ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-10-15

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى ھەققىدە - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/78847464.html

    ئۇيغۇر -  ئۇرخۇن قاغانلىقى  
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى ھەققىد
    قەتئىي ئۈزۈپ ئېيتىش كېرەككى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى ـــ ئوتتۇرا ئاسىيا
     
    بۇ مەسىلىنى تەپسىلىيرەك بايان قىلىشتىن بۇرۇن «ئوتتۇرا ئاسىيا» دېگەن بۇ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسىگە كىرىدىغان جايلارنى كۆرستىپ ئۆتۈش كېرەك.

    ئوتتۇرا ئاسىيا دېگەن بۇ نام توغرىسىدا ھېلىغىچە شەرق ۋە غەرب ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرى بىردەك بولمىسىمۇ، لېكىن بىر قەدەر ھەقىقەتكە ئويغۇن كېلىدىغان قاراش بويىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دائىرىسىگە كىرىدىغان جايلارنىڭ كۆلىمىنى بەلگىلەش مۇمكىن.
    جۇغراپىيە ئالىملىرى ئاسىيا قىتئەسىنى شەرقىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق قىسىملارغا بۆلىدۇ.
    مېنىڭچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دائىرىسىگە شەرقتە ھىنگان تاغلىرىدىن تارتىپ، غەربتە كاسپى دېڭىزىغىچە، شىمالدا ئالتاي تاغلىرىدىن تارتىپ، جەنۇبتا ھىمالايا تاغلىرىغىچە بولغان جايلار كىرىدۇ. مانا شۇ «ئوتتۇرا ئاسىيا» دائىرىسىگە كىرىدىغان چەكسىز زېمىننىڭ مەركىزىي قىسمى شىنجاڭ، يەتتە سۇ، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. j_m  

    ئۇيغۇرلار ئەڭ قەدىمكى چاغلاردىن تارتىپلا، تەڭرىتاغلىرى بىلەن قاراقۇرۇم تاغلىرى ئارىلىقىدىكى تارىم ۋادىسىدا، تەڭرىتاغلىرى بىلەن ئالتاي تاغلىرى ئارىلىقىدىكى جۇڭغارىيە دالاسىدا، ئىلى دەريا ۋادىلىرىدا، ئېرتىش دەرياسى بىلەن بالقاش كـۆلى ئارىلىقىدىكى جايلاردا، جەنەبىي سىبرىيىدە، ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى سېلىنگا، ئۇرخۇن، تۇغلا، قۇرۇلۇن دەريالىرىنىڭ ۋادىلىرىدا، كەڭسۇ (گەنسۇ) دا، ھازىرقى سەنشى، شەنشى ئۆلكىلىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ياشاپ كەلگەن. 1
    بۇنىڭدىن 6000 يىل بۇرۇن (مىلادىدىن 4000 يىللار بۇرۇن)، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان مېسوپوتامىيىدە يېزىق ئىجاد قىلىندى. قەدىمكى يۇنان تارىخچىلىرى ھازىرقى ئىراقتىكى دەجلى ۋە فرات دەريالىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى جايلارنى «مېسوپوتامىيە»  دەپ ئاتىغان. بۇ يۇنانچە سۆز بولۇپ «ئىككى دەريا ئارىلىقى» دېگەنلىك بولىدۇ. دەجلى ۋە فرات دەريالىرى ھازىرقى تۈركىيە چېگرىسىدىن باشلىنىپ، شەرققە قاراپ ئېقىپ پارس قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. بۇ ئىككى دەريا بويىدىكى رايونلارنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، سۈيى مول بولۇپ، يېزا ئېگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا بەكمۇ باب كېلەتتى. ئەينى زاماندا، ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاساسىي يەرلىك خەلق «سۇمېرلار» بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى يېزىقنى شۇلار ياراتقان. دەسلەپكى يېزىق ئىجاد قىلىنغاندىن كېيىن، مىسىر ۋە يېقىن شەرقتىكى خەلقلەر تارىخ دەۋرىگە كىردى.

    بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز بولسا، مىلادىدىن 2000 يىل بۇرۇن (بۇنىڭدىن 4000 يىل بۇرۇن) تارىخ دەۋرىگە كىردى. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا، سۇمېرلار ئىجاد قىلغان يېزىق ئاساسىدا يارىتىلغان ئارامى يېزىقى ئەجدادلىرىمىز ئارىسىغا كىرىپ كەلدى. سوغدى يېزىقى بىلەن كۆك تۈرك يېزىقى (ئۇيغۇر -  ئۇرخۇن يېزىقى) نىڭ بىرى -  بىرىگە ئوخشىشىپراق كېتىدىغانلىقى شۇ ئىككىلا يېزىقنىڭ ئارامى يېزىقىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

    بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىز تارىخ دەۋرىگە كىرگەندىن باشلاپ، مىلادىنىڭ XIV ئەسىرىگىچە بولغان ناھايىتى ئۇزۇن تارىخىي دەۋردە، ئۇلۇغ ئوغۇز ئىمپېرىيىسى – ئۇلۇغ ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 220 -  يىلىدىن مىلادى 216 -  يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)، ياۋرۇپا ھۇن ئىمپېرىيىسى (مىلادى 375 -   يىلىدىن 468 -  يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)، ئاق ھۇن (ئىفتالىت) ئىمپېرىيىسى (مىلادى 420 -  يىلىدىن 565 -  يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)، ئۇلۇغ كۆك تۈرك قاغانلىقى (مىلادى 551 -  يىلىدىن 745 -  يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)، ئۇيغۇر -  ئۇرخۇن قاغانلىقى (مىلادى 646 - يىلىدىن 845 -  يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى (مىلادى 850 -  يىلىدىن 1335 -  يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)،ئۇيغۇر قاراخانىلار دالىتى (مىلادى 850 ـ يىلىدىن 1212 ت يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن،) غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقى (مىلادى 960 - يىلىدىن 1187 -  يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)، ئۇلۇغ سەلجۇقىلارسۇلتانلىقى (مىلادى 1040 -  يىلىدىن 1157  -  يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)، خارەزىم شاھلار دۆلىتى (مىلادى 1172 -  يىلىدىن 1231 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)، سەئىدىيە خانلىقى (مىلادى 1504 -   يىلدىن 1678 -  يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) قاتارلىق ئۇلۇغ قۇدرەتلىك، باي مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرۇپن، پارلاق مەدەنىبەت يارىتىپ، ئىنسانىيەت تارىخى تەرەققىياتى ۋە مەدىنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. CH1f8=S!Q9  

    تۆۋەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىكەنلىكىنى گىئوگولىيىك ۋە ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلايمىز. 7
      
    ئوتتۇرا ئاسىيا ئەڭ قەدىمكى چاغلاردىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى بولۇپ قالماستىن، بەلكى دۇنيا مەدىنىيىتىنىڭ ئەڭ قەدىمكى، ئەڭ مەشھۇر ئالتۇن بۆشۈكىنىڭ بىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن تارىخچى مورگان: دۇنيا مەدىنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تارىم ۋادىسىغا كۈمۈكلۈكتۇر. بۇ ئاچقۇچ قاچان تېپىلىدىكەن، شۇ چاغدا دۇنيا مەدىنىيىتىنىڭ سىرى ئېچىلغۇسى»(1) دېگەنىدى.
      
    ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، ئىنسان بالىلىرى ئەڭ قەدىمكى چاغلاردىن تارتىپ، ھايات كەچۇرۇشكە ئەپلىك بولغان دەريا، كۆل، دېڭىز بويلىرى، ئورمانلار، يېشىل دېڭىزلاردەك دولقۇنلىنىپ تۇرىدىغان چەكسىز يايلاقلار، ياپيېشىل قارىغايلار، ئارچىلار قاپلىغان تاڭ قاپتاللىرىدا ياشىغان. ئىنسانلار ئۆزلىرى ياشىغان جايلارنىڭ تەبىئىي شارائىتىغا قا راپ ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا -  سېتىق قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆچمەن ھەم مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ ھايات كەچۈرگەن. گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەڭ قدىمكى چاغلاردا، ئىنسانلار ھايات كەچۈرۈشكە تولىمۇ ئەپلىك، تەبىئى شارائىتقا ئىگە ئىدى.

    يېقىنقى يىللاردىن بېرى، شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، تارىم ۋادىسىدا بولسۇن ياكى جۇڭغارىيە ئويمانلىقىدا بولسۇن، ناھايىتى كۆپ جايلاردا زاپىسىنىڭ كۆپلۈكى ۋە سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان نېفىتلىك تېپىلدى. بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيىتقاندا، 1 مىليون 600 مىڭ كۋادىرات كىلومىتىر كېىلدىغان شىنجاڭ زېمىنىنىڭ ئاستى تۈرلۈك -  تـۆمەن بايلىقلار، ھەتتا دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان ئوران، رادى قاتارلىق ئېسىل تەبىئىي بايلىقلار خەزىنىسى، نېفىت دېڭىزى، كۆمۈر كانلىرى دۇنياسىدىن ئىبارەت. )

