ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-10-17

    قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/79286896.html

    قارا خانىلار خانلىقى مەملىكىتىمىز تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. قاراخانىلار خانلىقى مىلادى 9- ئەسىردىن 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە 4 ئەسىرگە يېقىن ھۆكۈم سۈردى. بۇ خانلىق دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمى (قەشقەرنى مەركەز قىلغان) دىن تاكى جەيھۇن (ئامۇ دەريا)نىڭ ئوتتۇرا قىسمى (يەنە ھازىرقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرغىزىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ شەرقىي قىسمى)غىچە بولغان پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا زىمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى؛ پايتەختى قەشقەر بىلەن بالاساغۇن ئىدى.

    قاراخانىلار خانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە يەتتە سۇ ۋە تارىم ۋادىسىدىكى رايونلاردا ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىدە يېڭىلىنىش ۋە يۈكسىلىشلەر بارلىققا كەلدى؛ دېھقانچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى، تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ راۋاجلىنىشى ئارقىسىدا قول ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا تەرەققىي قىلدى؛ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرى بولغان چوڭ شەھەرلەر بارلىققا كەلدى؛ مۇكەممەل شىپاخانىلار، تۈرلۈك پەنلەر ئوقۇلىدىغان ئۇنۋېرسال ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، مەسىلەن، قەشقەردىكى «ساچىيە»، «مەھمۇدىيە» مەدرىسلىرى، جامە، كارۋان سارايلىرى بىنا قىلىندى؛ قەشقەر، بۇخارا، سەمەرقەنت قاتارلىق جايلاردا ناھايىتى كۆركەم ھەشەمەتلىك بىنالار قورۇلدى، بەزىلىرى زامانىمىزغىچە ساقلىنىپ كەلدى؛ نۇرغۇن ئالىم- ئۆلىمالار، ئەدىپ- شائىرلار، تىلشۇناسلار، پەيلاسوپلار، تارىخشۇناسلار، يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسىسلىرى، تىۋىپلار، ھەربىي ئالىملار، قانۇنشۇناسلار مەيدانغا كەلدى. 11- ئەسىردە ياشىغان قەدىمقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى ۋە ئاساسچىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇيۇك پەيلاسوپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، تىلشۇناس مەھمۇت قەشقەرى ئەنە شۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» داستانى، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نامىلق ئەسەرلىرى شۇ دەۋرىنىڭ گۇل تاجىلىرىدۇر. بۇ ئەسەرلەر ئۆز تەپەككۇرىنىڭ ئۈستۈنلۈكى، بەدىئىي جەھەتتىكى يۈكسەكلىكى، مەزمۇنىنىڭ موللىقى، ئوسلۇبىنىڭ مۇكەممەللىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر.

    قىسقىسى، قاراخانىلار خانلىقى مەمەلىكىتىمىز تارىخىدا جۈملىدىن ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. شۇڭا مەمەلىكىتىمىز تارىخچىلىرى بۇ خانلق ھەققىدە تەتقىقات ئىشىنى باشلىۋەتتى.

    مەن بىر قانچە يىل ماتېرىيال توپلاپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇرۇنقىلارنىڭ ماتېرىياللىرىدىن ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تولۇق پايدىلىنىپ «قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» نى يېزىپ، ئۇنى ئۆزەمنىڭ دەسلەپكى تەتقىقات مىۋەم تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويدۇم.

    قاراخانىلار خانلىقىنىڭ پۈتكۈل دەۋرىنى يورۇتۇپ بېرىش ناھايىتى زور ئەمگەك تەلەپ قىلىدۇ. سەۋىيەم چەكلىك بولغانلىقتىن، ئەھەردە كەمچىلىكلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي. كىتاپخانلارنىڭ كەمچىلكلەرنى تۈزىتىۋېلىشىم ھەققىدە ئىلمىي ياردەم بېرىشىنى سورايمەن.

    بۇ ئەسەرنى يېزىشتا، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، ئاپتۇنۇم رايونلۇق مۇزېي قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، پىشقەدەم ئۇستازلار ۋە يۇلداشلار ماددى، مەنىۋى جەھەتتىن قىزغىن ياردەم بەردى، بۇ يولداشلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.  ئاپتور

    بىرىنچى باب ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار

    1. بۆلۈم ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات

    ئۇيغۇرلار مەملىكىتىمىزدە مەدەنىيىتى خېلى بۇرۇن تەرەققىي قىلغان، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمقى مىللەتلەردىن بىرى.

    «ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادى 5 – ئەسىردە ئېلىپبەلىك يېزىق قوللانغانلىغى ھەققىدە ئېنىق ماددىي پاكىت بار.»① بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يازما ئەدەبىياتىنىڭ خېلى بۇرۇنلا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ۋە 8- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئالاھىدە راۋاجلانغانلىقىنى بىلىمى.

    ئۇيغۇرلار 5- ئەسىردىن باشلاپ ئورخۇن- يەنسەي يېزىغى (تۈرك – رونىك يېزىقى) ۋە سوغدى يېزىغى ئاساسىدا يارىتىلغان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللانغاندىن باشقا، يەنە توخار يېزىغى (كۇچا يېزىغى) ۋە خوتەن يېزىغىنىمۇ قوللانغان.

    ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ياشىغان قەدىمقى ماكانى ھەققىدە قۇلىمىزدىكى ماتېرىياللار ھازىرچە يېتەرلىك ئەمەس. ئەمما ئارخىئولوگىيىلىك ماتېرىياللار ۋە يازما مەنبەلەردىن قارىغاندا، تۇرالار، ھونلار، تۇغلۇقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى ۋە ئاتا – بوۋىلىرى ئىدى. ھونلار ئەڭ قەدىمكى چاغلاردا (مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتتىن تارتىپلا) جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا ۋە غەربىي قىسمىدا ياشاپ كەلگەن②، مىلادىدىن 5 ئەسىر ئىلگىرىكى چاغلاردا بايقال كۆلىنىڭ غەربىي، سېلىنگا دەريا ۋادىسى تۇغلۇقلارنىڭ پائالىيەت ئورنى ئىدى. ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بىر ئەسىر ئىلگىرىكى چاغلاردا، بايقال كۆلىگە يېقىن جايلاردا ۋە خېشى كارىدورى ئەتراپىدا، مىلادى 3- ئەسىردىن باشلاپ بايقال كۆلى بىلەن تيانشاننىڭ ئارىلىقىدا، مىلادى 4- ئەسىردە تارىم بوستانلىقىدا ۋە 5- ئەسىردىن باشلاپ بىر قىسمى موڭغۇل يايالىقىدا ۋە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئېتەكلىرىدىكى جايلاردا ياشىدى. «تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم بوستانلىقى 4- ۋە 5- ئەسىردىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان ماكانى ئىدى.»③ پاكىتلار ئېنىق كۆرسەتتىكى، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن بېرى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىغىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئۆز ئىگىلىكىنى ياراتتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى بەرپا قىلدى.

