ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-10-17

    قارخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخىنىڭ داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/79292269.html

    كۇچا قەدىمقى مەدەنيەت ئوچاقلىرىنىڭ بىرى. قەدىمقى زاماندا، بۇ يەردە ياشىغان ئۇيغۇرلار دۇنياغا مەشھۇر شانلىق «كۇسەن»⑨ مەدەنىيىتى ياراتتى. بۇددىزىمنىڭ دۆلىتىمىزدە تارقىلىشىدا، كۇچا ئىنتايىن مۇھىم كۆۋرۈكلىك رول ئوينىدى. كۇچادا نۇرغۇن ئاتاقلىق تەرجىمانلار، مۇزىكانتلار، بۇددىزىم ئۆلىمالىرى دۇنياغا كەلدى، كومىراجىۋا مۇشۇ مەشھۇر كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر.

    كومىراجىۋا مىلادىنىڭ 344- يىلى دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ دادىسى ھىندىستانلىق بولۇپ، ئانىسى كۇچالىق ئىدى. ئۇ 7 يېشىدا بۇددىزىمنىڭ ھىنايانا نوملىرىنى ئۆگىنىپ، ھىنايانا مەزھىبىنى قوبۇل قىلغان؛ 12 يېشىدىن كېيىن ماخايانا نوملىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن؛ بىلىم ئېلىش ئىشتىياقى بىلەن ھەر قايسى ئەللەرنى ئارىلىغان؛ مەشھۇر بۇددىزىم ئۆلىمالىرىنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتۇپ ناھايىتى كەڭ بىلىم ھاسىل قىلغان؛ ياش چېغىدىلا غەربىي يۇرتلاردىكى بۇددىزىم ئەللىرى ئېتراپ قىلغان مەشھۇر ئۆلىما بولۇپ تونۇلغان.

    384- يىلى پادىشاھ فۇجيەن چوڭ جياڭجۈن لى گۇاڭنى ئەۋەتىپ كۇسەن دۆلىتىنى بويسۇندۇرغاندا، 41 ياشتىكى كومىراجىۋا لى گۇاڭنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەرگە بارغان. 385- يىلى لى گۇاڭ لياڭجۇنى ئىشغال قىلىپ، كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىغىنى قۇرىدۇ. كومىراجىۋا (بۇ يەردە بىر پارچە سۈرەت بار) لياڭجۇدا 17 يىل تۇرۇپ خەنزۇ تىل- يېزىغىنى پۇختا ئۆگىنىدۇ. 401- يىلى، كېيىنكى چىن پادىشاھلىغىنىڭ پادىشاھسى ياۋشىڭ كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىغىنى يوقىتىپ، كومىراجىۋانى چاڭئەنگە ئالدۇرۇپ كېلىپ، ئۇنى ھۆرمەتلەپ ئۇستازلىققا تەيىنلەيدۇ. كومىراجىۋا پادىشاھلىق تەرجىمە مۇئەسسىسىنىڭ شاۋياۋيۇەن باغچىسىدا بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

    كومىراجىۋا ئۆز دەۋرىدە بىراخمى يېزىغىنىڭ مۇتەخەسسىسى سۈپىتىدە بۇددىزىم نوم تەلىماتلىرىنى مۇكەممەل ئىگەللەپلا قالماستىن، بەلكى خەنزۇچە تىلدىمۇ يېتىلگەن ئۇستاز بولۇشتەك ئىككى ئاساسىي شەرتنى ھازىرلىغانلىغى ئۈچۈن، چىن پادىشاھسى ياشىڭنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ئىدى. ئۇ ئۆز دەۋرىدە داڭ چىقارغان راھىپلار بىلەن بىرلىشىپ، نوم تەرجىمە ئىشلىرىنى يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرگەن. كومىراجىۋا تەرجىمانلىق پائالىيىتىدە نۇرغۇن ئىزلىنىپ «5 نى ئۆزگەرتىش»، «3 كە تەگمەسلىك» جەھەتتە مەنە تەرجىمە ئېقىمىنى يارىتىپ، بۇرۇن ئۆتكەن ئاتاقلىق تەرجىمان جژچيەن، كاڭ شىڭفۇلارنىڭ تەرجىمىسىدىكى ئەسلىگە سادىق بولماسلىقتەك نوقسانلارنى تېپىپ چىققان. ئۇ تەرجىمە ئىشىنىڭ مۇشەققەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن. ئۇ تەرجىمە توغرىسىدا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقتىن، چاڭئەندە تۇرغان 10 يىل ئىچىدە پۈتۈن زېھنىنى تەرجىمە ئىشىغا قارىتىپ تەرجىمىنى مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىپ، ئىلگىرى تەرجىمە ئىشىدا مەۋجۇت بولغان سەل قاراشتەك ئاجىزلىقلارنى تۆگەتكەن. ئۇ تەرجىمە (بۇ يەردە بىر پارچە سۈرەت بار) ئىشىدا نومنىڭ براخمانچە نۇسخىسىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭ مەنىسىنى خەنزۇچە شەرھىلەپ بېرەتتى. ئۇنىڭ شەرھىلىگەن مەزمۇنى مۇھاكىمىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە يۈزلىگەن ھەتتا 2 - 3 مىڭ مەشھۇر راھىبلارنىڭ تەپسىلى مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن نومنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى يېزىپ چىقاتتى. غەربىي يۇرتلاردىكى يېزىق نۇسخىلىرىدا خاتالىق بولسا براخمى نۇسخىسىغا ئاساسەن تۆزىتەتتى. تەرجىمە بېشىدىن- ئاياق راۋان بولغاندا ئاندىن ئەڭ ئاخىرقى بېكىتىشنى قارار قىلاتتى. كومىراجىۋا مۇنداق ئالىجاناپ يۈكسەك مەسئۇللۇق بىلەن 300 نەچچە جىلد نوم ۋە شاستىر (بۇددىزىم تەفسىرلىرى) نى تەرجىمە قىلىپ چىققان، ئۇنىڭ تەرجىمىلىرى 35 كىتاپ، 294 جىلدكە يەتكەن. «جىن سۇلالىسىنىڭ تارىخى» نىڭ «خاتىرىلەر» بابىدا «ھازىرقى يېڭى نوملارنىڭ ھەممىسىنى كومىراجىۋا تەرجىمە قىلغان» دىيىلگەن. (بۇ يەردە بىر پارچە سۈرەت بار). ئۇ جان ئۈزۈش ۋاقتىدا: «ئەگەر تەرجىمەمدە ئاساسىي مەزمۇن يوقاپ كەتمىگەن بولسا، ئۆلگىنىمدىن كېيىن تېنىم كۆيدۈرۈلسىمۇ تىلىم ساق قالغاي» دەپ ۋەسىيەت قىلغان. بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئۇ ئۆمرىنى بۇددىزىمنىڭ تەلىماتلىرىنى تەرجىمە قىلىشتا ئەڭ سادىق، ئەڭ ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، جۇڭگو بۇددىزىم تەرجىمەشۇناسلىغىنىڭ گۇلتاجى بولۇپلا قالماستىن، ئىلىمىزنىڭ ھىندىستان ۋە غەربىي يۇرتلار بىلەن بولغان مەدەنىيەت مۇناسىۋەت تارىخىدا ئۆچمەس تۆھپە ياراتتى. (بۇ يەردە بىر پارچە سۈرەت بار)

    ئىزاھاتلار:

    ①«مەدىنى يادىكارلىقلار» ژورنىلىنىڭ 1989 – يىل 1 – سانى.

    ②③«تارىخنامە. ھونلار تەزكىرىسى»، 9 – جىلد، 2879 – بەت.

    ④«تاڭ سۇلالىسىنىڭ كونا تارىخى» 5198 – بەتكە قارالسۇن.

    ⑤«تۈركىي تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم، 151 –، 152 – بەتلەر.

