭ 150 – يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ «جۇغراپىيە» ناملىق 10 توملۇق ئەسىرىدە «سېرىس ئېلى» دىگەن ، مەخسۇس بىر باپ بولۇپ، ھازىرقى شىنجاڭدا ياشىغۇچى خەلقنى «سېرىس» لار دەپ ئاتىغان. «سېرىس» سۆزى گرېك تىلىدىكى «يىپەك» دىگەن سۆزنى كۆرسىتىدۇ. «غەربىي يۇرت توغرىسىدا خاتىرىلەر» دىگەن كىتاپتا: «خوتەندە ياۋا پىلە ئىنتايىن كۆپ، يىپەكتىن توقۇلغان شايى، ئەتلەس، چۇچۇنلەر ئىنتايىن پىششىق كېلىدۇ. پارقىراق ۋە ئېسىل بولىدۇ» دېيىلگەن. شىنجاڭنىڭ يەر ئاستىدىن قېزىپ ئېلىنغان ئارخىولوگىيىلىك قېزىلما ماتىرىياللاردا يىپەك بويۇملىرىغا ئائىت قېزىلمىلار چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە كىتاپ، شايى، ئەتلەس ۋە چۇچۇنلەر بار. بۇلار ناھايىتى زور ماھارەت بىلەن توقۇلغان، بۇياقلىرى ناھايىتى كۆركەم، گۈللىرى ئاجايىپ چىرايلىق.

    بىز يىپەك مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا، «تۈركى تىللار دىۋانى» دا «چىغرى» يىپەك ئىگىرىدىغان چاق، «كامان» بوز ياكى گىلەم تۇقۇشتا ئارقاق بىلەن ئۇرۇچنى ئايرىيدىغان بىر خىل ئەسۋاپ؛ «چەكىن» يىپەك رەختكە زەر بېسىش؛ «تەختۇ» ئىگىرىلمىگەن مەشۇت؛ «كىمىشكە» قەشقەردىن چىقىدىغان گۈللۈك پالاز دىگەن سۆزلەر بار. تارىخىي پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرىلا يىپەك رەخت توقۇش ھۈنىرىنى ئىجات قىلىپ، ھەر خىل يىپەك بويۇملارنى توقۇپ چىققان. ئۇلار يىپەك رەختلەرگە زەر بېسىش ئارقىلىق تەتىللا، كىمخاپ توقۇغان. بۇ ئېسىل رەختلەر شەرقتە ۋە غەربتە قەدىمدىن تارتىپ مەشھۇر بولۇپ كەلگەن.

    قەدىمقى «كارۋان بۈيۈك» ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. قەدىمقى كارۋان بۈيۈك تارىم ئويمانلىغىنىڭ ئىككى تەرىپىنى ۋە ئوتتۇرىسىنى كېسىپ ئۆتەتتى.

    ئوتتۇرا يول كروراندىن ئۆتۈپ غەربىي جەنۇبىي كىنگىت  (قاراشەھەر) ئوگدى (ھازىرقى بۈگۈرنىڭ شەرقى)، كۈسەن (كۇچا)، سۇللاغ (قەشقەر) ئارقىلىق پامىر ئىگىزلىگىدىن ئېشىپ، توپ – توغرا ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ بويلىرىغا يېتىپ باراتتى.

    جەنۇبىي يول ياڭگۇەن (كۈن قۇۋۇق) دىن چىقىپ قۇمۇلدىن ئۆتۈپ تەكلىماكان قۇملۇغىنىڭ جەنۇبىنى بويلاپ پىشامشان (ھازىرقى چارقىلىق) نىڭ جەنۇبى، شىمالىي كوئېنلۇننىڭ شىمالى، كېرىيىنىڭ شەرقى، خوتەننىڭ جەنۇبى قاتارلىق جايلار ۋە يەركەنت قاتارلىق يەرلەردىن ئۆتۈپ ئاندىن «دۇنيانىڭ ئۆگزىسى» دەپ ئاتالغان پامىر ئىگىزلىگىدىن ھالقىپ ئامۇ دەريانىڭ ئوتتۇرا قىسمى ئارقىلىق غەربكە قاراپ ئىلگىرىلەپ ئارساكقا (ئىرانغا) باراتتى.

