-
2010-10-15
بۆكە خان ھەققىدە رىۋايەت - [ئۇيغۇرتارىخى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/78852073.html
بۆكە خان ھەققىدىكى رىۋايەت قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ، تارىخى ، ئەدىبىياتى ، دىنىي ئېتىقادى ... قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگۈنۈشتە مۇھىم يادىكارلىقلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ رىۋايەتتە ئاساسلىغى ئورخۇن - سېلىنگا دەرياسى ۋادىلىرىدا قۇرۇلغان قەدىمقى ئۇيغۇر خاقانلىغىنىڭ ( مىلادى 747 - 840 - يىللار ) ئىككىنچى ئەۋلاد خاقانى --- مويۇنچۇرنىڭ كەنجى ئوغلى بۆكەخاننىڭ ( ئېل تېكىن ياكى تەڭرى خاقان ) تۇغۇلىشى ، تەختكە چىقىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئومۇمىي پائالىيەتلىرى خەلق رىۋايەتلىرىگە خاس گۈزەل ئۇسلۇب بىلەن بايان قىلىنغان . رىۋايەت قىلىنىشىچە ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ناھايىتى كەڭ تارقالغان بولۇپ ، بۇنى فىرانسۇز تارىخچىسى دوسسون ئۆزىنىڭ " جامىئۇت تەۋارىخ " دېگەن كىتاۋىغا ئاساسەن يازغان " مۇڭغۇل تارىخى " ناملىق ئەسىرىدە خاتىرلەپ قالدۇرۇلغان .
دوسسون خاتىرلىگەن " بۆكەخان ھەققىدە رىۋايەت " نىڭ ۋەقەلىگى مۇنداق :" ..... قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ئېقىپ چىقىدىغان دەريالىرىنىڭ تۇغلا ، سېلىنگا دەريالىرىنىڭ قوشۇلىدىغان جايىدا "قۇملانجۇ" دېگەن جاي بار ئىكەن . شۇ جاينىڭ بىر - بىرىگە ياندىشىپ ئۆسكەن ئىككى تۈپ دەرەخ بولۇپ ، بۇنىڭ بىرىنىڭ نامى فېستۈك ( قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا قىزىل قارىغاي دېگەن مەنىدە بولۇپ ، " بوز تۈك " دەپ ئاتالغان ) ئىكەن . ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى ئاق قارىغايغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن ، ھەمىشە يېشىل ئارچىدەك كۆكىرىپ تۇرىدىكەن ، ئۇنىڭ ئۇرۇغى (مەدىكى) ئاق قارىغاينىڭكىگە ئوخشايدىكەن . دەرەخنىڭ يەنە بىرى ياۋا قارىغاي ئىكەن . كۈنلەرنىڭ بىرىدە مانا شۇ ئىككى تۈپ دەرەخنىڭ ئارىسىدا ئۇشتۇمتۇتلا كىچىك بىر دۆڭ پەيدا بولۇپ قاپتۇ . بۇ دۆڭ كۈن ئۆتكەنسېرى ئىگىزلەشكە باشلاپتۇ . دۆڭنىڭ ئۈستىدە تاڭ ئاتقۇچە شام يېنىپ تۇرىدىكەن . ئۇيغۇرلار
收藏到:Del.icio.us