ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-10-17

    ئۇيەۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى ھەققىدەنىڭ داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/79281198.html

    «سۈي سۇلالىسى يىلنامىسى» نىڭ ئاپتۇرى ۋېي جېڭ (مىلادى 580 -  643) تۇرالار توغرىسىدا ناھايىتى كەڭ، ئىشەنچىلىك مەلۇمات بەرگەن ۋېي جىڭ «سۈي سۇلالىسى يىلنامىسى» نىڭ «تۇرالار ھەققىدە قىسسە» بابىدا، VI ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، شەرقتە قىدىرقان تاغلىرى (ھازىرقى ھىنگان تاغلىرى) دىن تارتىپ، غەربتە قارا دېڭىزنىڭ بويىغىچە بولغان بىپايان تېررىتورىيىدە ياشىغان تۇرالارنىڭ قىرىقتىن ئارتۇق قەبىلىلىرىنىڭ ناملىرى، شۇ قەبىلىلەر جايلاشقان جايلىرىنىڭ جۇغراپىيىۋى ئورنى، تۇرالارنىڭ تۈركلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئىقتىسادى ئىگىلىكى توغرىسىدا تارىخى، جۇغراپىيىۋى، ئېتنىك قىممىتى توغرىسىدا ناھايىتى مۇھىم مەلۇماتلارنى بېرىدۇ.
    «سۈي سۇلالىسى يىلنامىسى» نىڭ «تۇرالار ھەققىدە قىسسە» بابىدىكى خاتىرىگە ئاساسلانغاندا، تۇرالارنىڭ VI ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئەھۋالى مۇنداق: «تۇرالارنىڭ ئاتا -  بوۋىلىرى ھۇنلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۇرۇق -  جەمەتلىرى ناھايىتى نۇرغۇن.»(10)
    شۇ يىلنامىگە ئاساسلانغاندا، تۇرالارنىڭ جايلاشقان ئورۇنلىرى، قەبىلە ناملىرى تۆۋەندىكىچە: 1. بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدا توبا قەبىلىسى ياشىغان.
    2. موڭغۇلىيىنىڭ سېلىنگا، تۇغلا، ئۇرخۇن دەريالىرىنىڭ بويلىرىدا بۆكۈ، توڭرا، ئۇيغۇر، بايىرقۇ، بۆركلى قەبىلىلىرى ياشىغان. بۇلار «ئەركىن» دەپ ئاتالغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە موڭغۇلىيىدە مونچىن، تۇرۇغۇر، خوغۇرسۇر قاتارلىق قەبىلىلەر ياشىغان.  
    3. جۇڭغارىيىنىڭ شەرقىدىن تارتىپ ئىلى ۋادىسىغىچە بولغان رايونلاردا چېبنىلار، بۇرجلار، ئازىلار، سىغىناقلار، ئوغۇزلار، قىرغىزلار، ئونىغۇرلار ياشىغان.
    4. ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا سۇرتاردۇشلار، جەرۇقلار، زابىندىرلار، تۈركەشلەر ياشىغان.
    5. سەمەرقەندنىڭ شىمالىدا (بالقاش، ئارال كۆللىرىنىڭ ئەتراپلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ)، ئىدىل دەرياسىنىڭ بويلىرىدا ئادىزلار، ھازارلار، بولغارلار، پېچىنەكلەر، قوغايلار، قىپچاقلار، سىۋارلار، بورتاسلار، يەمەكلەر ياشىغان.
    6. يايىق(ئورال) دەرياسىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي تەرەپلىرىدە سارىغۇرلار، ساقسىنلار، موكشالار، چېركەسلەر ياشىغان.
    7. شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقىدە، ئوغۇزلار، ئالانلار، باشقىردلار، خونلار... ياشىغان.   
    مانا شۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۇرا قەبىلىرىنىڭ نامى ھەرخىل بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئورتاق نامى «تۇرالار» دەپ ئاتىلاتتى. تۇرالار ئۆزلىرىنىڭ جايلاشقان ئورۇنلىرىغا قاراپ شەرقتىكىلىرى شەرقىي تۈركلەرگە، غەربتىكىلىرى غەربىي تۈركلەرگە قارىغان.