    بۇنىڭدىن باشقا بىر يول بولۇپ، ئۇ تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئىتىگىنى بويلاپ ئىۋىرغول (قۇمۇلنىڭ غەربى) ئارقىلىق بارىكۆل، بىشبالىق (جۇڭغارىيە ئويمانلىغىنىڭ شەرقىي جەنۇبى) دىن ئۆتۈپ غەربكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىلى دەرياسى، چۇ دەرياسى ئارقىلىق سۇياپ (سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى توقماقنىڭ يېنىدا) شەھرىگە بېرىپ، ئاندىن شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى كونىستانتېنېپۇل (ئىستامبۇل) غا باراتتى.

    يىپەك سودىسى ئەزەلدىن ئاسىيانىڭ مۇھىم سودا پائالىيىتى بولۇپ، ئۇنىڭ خېرىدارى ئاساسەن ئىران، شەرقىي رىم ۋە يېقىن شەرق ئەللىرى ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوغدىلار يىپەك سودىسىنىڭ ۋاستىچىلىك رولىنى ئوينايتتى. يىپەك يولىدىكى ھەر بىر ئاساسىي تۈگۈنلەردە سوغدىلارنىڭ تىجارەت ئورنى بار ئىدى. دېڭىز يولىدا بولسا ھىندى ئوكيان ئارقىلىق كېمە قاتنايتتى. شەرقىي رىمدا ئاساسەن يىپەك ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقتىن، ئىراندىن ئۆتۈپ، ھىندىستان بۇددىستلىرى بىلەن بىۋاستە سودا قىلماقچى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئىران توسقۇنلۇق قىلاتتى. بۇ ۋاقتىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوغدى سودىگەرلىرى تۈرك تۈرك خانلىغىغا بېقىندى بولغانلىقتىن، يىپەك سودىسىنى كېڭەيتىشتە غەربىي تۈرك خانى ئىستەمىدىن ياردەم سورىدى. مىلادىنىڭ 560يىلى، تۈرك خانى ئىستەمى خاقان ئىران شاھى خىسراۋ I گە ئەلچى ئەۋەتىپ، يىپەك سودىسىنى يولغا قويۇشنى قاتتىق تەلەپ قىلدى. بىراق خىسراۋ I ئىستەمى خاقاننىڭ تەلىۋىنى رەت قىلدى. «ئۇ تۈركلەردىن ئۆتۈپ كەلگەن يىپەكلەرنى ئىشلەتمەيمىز» دەپ، يىپەك سودىگەرلىرىنىڭ ماللىرىنى خەلقى ئالەم ئالدىدا كۆيدۈرۈپ تاشلىدى، ھەتتا تۈرك ئەلچىلىرىنى قاماپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئىستەمى بىلەن خىسراۋ I نىڭ ئوتتۇرىسىدا يىپەك سودىسىنى قوغداش ئۇرۇشى پارتلىدى. كېيىن، ئىستەمى سوغدى سودىگەرلىرىنىڭ تەكلىۋى بويىچە، شەرقىي رىم بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىشنى يولغا قويۇش نىيىتىدە شەرقىي رىمغا مەخسۇس ئەلچىلەر ئۆمىگى بىلەن خەت ۋە يىپەك ئەۋەتتى. تۈرك خانلىغىنىڭ ئەلچىلىرى مىلادىنىڭ 567يىلى شەرقىي رىمغا يېتىپ بېرىپ، شەرقىي رىم پادىشاسى يۇستىنىئاننىڭ كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشتى. شەرقىي رىم پادىشاسىمۇ تۈرك خانى ئىستەمىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئىككى ئوتتۇرىدا دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورناتتى.