    تارىم بوستانلىقى قەدىمدىن تارتىپلا سۇغىرىلىدىغان ۋادىلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ۋادىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېزا ئىگىلىكى قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ تەرەققىي قىلغان. ئۇيغۇرلار بۇ يەردە بۇغداي، شال، زىغىر، نوقۇت (پۇرچاق) قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىيتتى؛ ئۈزۈم قاتارلىق مىۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرەتتى. ئۇيغۇرلار كېۋەز، كەندىر قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىشنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتتىن تارتىپلا بىلەتتى. تارىم بوستانلىقىدا ئۆستۈرۈلگەن ئۈزۈم 3000 يىللىق تارىخقا ئگە.

    ئۇيغۇرلار دۆلىتىمىزدىكى ھەر قايسى خانلىقلارنىڭ تارىخىدا ھەر خىل ناملار بىلەن تىلغا ئېلىنسىمۇ، يەنىلا ئۇيغۇر دىگەن نامنى بىلدۈرەتتى.

    ئۇيغۇرلار مىلادىدىن 3 ئەسىر ئىلگىرىكى چاغلاردا تۇغلۇقلار دىگەن نام بىلەن شەرقىي ۋە غەربىي ئىككى قىسىمغا بۆلۈندى. شەرقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغان رايونلىرى سىبىرىيىدىكى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا بولغان بولسا، غەربتىكى ئۇيغۇرلار ئېرتىش دەرياسى بىلەن بالقاش كۆلىنىڭ ئارىلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ باردى. مىلادىدىن 4 ئەسىر ئىلگىرى ئۇيغۇرلار خەنزۇ مەنبەلىرىدە «تېلى» نامى بىلەن يېزىلغان بولسىمۇ، «تېلى» يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرسىتەتتى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەنبەلەردە شەرقتىكى تۇرالار «ئون ئوغۇز»، «ئوغۇز» دەپ ئاتالسا، غەرپتىكى تۇرالار ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالدى. 6- ئەسىردىكى خەنزۇچە مەنبەلەردە رەسمىي ئۇيغۇر نامى بىلەن قەيت قىلىندى.

    يۇقىرىقى پاكىتلاردىن قارىغاندا، شۇ نەرسە ئايانكى، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى، ئەڭ كەم ھېسابلىغاندىمۇ، مىلادى 5 – ئەسىردىن ئىلگىرىلا ھازىرقى شىنجاڭدا ياشاپ كەلگەن.

    ئۇيغۇرلار مىلادىدىن 3 ئەسىر بۇرۇن ھونلارنىڭ شىمالىدا ۋە غەربىدە ياشىغان تۆلەسلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى. تۆلەسلەر ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا شىنجاڭدا ياشاپ كەلگەن مىللەتلەرنىڭ قوشۇلغان بىرلىگى بولۇپ، تارىختا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تۆلەس دەپ ئاتالغان ئەجدادىدىن ئىلگىرىكى ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ ھونلار بىلەن مەلۇم قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان. شۇڭا ئۇيغۇرلار قەدىمدىلا ھونلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى دىگەن تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن. «چۈنكى ھونلارنىڭ تەركىبىدە ئون ئۇيغۇرلار، سادىغۇرلار، ئوتۇغۇرلار دىگەن قەبىلە بولغان.»④

    بەزىلەر «ئۇيغۇر دىگەن نام خەنزۇچە مەنبەلەردە 5- ئەسىردىن باشلاپ كۆزگە چېلىقىدۇ» دەپ قارايدۇ. بىزنىڭچە ئۇنداق دەپ قاراش تارىخىي مەنبەلەرگە ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ توغرىدا مەھمۇت قەشقەرى ئۆزىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ: «ايغر – ئۇيغۇر. بىر ئەلنىڭ ئىسمى. ئۇنىڭ بەش شەھرى بار. بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەين تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان ئىكەن. ماڭا مۇھەممەت چاقىر تۇنقاخان ئوغلى نىزامىدىن ئىسرافىل توغان تېگىن ئۆز ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، مۇنداق دىگەن ئىدى: زۇلقەرنەين ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تورت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەين بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە ”اينان خز خرند – inan huzhurand – بۇلار باشقىلارغا مۇھتاج بولماي، ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قاچان خالىسا، شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ“ دەپتۇ. شۇندىن تارتىپ بۇ ئەل  “huzhur”دەپ ئاتىلىپتۇ. كېيىن ”خ -“h ھەرىپى ”ا-ئېلىف“ قا ئالماشقان. مۇنداق بوغۇز ھەرپلىرىنىڭ بىر – بىرىگە ئالمىشىشى، بولۇپمۇ ”ا – ئېلىف“ نىڭ ”خ- “hغا ۋە ”خ “h–نىڭ ”ا – ئېلىف“ قا ئالمىشىشى كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسە.»⑤

    مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا نەقىل كەلتۈرگەن مەنبەنى تارىخىي رىۋايەت دەپ قارىغاندىمۇ، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ تۈركلەر بىلەن قىلغان جېڭى ئىراننىڭ ئاخىمىندىلار⑥ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭدەك ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ ئۇيغۇرلارنى مىلادىدىن 2 – 3 ئەسىر ئىلگىرىلا ئۇيغۇر دەپ ئاتىغانلىقىنى مەھمۇت قەشقەرىمۇ تىلغا ئالغان.

    ئۇيغۇر ئەسلىدە بىر مىللەتنىڭ نامى ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىش تارىخىدىن قارىغاندا، ئۇ بىر قانچە قەبىلە ئىتتىپاقىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇيغۇر – «ئۇيۇشتى، قوشۇلۇپ ئىتتىپاقلاشتى، بىر بىرىدىن ئايرىلماس بولۇپ ئۇيۇشتى»⑦ دىگەن مەنىگە ئىگە. دىمەك، ئۇيغۇرلار بىر نەچچە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق نامى بولۇش سۈپىتى بىلەن قەدىمدىن تارتىپ مەشھۇر بولۇپ كەلدى.

    ئۇيغۇرلار كۆك تۈرك خانلىقى (552- 743- يىللار) نىڭ ئىچكى قىسمىدا بولغان كۆرەشتىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئىتتىپاقدىشى باسمىل، قارلۇقلار بىلەن بىرلىشىپ كۆك تۈرك خانلىغىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، 744 – يىلى ئۇيغۇر خانلىغىنى قۇردى.