    مىلادىنىڭ 551 - يىلى قۇرۇلغان ئۇلۇغ كۆك تۈرك قاغانلىقىنىڭ قاغانى تۈمەنخاننىڭ ئۇكىسى ئىستېمى يابغۇ مىلادىنىڭ 552 -  يىللىرى شەرقتە قىدىرقان تاغلىردىن تارتىپ، غەربتە قارا دېڭىز بويلىرىغىچە سوزۇلغان بىپايان تېررىتورىيەدە ياشىغان تۇرا قەبىلىلىرىنى بويسۇندۇرغان. مانا شۇ تۇرا قەبىلىلىرى مىلادىنىڭ 600 -  يىللىرى تۈرك قاغانلىقى شەرقىي ۋە غەربىي تۈرك قاغانلىقىغا بۆلۈنۈپ كەتكەندە، شەرقتىكىلىرى شەرقىي تۈرك قاغانلىقى، (مىلادى 600 -  744) غا، غەربتىكىلىرى غەربىي تۈرك قاغانلىقى (مىلادى 600 -  765) غا قارىغان.
    «سوي سۇلالىسى يىلنامىسى» نىڭ «تۇرالار ھەققىدە قىسسە» بابىدا: «تۇرالارنىڭ غەرب تەرەپكە جايلاشقانلىرى كۆپىنچە باغۋەنچىلىك، دېھقانچىلىق قىلاتتى. كالىسى كۆپ، يىلقىسى ئاز ئىدى» دېيىلگەن. ئەپسۇسكى «تاڭ سۇلالىسى يىلنامىسى»نىڭ «ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە» بابىغا يۇقىرىدىكى مۇھىم خاتىرە كىرگۈزۈلمىگەن. كونا ـ يېڭى «تاڭ يىلنامىسى»نى يازغان تارىخچىلار كۈچمەنچىلىك ئاساسىدىكى چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان شەرقىي ئۇيغۇرلارنىلا كۆرۈپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان غەربىي ئۇيغۇرلارنى نەزەردىن چەتتە قالدۇرغان. «سۈي سۇلالىسى» يىلنامىسى»دىكى «غەرب تەرەپ» دېيىلگەن رايون تارىم ئويمانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىنى كۆرسىتىدۇ.  
    «سۈي سۇلالىسى يىلنامىسى»نىڭ «تۇرالار ھەققىدە قىسسە» بابىدا يەنە «تۇرالارنىڭ ئۆرپ ـ ئادەتلىرى ئاساسەن تۈركلەرگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ» دېيىلگەن. «تۇرالار» دىگەن بۇ ئاتالغۇ VI ئەسىردىن كېيىن، جۇڭگونىڭ تارىخىي يىلنامىلىرىدە «ئۇيغۇر» دېگەن نام بىلەن ئالماشتى. مىلادىدىن بىر نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادى VI ئەسىرگىچە جۇڭگونىڭ تارىخىي يىلنامىلىرىدا «تۇرالار»، «ئېگىز ھارۋىلىق تۇرالار» دېگەن نام بىلەن يېزىلىپ كەلگەن ئەجدادلىرىمىز VII ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ «ئۇيغۇر» دېگەن نام بىلەن يېزىلىدىغان بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ نام شەرقىي (موڭغۇلىيە، جۇڭغارىيە دالالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە غەربىي (تارىم ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى) تۇرالارنىڭ ئورتاق نامى بولۇپ قالدى. شەرقىي ۋە غەربىي تۇرالار بىر قانچە قەبىلە ۋە ئۇرۇقلاردىن ئىبارەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قانداشلىق، تىل ۋە ئۆرپ ئادەت جەھەتتىن ئاساسەن بىر خەلق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرا قەبىلىلىرى ئىچىدە «ئۇيغۇر» نامى بىلەن ئاتىلىدىغان قەبىلە بار ئىدى. بۇ قەبىلە باشقا قېرىنداش قەبىلىلەرگە قارىغاندا سان جەھەتتىن كۆپ، جەڭگىۋارلىقى ئۈستۈن قەبىلە ئىدى. شۇڭا تۇرالارغا مىلادى V ئەسىردىن باشلاپ، ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قەبىلە يېتەكچىلىك قىلىشقا باشلىغان. مىلادىنڭ 498 - يىلى شەرقىي تۇرالار


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.