    مۇشۇ دەۋردە، تۈركلەرنىڭ ھۈنەرۋەنچىلىگىمۇ تەرەققى قىلغان ئىدى. 669 – يىلى پادىشاھ يۇستىنىئان ۋاقتىدا تۈرك خانى ئىستەمىنىڭ قېشىغا ئەلچى بولۇپ كەلگەن زىمارك: «تۈرك يۇرتىدا ئالتۇندىن ياسالغان نەرسىلەرنىڭ سەنئىتى ۋە نازۇكلىغى رىم مەملىكىتىدىن قېلىشمايدىكەن. مەن ئىستەمى خاقاننىڭ بىر نەچچە ئوردىلىرىدىكى ئالتۇن ئەسۋاپلار ۋە ئۇلارنىڭ كۆپلىگىدىن ھەيران بولدۇم. مېنى ئىستەمى خاقان ھۇزۇرىدا مۇراسىم بىلەن قوبۇل قىلدى. مېنى قوبۇل قىلغان ئوردىنىڭ ھەممە يېرى يىپەك زىلچىلار، يىپەك پەردىلەر بىلەن زىننەتلەنگەن. ئىستەمى خاقان مۇشۇ زىننەتلىك ئوردىدا ئالتۇن تەختتە ئولتۇرۇپ مېنى قوبۇل قىلدى. بۇ ئوردىنىڭ زىننەتلىكلىگى، ھەشەمەتلىكلىگى رىم پادىشاھلىغىدىن كەم ئەمەس، بۇ ئورۇندا بىر قانچە ئالتۇن ئاپتۇۋىلارنى كۆردۈم. بۇ ئاپتۇۋىلار ناھايىتى چىرايلىق، سىپتا، نەقىشلىق قىلىپ ئىشلەنگن. ئوردىدىكى جاھازلار ئالتۇن، كۈمۈش، قىممەتلىك نەرسىلەردىن ئىشلەنگەن، مەن ئوردىدا ھايۋان سۈرەتلىرى ئورنىتىلغان جايلارنى تاماشا قىلدىم» دىگەن. دىمەك، تۈرك، خاندانلىغىنىڭ تەرەققىياتىغا رىم پادىشاھلىغىمۇ قىزىققان. شۇڭا ئۇلار بىلەن يىپەك يولىدىكى سودا داۋام قىلغان. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يىپەك يولى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي رىم ۋە ھىندىستانغا سودا كارۋانلىرى قاتناپ تۇرغانلىقتىن، غەربىي يۇرتنىڭ يىپەك مەھسۇلاتلىرى چەتكە چىقىرىلغان.

    يىپەك يولى كېينكى دەۋرلەردە قاراخانىلار مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈردى. قاراخانىلار مەدەنىيىتى 3 خىل مەدەنىيەت، 3 خىل دىننىڭ ۋە يىپەك يولىنىڭ تەسىرى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلدى. قاراخانىلار دەۋرىدە شەرقتە كۇچاغىچە بولغان ئارىلىق بىلەن شىمالدا ئىلى ۋادىسىنى، غەربتە ئامۇ دەريانى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ زىمىنغا جايلاشقان قەشقەر، بالاساغۇن، بارسىغان، بارچۇق (مارالۋېشى)، تالاس (ھازىرقى جامبۇل)، فاراپ (ئوترار)، شاش (تاشكەنت)، سەمەرقەنت، بۇخارا قاتارلىق بىر قانچە چوڭ شەھەرلەر تېخىمۇ گۈللىنىپ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە ئايلاندى. قاراخانىلار ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىشى قاراخانىلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈردى. تارىخىي ھۆججەتلەردىن قارىغاندا، بۇندىن 1000 يىل ئىلگىرى بىزنىڭ ئاتابوۋىلىرىمىز يىپەك قولياغلىق تۇتقان، يىپەك كىيىملەرنىڭ پۇكلىشىپ قالغان يەرلىرىنى سىلىغداش ئۈچۈن دەزمال ئىشلەتكەن، قىز – ئاياللار قىممەت باھا تاشلار ئېلىنغان ئالتۇن ياكى كۈمۈش «بوغماق» (مىدالىيۇن) «باغىرداق» (لىپتىك) ئىشلەتكەن. مانا بۇلاردىن شۇ دەۋردىكى تۇرمۇش مەدەنىيىتىنىڭ قانچىلىك يۇقۇرى ئىكەنلىگىنى، ئاتابوۋىلىرىمىزنىڭ ئىستىتىك (گۈزەللىك) قارىشىنىڭ قانچىلىك يۇقۇرى دەرىجىگە يەتكەنلىگىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

    ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى جارى قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھىستۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدىغان خىلمۇ – خىل سەنئەت ئۇيۇنلىرىنى ئىجات قىلدى. قەدىمدىن تارتىپ داۋام قىلىپ كەلگەن ھەر خىل ئۇيۇنلار ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىغا قالدۇرغان قىممەتلىك مىراسىدۇر. قەدىمقى ئۇيۇنلاردىن ياش – ئۆسمۈرلەر ئىچىدە ئومۇملاشقان «ئوتۇش» ئويۇنى، «ئوردىكام» ئويۇنى، «چەۋگەن» ئويۇنى (ئاتلىق توپ ئويناش ئويۇنى)، «كولاپ» ئورەككە ياڭاق تاشلاش ئويۇنى قاتارلىقلارنى مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن. يەنە خەلقنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە ئاتلىنىپ تارىختىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن ئەلنەغمە، مەشرەپلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

    نەزمە ئويۇنى يىگىت بىلەن قىزنىڭ باشلىرىدىن چاچقۇ رەخت ياكى (پۇل) چېچىلىدىغان كىچىك نەزمە بولۇپ، بۇ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا «ماندۇرى» دەپ ئاتىلاتتى.