    شىنجاڭ زىمىنىدا نېفىتلىكلەر ۋە كۆمۈر كانلىرىنىڭ كۆپلۈكى، ئەڭ قەدىمكى چاغدا تارىم ۋادىسى بىلەن جۇڭغارىيە ئۇيمانلىقى ناھايىتى چوڭ ئىچكى دېڭىز بولغانلىقى، تاغلارنىڭ ۋە تاغ ئىتەكلىرىنىڭ چەكسىز قېلىن ئورمانلار بىلەن قاپلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى، تەبىئەتتە بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر (ھايايىتى دەھشەتلىك، قاتتىق يەر تەۋرەشلەر، قۇرغاقچىلىق ئاپەتلىرى) نەتىجىسىدە، شىنجاڭدىكى ئىككى چوڭ ئىچكى دېڭىز كىچىكلەپ، قۇرۇقلۇق يۈزى كېڭەيگەن، ھازىرقى سايرام، باغراش، لوپنۇر كۆللىرى قەدىمكى ئىچكى دېڭىز ئورنىدا قالغان قالدۇق كۆللەردۇر. دېڭىزلارنىڭ قۇرۇقلۇققا ئايلىنىشى نەتىجىسىدە، ھەددى -  ھىساپسىز سۇ ھايۋانلىرى تۇپراق ئاستىدا قېلىپ، مىليون يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن نېفىت ھاسىل بولغان. چەكسىز كەتكەن قارىغاي ئورمانلىرىمۇ تەبىئەتتىكى ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە تۇپراق ئاستىدا قېلىپ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۆمۈرگە ئايلانغان.

    ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمى (سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا) نىڭ ئەڭ قەدىمكى چاغدىكى تەبىئىي شارائىتىمۇ، خۇددى بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئەھۋالدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى.

    گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، قەدىمكى چاغلاردا ئاسىيا، ياۋروپا قىتئەلىرىنىڭ شىمالىي قىسمى موز بىلەن قاپلانغان. بۇنداق ئەھۋال ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبىئىتىگە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. شۇ سەۋەبتىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پامىر تاغلىرى، قاراقۇرۇم تاغلىرى، تەڭرىتاغلىرى، ئالتاي تاغلىرىنىڭ چوققىلىرى ۋە قىيالىرى ھازىرقىغا سېلىشتۇرۇپ بولمايدىغان دەرىجىدە ناھايىتى قېلىن مۇز ۋە قارلار بىلەن قاپلانغانىدى. مەسىلەن: «پامىر موزلۇقلىرىدىن بىرىنىڭ ھازىرقى ئۇزۇنلۇقى 77 كىلۇمېتىر، قېلىنلىقى 500 مېتىر بولغان بولسا، قەدىمكى چاغدا شۇ موزلۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 180 كىلۇمېتىرغا سوزۇلغان بولۇپ، قېلىنلىقى 1000 مېتىرغا يەتكەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى موزلۇقلارنىڭ تۆۋەن جايىدىكى چېگرىسى دېڭىز يۈزىدىن 1800 مېتىر ئېگىز ئىدى، ھازىرقى موزلۇقلارنىڭ تۆۋەن جايدىكى چېگرىسى دېڭىز يۈزىدىن 3200 مېتىر ئېگىز بولۇپ، ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئەمەس.»(2)
    يۇقىرىدىكى تەبىئىي ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، ھازىرقى ۋاقىتتىن ئون نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇن، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبىئى ئىقلىمى ھازىرقىغا قارىغاندا نەم بولۇپ، ھـۆل -  يېغىن كۆپ ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، قەدىمكى چاغلاردا ئوتتۇرا ئاسيىادىكى تاغلارنىڭ مۇزلۇق، قارلىق چوققىلىرى ۋە ئېگىز قىيالىرىدىن كۈن نۇرىدا ئېرىپ ھاسىل بولغان سۇلار ناھايىتى مول سۇلۇق دەريالارنى، چوڭ -  چوڭ ئىچكى دېڭىزلارنى، كۆللەرنى پەيدا قىلغانىدى. بۇنداق تەبىئى شارائىت ئوتتۇرا ئاسىيادا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەندىن تاشقىرى، ئورمانلار ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ قولاي شارائىت يارىتىپ بەرگەن. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمى (ئاساسەن تارىم ۋادىسى) ۋە غەربىي قىسمى (سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسى) ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ناھايىتى مۇنبەت ۋە مول ھوسۇللۇق رايونلىرى ئىدى. شۇ چاغلاردا تارىم ۋادىسىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقى، جۇڭغارىيىدىكى قۇربان تۇڭغۇت (قازانقۇم) قۇملۇقى، تۈركمەنىستاندىكى زىلقۇم چۆللۈكى، ئۆزبېكىستاندىكى قاراقۇم قاتارلىق چۆللۈكلەر يوق ئىدى. ھازىرقى سايرام، باغراش، لوپنۇر، بارىكۆل (بارسكۆل)، بالقاش، ئارال كۆللىرى ناھايىتى چوڭ كۆللەر ئىدى. تارىم دەرياسى، ئىلى دەرياسى، سىر دەرياسى، ئامۇ دەرياسى، چۇ دەرياسى، تالاس دەرياسى قاتارلىق دەريالارنىڭ سۇلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ تارماق غوللىرى ئوتتۇرا ئاسىيانى خۇددى ئۆمۈچۈكنىڭ تورىدەك قاپلاپ تۇراتتى.
    گېئولوگىيە ۋە ئارخېئولوگىيە ئىلمىنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەكشۈرۈشلىرى ئارقىلىق چىقارغان توغرا ھۆكۈمىگە ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن بۇنىڭدىن 8000 يىللار بۇرۇن، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبىئىتىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، قۇرغاقچىلىق يۈزبەرگەن. شۇ سەۋەبتىن، ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى ئاسىيانىڭ شەرق ۋە غەرپ تەرەپلىرىگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. شۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي بۆلىكى بولغان تارىم ۋادىسىدا ياشايدىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى ئالتاي ئارقىلىق كۆچۈپ، ھازىرقى موڭغۇلىيە ۋە بايقال كۆلى (قەدىمكى چاغلاردا «بايكۆل» دەپ ئاتالغان) ئەتراپلىرىغا كەتكەن. مىلادى 840 - يىلى موڭغۇلىيىدن شىنجاڭغا كۆچكەن شەرقىي ئۇيغۇرلار بولسا بۇنىڭدىن 8000 يىللار بۇرۇن تارىم ۋادىسىدىن موڭغۇلىيىگە ۋە بايقال كۆلى ئەتراپلىرىغا كۆچكەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەۋلادى ئىدى.  