    ⑥ئاخىمىندىلار سۇلالىسى– مىلادىدىن 550 يىل ئىلگىرى ئىراندىكى ئاخىمىند قەبىلىسىدىن بولغان دارىئو I تەرىپىدىن قۇرۇلغان پارىس دۆلىتى. بۇ سۇلالە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 336—330 – يىللىرى ئىسكەندەر زولقەرنەين تەرىپىدىن يوقىتىلغان ئىدى.– ت.

    ⑦ئوبۇلغازى باھادۇرخان مىلادىنىڭ 1663—1669 – يىللىرى يازغان «شەجەرەئى تۈرك» ناملىق ئەسەردىن.

    ⑧«ئوغۇزنامە» 48—49 – بەتلەر. مىللەتلەر نەشىرىياتىنىڭ 1980 – يىل نەشىرى.

    ⑨كۇسەن – كۇچانىڭ قەدىمقى يەنە بىر ئىسمى.

    ئىككىنچى باب ئىسلام دىنى ئوتتۇرا ئاسىيادا

    1. بۆلۈم ئەرەب ئىستىلاسى

    ئىسلام دىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىشتىن ئىلگىرى، ماۋرا ئۇننەھرگە① ۋە خۇراسانغا خوشنا بولغان كەڭ جايلاردا 6- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا فېئوداللىق تۈزۈمدىكى تۈرك دۆلىتى قۇرۇلدى. بۇ جايلاردا 7- ئەسىرنىڭ 2- يېرىمىدىن تاكى 8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە شاش (تاشكەنت) خانلىغى، پەرغانە خانلىغى، سوغدىيان (سەمەرقەنت) خانلىغى، بۇخارا خانلىغى، خارەزىم شاھ خانلىغى، كۇشانىيە خانلىغى ھۆكۈم سۈردى. بۇلاردىن باشقا، بارجاقلار ۋە تاھىرىيە خانلىغىمۇ بولغان ئىدى.

     يەتتە سۇنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى قەشقەر ۋادىسىدا ياغمىلار ياشايتتى. ئىسسىق كۆلنىڭ ئەتراپىدا ئىلى دەرياسىدىن تارتىپ نارىن ئارىلىغىغىچە بولغان جايلاردا چىگىللەر ياشايتى، يەتتە سۇدا توخسى قەبىلىلىرى بار ئىدى.