    ئۇيغۇر خانلىقى 745 – يىلىدىن 854 – يىلىغىچە گوبىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ جايلارغا ۋە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىدى. كول بىلگە ئۇيغۇر خانلىقىنى تۇنجى قېتىم قۇرغۇچى كىشى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى «قۇتلۇق بىلگە كول قاغان» دەپ ئاتىدى. ئۇيغۇر خانلىغىنىڭ مەركىزى ئوردىسى موڭغۇل دالىسىدىكى ئوتەكەن تېغى بىلەن ئورخۇن دەرياسى بويىدىكى قارا بالغاسۇن شەھرى ئىدى. ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تېرىتورىيىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، شەرقتە ھىنگان (شىڭئەنلىڭ) تاغلىرىدىن تارتىپ غەربتە ئالتاي تاغلىرى ۋە تارىم ۋادىسىغا قەدەر، شىمالدا بولسا بايقال كۆلىگە قەدەر يېتىپ باراتتى، جەنۇبىي تەرىپى سەددىچىن بىلەن چېگرىلىناتتى.

    ئۇيغۇر خانلقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى كۆك تۈرك ھۆكۈمرانلىقىدىكى بىر مۇنچە مىللەتلەرنى ئۆزىگە بوي سۇندۇرۇۋېلىپ، تەركىۋىگە قوشۇۋالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مىللىي تەركىۋىگە نۇرغۇن خەلقلەر قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر خانلىقى ھەققىدىكى تارىخ مەيدانغا كەلدى. خەنزۇچە مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلار تارىختا «توققۇز ئۇيغۇر» دەپ ئاتالدى. «توققۇز ئۇيغۇر» — «ئىچكى توققۇز ئۇيغۇر»، «تاشقى توققۇز ئۇيغۇر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «ئىچكى توققۇز ئۇيغۇرلار»: ياغلاقار، ئوتۇرقار، تۇلەمۇر، بوقاسقىر، ئاۋۇچاگ، قوغۇرسۇ، يابوقتار، ئاياۋۇز، ياغما؛ «تاشقى توققۇز ئۇيغۇر»لار: ئۇيغۇر، بوكە، بايىرقۇ، توڭرا، ئىزگىل، قىپئار، باسمىل، قارلۇق، ئارىزغۇن.

    ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تۇنجى خانى ياغلاقاردىن چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئورنى يۇقىرى ئىدى. شۇڭا، ياغلاقاردىن كېلىپ چىققان «كول بىلگە» قاغان تۇنجى ئۇيغۇر خانى بولدى. ئۇيغۇر خانلىقىغا يەنە بايقال كۆلىنىڭ غەربىدىكى قۇرىقا، يەنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى قىرغىزلار، تىيانشاننىڭ شىمالىدىكى ساتلار، قارا قۇرۇم ئەتراپىدىكى تاڭغىتلار، ھىنگان تاغلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى قىتانلار تەۋە ئىدى.

    ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمدارى «قاغان» (خاقان) ئىدى. ئۇيغۇر خاقانى ۋەزىر، بەگ، ئارمىيە ئەمەلدارى، باج ئەمەلدارى قاتارلىق مەنسەپدارلار ئارقىلىق سىياسىي، ھەربىي ئىشلارنى باشقۇراتتى.

    ئۇيغۇر خانلىغىنىڭ ئىقتىسادىدا چارۋىچىلىق زور سالماقنى ئىگەللەيتتى. تاڭ دەۋرىدە ياشىغان مەشھۇر شائىر دۇفۇنىڭ «شىمالغا يۈرۈش» نامىلىق شېئىرىدا «ئۇيغۇرلار ئەسكەر تارتتى بەش مىڭلاپ، ئاتلىرى بار تۈمەنلەپ» دىگەن مىسرالار بار. «تاڭ سۇلالىسىنىڭ يېڭى تارىخى. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسكەرلىرى 4 مىڭ كىشى، ئاتلىرى 40 مىڭ تۇياق» دەپ يېزىلغان. بۇ نوقتا ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مۇنتىزىم ئەسكىرى قوشۇنىنىڭ بارلىقىنى ۋە ئەسكەرلىرى يېتەرلىك ئات بىلەن تەمىنلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

    ئۇيغۇرلارنىڭ خانلىق ھاكىمىيىتىدە ۋارىسلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. خان ئەۋلادىدىكىلەر خانلىققا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كۆچۈپ كەلگەن مانى سودىگەرلىرى ئۇيغۇر خانلىغىنىڭ تەۋەسىگە ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار خانلىقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىپلوماتىيە ۋە دىنىي ئىشلىرىغا ئارىلاشتى.

    ئۇيغۇر خاقانى قۇتلۇق بىلگە خاقان 747- يىلى ۋاپات بولۇپ، ئورنىغا مۇيۇنچۇر خاقان بولدى، ئۇ كول خاقان دەپ ئاتالدى. 755- يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئوڭلۇك – سۆيگىن (ئەنلۇشەن – شىسىمىن) ئىسيانى يۈز بەردى. 757- يىلى ئۇيغۇر خاقانى مۇيۇنچۇر تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەكلىۋى بويىچە، ياباقۇ ئۇنۋانلىق ئوغلىنىڭ باشچىلىقىدا 40 مىڭدىن ئارتۇق ئاتلىق قوشۇن ئەۋەتىپ، ئۆڭلۈك – سۆيگىن ئىسيانىنى تىنجىتىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ چاڭئەن، لوياڭ قاتارلىق رايونلارنى قايتۇرۇۋېلىشىغا ياردەملەشتى. ئۇيغۇر خاقانى مۇيۇنچۇرنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن، تاڭ سۇلالىسى ئۆز مەلىكىسىنى خوتۇنلۇققا بېرىپ، ئۇنىڭغا «باتۇر، ھەيۋەتلىك قۇتلۇق بىلگە» دىگەن ئاتاقنى تەقدىم قىلدى.

    مۇيۇنچۇر قاغان ئۆلگەندىن كېيىن، ئىككىنچى ئوغلى بوگۇ خاقان خانلىققا ۋارىسلىق قىلىپ تەختتە ئولتۇردى. بوگۇ خاقان خانلىق تەختىدە (759—780-يىللار) ئولتۇرغان مەزگىلدە، 762- يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ 2- قېتىملىق تەكلىۋى بويىچە ئەسكەر چىقىرىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ شى جاۋىي توپىلىڭىنى تىنجىتىپ، خېبىينىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ياردەم بەردى.

    2. بۆلۈم ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى

    تۇبۇتلار (قەدىمقى زاڭزۇلار) غەربىي يۇرتلارغا تاجاۋۇز قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانى ئېل ئىگىسى ئۆز قوشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىپ بەشبالىق (ھازىرقى جىمىسار) نى ئىگەللىدى، بۇ جايلاردا قارلۇقلار، ساتلار، ئاق تۈركلەر ياشايتتى. كېيىن تۇبۇتلار يەنە كۈچ توپلاپ، قارلۇق ۋە ئاق تۈركلەرنىڭ ئىچىدىن بىر قىسم كۈچنى ئۆزىگە تارتىپ، بەشبالىقنى ھۇجۇم قىلىپ بېسىۋالدى.