    بۇنىڭدىن 8000 يىللار بۇرۇنقى كۆچۈشتە تارىم ۋادىسىدىن لاداق يولى ئارقىلىق شىمالىي ھىندىستانغا كۆچكەن ئەجدادلىرىمىز ھىندىستاننىڭ ئەسلى يەرلىك خەلقى بولغان داراۋىدلارنىڭ قەدىمكى ھىندىستان مەدىنىيىتىگە ئۆزلىرىنىڭ تەسىرىنى كۆرسەتكەن. XX ئەسىرنىڭ 20 -   يىللىرى ئارخېئولوگىيە ئالىملىرى ھىندى دەرياسى ۋادىسىدىكى ھاراففا (پەنجاپ شىتاتىدا)، مۇھىنجۇدارا (پاكىستاننىڭ سىندى ئۆلكىسىدە) قاتارلىق قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ خارابىلىرىنى تەكشۈرگەندە، تېپىلغان ھەيكەللەر ئارىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۈرك (ئۇيغۇر) تىپىغا كىرىدىغان ۋە بېشىدىكى چاچلىرى قىيىقچە (لىنتا) بىلەن باغلانغان بىر ھەيكەل چىققان. بۇ ھەيكەل بۇنىڭدىن 8000 يىللار بۇرۇن تارىم ۋادىسىدىن شىمالىي ھىندىستانغا كۆچكەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارىيانلار ھىندىستانغا كۆچۈپ كېلىشتىن بىر نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا ھىندىستاننىڭ ئاساسىي يەرلىك خەلقى داراۋىدلار بىلەن بىللە ياشىغان دەۋرىگە مەنسۇپ.   
    شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئورنى 1971 -  يىلى كۆنچى دەرياسىنىڭ بويىدىكى ئىپتىدائى قەبرىستانلىقتىن بىر ياش ئايال بىلەن بىر كىچىك بالىنىڭ جەسىتىنى تاپقان. نەنجىڭ داشۆسى جۇغراپىيە فاكۇلتېتى كاربون 14 تەجرىبىخانىسى قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان ياغاچلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق جەسەتلەر (ياش ئايال بىلەن كىچىك بالا جەسىتى) نىڭ بۇنىڭدىن 6412 يىل بۇرۇن دەپنە قىلىنغان جەسەت ئىكەنلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلىغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەر «خەلق گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ (ئۇيغۇرچە) 1981 -  يىلى 2 -   ئاينىڭ 24 -   كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان.
    يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جەسەتلەر توغرىسىدا شىنجاڭ گېزىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ جەسەتلەر يەر يۈزىدىن ئېگىزرەك بولغان قۇرغاق قۇم دۆۋىسىدىن قېزىۋىلىنغان. گۆرنىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن ياغاچ قويۇلغان بولۇپ، يەر ئۈستىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. گۆر تىك قىلىپ قېزىلغان. جەسەتلەر گۆردە ئوڭدا قىلىپ ياتقۇزۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغاچ تاختاي ۋە تاختاينىڭ ئۈستىگە قوي تېرىسى بىلەن چىغ توقۇلما يېپىلغان. جەسەت ناھايىتى قوپال توقۇلغان يۇڭ رەخىتكە ئورالغان بولۇپ، ئايال جەسەتنىڭ بېشىغا كىگىز قالپاق كىيگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ سېرىق، ئۇزۇن چاچلىرى دولىسىغا چۈشۈپ تۇرىدۇ. كۆزلىرى يوغان، كىرپىكلىرى ئۇزۇن، قاڭشارلىق.... بۇ قەدىمكى جەسەتلەر بىلەن بىللە قېزىۋىلىنغان ئاخىرەتلىكلەر ئىچىدە ناھايىتى نەپىس تۇقۇلغان چىغ سېۋەتلەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە زىرائەت دانلىرى سېلىنغان، ئەمما بۇ دانلار چىرىپ ئونغا ئايلىنىپ كەتكەن. بالا جەسىتى بىلەن بىللە كۆمۈلگەن چىغ سېۋەتتىن ئۆز پېتى ساقلانغان بۇغداي چىقتى.» بۇ ئىككى جەسەتنىڭ تېپىلغانلىقى بۇنىڭدىن 8000 يىللار بۇرۇنقى كۆچۈشتە باشقا جايلارغا كەتمەي تارىم ۋادىسىدا داۋاملىق ياشاپ قالغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتنىك خۇسۇسىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى (دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يۇڭ توقۇمىچىلىق، ھۈنەر -  سەنئەت) نى تەتقىق قىلىشتا بىباھا ئەھمىيەتكە ئىگە.
    شۇنى ئۈزۈپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، تارىم ۋادىسىدا ياشىغان قەدىمكى يەرلىك ئاساسىي خەلق سېرىق تەنلىكلەرگە مەنسۇپ بولماستىن (سېرىق تەنلىكلەر قاڭشارلىق، سېرىق چاچ بولمايدۇ) ۋە شۇنىڭدەك ئارىيان نەسىللىك خەلقمۇ بولماستىن (ئارىيانلار مىلادىدىن 1700 يىللار بۇرۇن ئىران ئېگىزلىكى ئارقىلىق ھىندىستانغا كۆچكەن)، دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى.
    ھازىرقى گېرمان، پارس، ھىندى خەلقلىرىنىڭ ئەجدادى بولغان ئارىيانلار مىلادىدىن 1700 -  2000 يىللار بۇرۇن كاسپى دېڭىزىنىڭ جەنۇبى ۋە شەرقىي جەنۇبىدىن كۆچۈپ، ھىندىستانغا بېسىپ كىرىشتىن بۇرۇن، ھازىرقى ھىندىستاندا ھىندى -   ياۋرۇپا تىل سىشتېمىسىدىكى تىلدا سۆزلىشىدىغان، ئېتنىك كېلىپ چىقىشى جەھەتتىن ئارىيان نەسلىگە مەنسۇپ بولغان ھازىرقى ھىندىلار ئەمەس، بەلكى ئاۋسترو ئاسىيا تىك ھىندونوز ئىرقىغا مەنسۇپ بولغان، قاراچاچ، پاناق دارۋىدلار ياشىغانىدى. ئارىيانلار مىلادىدىن تەخمىنەن 2000 يىللار بۇرۇن ھىندىستانغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ ئەڭ قەدىمكى ئاساسىي يەرلىك خەلقى بولغان داراۋىدلارنى قىستاپ، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىغا قوغلىغان. ھازىرمۇ ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدا داراۋىدلار ياشىماقتا. .0