    بۇ دەۋرلەردە تارىم ۋادىسى بىلەن ماۋرا ئۇننەھردە فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشى ئارقىسىدا كۆپلىگەن سودا شەھەرلىرى مەيدانغا كېلىپ، سودا ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى. ماۋرا ئۇننەھر، چۇ، تالاس ۋادىلىرىدا يېزا ئىگىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى، مەدەنىيىتى يەنىمۇ ئۆستى. جۇڭگو ساياھەتچىسى شۇەن جۇاڭ (602—664 – يىللار)نىڭ «غەربىي يۇرتلارغا ساياھەت» دىگەن ئەسىرىدە: «چۇ دەرياسى ئارىلىغىدىكى جايلاردا ياشىغۇچى ئاھالە مەدەنىيەت جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە ئىكەن، ئۇلارنىڭ كىيىم- كېچىگى، تىل- يېزىغى ئوخشاش ئىكەن. يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تارتىپ يېزىلىدىغان سۈرىيە يېزىغى ئاساسىدىكى 32 ھەرپلىك ئېلىپبەسىى بار ئىكەن. تارىخىي ئەسەرلىرىمۇ بار ئىكەن» دەپ يازغان ئىدى. ئىلى، چۇ ۋە سۇياپ دەرياسى ۋادىلىرىغا جايلاشقان تۇركەشلەر 638 – يىلى سۇياپنى چوڭ ئوردا، ئىلى دەرياسى بويىدىكى ئالمالىقنى كىچىك ئوردا قىلىپ، تۇركەش دۆلىتىنى قۇردى. بۇ تۇركەش دۆلىتى 8 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرى زاۋاللىققا يۈز تۇتتى. تۈركى خەلقلەردىن بولغان قارلۇقلار تۇركەشلەرنىڭ ئەسلى ماكانلىرىنى بېسىۋېلىپ، 616—656 – يىللىرى قارلۇق دۆلىتىنى قۇردى. بۇ چاغدا تالاس، سۇياپ② شەھەرلىرى قارلۇقلارغا قارايتتى. شۇەن جۇاڭ: «بۇ جايدىكى ئاھالىنىڭ بىر قىسمى دېھقانچىلىق بىلەن، يەنە بىر قىسمى سودا – سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. چۇ دەرياسى بويىدىكى سۇياپ شەھرى سودا مەركىزى ئىكەن. ئاھالە ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ – ئادىتى بويىچە چېچىنى بېشىغا يۆگەپ، چوققىسىنى ئوچۇق قويىدىكەن. بەزىلىرى چېچىنى چۈشۈرۋېتىدىكەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پىشانىسىگە ياغلىق چېگىۋالىدىكەن» دەپ يازغان.
    7 – ئەسىردە بۇ شەھەرنىڭ غەربىي تەرىپىدىمۇ بىر قانچە شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەرلەردە تۈركىي خەلقلەر ياشايتتى، ھەر قايسى شەھەرنىڭ ئايرىم – ئايرىم ھاكىملىرى بولغان. شۇە جۇاڭ يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «مەن تۈرك خانلىرىنىڭ بىرى بىلەن كۆرۈشتۈم. بۇ خاقان ئۈستىگە يىپەك تون كىيگەن، چېچىنى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، پىشانىسىنى يىپەك ياغلىق بىلەن بىر نەچچە قات ئورىۋالغان. بۇ يەردىكى ئاھالىلەرمۇ چېچىنى ئۇزۇن قويۇۋېتىدىكەن. خاقان ئالتۇن بىلەن بىزەلگەن چېدىردا مېنى قۇبۇل قىلدى. يىپەك كىيىملەرنى كىيگەن چوڭ ئەمەلدارلار چېدىرغا سېلىنغان كىگىز ئۈستىدە ئىككى قاتار بولۇپ ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ كەينىدە خاقاننىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى بار ئىدى. ماڭا تۈرك خاقانى زىياپەت بەرگەندە، ئادەمنى لەززەتلەندۈرۈپ، كۆڭۈلنى ئاچىدىغان مۇزىكىلار چېلىندى. مىھمانلارنىڭ ئالدىغا ئاۋال گۆش قويۇلۇپ، ئاندىن شاراب تۇتۇلدى. ئۈسۈملۈك يېغىدا پىشۇرۇلغان تاماقلار ۋە سۈت كەلتۈرۈلدى.»
    شۇ چاغلاردا، ماۋرا ئۇننەھردىكى خارەزىم دۆلىتىدە يەر ئىگىلىرى «دىخان» دەپ ئاتىلاتتى. («دىخان» پارىسچە سۆز بولۇپ، يەر ئىگىسى مەنىسىدە) ھاكىملارمۇ «دىخان» دەپ ئاتىلاتتى. ھاكىملار ئېسىلزادىلەردىن ھىسابلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىمۇ «دىخان» نامى بىلەن ئاتىلاتتى. ماۋرا ئۇننەھردىكى ھاكىمىيەت ئىراندىكى ھاكىمىيەت تەشكىلىگە ئوخشاپ كېتەتتى. ھاكىم ئاستىدا «چاكار» دەپ ئاتىلىدىغان بىر قىسىم ئەسكەرلەر بار ئىدى. بۇ جايلاردىكى تۈركى خەلقلەر، ئاساسەن، زەردەش، بۇددا، نىستۇرى، مانى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلاتتى.
    زەردەش (ئاتاشپەرەسلىك) دىنى ئەڭ ئاۋال ئىراندا ئاۋۇئاسترا ناملىق كىشى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان. بۇ دىن مىلادىدىن 6 ئەسىر ئىلگىرى دارا I③ نىڭ دەۋرىدە ئىران پادىشاھلىغىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلەنگەن.
    بۇ دىن: «ئالەم ياخشىلىق – يامانلىق، يۇرۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇقتىن ئىبارەت ئىككى خىل قۇۋۋەتنىڭ كۈچىدىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئۆزئارا كۆرەش كىلىدۇ. ئاخىرىدا ياخشىلىق يامانلىقنى، يۇرۇقلۇق قاراڭغۇلۇقنى يېڭىدۇ. ئوت بولسا ياخشىلىقنىڭ سىمۋولى» دەپ ھىسابلايتتى. شۇڭا، زەردەش دىنى ئوتنى مۇقەددەس دەپ تۇنۇپ، ئۇنىڭغا چوقۇنۇشىنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي بەلگىسى قىلاتتى. زەردەش دىنى ئىراندا دۆلەت دىنى قىلىپ قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، جايلاردا ئاتەشكۇرە (ئاتەشپەرەسلەرنىڭ ئىبادەتخانىسى)لەر تەسىس قىلىندى. زەردەش دىنى مەيدانغا كېلىىشتىن بۇرۇن، ئىراندىكى ئاھالە يۇلتۇزغا چوقۇناتتى. ئىراندا زەردەش دىنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىگىچە داۋام قىلدى. خەلىپە ئۆمەر (634—644 – يىلغىچە خەلىپە بولغان) زامانىسىدا ئەرەپلەردىن سەئىد ئىبنى ۋاققاس ئىراننى ئىستىلا قىلغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنى ئىراننىڭ رەسمى دۆلەت دىنىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن زەردەش دىنى بۇ يەردىن سىقىپ چىقىرىلدى. ئىراندا قالغان زەردەش مۇخلىسلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىغى ئۈچۈن ھىندىستانغا كۆچۈپ كەتتى. ھىنسدىستاندىكى بومبايدا، ئىراننىڭ يەزدى شەھرىدە ۋە باشقا جايلاردا خېلى نۇرغۇن ئاھالە ھېلىمۇ زەردەش دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. زەردەش دىنىنىڭ «زىند ئاۋىستا» نامىلىق كىتاۋى ھازىرمۇ مۇقەددەس كىتاپ دەپ ھىسابلىنىدۇ. بۇ كىتاپ ۋە ئۇنىڭ شەرھىسى ياۋروپادا تەرجىمە ۋە نەشىر قىلىندى.
    ئىسلام دىنى ئەڭ ئاۋال 570—632 – يىللاردا ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا مەيدانغا كەلدى، كېيىنچە ئەرەپلەرنىڭ رەسمى دۆلەت دىنى بولدى، 7 – ئەسىردە، غەربىي ئاسىيادا باش كۆتىرىشكە ۋە كېڭىيىشكە باشلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىن ئىرانغا كېڭەيدى. يەنە ئىراندىن ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئومۇملاشتى. خەلىپە ئۆمەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋردە، ئىسلام قوشۇنى ئىران، ئىراق، مىسىر، سۈرىيە، پەلەستىن قاتارلىق جايلارغا يۈرۈش قىلدى ۋە ئىران پادىشاھسىنى مەغلۇپ قىلىپ، كېيىن خۇراسان ئەتراپىدىكى تۈركلەر ئولتۇراقلاشقان جايلارغا بېسىپ كىردى. خەلىپە ئوسمان (644—657 – يىللاردا ھاكىمىيەت يۈرگـۈزگەن)نىڭ زامانىسىدا خۇراسان مەملىكىتى ئەرەپلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. ئەرەپلەر 653 – يىلى خۇراسان ۋالىسى ئەھنىق ئىبنى قەيسنىڭ قوماندانلىقىدا شەرققە قاراپ يۈرۈش قىلىپ، بەلخنى ئىشغال قىلدى. ئاندىن توخارىستان قاتارلىق جايلاردا ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتتى. بۇ جايلاردىكى تۈركلەر ئىسلامغا تەۋە بولدى. خەلىپە ئابدۇلمۇلۇك دەۋرىدە (699—700 – يىللار ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن) ئەرەپلەر ئىسلام دىنىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن تۈرك زىمىنلىرىغا داۋاملىق يۈرۈش قىلدى.
    ئابدۇلمۇلۇك ئىراق ۋالىسى مەشھۇر ھەججاجنى خۇراساننىڭ ۋالىلىغىغا تەيىنلىدى. ھەججاجنىڭ قول ئاستىدىكى مۇھەللەپ ئىبنى نەبى سۇپرە ئەرەپ قوماندانلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن ئىدى. ئۇ 700 – يىلى ئامۇ دەريانى بويلاپ يۇقىرىغا مېڭىپ بۇخاراغا ھۇجۇم قىلدى.