    791- يىلى، ئېل ئىگەسى خاقان 50—60 مىڭ كىشىلىك قوشۇن باشلاپ كېلىپ، بەشبالىققا ھۇجۇم قىلغاندا، يەنە تۇبۇت ۋە قارلۇقلار تەرىپىدىن مەغلۇپ بولدى. ئېل ئىگەسى قوچۇغا جايلاشقان ئۇيغۇر خان ئوردىسىنى جەنۇبقا يۆتكىدى. 792- يىلى، ئېل ئىگىسى 2- قېتىم ئەسكەر باشلاپ كېلىپ، تۇبۇت ۋە قارلۇقلارنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ جايلارنى يەنە قايتۇرۇۋالدى.

    ئۇيغۇر خانلىقى 8- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ ئېغىر بوھرانغا ئۇچرىدى. چۇلۇق خاقان «ئاي تەڭرى ئۇلۇغ بولمىش ئالىپ بىلگ» دىگەن نام بىلەن 825- يىلىدىن 832- يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى.

    832 - يىلى چۇلۇق خاقان ئۆلگەندىن كېيىن، تەخت خان جەمەتى بولمىغانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. خانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدا سىنىپىي زىددىيەتلەر تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ ماجرا كۆپەيدى، ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە بولغان خەلقلەردە بۆلۈنۈش يۈز بەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئارقا- ئارقىدىن داۋام قىلغان جۇدۇن ئاپىتى، ۋابا، ئاچارچىلىق بىلەن نۇرغۇن چارۋا ۋە ئادەملەر قىرىلىپ كەتتى. ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي كۈچى پارچىلىنىشقا باشلىدى. 839- يىلى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ۋەزىرى ساتلارنىڭ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ كېلىپ پايتەختكە ھۇجۇم قىلدى. «ئاي تەڭرى ئۇلۇغ بولمىش ئالىپ بىلگە خاقان» ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا پاسا تېگىن خان بولدى. 840- يىلى، ئۇيغۇرلارنىڭ باشلىقى كول بۇقا قىرغىزلارنىڭ باشلىقى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، 100 مىڭ ئاتلىق ئەسكەر بىلەن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەركىزىي ئوردىسىغا بېسىپ كىرىپ، پاسا تېگىن ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرلىرىنى ئۆلتۈردى. ئوردا ۋە شەھەرلەرگە ئوت قۇيۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى. بىر ئەسىرگە يرقىن ياشىغان ئۇيغۇر خانلىغى مىلادى 839- يىلى يىمىرىلدى. كېيىن ئۆگە خاقان دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، لېكىن ئۇيغۇر خانلىقى ئاخىر ئاغدۇرۇلدى.

    3. بۆلۈم ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى

    839- يىلى ئۇيغۇر خانلىغى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ خانلىقنىڭ شەرقىي قىسمىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئوتوكەن تاغلىرىدىن ئايرىلىپ، بۇ خانلىقنىڭ غەربىي قىسمىدىكى جايلارغا كۆچۈپ كەلدى.

    839- يىلىدىكى غەربكە كۆچۈش مەسىلىسىگە قارىتا تارىخشۇناسلاردا ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار مەھجۇت بولۇپ كەلدى. پروفېسسور فېڭ جاشېڭ ئەپەندى يازغان «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئائىت قىسقىچە ماتېرىياللار توپلىمى» ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» دىگەن ئىككى كىتاپتا «ئۇيغۇرلار 839- يىلىدىن كېيىن 3 تارماققا بۆلۈنۈپ غەربكە كۆچكەن، ھەر بىر تارمىقى بىردىن ھاكىمىيەت قۇرغان ئىدى» دىيىلگەن. باشقا تارىخى ئەسەرلەردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيىتى مىلادى 839- يىلى يىمىرىلىپ، ئۇلار 3 تارماققا بۆلۈنۈپ غەربكە كۆچكەن. بۇلارنىڭ گەنسۇ كارىدورىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا قوشۇلغان بىر تارمىقى كېيىنكى كۈنلەردە سېرىق ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان مىللەتنىڭ ئەجدادى بولۇپ قالغان، ئىككى تارمىقى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىغى بىلەن قاراخانىلار خانلىغىنى قۇرغان ئىدى دەپ قەيت قىلىنغان ۋە ھازىرقى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار 840- يىلى ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن پەيدا بولغان، 840- يىلىدىن بۇرۇن بۇجايدا ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلار بولمىغان دىگەندەك بىر تەرەپلىمە، خاتا قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ تارىخىنىڭ ھەقىقى قىياپىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

    خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردە «تېلى، چېلى، جژلى» دەپ ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسى تۇرالار ياكى تۇغلۇقلارنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. تۇرالار مىلادىدىن 3 ئەسىر ئىلگىرى تەڭرى تاغلىرىنىڭ شەرق ۋە غەرب ئېتەكلىرىدە ياشاپ كەلگەن. دىمەك، تۈركى خەلقلەر ئەزەلدىن شەرقىي تۈركلەر ۋە غەربىي تۈركلەر دەپ ئىككى تارماققا بۆلۈنۈپ ياشىغان. شەرقىي تۈركلەر سىبىرىيىگە، بايقال كۆلى ئەتراپىغا، موڭغۇل دالىسىغا، غەربىي تۈركلەر تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئىتەكلىرىگە جايلاشقان ئىدى. بىزگە مەلۇمكى، قەدىمقى زامانلاردا ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى جايلار شەرقتە چوڭ ھىنگان تاغلىرىدىن باشلاپ غەربتە كاسپىي دېڭىزىغىچە سوزۇلاتتى. بىپايان كەڭ زىمىندا ھونلار، تۇغلۇقلار، سايبىلار، جورجانلار، تۈركلەر، ئوغۇز، ئۇيغۇر قاتارلىق قەدىمقى مىللەتلەر ياشايتتى.