    «سۇرچۇك» كېچىلىك ئولتۇرۇش زىياپىتى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھازىرغا قەدەر مەشرەپ نامى بىلەن ساقلانماقتا. «ئوغۇزنامە» دە قەدىمقى زاماندىكى مۇنداق بىر توي مۇراسىمى تىلغا ئېلىنغان: بىر كۈنى ئوغۇزخان ئەل – جامائەتنى يىغىپ، ئۇلارغا «ئۇلۇغ توي» قىلىپ بەرگەن. بۇ مۇراسىم شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، تويدا ھەممە ئېسىل نازۇ – نىمەتلەر تەييارلانغان، كىشىلەر ھاراق – شاراپ ئىچىپ «ئۇلۇغ توي» نى قۇتلۇقلاشقان. ئۇيغۇرلار بۇ يەرگە يىغىلىپ مۇراسىم ئۆتكۈزگەندە، يىغىلغانلارنىڭ سانى نەچچە تۈمەنگە يېتەتتى، مال سۇيۇلاتتى، ئات بەيگىسى ئۆتكۈزۈلەتتى، كىشىلەر ئەتراپنى سەيلە قىلاتتى، ناخشا ئېيتاتتى، ئۇسۇل ئوينايتتى.

    «تۈركى تىللار دىۋانى» دا بۇ ھەقتە نۇرغۇن مىساللار بار. مەسىلەن، بەزمە ھەققىدە ئېيتىلغان قوشاق بېيىتلار:

    ئوتتۇز (ئۈچ قېتىم ئۈچتىن) ئىچىپ قىقىرايلى،

    يۇقۇرى قوپۇپ سەكرەيلى.

    ئارسلاندەك ھوكۇرەيلى،

    قايغۇ قاچتى سۈيۈنەيلى.

    (ئۈچ قېتىمدىن ئىچەيلى، ئورنىمىزدىن تۇرايلى، ئارسلاندەك ھوكۇرەيلى، قايغۇنىڭ بىزدىن يىراق كەتكەنلىگىنى كۆرسىتەيلى.)

    ئىۋرىق بېشى غاز (بوينى) غا ئوخشاپ (تۇرماقتا)،

    ساغەر تولۇپ كوزگە ئوخشاپ (تۇرماقتا)،

    قۇيغۇنى چوڭقۇر كومۇۋېتىپ،

    كېچە، كۈندۈز سۈيۈنەيلى.