    ھەججاج 705 – يىلى قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم ئىسىملىك بىر قومانداننى خۇراساننىڭ ۋالىلىغىغا تەيىنلىدى. قۇتەيبە توخارىستانغا ھۇجۇم قىلىپ، تۈرك خانلىغىنى بوي سۇندۇردى؛ 706 – يىلى ئامۇ دەريادىن ئۆتۈپ، باي كەنتىگە ھۇجۇم قىلدى. تۈركلەر قۇتەيبە قوماندانلىقىدىكى ئەرەپ ئەسكەرلىرىنى 2 ئاي مۇھاسىرە قىلىۋالغان بولسىمۇ، ئاخىرى ئۆزلىرى مەغلۇپ بولدى. قۇتەيبە باي كەنت ئاھالىسىنى دەھشەتلىك ھالدا قىرغىن قىلدى، ئاھالىنىڭ بارلىق مال – مۈلۈكلىرىنى بۇلىدى، شەھەرگە ئوت قويدى.
    تۈرك خاقانى كول تېگىن پەرغانە ۋە سوغدى تۈركلىرىنى ئىسلام ئەسكەرلىرىگە قارشى سەپەرۋەر قىلىپ، ئامۇ دەريا بويىدىكى تىرمىز شەھرىگە ئورۇنلاشتى. 707 – يىلى، قۇتەيبە ئىسلام ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ئامۇ دەريادىن ئۆتۈپ، كول تېگىن باشچىلىغىدىكى تۈركلەرگە ھۇجۇم قىلدى. كول تېگىن ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى، 2 – قېتىم (708 – يىلى) يەنە كۈچ توپلاپ سوغدىياناغا يۈرۈش قىلىپ، قۇتەيبەنى مەغلۇپ قىلدى.
    قۇتەيبە بۇ مەغلۇبىيىتىنى ھەججاجقا مەلۇم قىلپ، ئۇنىڭغا ماۋرا ئۇننەھرنىڭ خەرىتىسىنى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ھەججاج ئىسلام ئەسكەرلىرىنى قايتا تەشكىللەپ، ئىراندىن بىر قىسىم مۇسۇلمان قوشۇننى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇرۇشقا قاتناشتۇردى. مىلادىنىڭ 709 – يىلى، قۇتەيبە بۇخاراغا يۈرۈش قىلدى. كول تېگىن قوشۇن بىلەن سەمەرقەنتتىن بۇخاراغا يېتىپ كەلدى. مۇشۇ جايدا تۈركلەر بىلەن ئەرەپلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا جەڭ بولدى. بۇ ئۇرۇشتا كول تېگىن قاتتىق جاراھەتلەندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇخارا، سەمەرقەنت، سوغدى خانلىقلىرىنىڭ مۇستەقىللىغىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن قۇتەيبەگە تەسلىم بولدى. قۇتەيبە بۇ رايونلارنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇردى. مىلادىنىڭ 712 – يىلى، ئەرەپلەر سەمەرقەنتتە تۇنجى قېتىم مەسچىت سالدى. قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم سەمەرقەنتكە ۋالى قىلىپ تەيىنلەندى. ئەرەپلەر مىلادىنىڭ 713 – يىلى پەرغانە ۋە خۇجەندنى بوي سۇندۇردى؛ 714 – يىلى كاسان④ شەھرىنى ئىشغال قىلدى. شۇ يىلى شاش (تاشكەنت) ئۇرۇش قىلمايلا ئەرەپلەرگە تەسلىم بولدى. قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم تۈرك ئەللىرىگە قىلغان يۈرۈشلىرىدە ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشەلمەي، 715 – يىلى (بەزى رىۋايەتتە 716 – يىلى) ئۆز ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن مەرۋىدە ئۆلتۈرۈلدى.
    جامال قارشى يازغان «قەشقەر تارىخى» دىگەن كىتاپتا: «715 – يىلى ئۆلتۈرۈلگەن ئەرەپ سەردارى قۇتەيبەنىڭ قەۋرىسى قوقەندە. قوقەندىكى بۇ قەبرىستانلىقتا يەنە ئىمام ھۈسەيننىڭ نەۋرىسى بىلەن ئىمام مۇھەممەت باقىرنىڭ قېرىندىشى ئابدۇللا (731 – يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ قەۋرىسىمۇ بار ئىدى» دىيىلگەن. شۇڭا بۇ جاي مۇقەددەس ئورۇنلارنىڭ بىرى ھىسابلانغان.
    ئىسلام تارىخچىلىرى ئۆز ئەسەرلىرىدە قۇتەيبەنى ئىسلام دىنىنى تارقىتىشنىڭ ئەڭ چوڭ قەھرىمانى دەپ مەدھىيىلىشىدۇ. دەرۋەقە، قۇتەيبە ئىسلام دىنىنى كېڭەيتىشتە ئەھنىق ۋە مۇھەللەپلەرنىڭ ئوغۇللىرىغا ئوخشاش مەشھۇر قوماندانلار قىلالمىغان ئىشلارنى قىلغان ئىدى. لېكىن ئۇ ئىسلامىيەتنى كېڭەيتىش ئۈچۈن قىلغان يۈرۈشلىرىدە مىسلىسىز دەرىجىدە زالىملىق قىلىپ، ھەججاجنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولدى. ئۇ تۈرك ۋادىلىرىدا زۇلۇم تىغى بىلەن قان تۆكۈشتە ھەججاجدىن قېلىشمىدى، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلارنىمۇ قىردى. ئۇ توخارىستاننى ئىشغال قىلغاندا، شەھەر ئاھالىسىنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلىدى. قۇتەيبەنىڭ ئۆز ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىشى، خەلقنىڭ غەزىۋىدىن تاشقىرى، ئۆز ئىچىدىمۇ ئونىڭغا قارشى كۈچنىڭ بارلىغىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. قۇتەيبە ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇرۇن ئىسلام دىنىغا كىرگەن خەلقلەر ئىسلام دىنىدىن يېنىۋالدى. بەزى شەھەرلەر مۇستەقىللق جاكارلاپ ئەرەپلەر تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتتى. شۇ سەۋەبتىن ئەرەپلەر بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش ئۇزاق داۋام قىلدى.
    716 – يىلى كول تېگىن ۋاپات بولدى، ئۇنىڭ ئورنىغا قۇتلۇق قاغاننىڭ چوڭ ئوغلى بىلىگ خاقان بولدى. بىلىگ خان زامانىسىدا كول تېگىننىڭ ئىنىسى تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ قوماندانى ئىدى. كول بىلىگ خان 734 – يىلى ۋاپات بولدى.
    718 – يىلى، خەلىپە سۇلايمان ۋاپات بولدى. 719 – يىلى سوغدى تۈركلىرى سەمەرقەنتتىكى ئەرەبلەرگە ھۇجۇم قىلدى. خوراسان ۋالىسى ئەسكەر توپلاپ سەمەرقەنتكە بېسىپ كىرىپ، ئاھالىنى قىرغىن قىلدى.
    ئىسلام تارىخىدا «خاقانى تۈرك» دەپ مەشھۇر بولغان چولۇق خاقان سوغدىيانا تۈركلىرىنىڭ بېشغا كەلگەن قانلىق ھادىسىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 721—722 – يىللىرى سەمەرقەنتكە يۈرۈش قىلىپ، ئەرەبلەر بىلەن كۆپ قېتىم قانلىق ئۇرۇشلارنى قىلغان بولسىمۇ، ئاخىر ئۆزى مەغلۇپ بولدى.
    725 – يىلى، ئەرەب قوماندانى مۇسلىم ئىبنى سەئىد پەرغانىگە قايتا ھۇجۇم قىلىپ، خۇجەند شەھىرىنى ئىشغال قىلدى. بۇ ۋاقتىدا چولۇق خاقان تالاستىن ئۈلگۈرۈپ كېلىپ، مۇسلىم ئىبنى سەئىدنى مەغلۇپ قىلدى ۋە خۇجەندنى قايتۇرۇۋالدى.
    726—727 – يىللىرى چولۇق خاقان خوراسان ۋالىسى ئەسئەت ئابدۇللانىڭ ماۋرا ئۇننەھردە تۈركلەر بىلەن تۇتۇشۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىغىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى، ئەرەپلەر مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى. 727 – يىلى، ئەسئەت ۋالىلىقتىن بوشىتىلىپ، ئورنىغا ئەشرەس ئابدۇللا قويۇلدى، ئەشرەس سالىھ تەرىق دىگەن ئولىمانى ماۋرا ئۇننەھردىكى تۈركلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. سالىھ تەرىق خەلقنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە دەۋەت قىلىپ، ئۇلارغا ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىلىرىنى چۈشەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن تۈركلەر ئىچىدە ئىسلام دىنىغا ئىشەنچ – ئەقىدە تىكلىنىپ، «مۇسۇلمان بولۇشقا باشلىدى. جايلاردا مەسچىتلەر بىنا قىلىىندى. كىشىلەر قۇرئان ئوقۇش، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش بىلەن مەشغۇل بولدى»،⑤ «ئەشرەس ئىسلام دىنىنى يېڭىدىن قوبۇل قىلغانلارنى، ئىسلام قائىدىلىرىگە رىئايە قىلغانلارنى، قۇرئاندىن بىر سۈرە ئوقۇشقا ئىقتىدارى بولغانلارنى ئازات قىلىدىغانلىغىنى ئېلان قىلدى.»