    تارىم ۋادىسىنىڭ كۆكنۇر (چىڭخەي) غا (شەرقىي جەنۇپ تەرەپتىن)، تىبەتكە (جەنۇپ تەرەپتىن) تۇتىشىدىغان يېقىن جايلىرىغا ھازىرقى تىبەتلىكلەرنىڭ ئەجدادى بولغان چاڭلارنىڭ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىز قالدۇرغانلىقى تۈرلۈك سەۋەبلەرگە كـۆرە (موھىمى ئۇرۇش نەتىجىسىدە)، مىلادى VII -  VIII ئەسىرلەردە يۈز بەرگەن. ئۇنىڭدىن تاشقىرى ھىندى – ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىدا شۆزلىشىدىغان خەلقلەردىن دىن تارقاتقۇچىلار (بۇددا، ئاتەشپەرەسلەر دىنى، مانىي دىنى، نېستورىيان دىنى قاتارلىق دىنلارنى تارقاتقۇچىلار)، سودا -  سېتىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، ئاندا -  ساندا ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارلار مىلادىنىڭ ئالدى -  كەينىدىلا تارىم ۋادىسىغا كەلگەن. ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ كېلىشىگە خەلقلەر ئارىسىدىكى تارىخىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي، دىنىي مۇناسىۋەتلەر سەۋەب بولغان. مەسىلەن: كۇشان ئىمپېرىيىسى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 50 -  يىلىدىن مىلادى 420 -  يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) ئىمپېراتورى قەنىشقا II نىڭ ۋاقتىدا (مىلادى 78 -  يىلىدىن 123 -  يىلىغىچە) ھىندىستاندا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى كېڭەيتكەن ۋە مۇستەھكەملىگەنىدى. قەنىشقا II كۇشان ئىمپېرىيىسىگە ئىمپېراتور بولغان دەۋرنىڭ ئاخىرىدا خوتەن، ياركەنت، قەشقەر خانلىقلىرىنى ئۆز ئىمپېرىيىسى تەركىبىگە قوشۇۋالغان. كېلىپ چىقىشى ئۇلۇغ ياۋچىلاردىن بولغان قەنىشقا II بۇددىزمنىڭ سادىق ھىمايىچىسىلا ئەمەس، بەلكى بۇددا دىنىنىڭ كۇشان ئىمپېرىيىسىدە ياشىغان تۈرلۈك خەلقلەر ئارىسىدا ئاساسى، ھۆكۈمران ئورۇنغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ھارماي -  تالماي كۈرەشكەن. شۇ سەۋەبكە كۆرە، قەنىشقا II نىڭ ۋاقتىدا، ھىندىستاندىن كۆپلىگەن ھىندى بۇددىسىتلىرى تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كەلگەن بولسا، تۈركىي ۋە ھىندى تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئەمەلدارلارمۇ تارىم ۋادىسىغا كەلگەن.
    بۇنىڭدىن باشقا ئاق ھۇن ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ئېتالانوسنىڭ ۋاقتىدىن تارتىپ، ئاخىرقى ئاق ھۇن ئىمپېراتورى ×× غىچە بولغان 87 يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر دەۋردە (مىلادى 480 -  يىلىدىن 567 - يىلىغىچە) خوتەن، ياركەنت، قەشقەر، ئاقسۇ، كۇچا قاتارلىق ئۇيغۇر خانلىقلىرى ئاق ھۇن ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىقىدا ياشىغانىدى. مانا شۇ چاغدا، ھىندىستانغىمۇ ھۆكۈمران بولغان ئاق ھۇنلارغا ئەگىشىپ، ھىندىستاندىن بۇددىسىتلار، سودىگەرلەر، ئەمەلدارلار ۋە باشقىلار تارىم ۋادىسغا كەلگەن.
    يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كۇشانلار ۋە ئاق ھۇنلار دەۋردە تارىم ۋاسىغا ھىندىستاندىن كەلگەنلەر يەرلىك ئاساسىي خەلق بولغان ئويغۇرلار ئارىسىدا پەقەت ئاز سانلىق كىشىلەر ئىدى، خالاس. 
      يېقىنقى يىللاردا تارىم ۋادىسىدىكى تۈرلۈك جايلار (كۆنچى دەرياسى بويى، چەرچەن، چارقىلىق ئەتراپلىرى) دىن تېپىلغان قەبرىلەرگە دەپنە قىلىنغان كىشىلەرنىڭ (ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) بېشى شەرققە، پۇتى غەربكە قارىتىلىپ دەپنە قىلىنغان. بۇنداق ئەھۋال نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئەجدادلىرىمىز ئەڭ بۇرۇنقى زامانلاردا شامان دىنىغان ئېتىقاد قىلغانىدى. شامانلار كۈنگە، ئايغا، كۆك (ئاسمان) كە، يەرگە ۋە سۇ ئىلاھلىرىغا چوقۇناتتى. مانا شۇ شامان ئېتىقادىغا كۆرە، ئەجدادلىرىمىز چىدىر ـــ ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكىنى كۈنچىقىشقا قارىتىپ ئاچاتتى. تۈركلەر ۋە شەرقىي ئۇيغۇرلىرىنىڭ قاغانلىرى (ئۇيغۇر -  ئۇرخۇن قاغانلىرى) بەزى مۇراسىملار (تەنتەنىلىك كۆڭۈل ئېچىش، توي قاتارلىق مۇراسىملار) كۈنچىقىش (شەرق) قا قاراپ ئولتۇراتتى ۋە كۈنگە توققۇز قېتىم تەزىم قىلىپ چوقۇناتتى. ئۇيغۇر -  ئۇرخۇن قاغانلىرىنىڭ ئىسىملىرىمۇ بۇنداق ئادەتنى ئەسلىتىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇر -  ئۇرخۇن قاغانلىقىنىڭ قاغانى چوڭدىخان (مىلادىنىڭ 821 -  يىلىدىن 824 -  يىلىغىچە قاغان بولغان) كۈن تەڭرىدە ئۇلۇغ بولمىش ئالپ كۈچلۈك بىلگە قاغان (كۈن تەڭرىدىن ئۇلۇغ بولۇپ تۆرەلگەن كۈچلۈك دانا قاغان) دەپ ئاتالغان. 
      