    (ئىۋرىقنىڭ بېشى خۇددى غاز بوينىدەك تىك تۇرماقتا، ساغەرلەر خۇددى كۆز چانىغىدەك مەيگە تولدى. قايغۇ – ھەسرەتنى چۆرىۋېتىپ، كېچە – كۈندۈز كۆڭۈل ئاچايلى.)
    «تۈركى تىللار دىۋانى» دىكى بۇ قوشاقلارنىڭ مەزمۇنىدىن قەدىمقى زاماندا ئەر – ئايال جەم بولۇپ ناخشا، ساز نەغمىلەر بىلەن خوشال – خورام ئۇسۇلغا چۈشۈپ كۆڭۈل ئاچىدىغان بۇنداق مۇراسىم شەكلىنىڭ شۇ چاغدىن تارتىپلا ئومۇملاشقانلىغىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
    قاراخانىلار دەۋرىدە تارىم بوستانلىغىدىكى رايونلاردا، جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ تەرەققى قىلدى. شۇڭا بەزى يېقىنقى زامان ئالىملىرى مۇشۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە «قەشقەرىيە دەۋرى دەپ نام بېرىش كېرەك» دەپ ھىسابلىدى.
    قاراخانىلار دەۋرىدە قەشقەر، بالاساغۇن ۋە سەمەرقەنتلەردە مەدەنيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر خىل تىپتىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك بىلىم يۇرتلىرى – مەدرىسلەر قۇرۇلدى. ساتۇق (ئابدۇكېرىم) ئارسلان بۇغرا قاراخان دەۋرىدە قەشقەردە «ساچىيە» ساچ» قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا سېچىش، يېيىش، ئىلىم – پەننى كېڭەيتىش دىگەن مەنىدە) ئۆز دەۋرىدە يۇقۇرى ئوقۇش يۇرتى ھەمدە ھەر خىل پەنلەرنى ئۆگىنىشنىڭ ئۇچىغى ئىدى. ساچىيە مەدرىسىدە ئىسلام پەلسەپەسى، تارىخ، ئەدەبىيات، ئاسترونومىيە، مىدىتسىنا، روسۇمات جەڭ (ئۇرۇش ئىلمى) قاتارلىق تەبىى ۋە ئىجتىمائى پەنلەردىن دەرس بېرىلەتتى. شۇ دەۋردە كۆپلىگەن بىلىمگە ئىگە بولغان ئۆلىمالار، ئەدىپ – شائىرلار، تىلشۇناسلار، پەيلاسوپلار، تارىخشۇناسلار، يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرى، ئوتاچى (تىۋىپ) قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر مۇشۇ مەدرىستە يېتىشىپ چىققان. مەھمۇت قەشقەرى «تۈركى تىللار دىۋانى» دا ئۆزىنىڭ ئۇستازى سۈپىتىدە تىلغا ئالغان ھۈسەيىن ئىبنى خەلەفە قەشقەرىدەك ئالىملار، ئابدۇجاپپاردەك تارىخشۇناسلار، ئۇيغۇر ئەدەبى تىلىنىڭ ئەڭ يۈكسەك نەمۇنىسى بولغان «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئاپتۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇت قەشقەرى مۇشۇ مەدرىسىدە يېتىشىپ چىقتى.
    قاراخانىلار دەۋرىدە بىر مۇنچە ئۇيغۇر ئالىملىرى تۈرك مەدەنىيىتى ھەققىدە نۇرغۇن كىتاپلارنى يازدى ۋە ھەر خىل تىلدىكى قىممەتلىك كىتاپلارنى تەرجىمە قىلدى. بىراق، بۇ ئەسەرلەردىن بىزنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەنلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، بىزگە تېخى نامەلۇم بولغان يەنە بىر مۇنچە ئەسەرلەرنىڭ بارلىغىغا شۆبھىلەنمەيمىز، ئەلۋەتتە. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە ئۆز دەۋرىدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى يۈكسەك مەدەنىيەتنى نامايەن قىلىدىغان تەڭداشسىز قىممەتكە ئىگە ئەسەرلەرمۇ بار ئىدى.
    بىز قاراخانىلار دەۋرىدە كامالەتكە يەتكەن ئالىملار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا تولۇق خەۋەردار بولمىساقمۇ، ئەمما قاراخانىلار دەۋرىدە قەشقەردە، بالاساغۇندا يېتىشىپ چىققان ئالىملارنىڭ ئىسىملىرى ۋە ئەسەرلىرىدىن زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەنلىرىنى تۆۋەندىكىچە تۇنۇشتۇرىمىز:
    (1) ئۇيغۇر تارىخشۇناسى ئەبۇلفۇتۇھ ئادۇغاپپار ئىبنى ھۈسەيىن قەشقەرى (مىلادىنىڭ 1098 – يىلى ۋاپات بولغان). ئۇ «قەشقەر تارىخى» ناملىق چوڭ ئەسەر يازغان. ئۇنىڭ «قەشقەر تارىخى» دىن باشقا يەنە «مۇجەمە ئۇششۇرخ» (ئۇستازلارنىڭ توپلانغان يېرى) ناملىق ئەسىرىنىڭ بارلىغىنى شەمئانى ئۆز ئەسىرىدە بايان قىلىپ ئۆتكەن. ئەپسۇسكى بۇ ئىككى ئەسەر قولىمىزدا يوق.