⑥ تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ئاھالىلەردىن سېلىق ئالمىغاندىن تاشقىرى، ھەتتا ئۇلارنى سۈننەتكىمۇ تەكلىپ قىلماسلىققا بۇيرۇدى، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر ئىسلام دىنىغا كىردى. سېلىق ئېلىپ تاشلانغانلىقتىن، دۆلەتنىڭ غەزىسىگە كىرىدىغان دارامەت زور مىقداردا ئازىيىپ كېتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە ئاساسى ئاجىزلاپ قالدى. شامنىڭ غەزنىچىسى ئەشرەس ۋالىغا يازغان بىر مەكتۇبىدا: «مالىيە مەبلىغى ئازىيىپ كەتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچى مالىيە مەبلىغى بىلەن بۇلىدۇ. ئاڭلىشىمچە، سوغدىياندا ۋە باشقا يۇرتلاردا تېخى مۇسۇلمان بولمىغانلار بار ئىكەن، ئۇلار مۇسۇلمان بولماي تۇرۇپ باج بېرىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مۇسۇلمان بولغانمىش. بىزنىڭچە، خۇدانىڭ ئەمرىنى تۇتقان ۋە قۇرئاننى ياد ئالغان كىشىلەردىن سېلىق ئالمىساق. ئۇندىن باشقا، پەرزلەرنى ئادا قىلمىغان، قۇرئاننى ياد ئالمىغانلاردىن مۇسۇلمان دىگىنىگە قارىماي سېلىق ئالساق» دىيىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلار تۈركلەردىن يەنە سېلىق ئېلىشقا باشلىدى. بۇ ھال ئاھالە ئىچىدە غۇلغۇلا پەيدا قىلىپ، ئىسيانغا سەۋەبچى بولدى. ئەشرەس ئۆزىنىڭ سەمەرقەنتتىكى ۋەكىلى سالىھ تەرىقنى ۋە بىر قانچە ئەمەلدارنى تۇتۇپ كېلىپ قاماققا ئالدى. بۇ خىل زورلۇق – زومبۇلۇقنى كۆرگەن مۇسۇلمانلار ۋە تېخى ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن بارلىق تۈركلەر بىرلىشىپ چولۇق خاقاندىن ياردەم تەلەپ قىلدى.
    مىلادىنىڭ 729 – يىلى، چولۇق خاقان نۇرغۇن ئەسكەر توپلاپ، پەرغانە، تاشكەنت ۋە سوغدىيان تۈركلىرىنى ئەرەبلەرگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى. تۈرك ئەسكەرلىرى بۇ ئۇرۇشتا سوغدىيان ئۆلكىسىنى ئىشغال قىلىپ، ئەرەپ ئەسكەرلىرىنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقاردى. ئەشرەس بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپ، مەرۋىدىن يۈرۈش قىلىپ، ئامىل شەھرىنىڭ يېنىدا ئامۇ دەريادىن ئۆتتى ۋە تۈركلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ مەغلۇپ بولدى. لېكىن، كېيىنكى بىر قېتىملىق تۇتۇشۇشتا چولۇق خاقان مەغلۇپ بولۇپ، باي كەنتنى ئەشرەسكە تارتقۇزۇپ قويدى. ئۇزۇن ۋاقىت جەڭ قىلىش نەتىجىسىدە بۇخارا ۋە سەمەرقەنت شەھەرلىرى ئەرەپلەرگە، پەرغانە، خەتەل (قارا تېگىن)، توخارىستان ۋە سوغدىياننىڭ كۆپ قىسمى تۈركلەرگە قارايدىغان بولدى.
    مىلادىنىڭ 730 – يىلى، ئەشرەس خۇراساننىڭ ۋالىلىغىدىن يىقىلىپ، ئورنىغا جۇنەيد ئابدۇرەھمان ۋالى بولدى، ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي توخارىستانغا ھۇجۇم قىلدى. چولۇق خاقان بۇنى ئاڭلاپ، ئەرەپلەرنىڭ قولىدىكى سەمەرقەنتكە يۈرۈش قىلىپ جۇنەيدنىڭ قوشۇنىنى قورشىۋالدى. جۇنەيد خوراساندىن ياردەم تەلەپ قىلدى، ياردەمگە كەلگەن ئەرەپ قوشۇنلىرى چولۇق خاقان بىلەن سوقۇشۇپ ئاخىرى غەلىبە قىلىپ، بۇخارانى ئالدى. چولۇق خاقان تالاسقا چېكىندى. كېيىنكى ئۇرۇشلاردا ئەرەپلەر بۇخارا، سەمەرقەنت شەھەرلىرىنى يەنە تۈركلەرگە تارتقۇزۇپ قويدى. ماۋرا ئۇننەھرنىڭ ھەممىسى، توخارىستان ۋە بەدەخشاندىن ئىبارەت تۈرك يۇرتلىرى يەنە چولۇق خاقانغا تەۋە بولدى.
    بۇ دەۋردە چولۇق خاقان تۇركەش دۆلىتىنىڭ چېگرىسى تازا كېڭەيگەن ئىدى. تۈركەش دۆلىتى ئون قەبىلىنىڭ بىرلىشىشىدىن تەشكىللەنگەن ئىتتىپاقداش دۆلەت ئىدى. ئىسسىق كۆلنىڭ غەربىدىكى بەش قەبىلە چولۇق خاقاننىڭ تەۋەلىگىدە بولۇپ، كىشىلەر بۇ بەش قەبىلىنى «قارا تۇركەش» ياكى «غەربىي تۇركەش» دەپ ئاتايتتى. ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىدىكى جايلار چولۇق خاقاننىڭ قول ئاستىدىكى كول چۇر باغاتۇرخان ئۇنۋانلىق بىر ۋالىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى. چولۇق خاقان 738 – يىلى ماۋرا ئۇننەھردىكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدى. كول چۇر باغاتۇرخان چولۇق خاقاننىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەش نامى بىلەن توقماق شەھرىگە كېلىپ، خاقاننى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆلتۈردى. 739 – يىلى كول چۇر باغاتۇرخان ئۆزىنى تۇركەش خاقانى دەپ ئېلان قىلدى. ئەمما، تۇركەش دۆلىتى ئىچكى جەھەتتىن بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكتىن، ئەبۇ مۇسلىم باشچىلىقىدىكى ئەرەپ قوشۇنى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ توخارىستان ۋە ماۋرا ئۇننەھرگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، 742 – يىلى ئۇ يەردە يەنە ئەرەپلەر ھاكىمىيىتىنى تىكلىدى.
    766 – يىلى، يەتتە سۇ، سىر دەريا ۋە سۇياب ئەتراپىدا ياشايدىغان قارلۇق قەبىلىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. ئەرەپلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خۇراساننى ئىگىلىگەندىن كېيىن تىكلەنگەن ھاكىمىيەت تارىختا بارماقىلار⑦ ھاكىمىيىتى دەپ ئاتالدى. بارماقىلار ئابباسىيە خەلىپىلىگىنىڭ بۇ جايلارنى ئىدارە قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. مىلادىنىڭ 786—809 – يىللىرى بارماقىلار خانلىغى زەئىپلىشىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى تاھىرىيە خانلىغى باستى. تاھىرىيە خانلىغىنىڭ باشلىغى خۇراساننىڭ چوڭ يەر ئىگىسى بولغان ئاقسۆڭەك تاھىر ئىبنى ھۈسەيىن بولۇپ، بۇ خانلىق ئۇنىڭ نامىدا تاھىرىيە خانلىغى دەپ ئاتالدى. تاھىر مىلادىنىڭ 809—813 – يىللىرى مەمۇن بىلەن ئامىن ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەشتە مەمۇن (ھارۇن رەشىتنىڭ ئوغلى) نى قوللاپ، ئۇنىڭ باغدات خەلىپىلىگىنى تارتىۋېلىشقا ياردەم بەرگەن ئىدى.
    مەمۇن 813 – يىلى خەلىپىلىك تەختىگە چىققاندىن كېيىن، تاھىر ئىبنى ھۈسەيىننى ئەڭ يېقىن كىشىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، باغداتتا لەشكەر باشلىقلىغىغا، كېيىن ئىراندا ئىگىلىك باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىغىغا تەيىنلىدى. مىلادىنىڭ 821 – يىلى ئۇنى خۇراساننىڭ نائىبى (ۋالى دەرىجىلىك ئەمەلدار) قىلىپ بەلگىلىدى. تاھىر ئىبنى ھۈسەيىن خۇراساننىڭ پادىشاھلىغىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇنى مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش مەقسىدىدە، مەسچىتلەردە خەلىپە نامىغا ئوقۇلىدىغان قۇتبىنى چىقىرىپ تاشلىدى. بۇ ئۇنىڭ خەلىپىگە قارشى ئاشكارە ئىسيان كۆتۈرگەنلىگى ئىدى. تاھىر 822 – يىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا (ۋالىلىققا) ئابدۇللا ئىبنى تاھىر چىقتى. ئابدۇللا تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغىچە (مىلادىنىڭ 844 – يىلىغىچە) بۇ مەنسەپنى ئىگەللەپ، خەلىپە دۆلىتىگە ساداقەتلىك بىلدۈرۈپ كەلدى. ئۇ ئەرەپلەر ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى خەلق قوزغىلاڭلىرىنى دەھشەتلىك باستۇردى، دىخانلار ئۈستىدىن ئېلىنىدىغان باج – سېلىقنى ھەددى – ھىسابسىز كۆپەيتتى. «تارىخىي تەبىرى» دىگەن كىتاپتا بايان قىلىنىشىچە، ئابدۇللا ئىبنى تاھىر ئۆزىگە قاراشلىق ۋىلايەتلەردىن توپلىغان سېلىقنىڭ مىقدارى 48 مىليون دەرھەمگە يەتكەن. ئۇ ھەر يىلى خەلىپىگە 44 مىليون 846 مىڭ دەرھەم ئاقچا، 13 ياخشى ئات، 2000 قوي، 2000 قۇل، 1187 توپ بوز تۆلەپ تۇرغان. تاھىر مۇشۇ يوللار بىلەن خەلقنى قاتتىق ئەزگەن.
    بارتولىد ئۆزىنىڭ «ئىراندىكى دىخانلار ھەرىكىتىنىڭ تارىخى» دىگەن ئەسىرىدە بايان قىلىشىچە، ئابدۇللا ئىبنى تاھىر 839 – يىلىدىكى تابارىستان دىخانلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا ئاكتىپ قاتناشتى. تاھىرنىڭ ھۆكۈمرانلىغىغا بوي سۇنمىغان سامانىلار ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەن قىلىپ، ئاخىر ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى. تاھىرىيە خانلىغى 873 – يىلى يىقىلدى. شۇنىڭ بىلەن ماۋرا ئۇننەھردە بىر ئەسىر داۋام قىلغان كۆرەش نەتىجىسىدە سامانىلار خانلىغى مەيدانغا كەلدى.