    تارىخىي يازما مەلۇماتلار
    جۇڭگونىڭ قەدىمكى تارىخچىلىرى ۋە يۇنان، رىم، ئەرەب تارىخچىلىرى، سەيياھلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغان جايلىرى توغرىسىدا بىر قەدەر ئېنىق، ئىشەنچىلىك مەلۇماتلار بار.
    جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان تارىخچىلىرىدىن سىماچىيەن (مىلادىدىن 145 -  يىل بۇرۇن تۇغۇلغان بولۇشى مۇمكىن) «تارىخنامە ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىىرىنى «دىڭلىڭ» دەپ يازغان بولسا، بەن گۇ (مىلادىنىڭ 32 -  يىلى تۇغۇلۇپ 92 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) «خەن سۇلالىسى يىلنامىسى ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە «دىلى» دەپ يازغان. سىماچىيەن بىلەن بەن گۇنىڭ «دىڭلىڭ»، «دىلى» دەپ يازغانلىرى «تۇرا» دېگەن نامنىڭ خەنزۇچىغا قىلىنغان ئاھاڭ تەرجىمىلىرى ئىدى. مانا شۇ تۇرالار مىلادىدىن بىر نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا ھازىرقى بايقال بويلىرىدا ياشىغان شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ئىدى. سىماچىيەن بىلەن بەن گۇ مىلادىدىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا ئېرتىش بويلىرىدىن تارتىپ بالقاش كۆلى ئەتراپلىرىغىچە بولغان جايلاردا ياشىغان غەربىي تۇرالار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۇلار توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىگەن.
    لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، سىماچىيەن بىلەن بەن گۇ مىلادىدىن كۆپ ئەسىرلەر بۇرۇن ھازىرقى جۇڭغارىيىدە ياشىغان ئوغۇزلار توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. سىماچىيەن مانا شۇ ئۇغۇزلارنى «خۇجيې» ............................................ دەپ يازغان بولسا، بەن گۇ «ۋۇجيې » .................. دەپ يازغان. مانا شۇ ئوغۇزلار مىلادىدىن كۆپ ئەسىر بۇرۇنلا ھازىرقى ئالتاينىڭ غەربىي جەنۇبى ۋە چۆچەك ئەتراپلىرىدا ياشىغان. تۈركشۇناس، پروفېسسور ماچاڭشۇ ئەپەندى مۇنداق دەپ يازىدۇ: «سۈي سۇلالىسى ۋە تاڭ سۇلالىسى قاتارلىق ئىككى سۇلالە دەۋردە ۋۇخو ياكى ۋۇخې دەپ ئاتالغانلار ئەسلىدە جۇڭغارىيە ئويمانلىقىدا ياشىغان ‹ئوغۇزلار› بولۇپ، ئۇلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ۋۇجيې دەپ ئاتالغان.»(3) بەن گۇنىڭ «خەن سۇلالىسى يىلنامىسى. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» بابىدا بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلۇغ ئوغۇز -  ھۇن تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ مەشھۇر تەڭرىقوتى ئوغۇزخان – باتۇر تەڭرىقۇت مىلادىدىن ئىلگىرىكى 209 -   يىلىدىن 174 -  يىلىغىچە تەڭرىقۇت بولغان) مىلادىدىن 200 يىللار بۇرۇن بايقال كۆلى ئەتراپلىرىدا ياشىغان تۇرالارنى بويسۇندۇرغان. ئوغۇزخان مىلادىدىن ئىلگىرىكى 176 -  يىلى خەن سۇلالىسىنىڭ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 220 -  يىلىدىن مىلادى 207 -  يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) پادىشاھى خەن ۋېندىغا (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 179 -  يىلىدىن 157 -  يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) يازغان مەكتۇبىدا مۇنداپ دېگە: «لولان (كروران)، ئۇيسۇنلار، ئوغۇزلار (ئوغۇزلار شۇ چاغدا ئالتاينىڭ غەربىي جەنۇب، چۆچەك ۋە زايسان ئەتراپلىرىدا ياشايىتتى) نى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى 26 دۆلەتنى ھۆكۈمرانلىقىمغا ئالدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى (ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ھۇنلار دۆلىتى تەركىبىگە كىردى. ئوقيا كۆتۈرگەن خەلقلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئائىلە بولۇپ بىرلەشتى. شىمالدىكى ئۆلكىلەر (بايقال بويلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ھۆكۈمرانلىقىمغا ئۆتتى.»(4) تۈركشۇناس، پروفېسسور سىن جۇڭمىيەن، ئاتەشپەرەسلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابى « ئاۋستا » دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلىنىپ قەدىمكى چاغدا تۈركلەرنىڭ «تۇرا» ئاتلىق بوۋىسى ئۆتكەنلىكىنى، شۇڭا تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى شۇ بوۋىسىنىڭ نامى بىلەن «تۇرالار» دەپ ئاتىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.(5  
      