    (2) جامال قارشى (ئەسلى ئىسمى ئەبۇل فەزلى ئىبنى مۇھەممەت). ئۇنىڭ ئاتىسى بالاساغۇنلۇق بولۇپ، ئۆزى ئالمىلىقتا (ئىلىدا) توغۇلغان، ئىجادىي پائالىيىتىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن. جامال قارشى ھىجىرىيىنىڭ 681 – يىلى، مىلادىنىڭ 1282 – يىلى قەشقەردىكى ساچىيە مەدرىسىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ئەل جەۋھىرى نىڭ «ئەسھاھ فېللۇغەت» ناملىق 4 جىلدلىق كىتاۋىنى «سۇراھ» (ھەقىقى، تولۇق) نامغا ئۆزگەرتىپ، ئەرەپچىدىن پارىسچىغا تەرجىمە قىلدى. 14 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرەپچە ئىلاۋە بىلەن «مولھىقاتۇس سۇراھ» دىگەن مەشھۇر لوغەتنى يېزىپ چىقتى.
    جامال قارشىنىڭ «سۇراھ» قا يازغان ئىلاۋىسى قاراخانىلار دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكەن ئاتاقلىق ئالىم، مەشھۇر شەخىسلەر، دىنىي ئالىم ۋە شەيخلەرنىڭ تارىخىنى ھەمدە شۇ دەۋردىكى مەنىۋى ھاياتىنى يۇرۇتۇپ بېرىشتە زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە. بۇ ئىلاۋىنىڭ قوليازمىسى ئوتتۇرا ئاسىيادا م. س. ئاندىرىۋ تەرىپىدىن تېپىلىپ، ف. ب. نەلفىكىن تەرىپىدىن ئاسىيا مۇزېيىغا تاپشۇرۇلغان، ھازىر شۇ يەردە ساقلانماقتا.
    (3) مەشھۇر ھىكىم ئىمادۇددىن قەشقەرى. ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا «شەرھى ئەلقانۇن» (قانۇنلار شەرھىسى) ناملىق ئەسەر يازغان، بۇ ئەسەرنى يېزىشتا ئاتاقلىق پەيلاسوپ فارابىنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلانغان. شۇنداقلا ئىبنى سىنا (980—1037 – يىللار) نىڭ تىبابەتچىلىك ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنى شەرققە تۇنۇشتۇرۇش ۋە ئىلمىي تەجرىبىلەر بىلەن بېيىتىش ئارقىلىق تىببى ئىلىمغا چوڭ تۆھپە قوشقان.
    (4) مۇھەممەت ئىبنى ئەلكاتىپ سەمەرقەنتى. ئۇ 12 – ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا سەلتەنەتلىك ھاكىمىيەت تۈپىسىدە تۇرغان تامغاچ قىلىچخان مەسئۇد ئىبنى ئېلى (مىلادى 1095 – يىلى ۋاپات بولغان) غا بېغىشلاپ «ئەغرازۇ سىياسى فى ئىلمىي سىياسى» ناملىق ئەسەرنى يازغان. بۇ ئەسەر سالچۇقىلار سولتانى سەنجار (مىلادى 1157 – يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ ياشىغان دەۋرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخىي ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭدا شۇ دەۋردىكى ھۆكۈمدارلارنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئاتاقلىق تارىخىي شەخىسلەر نوقتىلىق بايان قىلىنغان. ئۇ ئەسەر ھىكايە شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، سولتان سەنجار سالچۇقىغا ئائىت قىسمى ئوتتۇرا ئاسىيا قاراخانىلار تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئەڭ قىممەتلىك ماتىرىيال بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
    (5) مەجىددىن مۇھەممەت ئىبنى ئەد ناينى. ئۇ قاراخانىلار ئەۋلادى تامغاچ ئىبراھىم ئىبنى ناسىرغا بېغىشلاپ «تۈركىستان تارىخى» بىلەن «چىن تارىخى» ناملىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ «تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە تۈرك خەلقى بىلەن تۈركىستاننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن. «چىن تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە چىن خانلىقلىرى ھەققىدە، بولۇپمۇ قارا خىتاي خانلىغى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