    2- بۆلۈم سامانىلار خانلىقى
    (874—999 –يىللار)


    سامانىلار خانلىغى ماۋرا ئۇننەھردە قۇرۇلغان ئىسلام دۆلىتىنىڭ نامى بولۇپ، بۇ دۆلەت ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت ئىبنى مانسۇر ئىبنى سامانى نامى بىلەن قىسقارتىلىپ «سامانىلار دۆلىتى» دەپ ئاتالغان.
    سامانىلار دۆلىتىنىڭ تەۋەسىگە خۇراسان، ماۋرا ئۇننەھر ۋە جۇرجان قاتارلىق جايلار كىرەتتى. بۇ دۆلەت ئىسلام دىنىنى ماۋرا ئۇننەھردىن شەرققە كېڭەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى. كېيىنكى دەۋىرلەردە سامانىنىڭ 4 ئوغلى خاندانلىققا ۋارىسلىق قىلدى. سامانىنىڭ ئوغۇللىرى مەمۇنغا قارشى كۆتىرىلگەن قوزغىلاڭلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان ئىدى. ئۇلار دەسلەپتە ئاتەشپەرەسلىكتىن ۋاز كېچىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقتىن، مەمۇننىڭ قوللىشىغا ئېرىسكەن. كېيىن مەمۇن ئۇلارنى ماۋرا ئۇننەھرنىڭ ھۆكۈمرانى قىلىپ بەلگىلىگەن ئىدى.
    سامانىلار دۆلىتى فېئوداللىق دۆلەت ئىدى. ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققى قىلغان، تاۋار ئىگىلىگى راۋاجلانغان ئىدى. سامانى 820 – يىلىدىن 865 – يىلىغىچە پەرغانە ۋادىسىدا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ 865 – يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ناسىر ئىبنى ئەخمەت سامانىلار تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى (865—892). ناسىر تەختكە چىقىپلا ئۆز دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن بۇخارا، شاش ۋە قاشقا ۋادىسىغا ھەتتا قەشقەرغىچە يۈرۈش قىلدى.
    خۇراسان ھاكىمى مۇھەممەت ئىبنى تاھىرنىڭ ئىنىسى ھۈسەيىن ئىبنى تاھىر 874 – يىلى بۇخارانى ئېلىپ، بۇخارا ۋە خارەزىم ۋىلايىتىگە ۋالى بولدى. ئۇ بو قېتىمقى يۈرۈشتە زورلۇق – زومبۇلۇق قىلىپ، ئاتىرشا شەھەر ئاھالىسىنى بۇلىدى ۋە قىردى. ھۈسەيىن بۇخارا ھاكىمى بولغان ۋاقتىدا ئۆزىگە قاراشلىق جايلارغا ئېغىر سېلىق سالدى. ئاھالىنى پۇللارنى كۈمۈش پۇلغا ئالماشتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئاھالە قاتتىق نارازى بولدى. نارازى بولغان خەلق ئۇنىڭغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى ۋە ئوردىغا ئوت قويدى. شەھەرنىڭ يۇقىرى قاتلىمى سەمەرقەنتتىكى ناسىر ئىبنى ئەخمەتكە ۋەكىل ئەۋەتىپ، سامانىلار خانلىغىدىن ھۈسەيىننى خىزمەتتىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ھاكىم ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ تەكلىپ ناسىر ئىبنى ئەخمەتنى خوشال قىلدى. چۈنكى ئۇ ماۋرا ئۇننەھرنى سامانىلار ھۆكۈمرانلىغى ئاستىغا ئېلىپ، بۇ جايلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈستىدە باش قاتۇرۋاتقان ئىدى. ناسىر ئىبنى ئەخمەت ئۆز ئىنىسى ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەتنى بۇخاراغا ۋالى قىلىپ ئەۋەتتى. ھاكىم ئالماشقان بولسىمۇ، ئېزىلگەن دىخانلار يەنىلا ھېچقانداق ياخشىلىق كۆرمىدى.
    ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت (874—907 – يىللىرىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن) يەنىلا دىخانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش بىلەن بەنت ئىدى. نەرشەخى⑧ «بۇخارا تارىخى» دىگەن ئەسىرىدە: «بەركەت بىلەن راستان ئوتتۇرىسىدا 4 مىڭ دىخان قوزغىلاڭ كۆتەردى. ئىسمايىل قوزغىلاڭچى دىخانلارنى قورال كۈچى بىلەن باستۇردى» دەپ بايان قىلغان.
    ناسىر ئىبنى ئەخمەت ئاشۇ يىللاردا پۈتۈن ماۋرا ئۇننەھرنىڭ ھۆكۈمدارى سۈپىتىدە كۈمۈش پۇل چىقاردى. بۇ ئىلگىرى تاھىرىلەرگە بېرىلگەن ئىمتىياز ئىدى. 887 – يىلى سەمەرقەنتتە چىقىرىلغان پۇل (دەرھەم) سامانىلارنىڭ تۇنجى دەرھەملىرىدىن بولۇپ ھىسابلىناتتى. ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت ناسىرغا بوي سۇنۇشنى خالىماي، مۇستەقىل بولۇشقا ھەرىكەت قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەمەرقەنت غەزنىسىگە سېلىق، باج تاپشۇرۇشنى رەت قىلدى. ناسىر ئىبنى ئەخمەت بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتى باشلىنىپ، تاكى 888 – يىلىغىچە داۋام قىلدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ناسىر ئىبنى ئەخمەتنىڭ قوشۇنلىرى يېڭىلىپ قالدى، ماۋرا ئۇننەھر پۈتۈنلەي ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەتنىڭ قولىغا ئۆتتى. ناسىر ئۆز ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىنى سەمەرقەنتتە ئۆتكۈزۈپ، 893 – يىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئىسمايىل تەختكە چىقىپ ئۇزۇنغا قالماي تىرازغا قاراپ يۈرۈش قىلدى ۋە بۇ جايدىكى تۈركلەرنىڭ 10 مىڭدەك ئەسكىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنى قولغا چۈشۈردى، نۇرغۇن ئولجىغا ئىگە بولدى. ئىسمايىلنىڭ بۇلاڭ – تالاڭ قىلىپ قولغا چۈشۈرگەن ئولجىلىرى ھەر بىر ئاتلىق ئەسكەرگە 10 مىڭ دەرھەمدىن توغرا كەلدى. ئىسمايىل تارازنى ئىگىلىگەندىن كېيىن بۇتخانىلارنى چېقىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مەسچىت بىنا قىلدى. مۇپتى، شەيخۇلئىسلام مەنسەپلىرىگە دىنىي كىشىلەردىن قويۇپ، ئۇلارنى ئۇستاز نامى بىلەن ئاتىدى. 9 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا ئىراندا ئىسلام دىنىنى كېڭەيتىشتىكى تاشقى سىياسەت ئۆزگىرىپ، مۇھىم نوقتا شىمالىي ۋە جەنۇبىي رايونلارغا قارىتىلدى. خۇراساننىڭ ھاكىمى ياقۇپنىڭ ئۇكىسى ئىمىرسەپپا ئارى (879—900 – يىللار) ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەتنىڭ زاماندىشى ئىدى. باغدات خەلىپىلىگى ئىمىر سەپپا ئارى بىلەن ئىسمايىل سامانىنى ئۆزئارا ئۇرۇشقا سېلىپ قويۇپ، ئىسمايىلدىن پايدىلانماقچى بولدى. ئۇلار 900 – يىللارغىچە ئۇرۇشتى. بۇ ئۇرۇشتا ئىسمايىل غەلىبە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سامانىلار دۆلىتى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىسمايىل شەرقىي ئىراننىڭ چوڭ ئوبلاستلىرىنى قوشۇۋېلىپ، ئۆز دائىرىسىنى كېڭەيتتى. ئۇ تېخىمۇ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن، فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئاكتىپ ھەركەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركلەردىن ياللانما قوشۇن قۇرۇشقا تىرىشتى. ئىسمايىل ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى مۇنتىزىم دۆلەت تەشكىلاتىغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ كېتەلمىدى. بۇ دەۋردىكى ئاساسىي زىددىيەت ھۆكۈمران سىنىپ بىلەن دىخانلار ۋە فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ دىخانلار ۋە ھۈنەرۋەنلەرنى رەھىمسىز ئېكىسپالاتسىيە قىلىشى دائىم نارازىلىقنىڭ توغۇلۇشىغا، قوزغىلاڭنىڭ كۆتىرىلىشىگە سەۋەپ بولاتتى.
    سامانىلارنىڭ ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەشتە يۈرگۈزگەن مەركەزلەشتۈرۈش سىياسىتى ھۆكۈمران سىنىپنىڭ قارشىلىغىغا ئۇچرىدى. سامانىلار ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن غەزنە، گۇرجىستان، خارەزىم، ئىسپىجاپ قاتارلىق جايلارنى ئۆزىگە بوي سۇندۇرالمىدى. بۇ جايلاردىكى يەرلىك ھاكىملار مەركىزىي ھاكىمىيەتنى ئېتراپ قىلمىدى.
    ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت مەملىكەتنى ئىدارە قىلىشتا سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئىدىيىدىكى كىشىلەرگە ۋە فېئوداللارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان كىشىلەرگە تايىنىپ ئىش كۆردى. ئىسمايىلنىڭ ئوغلى ئەخمەت (907—914 – يىللاردا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن) ئەرەپ تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتىشنى قۇۋۋەتلەپ، ئەرەپ تىلىنى بىلگەنلەرگە ھامىلىق قىلغانلىقتىن، ساراي ئەمەلدارلىرى بىلەن تۈرك قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. تەختكە ئەخمەتنىڭ 8 ياشلىق ئوغلى ناسىر II (914—943 – يىللاردا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن) چىقتى. ناسىر كىچىك بولغانلىقتىن دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىشنى ئۇنىڭ ۋەزىرى ئابدۇللا مۇھەممەت ئىبنى ئەخمەت جەيھانى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