    تارىختا ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان تۇغلۇقلار بىلەن ھونلار ماھىيەتتە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئورتاق نامى بولۇپ، بۇلارنى تۈرك دىيىشكە بولىدۇ. خەنزۇ تارىخچىسى سىماچيەن يازغان «تارىخنامە» نىڭ «بەش پادىشاھ تەزكىرىسى» دىگەن بابىدا پادىشاھ خۇاڭدىنىڭ ھونلارنى شىمالغا قوغلىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. سىماچيەن جۇڭگونىڭ ئىپتىدائى جەمئىيىتىدىكى بىر رىۋايەتنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ھونلارنىڭ قەدىمقى مىللەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. «خەننامە» دە ھونلارنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىدا بوز يەر ئاچقانلىقى ھەققىدە خاتىرىلەر بار. دىمەك، ھونلار ئەڭ قەدىمدىن تارتىپلا پۈتۈن موڭغۇل دالىسىدا ھەم شىنجاڭ دائىرىسىدە ياشىغان ئىدى. «تارىخنامە. ھون تەزكىرىسى»دە، «خەننامە» دە تۇرالار ھونلارنىڭ شىمالىغا يەنى بايقال كۆلى ئەتراپلىرىغا جايلاشقان دىيىلىدۇ. بۇلار تارىختا «شەرقىي تارماق» دەپ ئاتىلىدۇ. «ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دا تۇغلۇقلارنىڭ بىر تارمىقى سەمەرقەنتكە، ئارال دېڭىزى بويىغا جايلاشقان دىيىلىدۇ. بۇلار تارىختا «غەربىي تارماق» دەپ ئاتىلىدۇ. دىمەك، بۇ پاكىتلاردىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، تۇغلۇقلار قەدىمكى زاماندىن تارتىپلا ئارال، ئالتاي ۋە تەڭرى تاغلىرى ئەتراپىدىكى كەڭ زىمىندا ياشىغان. ئارخېئولوگىلىيلىك ماددىي پاكىتلارمۇ بۇ نوقتىنى ئىسپاتلىماقتا. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخئولوگىيە تەتقىقات ئورنى 1979- يىلى لوپنۇر كۆلى ئەتراپىدىن بىر ئايالنىڭ جەسىتىنى تاپتى. بۇ ئايال جەسەتنى شىنجاڭ قەدىمقى ئاسارە – ئەتىقىلەرنى تەتقىق قىلىش ئورنى 1980- يىل 4- ئايدا قەدىمىك يىپەك يولى لوپنۇرنى تەكشۈرۈش جەريانىدا تەبەن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن تاپقان ئىدى. بۇ جەسەت 1981 -يىل 2- ئايدا شاڭخەيگە ئېلىپ بېرىلدى. شاڭخەي 1- تىببىي ئىنىستوتى، شاڭخەي تەبىئەت مۇزېيى قاتارلىق 19 دىن ئارتۇق پەن- تەتقىقات ئورنىدىكى خادىملار بۇ جەسەتنى ئىلمىي ئانالىز قىلىپ، ئۇنىڭ ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىكەنلىگىنى، ئۇنىڭ 40-45 ياشلار چامىسىدا بولۇپ، قېنى «و» شەكىللىك ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى. بۇ جەسەتنىڭ تارىخى بۇرۇن قۇمۇلدىن تېپىلغان 3200 يىللىق تارىخقا ئىگە جەسەتتىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، كەم ھىسابلىغاندىمۇ 4000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىگى بىكىتىلدى. ئۇ ئېلىمىزدە ھازىرغىچە تېپىلغان جەسەتلەر ئىچىدە ئەڭ قەدىمكى، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان جەسەت بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بۇ جەسەت بىلەن بىللە كۆمۈلگەن چىغ سىۋەتكە بۇغداي قاچىلانغان. دىمەك، بۇنىڭدىن 4000 يىل ئىلگىرى مۇشۇ جايدا ياشىغان خەلقلەرنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىغىدىن ۋە تاللانما ئۇرۇقلارنى ئىشلەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئايال جەسەتنىڭ ئەزالىرى ساق، قول- پۇتىنىڭ بارماقلىرى جايىدا، چاچ، تېرىسى ياخشى تۇرغان. شىنجاڭ رايونىدىن بۇ ئىككى جەسەتنىڭ تېپىلغانلىقى تارىم ئويمانلىقىدا قەدىمدىن تارتىپ تۈركى خەلقلەر ياشىغانلىقىنىڭ پولاتتەك دەلىلى! بۇ پاكىتتىن بىز مۇندىن 4000 يىل ئىلگىرىلا تارىم بوستانلىقىدا ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى ئەجدادلىرىنىڭ ياشىغانلىغىنى چۈشىنىۋالالايمىز. لوپنۇر ئەتراپىدىن تېپىلغان ئايال جەسەت بىلەن يەنە يۇڭ، كەندىر، يىپەكنىڭ ئارىلاشمىسىدىن تۇقۇلغان ماشرۇپمۇ بىللە كۆمۈلگەن. بۇ ھىنجاڭنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا مەدەنىيەتنىىڭ يەنە بىر گۈلتاجىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ جەسەتلەر ئەينى زامانلاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى، تارىم بوستانلىقىغا جايلاشقان خەلقلەرنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يىپەك، كەندىر، يۇڭ توقۇمىچىلىق ئىشلىرىنى ۋە ھۈنەر – سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ مەسىلىنى يەنىمۇ كۆپرەك ماددىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ چىقىش ئارخىئولوگىيە، ئانتروپولوگىيە، ئېتنوگرافىيە قاتارلىق پەن خادىملىرىنىڭ مۇندىن كېيىنكى تىرىشچانلىقىغا باغلىق. تۇغلۇقلار ئىگىز چاقلىق ھارۋىلارنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، خەنزۇچە مەنبەلەردە ئۇلار «ئىگىز ھارۋىلىقلار» (ئىگىز قاڭقىللار) دەپ ئاتالدى. شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە تۇرالار خەنزۇچە «دېلى»، «گاۋچې» (ئىگىز ھارۋىلىقلار) دەپ ئاتالغان، بۇمۇ بىر قەبىلىنىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشى. 5- ئەسىرگە كەلگەندە، تۇغلۇقلار سايبىلار بىلەن سوقۇشۇپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، بىر قىسمى تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ بارغان، بىر قىسمى سېلىنگا دەرياسى بويىغا چېكىنگەن. تۇرالارنىڭ غەربكە قاراپ تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىغا سۈرۈلگەن بىر قىسمىدىكى ئوغۇزلار كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ غەربىي تارمىقى بولۇپ قالدى؛ شىمالغا سۈرۈلۈپ سېلىنگا دەرياسىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان ئون ئوغۇزلار بولسا كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تارمىقى بولۇپ قالدى. غەربىي تارماق غەربىي تۈركلەرگە قۇشۇلۇپ كەتتى. شەرقىي تارماق ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاساسىي تەركىۋى قىسمى بولۇپ قالدى. دىمەك، بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى تۇغلۇقلاردىن تارتىپ ئوغۇز، ئۇيغۇرلارغا قەدەر تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى، شىمالى بىلەن موڭغۇل دالىسىدىن ئىبارەت 2 جايغا بۆلۈنۈپ ياشىغانلىغىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

    خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردە 4- ئەسىردىلا تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقلاردا ئاللىقاچان ماكانلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىغى قەيت قىلىنغان. بۇ جايلارغا ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلار دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقتىن، مەدەنىيەتتە ناھايىتى تەرەققى قىلغان ئىدى. بۇ جايلاردىكى خەلق كۆپىنچە دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك قىلاتتى. تۇغلۇقلار ياكى ئىگىز قاڭقىللارنىڭ مىلادى 4- ئەسىردىن بۇرۇنلا تەڭرى تاغلىرى ئەتراپىدا ماكانلىشىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغانلىقى شۇ رايوندا ئاھالىنىڭ ئۇيغۇرلىشىپ كېتىشىدە چوڭ رول ئوينىغان ئىدى. 5- ئەسىرگە كەلگەندە، تۇغلۇقلار ياكى ئىگىز قاڭقىللار تۇرپان ئويمانلىغىدا ھاكىمىيەت قۇردى. «ۋېي پادىشاھلىغىنىڭ تارىخى. ئىگىز قاڭقىللار تەزكىرىسى» بىلەن «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى. ئىگىز قاڭقىللار تەزكىرىسى» دە يېزىلىشىچە، ئىگىز قاڭقىلدىكى بىكفولو قەبىلىسىنىڭ باشلىغ ئاكا – ئۇكا ئاۋۇزلۇلار 100 مىڭ ئائىلىدىن كۆپرەك كىشى (بىر ئائىلىنى 5 جان ھىسابلىغاندا، كەم دىگەندە 500 مىڭ كىشى بولىدۇ) نى باشلاپ يارغۇل ئەتراپىغا كۆچۈپ باردى، مىلادى 499 - يىلى قاڭقىل پادىشاھلىغىنى قۇرۇپ، يارغۇلنى ئۆزىگە پايتەخت قىلدى. دىمەك، ئىگىز قاڭقىللار (تۇغلۇقلار) نىڭ تەسىرى كۈچى تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىنى ئاساسىي مەركەز قىلغان ھالدا پۈتۈن تۇرپان ئويمانلىغى، تارىم بوستانلىغىغا يېتىپ بارغان.

    4. بۆلۈم ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى دىنلىرى

    1. ئۇيغۇرلار ئەڭ دەسلەپ تۈركلەرنىڭ دىنى بولغان شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. شامان دىنى: تەڭرى بارلىق مەخلۇقاتنىڭ ياراتقۇچىسى، ئاسمان، يەر ۋە پۈتۈن مەۋجۇدىيەتنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمى ئۆتىدىغان بىردىن- بىر ئىلاھ دەپ قارايتتى. كىشىلەر بۇ دىننىڭ روھانىلىرىنى «تويىن» دەپ ئاتايتتى. «تويىن» دىنىنىڭ ئىبادەتخانىلىرى بار ئىدى. تارىخىي مەنبەلەردىكى رىۋايەتلەردىن قارىغاندا، بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار شامان باخشىلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھەر يىلدا بىر قېتىم قۇربانلىق قىلىپ، ئىبادەتخانىغا توپلىشىپ دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزەتتى.

    شامان باخشىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى شامان ئىبادەتخانىسىدا ئولتۇرۇپ ئىبادەت قىلىش، خەلقلەرگە شامان دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىنى سىڭدۈرۈش ۋە دىنىي ھۆكۈملەرنى ئىجرا قىلىش ئىدى. كېيىنكى دەۋىرلەردە شامان («تويىن») دىنىنىڭ قاراشلىرىدا ۋە پائالىيەتلىرىدە كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى. دەسلەپ دىن پىشۋالىرى 2 گە ئايرىلدى. بىر قىسمى يۇقىرى «تويىن» (شامان) باخشىلىرى، يەنە بىر قىسمى سېھرىگەرلىك قىلىدىغان بولۇپ، بۇلارنى «قام» دەيتتى. شۇنىڭ بىلەن شامان دىنى «تويىن» دىنى، «قام» دىنى دەپ ئىككى دەپ ئىككى مەزھەپ، ئىككى سېستىمىغا ئايرىلدى ۋە ئاسماننى ئىدارە قىلىدىغان بىر زات، يەرنى ئىدارە قىلىدىغان بىر زات بار دەپ قاراپ، ئۇلارغا خۇدا دەپ ئىشىنىشكە باشلىدى. بۇنىڭ تۈپەيلىدىن، كۆپ خۇدالىق ئېتىقاد بارلىققا كەلدى. ھەر بىر خۇداغا بىردىن بۇت ياساپ، ئىبادەتخانىدىكى بۇتلار ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، چوقۇنۇش ئادىتى پەيدا بولدى. كېيىنچە بۇ دىنىي ئەقىدىلەرگە يەنە بوز بۆرىنى مۇقەددەس دەپ بىلىپ، ئۇنىڭغا چوقىنىدىغان، ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىدىغان، بايراق ئۇچىغا بوز بۆرىنىڭ كاللىسىنى بېكىتىپ قۇيىدىغان ئادەت پەيدا بولدى. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى «ئوغۇزنامە» دە كۆك يايلىلىق چوڭ بىر بۆرىنىڭ ئوغۇزخانغا يول باشلاپ ماڭغانلىقى ھەققىدە مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ.

    «... ... ... ... ... ... ...

    139. ئۇ يۇرۇق ئىچىدىن، كۆك

    140. تۈكلۈك، كۆك يايىلىق چوڭ

    141. بىر ئەركەك بۆرى چىقتى. بۇ بۆى ئوغۇز

    142. خانغا مۇنداق دىدى:

    143”. ھەي ئوغۇز، سەن

    144. ئۇرۇنغا ئەسكەر چىقارساڭ،

     (17)

    145. مەن ئالدىڭلاردا يول باشلاپ ماڭىمەن.“

    146. شۇندىن كېيىن، ئوغۇز خاقان

    147. چېدىرلىرىنى يىغىپ، ئاتلاندى.

    148. قارىسا، لەشكەرلىرىنىڭ ئالدىدا

    149. كۆك تۈكلۈك، كۆك يايىلىق بىر ئەركەك بۆرى

    150. يول باشلاپ مېڭىۋاتقان، بۇنىڭ بىلەن

    151. ئۇلار بۆرىنىڭ كەينىدىن

    152. ئەگىشىپ ئىلگىرىلىدى.⑧

    ... ... ... ... ... ... ... ...

    بۇ دىنغا 3- ئەسىردە ھونلار، تۈركلەرمۇ ئېتىقاد قىلغان، ئۇيغۇلار 8 – ئەسىرلەردىن باشلاپ ئېتىقاد قىلغان. دىمەك، شامانىزىم دىگەن سۆز تەبىئەتنى ئومۇمى ۋە ئايرىم ھالدا ئىلاھلاشتۇرغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

    2. مانى دىنى 3- ئەسىردە ئىرانلىق مانى تەرىپىدىن تارقىتىلغان. 763- يىلى ئۇيغۇر خاقانى مانى دىنىنى ھۆرمەتلىك «ئورۇنغا» قويغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالدى. ئۇلار بۇ دىننى دۆلەت دىنى دەپ قوبۇل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن كونا دىنلارغا دائىر رەسىملەر كۆيدۈرىۋېتىلدى. مانى دىنىغا زەردەش، خرستىيان ۋە بۇددا دىنلىرىنىڭ مەزمۇنى سىڭدۈرۈلگەن. مانى دىنى باشقا دىنلارغا ئوخشاش ھۆكۈمران سىنىپنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. بۇ دىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىنىپىي قارىمۇ- قارىشىلىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئۇيغۇر مانى راھىپلىرىمۇ مانى دىنىنى تارقىتىشتىن باشقا، خان ئوردىسىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگىمۇ ئارىلىشالايدىغان ھوقۇققا ئىگە ئىدى.