    (6) ئوبۇل فەيزى مۇھەممەت ئىبنى ھۈسەيىن بەيھىقى (996—1039 – يىللار). ئۇ 30 تومدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان، بۇنىڭدىن سولتان مەسئۇد (مىلادى 1030 – يىلى) نىڭ ۋەقەلىرىگە ئائىت يېزىلغان 10 تومى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن. بۇ ئەسەردە قاراخانىلارنىڭ تارىخىغا دائىر ئەڭ كۆپ ۋە توغرا مەلۇمات بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىلمىي قىممەتكە ئىگە تارىخىي ئەسەر ھىساپلىنىدۇ.
    (7) مۇھەممەت ئەلئەۋھى. ئۇ ھىجىرىيىنىڭ 625 – يىلى ھىندىستاندا «جامىئۇل ھىكايەت» ناملىق ئەسەر يازغان. ئاپتۇر خارەزىم ۋە بۇخارادا تۇرغانلىغى ئۈچۈن، بۇ ئەسەردە قاراخانىلاردىن تامغاچ ئىبراھىم خان ھەققىدىكى ئىشلارنى ھىكايە شەكلى بىلەن بايان قىلغان. بۇ ئەسەر 5 باب بولۇپ، ئەسەرنىڭ ئاخىرقى 5 – بابىدا جۇغراپىيىلىك مەلۇماتلارغا قوشۇپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۇنجى قېتىم تولۇق ئىلمىي مەلۇمات بەرگەن.
    (8) ئەبۇ نەسر فارابى. فارابىنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ نەسر مۇھەممەت ئىبنى ئۇزلۇق ئىبنى تارخان. ئۇ فاراب شەھرىدىن بولغاچقا، فارابى دەپ ئاتالغان. ئۇ فاراب شەھرىدە تۈركى خەلقلەردىن بولغان مۇھەممەت ئىسىملىك ھەربى كىشىنىڭ ئائىلىسىدە توغۇلۇپ، 950 – يىلى دەمەشىقتە ۋاپات بولدى.
    فاراب شەھرى بۇرۇن قەشقەر خانلىغىغا، كېيىن قاراخانىلار خانلىغى قۇرۇلغان چاغلاردا قاراخانىلار خانلىغىغا قارىدى. ئەبۇ نەسر فارابى دەسلەپ فاراب شەھرىدە ئوقۇدى، كېيىن بالاساغۇن، قەشقەرلەردە بىلىمىنى تولۇقلاپ، ئىسلام ئەللىرىگە ساياھەت قىلىپ، باغداد، ئىران، مىسىر، سۈرىيىگە بارغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادىي پائالىيىتىنى شۇ جايلاردا ئۆتكۈزدى، كېيىن باغدادقا كەلدى. بۇ جايدا ئۇ ئەرەبچىنى پىششىقلىدى، مۇشۇ جەرياندا، پەلسەپە، تارىخ، ئاسترونومىيە، قانۇن، تىبابەتچىلىك ۋە مۇزىكا ئىلمىنى ئۆگەندى.
    فارابى ئۆزىنىڭ كۆپ ساندىكى ئەسەرلىرىنى ئەرەبچە يازغان. شۇڭا فارابىغا باھا بېرىشتە ھەر خىل چۈشەنچىلەر مەيدانغا چىققان ئىدى. جۇرجى زەيدان فارابىنىڭ قەبرىسى شام (سۈرىيە) دا بولغانلىغى ئۈچۈن ئۇنى ئەرەب دەپ ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، مەملىكىتىمىزدە چىققان «سىخەي» (سۆزلەر قامۇسى) دىمۇ فارابىنى ئەرەب دەپ تونۇشتۇرغان. يېقىنقى زامان تارىخچىلىرى ئىچىدىمۇ فارابىنىڭ زور كۆپچىلىك ئەسەرلىرىنىڭ ئەرەبچە يېزىلغانلىغىغا قاراپ، ئۇنى ئەرەب دىگۈچىلەر ھازىرىغىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە.
    ھەممىگە ئايانكى، شۇ زاماندا ئەدەبى تىل غەربتە لاتىنچە بولسا، شەرقتە ئەرەبچە ۋە پارىسچە ئىدى، فارابىنىمۇ ئەرەبچە ياكى پارىسچە ئەسەر يازغانلىغىغا قاراپلا ئەرەب دىگىلى بولمايدۇ. فارابى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ تۈرك ئىكەنلىگىنى كۆپ قېتىم قەيت قىلىپ ئۆتكەن. ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا ئىلىم – پەن بىلەن شۇغۇللىنىپ، پەلسەپە، مەنتىقە، تىببى ئىلىم، تىلشۇناسلىق، مۇزىكىغا ئوخشاش ھەر خىل ساھەلەردە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولغانلىقتىن، ئۇ ئەرەب تىلىدا 100 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا نېمىسچە، فرانسۇزچە، ئىران تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىنلا، ئاۋۋال غەرب، كېيىنچە شەرقتە جاھانشۇمۇل ئەسەرلەر قاتارىدا تونۇلدى.
    ئۇ پەلسەپە جەھەتتە «ئىھسائول ئولۇم» (بىلىملەر بايانى) ناملىق داڭلىق ئەسەرنى يېزىپ، ئىلىم دۇنياسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە سىنىپلارغا بۆلۈنۈشىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن ئەينى دەۋردە نۇرغۇن ئالىملار ۋە كىتاپخانىلارنى ئالاھىدە ئۆزىگە جەلپ قىلدى.