    ئەخمەت ئىبنى ئىسمايىل ھايات چېغىدا سامانىلار ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىسيانلار كۆتىرىلگەن ئىدى. ئىسمايىلنىڭ ئۇكىسى ئىسھاق ئىبنى ئەخمەتمۇ سەمەرقەنتتە قوزغىلاڭ كۆتەردى. ئەمما بۇ قوزغىلاڭ قانلىق باستۇرۇلدى. 914 – يىلى ئەتىيازدا ئەبۇ سالىق مانسۇر ئىبنى ئىسھاق سەمەرقەنتتە قوزغىلاڭ كۆتەردى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا دۆلەتنىڭ جەنۇپ تەرەپلىرىدە ئومۇمى يۈزلۈك قوزغىلاڭ كۆتىرىلىشكە باشلىدى. ھەتتا بۇ قوزغىلاڭغا ئەخمەت ئىبنى ئىسمايىلنىڭ ئەڭ سادىق لەشكەر باشلىقلىرىدىن بولغان ھۈسەيىن ئىبنى ئېلىمۇ قاتناشتى. بۇ قوزغىلاڭمۇ دەھشەتلىك ھالدا باستۇرۇلدى. لېكىن، خەلقنىڭ قارشىلىغى بۇنىڭلىق بىلەن ھەرگىز پەسىيىپ قالمىدى. تاشكەنت ۋە قەشقەرنىڭ ياردىمى بىلەن 922 – يىلى ئېلى ئىبنى ئىسھاق باشچىلىقىدا سامانىلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتىرىلدى. مۇشۇ مەزگىللەردە قارامىت⑨ مەزھىبى پۈتۈن مەملىكەتكە ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتتى. قارامىتلەر سامانىلار ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى خەلق قوزغىلاڭلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز كىشىلىرىنى سامانىلار دۆلىتىگە كىرگۈزدى. ناسىر II زامانىسىدا خۇراسان، ماۋرا ئۇننەھردە قارامىتلەرنىڭ تەسىرى كەڭ تارقالدى. سامانىلارنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ بۇ مەزھەپنى قوبۇل قىلدى. ئاخىر ناسىر II مۇ قارامىتە مەزھىپىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
    ناسىر II دەۋرىدە مۇھەممەت ئىبنى ئەخمەت نەخشەبى ماۋرا ئۇننەھردىكى قارامىتلەرنىڭ رەھبىرى ئىدى. ناسىر II مۇ ئۇنىڭ تەكلىۋى بىلەن ئىش كۆرەتتى. نەخشەبى فاتىمە خەلىپىلىگى دەۋرىدە بۇخارا زىندانىدا ئۆلگەن خۇراسان قارامىتىلەرھەركىتىنىڭ چوڭ رەھبىرى ھۈسەيىن ئىبنى ئېلىنىڭ خۇنى ئۈچۈن سامانىلار ھاكىمىيىتىنى 119 مىڭ دىنار تۆلەشكە مەجبۇر قىلدى. سامانىلارنىڭ قارامىتلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆرىشى ئىسلام ئۆلىمالىرى بىلەن تۈرك ئەسكەرلىرى ئىچىدە قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى. تۈركلەرنىڭ نارازىلىغى ئەمىرگە قارشى جامائەت پىكرى تەييارلىدى. نەتىجىدە ناسىر II تەختنى ئۆز ئوغلى نوھقا بوشىتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
    نوھ تەختكە چىقىش بىلەنلا ئۆز ئاتىسى ناسىر II نى زەنجىرلەپ زىندانغا تاشلىدى، ئارقىدىنلا نەخشەبىنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن مەملىكەتتە قارامىتە مەزھىبىگە قارشى ھەركەت باشلىنىپ، ئۇلارنىڭ مال – مۆلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىندى. نوھ قارامىتلەرنى قورال كۈچى بىلەن يوقاتماقچى بولغان بولسىمۇ، يوقىتالمىدى. قارامىتلەرنىڭ تەسىرى ماۋرا ئۇننەھر ھەم خۇراساندا ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە ساقلىنىپ كەلدى.
    نوھ ئىبنى ناسىر (943—954 – يىللاردا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن)نىڭ ھۆكۈمرانلىغى باشلانغاندىن تارتىپ سامانىلار دۆلىتى خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ زەربىسىدە بارغانسېرى ئاجىزلاشتى. قوزغىلاڭچىلار 942 – يىلى سامانىلار دۆلىتىنىڭ غەزىنىسىنى بۇلاپ قۇرۇقداپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن دۆلەتنىڭ مالىيىسى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالدى. نوھ مالىيە ئەھۋالىنى ئوڭشىماڭچى بولۇپ، ئالۋاڭ – ياساقنى ھەددىدىن ئارتۇق كۆپەيتىۋەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالۋاڭ – ياساقنى مۇددەتتىن بۇرۇن يىغىۋېلىش ئۈچۈن ھەر خىل چارە – تەدبىرلەرنى قوللاندى. نوھ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىدە ئالۋاڭ – ياساقنى قەرز ئورنىدا مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن يىغىۋالاتتى. لېكىن بۇ قەرزنى ھۆكۈمەت ھېچقاچان تۆلىمەيتتى. روھانىلار تەرەپدارى بولغان نوھ ئۇلارنىڭ ۋەكىلى ئابدۇلفەزلى مۇھەممەت سۇلايماننى ۋەزىرلىك مەنسىۋىگە تەيىنلىدى. نوھ ئۆز ھاكىمىيىتىنى روھانىلارنىڭ ياردىمى بىلەن مۇستەھكەملەشكە تىرىشتى ۋە ئۇلارنىڭ مەسلىھىتى بىلەن ئىش قىلدى؛ مەمۇرى ئەمەلدارلارنى روھانىلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە بەلگىلىدى. نوھ ھەتتا روھانىلارنى سېلىق تۆلەشتىنمۇ ئازات قىلدى.
    يېڭى تەيىنلەنگەن ۋەزىر مۇھەممەت سۇلايمان پەقەت دىنىي ئىشلار بىلەنلا شۇغۇللىنىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىشلىرىغا قىزىقمىدى. ھەر خىل ئالۋاڭ – ياساقلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئالۋاڭ – ياساقنى ئۆزلىرى خالىغانچە ئاشۇرۇپ، ئۆز يېنىنى تولدۇرغانلىغى خەلقنىڭ نارازىلىغىنى قوزغىدى. مالىيە ئەھۋالىنىڭ كۈندىن – كۈنگە يامانلىشىشى، ئەسكەرلەر ئارىسىدىكى نارازىلىقنىڭ كۈچىيىشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۈز بەرگەن بۇ ئەھۋاللارنى ياخشىلاشقا قادىر ئەمەسلىگى دۆلەتنىڭ بارغانسىرى چۈشكۈنلەشكەنلىگىنى ئىسپاتلىدى. مەملىكەتنىڭ ھەممە يىرىدە خەلقنىڭ قوزغىلاڭلىرى پارتلىدى. نوھنىڭ ئاكىسى ئىبراھىم ئىبنى ئەخمەت نوھقا قارشى قوزغىلاڭ كۆتەرگەن خۇراسان نائىبى ئەبۇل ئېلى چېفانىنىڭ ياردىمى بىلەن 947 – يىلى بۇخارانى بېسىۋالدى. نوھ سەمەرقەنتكە كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئەبۇل ئېلى بۇخارادىن قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، نوھ ئۆز پايتەختىگە قايتىپ كېلىپ قوزغىلاڭچىلارنى قاتتىق بېسىقتۇردى. مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن ئەبۇ ئەلى چىفانى ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەشتە نوھ بىلەن ئەبۇل ئېلى ئوتتۇرىسىدا يارىشىش كېلىشىمۇ تۈزۈلگەن بولسىمۇ، كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش ۋاقتىدا يەنى 954 – يىلى نوھ ۋاپات بولۇپ كەتتى. بۇ كۆرەش نوھنىڭ ۋارىسى ئابدۇلمۇلۇك (954—961 – يىلاردا ھاكىيەت يۈرگۈزگەن) دەۋىدىمۇ داۋاملاشتى. ئابدۇلمۇلۇك ساراينىڭ ئۇلۇغ ھاجىپلىق مەنسىۋىنى تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ باشلىغى ئېل تېگىنگە تۇتقۇزدى. ئابدۇلمۇلۇك ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ناسىر III تەختكە چىقتى. ئەمما ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىنمۇ كۆرەش يەنە داۋاملاشتى. بۇخارا ئاھالىسى قوزغىلاڭ كۆتەردى. قوزغىلاڭچىلار ئەمىر سارىيىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلدى ۋە سارايغا ئوت قويدى. ناسىر III ئۇزۇن ئۆتمەي تەختىدىن ئاغدۇرۇلدى. نەتىجىدە ئېل تېگىن غەزنەگە كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ غەزنەدە دۆلەت قۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي، 963 – يىلى ۋاپات بولدى.
    مۇشۇ پەيتتە سامانىلار ھاكىمىيىتى ئىچىدىكى كۆرەش، بولۇپمۇ ساراي ئىچىدىكى كۆرەش قاتتىق ئەۋج ئالدى. بۇ ئەھۋال سامانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش پەيدا قىلدى. سامانىلارغا قاراشلىق ئامۇ دەريانىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى جايلار مۇشۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ مۇستەقىللىق جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ دارامىتى زور دەرىجىدە كېمىيىپ كەتتى. يېڭى ۋەزىرمۇ تەرتىپ ئورنىتالمىدى، نۇرغۇن جايلار قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. قوشۇنلارنىڭ خەلق ئۈستىدىكى جەبرى – زۇلمى ئاشتى، ھاكىمىيەت تۈركلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى. ۋەزىرنىڭ ئەمر – پەرمانلىرى ئاقمىدى. ناسىر ئارسلانخان ئېلىك 999 – يىلى سامانىلارنىڭ پايتەختى بۇخارانى بېسىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سامانىلار خانلىغى مۇنقەرەز بولدى.