    5. بۆلۈم ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى مەدەنىيىتى

    ئۇيغۇر خانلىغى دەۋرىدە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى خېلى تەرەققى قىلدى. قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۆز يېزىقىدا يازما يادىكارلىقلارنى قالدۇردى. بۇ يېزىق يادىكارلىقلىرى ئەڭ دەسلەپتە موڭغۇل دالىسىدىكى ئورخۇن دەرياسى ئەتراپىدىن تېپىلغانلىقتىن، قەدىمىي ئورخۇن يېزىغى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يازما يادىكارلىقلاردا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرىشى، ئىلىم- پەن جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى، دىنىي ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت- سەنئەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى خاتىرىلەنگەن. بۇ قەدىمىي مىراسلار تۈرك ۋە ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىنىڭ نەمۇنىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    بۇ يادىكارلىقلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكىسى كۆك تۈرك خانلىغىغا ئائىت «تونيۇقۇق مەڭگۇ تېشى» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مىلادىنىڭ 712- 716- يىللىرى قەدىمكى تۈرك يېزىقى بىلەن 2 چوڭ مەر مەر تاشقا 62 قۇر خەت بىلەن پۈتۈلۈپ، تونيۇقۇقنىڭ قەۋرىسى ئالدىغا ئورنىتىلغان. بۇ ئۇيغۇر يازما يادىكارىقلىرى ئىچىدە ئەڭ ئىلمىي قىممەتكە ئىگە يادىكارلىقلاردىن بىرى.

    ئىككىنچىسى، «كول تېگىن مەڭگۇ تېشى»، بۇ تاش 732 – يىلى ئورنىتىلغان.

    ئۈچىنچىسى، «بىلگە خاقان مەڭگۇ تېشى»، بۇ تاش 735 – يىلى ئورنىتىلغان.

    تۆتىنچىسى، «مويۇنچۇر مەڭگۇ تېشى»، بۇ تاش 759 – يىلى ئورنىتىلغان.

    بەشىنچىسى، «توققۇز ئۇيغۇر خاقانى مەڭگۇ تېشى»، بۇ مەڭگۇ تاشلار تۇنيۇقۇق، كول تېگىن، بىلگە خاقان، ئۇيغۇر قۇتلۇق بىلگە خاقانلارنىڭ مۇندىن 1260 يىل بۇرۇن قالدۇرغان يازما يادىكارلىقلىرى بولۇپ، بۇ يازما خاتىرىلەرگە خانلىقنىڭ قۇرۇلۇشى، ھەربىي پائالىيەتلىرى ۋە دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى تۆھپىلىرى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ- ئادەتلىرى، دۆلەتنىڭ قانۇن- ئىنتىزامى، ئەسكىرى قوشۇن تەشكىلى، ھۆنەر- سەنئەت، نەققاشلىق سەنئىتى، خوشنا ئەللەر بىلەن بولغان ئالاقە- مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق ئىشلار پۈتۈلگەن. تۈرك ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمقى تارىخىنى، ئىتنوگرافىيىسىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن قىممەتلىك ئىلمىي ماتېرىيال بولۇپ، تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى تەتقىق قىلىش ۋە تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ زور قىممەتكە ئىگە تارىخىي ھۆججەتلەر، شۇنداقلا تۈركى خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ گۇۋاسى ۋە ئەينى زامان تىل- يېزىغىنىڭ ئۆلگىسى.

    قۇچو تۇرپان ئۇيغۇر خانلىغى دەۋرى قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا شانلىق سەھىپە ئېچىلغان ئالتۇن دەۋر بولدى. بۇ دەۋردە بۇددا، مانى ۋە خرىستىيان دىنلىرى تەسىرىدىكى ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتى يۇقۇرى دەرىجىدە تەرەققى قىلدى.

    قوچۇ ئۇيغۇر خانلىغى دەۋرىدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىككە ئوخشاش يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى يەنىمۇ راۋاجلانغانلىقتىن، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادى تېز تەرەققى قىلدى. بۇنىڭ ئارقىسىدا قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىمۇ يۈكسەك دەرىجىگە يەتتى. جۇڭگو ساياھەتچىسى ۋاڭ يەندى (981- 983- يىللار) بەشبالىقتا قوچۇ خانى ئارسلان خان ۋە ئۇنىڭ شاھزادىلىرى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇ ئىدىقۇتنىڭ ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ: «ئۇلارنىڭ سانسىزلىغان پادىلىرى بار، ئۇلار مالنىڭ رەگىگە قاراپ پادىغا ئايرىيدىكەن، يىلقىلار تاغ، ئېدىرلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە يايلاپ يۈرىدىكەن»، «قوچۇدا پاختا، يىپەك گەزلىمىلەر توقۇلىدىكەن، ئادەملىرى جاسارەتلىك، چىۋەر ئىكەن، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس ھەم قاشتاش ئەسۋابلىرىنى ياساشقا ماھىر ئىكەن» دەپ يازغان. قوچۇدا يەنە ئۈزۈم، قوغۇن، تاۋۇز، نەشپۈت، ئانار، شاپتۇل قاتارلىق مىۋىلەرنى يېتىشتۈرۈپ بېرىدىغان باغۋەنچىلىكمۇ غايەت تەرەققى قىلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئۈزۈم مۇسەللىسى بىلەن داڭ چىقارغان. قوچۇ رايونىدا ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن سودا شەھەرلىرى مەيدانغا كېلىپ، غەرب بىلەن شەرقنى تۇتاشتۇرغان سودا يولى –«يىپەك يولى» راۋانلاشتى. قوچۇنىڭ ھەر قايسى ئەللەر بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى قۇيۇقلاشتى.