    فارابىنىڭ يەنە «ۋەتتە ئىرىپ بىئەغىزايھا» (پارچە بۆلەكلەرنى تۇنۇشتۇرۇش) ناملىق مەشھۇر پەلسەپە ئەسىرى ئىسلام مەملىكەتلىرىدىن ئىراق، شام، مىسىردىكى پەيلاسوپلارنى ھەيران قالدۇردى. ئۇنىڭ ئارىستۇتىلنىڭ مەنتىقە ئەسەرلىرىنى ئوقۇش جەريانىدا يازغان لېكسىيە دەپتىرى 70 كە يەتكەنلىگىنى تارىخىي مەنبەلەر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
    فارابى ھەمىدانىلەر ئەمرى سەيفۇل دەۋلە ھوزۇرىغا تۈركچە كىيىم بىلەن كەلگەنلىگى تارىخىي مەنبەلەردە ئېنىق. ئۇ شۆھرەتلىك ئالىم بولغاچقا، سەيفۇل دەۋلە ئۇنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىگە شەرت – شارائىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇنى ناھايىتى يۇقۇرى مۇئاش بىلەن تەمىنلىمەكچى بولغاندا، فارابى كۈندىلىك خىراجەتلىرى ئۈچۈنلا كېرەكلىك پۇللارنى ئېلىپ، باشقىنى ئالمىغان. ئەمىر سەيفۇل دەۋلە فارابىنى ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىپ، پۈتۈن ساياھەت سەپىرىدە فارابىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرگەن.
    فارابى ئاتاقلىق سەنئەتكار، ئاتاقلىق كومپوزىتور ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ شائىرى ئىدى. ئۇ مۇزىكىدا ھازىر تارىخىي قىممەتكە ئىگە بولغان «مۇزىكا ھەققىدە چوڭ كىتاب» ناملىق ئەسەرنى يېزىپ، مۇزىكا ساھەسىگە نەزىرىيە جەھەتتىن ئاساس سېلىش بىلەن مۇزىكا ئىلمىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. فارابىنىڭ بۇ ئەسىرى 12 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، مەزمۇن جەھەتتىن مۇزىكا تارىخى، مۇزىكىنىڭ ئەھمىيىتى، مۇزىكا نەزىرىيىسى، پىراكتىكىسى، ئەسۋابلىرى، مۇزىكىنى ئورۇنلاش چىۋەرلىگى، تۈزۈلۈشى (كومپوزىتسىيىسى) ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى شەرق بىلەن غەربكە كەڭ تارقالغان بولۇپ، نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.
    فارابى مۇزىكىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلىپلا قالماستىن، ئۇ مۇزىكا ساھەسىدە ئۇيغۇر سازلىرىدىن قالۇن، تەمبۇر قاتارلىق بىر قانچە ئەسۋاپلىرىنى ئىجاد قىلغان. ئۇ مۇزىكا ئىلمىدە ئىنسانلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدىغان ناھايىتى يۇقۇرى ماھارەت ۋە ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى. فارابى داڭلىق شائىر بولۇپ، تارىخىشۇناسلارنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇ پەلسەپىۋى سۇئاللارنىڭ كۆپ قىسمىغا شېئر ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇرغان. ئۇنىڭ شېئىرىيەتتە يېڭىچە ئىزدىنىش ۋە يېڭىچە مۇلاھىزىلىرى ئالىملارنى دائىم ئالغا يېتەكلەيدىغان ئۇستازلىق رولىنى ئوينىغان. مانا مۇشۇ خىل ئۇقۇمنى فارابى بىر كۇپلىت شېئىر ئارقىلىق مۇنداق دەپ يەكۈنلىگەن:

    يايرايدۇ گۈللەر كەبى ئەلەم سىرى،

    يالت – يۇلت قىلار زۈمرەتتەك چاقنار نۇرى،

    دانالار قىلسىمۇ گەرچە قانچە بىشارەت،

    تاپمىدى ئاچقۇچنى ھېلىھەم بىرى.

    ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىلار دەۋرىدىكى سىياسى، ئەدەبىيات، تىل، پەلسەپە، قانۇن، ئىلمىي نۇجۇم (ئاسترونومىيە)، ماتېماتىكا، جۇغراپىيە، تارىخ، دىخانچىلىق، ھەربى ئىلىم قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈرلۈك كۆز قاراشلىرى شەرھىلەنگەن «قۇتادغۇ بىلىك» بىلەن «تۈركى تىللار دىۋانى» قاتارلىق ئىككى ئەسەرنى نوقتىلىق تۇنۇشتۇرىمىز.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.