    3- بۆلۈم سامانىلار خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت شەكلى

    9—10 – ئەسىرلەردە، سامانىلار دۆلەتنى ۋىلايەتلەرگە بۆلۈپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. سامانىلارنىڭ ئەڭ چوڭ باشلىغى «ئەمرۇلمۆمىنىن» (مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى) دىگەن ئۈنۋان بىلەن ئاتىلاتتى. ئابباسىلار سامانىلار دۆلىتىنى ئۆزىگە تەۋە دەپ قارىغاچقا، ئابباسىلار خەلىپىسى ئۇلارغا مۇشۇ نامنى بەرگەن ئىدى. سامانىلار ئابباسىلار خەلىپىلىرى قوللانغان ھاكىمىيەت تەشكىلىي شەكلىنى داۋاملاشتۇردى. سامانىلارنىڭ ئەڭ ئالى ھاكىمىيەت ئورگىنى «مەركىزىي مەھكىمە» يەنى دەرگاھ (ساراي) ۋە «دىۋان» (ئىدارە) دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سېستىما بولۇپ، پۈتۈن دۆلەت 10 باشقارما بىلەن ئىدارە قىلىناتتى.
    سامانىلار دەۋرىدىكى مەھكىمە تۈزۈمى پارسلارنىڭ ئەنئەنىسى بولۇپ، دۆلەت ئاپاراتى مەركىزى مەھكىمە بىلەن دىۋاندىن تەشكىل قىلىناتتى. بۇ ئاپارات خەلىپىگە ۋاكالىتەن دۆلەتنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالاتتى. بىز بۇنىڭدىن شەرقتىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلارنىڭ ھەممە ئورگانلىرى ئىككى چوڭ سېستىما يەنى «مەھكىمە – دەرگاھ» ۋە «دىۋان»غا بۆلۈنگەنلىگىنى كۆرىمىز. سامانىلارنىڭ مەھكىمىسى ۋە دىۋاننىڭ باشلىقلىرى باش ھاجىپ، باش مىرزا، مىرزىلار ۋە باشقىلاردىن تەركىپ تاپاتتى. سامانىلار دۆلىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورگىنى بولغان دەرگاھنى باشقۇرىدىغان كىشى دۆلەتنىڭ سىياسى ھاياتىدىكى ھەممە ئىشلارغا ئارىلاشقانلىغى ئۈچۈن ئەڭ ئابرويلۇق شەخسلەردىن بولۇپ ھىساپلىناتتى.
    مەركىزى مەھكىمە 10 دىۋاندىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ ھەقتە نەرشەخى ئۆزىنىڭ «بۇخارا تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە: «يۇقىرىدا مەركىزى باش مەھكىمە يەنى دەرگاھ ھەم دىۋان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىدا باش ھاجىپ،⑩ ۋەزىر ۋە دىۋان ئەمەلدارلىرى بولاتتى. باش مەھكىمە ۋىلايەتلەرگە ھاكىم تەيىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى» دەپ بايان قىلىدۇ. باش مەھكىمە دىۋان، باشقارمىلاردىن تەشكىل قىلىناتتى. ساراي ئەمەلدارلىرى ۋە خىزمەتچىلەرنى باش ھاجىپ باشقۇراتتى.
    1. «دىۋان مۇستەخى» ب – مەھكىمىنىڭ باش مالىيە باشقارمىسى بولۇپ<


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.