    قوچۇ ئۇيغۇر خانلىغى دەۋرىدە يارىتىلغان ھەر خىل ژانىرلاردىكى ئەسەرلەردىن قەدىمقى تىپىك داستان «ئوغۇزنامە»، «تۇرپان شېئىر – قوشاقلىرى»، بۇددىزىم رىۋايەتلىرى مەزمۇن قىلىنىپ يېزىلغان «چاشتانى ئىلىك بەگ»، «ئىككى تېگىن ھىكايىسى»، «ئالتۇن يارۇق»، چوڭ تىپتىكى دىراما «مائىترى سىمىت»، خرىستىيان دىنى مەزمۇنىدىكى ھەر خىل ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە پارچىلار بۇ دەۋردىكى ئەدەبيات تەرەققىياتىنى كۆرسىتىدىغان نادىر ئەسەرلەردىن ئىدى؛ بۇ دەۋردە يەنە ئاتاقلىق ئالىملار، ئەدىپلەر، تەرجىمانلار دۇنياغا كەلدى. ئۇلاردىن ئاپرىنچور تېگـىن، كول تارقان، سىڭقۇ سالى تۇتۇڭ، پراپتا ياشىرى، ئاسىخ تۇتۇڭ، قالىم كەيشى، چىسۇيا قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. قوچۇ ئۇيغۇر خانلىغى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن يۇقۇرقى ئەسەرلەر -10- ئەسىرلەردىكى بۇددىزىم مەدەنىيىتى مۇھىتىدا پىشىپ يېتىلىپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن. ئەگەر قەدىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبى تىلى بولمىغان بولسا 9 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئىسلامىيەتنى يېڭىدىن قوبۇل قىلغان خاقانىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبى تىلى مۇنداق قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە يۈكسەك پەللىگە كۆتىرىلمىگەن بولاتتى. چۈنكى مەيلى خاقانىيە دائىرىسىدىكى ياكى قوچۇ دائىرىسىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ھەممىسى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. بۇ جەھەتتىكى ئىدىئولوگىيىلىك قارشى ئوخشاش ئىدى، مەدەنىيىتىدە بىرلىك بار ئىدى.

    قەدىمقى زاماندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەسسامچىلىغىمۇ ئۇيغۇر قەدىمقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ گۈلتاجىلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ دەۋرنىڭ رەسسامچىلىغىغا تىپىك ۋەكىل قىلىپ تۇرپان بىزەكلىتىكى تام رەسىملىرىنى ۋە دۇڭخۇاڭ (داش ئاتا) تام رەسىملىرىنى كۆرسىتىش مۇمكىن. بۇ تام رەسىملىرىدە ساز چېلىۋاتقان ئۇيغۇر سازەندىلىرىنىڭ رەسىملىرى شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىدىن ئېلىنىپ سىزىلغان رەسىملەر ئىدى. ئۇيغۇر سازەندىلىرى چېلىۋاتقان سازلار تەركىۋىدە كاناي، سۇناي، قوۋۇز، غىجەك، چاڭ ۋە باشقا تارىلىق چالغۇ ئەسۋاپلىرى، مەسىلەن، پەنجىتار، خۇشتا قاتارلىق ھەر خىل مىللى مۇزىكا چالغۇ ئەسۋاپلىرىمۇ بار.

    «مائىترى سىمىت» ناملىق دىرامىنى ئادياچاترا دىگەن كىشى سانسكرىت تىلىدىن توخار تىلىغا تەرجىمە قىلغان، تانراكسىت دىگەن يەنە بىر كىشى توخار تىلىدىن قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان. ئۇلار ئۆز دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق تەرجىمانلىرى دەپ ھىسابلىنىپلا قالماستىن، بەلكى سانسكرىت، سوغدى، خەنزۇ تىلى، ئىران تىللىرىنىمۇ پۇختا ئىگەللىگەن، ئۇلار تەرجىمىنى ناھايىتى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەيتتى. كىتاپلارنى تەرجىمە قىلىش ۋاقتىدا ئەسلى نۇسخىسىغا ئاساسلىنىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەي، باشقا تىللاردىكى تەرجىمە نۇسخىلىرىدىنمۇ پايدىلىناتتى. تەرجىمە قىلىنغان بۇددا ۋە مانى دىنى نوملىرىنىڭ مەزمۇنى، تۈرلىرىدىن قارىغاندا، دىنى كىتاپلار، ھىكايىلەر، ھەر خىل نەسىھەتنامە خاراكتىردىكى ئەسەرلەر، دۇنيانىڭ يارىتىلىشى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر، مۇناجاتلارنى ئىزاھلىغان ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

    بىزەكلىك ۋە دۇڭخۇاڭدا تېپىلغان مەدىنى يادىكارلىقلار قوچۇ (بۇ يەردە بىر پارچە سۈرەت بار) ئۇيغۇر خانلىغى دەۋرىدە مەدەنىيەتنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىغىنىڭ تىپىك ۋەكىلى. «بىزەكلىك» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى «بىزەلگەن، زىننەتلەنگەن جاي» دىگەنلىك بولىدۇ؛ ئۇنىڭ كەڭ مەنىسىدىن ئالغاندا، تام رەسىملىرى، نەقىشلەر ۋە ھەيكەللەر بىلەن بىزەلگەن جاي يەنى سەنئەت ماكانى دىگەننى بىلدۈرىدۇ.

    تۇرپاندىكى بىزەكلىك، تۇيۇق، بۇليۇق، قارا خوجا، ئاستانىلەردىن ۋە دۇڭخۇاڭدىن تېپىلغان قەدىمقى سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدا ئۆزىگە خاس يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە مىللىي پۇراق نامايەن قىلىنغان. قوچۇ ئۇيغۇر خانلىغىدا ئۆتكەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان ئىدى. تۇرپان ۋە دۇڭخۇاڭدىن تېپىلغان تۈرلۈك نەقىشلەر، تام رەسىملىرى ۋە بەدىئىي ئەسەرلەر ئەنە شۇ ئۇيغۇر سەنئەت ئۇسلۇبىنىڭ مەھسۇلى. قەدىمقى ئۇيغۇر رەسسامچىلىق سەنئىتىدە تىزما رەسىملەر، تام رەسىملىرى ئارقىلىق ۋەقەلىكنى چۈشەندۈرۈش سەنئىتى ئۇيغۇرلار ئىچىدە بۇ خىل سەنئەتنىڭ تەكەمۇللاشقان شەكلى ئىدى. قوچۇ خانلىغى دەۋرىدە يېزىلغان ئەسەرلەردە ئەينى دەۋرىدىكى بۇددا دىنى ۋە مانى دىنى تەسىرى بولغاندىن تاشقىرى، زور كۆپچىلىگى ئەينى زامان ئۇيغۇر تارىخىي ئەدەبىياتىنىڭ تەركىۋى قىسمى بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخىي ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم نامايەندىلىرىدىن بىرىدۇر.

    كۇچا قەدىمقى مەدەنيەت ئوچاقلىرىنىڭ بىرى. قەدىمقى زاماندا، بۇ يەردە ياشىغان ئۇيغۇرلار دۇنياغا مەشھۇر شانلىق «كۇسەن»⑨ مەدەنىيىتى ياراتتى. بۇددىزىمنىڭ دۆلىتىمىزدە تارقىلىشىدا، كۇچا ئىنتايىن مۇھىم كۆۋرۈكلىك رول


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.