    ئۇلۇغ پارس شائىرى ئۇبۇلقاسىم فىردەۋسنىڭ «شاھنامە» سىدە، ئىرانلىقلار بىلەن كۆپ قېتىم ئۇرۇشقان ئۇلۇغ بوۋىمىز ئالپ ئەرتۇڭا (ئەفراسىياپ) پادىشاھلىق قىلغان دۆلەت «تۇران» دەپ ئاتالغان. «كۇشان سەنئىتى» ناملىق كىتابتا ئوتتۇرا ئاسىيا ساكلىرى «قەھرىمان تۇرالار» دەپ يېزىلغان.
    جۇڭگونىڭ مىلادىدىن بىر نەچچە ئەسىر بۇرۇن ياشىغان تارىخچىسى سىماچىيەندىن تارتىپ مىلادى VII ئەسىرگىچە ئۆتكەن مەشھۇر تارىخچىلىرى ئۇيغۇلارنىڭ ئەجدادى بولغان «تۇرالار» نى ئۆز ئەسەرلىرىدە «دىڭلىڭ» (L)، «تيېلى» (L)، «چېلى» (L)، «دىلى» (L) قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتىغان بولسىمۇ، شۇ ناملارنىڭ ھەممىسى «تۇرالار» دېگەن ئاتالغۇنىڭ خەنزۇچىغا قېلىنغان ئاھاڭ تەرجىمىسىدىنلا ئىبارەت.  
    جۇڭگونىڭ قەدىمكى تارىخچىلىرى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى تۇرالارنىڭ ياشىغان جايلىرىنىڭ جۇغراپىيىۋى ئەھۋالىغا قاراپ، تۇرالارنى «غەربىي تۇرالار» ۋە «شەرقىي تۇرلار» دەپ ئىككىگە ئايرىغان.   
    شەرقىي تۇرالار شەرقتە بايقال كۆلىنىڭ ئەتراپلىرىدىن تارتىپ غەربتە ئالتاي تاغلىرىغىچە بولغان جايلاردا ياشىغان. «تارىخنامە» بىلەن «خەن سۇلالىسى يىلنامىسى. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە يېزىلغان تۇرالار مىلادىدىن خېلى كۆپ ئەسىر بۇرۇنقى چاغلاردىن تارتىپ، شۇ جايلاردا ياشاپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۇرالارنى كۆرسىتىدۇ. سىماچىيەن بىلەن بەن گۇ غەربىي تۇرالار توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىگەن. غەربىي تۇرالار توغرىسىدىكى مەلۇمات III ئەسىردىن باشلاپ جۇڭگو تارىخچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇچراشقا باشلايدۇ. 6A1
    غەربىي تۇرالار شەرقتە جۇڭغارىيە دالاسى ۋە ئېرتىش بويلىرىدىن تارتىپ غەربتە بالقاش كۆلىنىڭ غەربىگىچە بولغان جايلاردا ياشىغان.
    مىلادى III ئەسىردە ياشىغان (مىلادى 196 -  يىلى تۇغۇلۇپ 250 -  يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) جۇڭگو تارىخچىسى يۈخۇەن «ۋېي خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» (L) ناملىق ئەسىرىدە، غەربىي تۇرالار ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ئوغۇز دۆلىتى... ئۇيسۇنلارنىڭ غەربىي شىمالىغا، قاڭلى خانلىقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. ئۇلارنىڭ ھەربىي قوشۇنىدا 10 مىڭدىن ئارتۇق جەڭچى بار. ئوغۇزلار چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلارنىڭ يۇرتىدىن ياخشى ئات چىقىدۇ. ياۋايى ھايۋانلاردىن يىلپىز بار. قىرغىزلار دۆلىتى (يەنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىمىدىكى قىرغىزلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ) قاڭلى خانلىقىنىڭ (ئارال كۆلى ۋە بالقاش كۆللىرىنىڭ ئارىسىدىكى جايلاردا) غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، 30 مىڭ ئەسكىرى بار. ئۇلار چارۋىچىلىق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ يۇرتىدا يىلپىز كۆپ، ياخشى ئات چىقىدۇ. تۇرالار دۆلىتى قاڭلى خانلىقىنىڭ شىمالىدا بولۇپ 60 مىڭ كىشىلىك ھەربىي قوشۇنى بار. خەلقى چارۋىچىلىق قىلىدۇ.... يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى قىرغىزلار دۆلىتىنىڭ مەركىزىدىن ھۇن تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ ئۇرخۇن دەرياسىنىڭ بويىدىكى ئوردىسىغا بېرىش ئۈچۈن 7000 چاقىرىم يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. قىرغىزلار دۆلىتىنىڭ جەنۇبىدىن ئارقا قوشۇ (L) ۋە ئالتە دۆلەت (شەرقى جۇڭغارىيىدىكى بەگلىكلەر) گە بېرىش ئۈچۈن 5000 چاقىرىم يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. قىرغىزلار دۆلىتىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن قاڭلى خانلىقىنىڭ چېگرىسىغىچە بېرىش ئۈچۈن 3000 چاقىرىم يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. قىرغىزلار دۆلىتىنىڭ غەربىدىن قاڭلى خانلىقىنىڭ پايتەختىگە (ھازىرقى تاشكەنتنىڭ غەربىي شىمالىغا توغرا كېلىدىغان قەدىمكى كىش شەھىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) بېرىش ئۈچۈن 8000 چاقىرىم يول مېڭىشقا توغرا كىلىدۇ.»(6)
    يۇقىرىدىكى تارىخىي خاتىرىلەردىن بىز غەربىي تۇرالارنىڭIII ئەسىردىكى ئەھۋالىنى خېلى ئېنىق چۈشىنەلەيمىز. III ئەسىردە، ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ بىر تارمىقى بولغان شەرقىي ئوغۇزلار ھازىرقى زايسان كۆلى، ئالتاي تېغى ئەتراپلىرىدا ياشىغان بولسا، قىرغىزلار ھازىرقى يەنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىمى بىلەن ئوب دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىمىدا ياشىغان. غەربىي تۇرالار بولسا بۈگۈنكى بالقاش كۆلىنىڭ غەربىدىن تارتىپ شەرقتە ئېرتىش دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىمى ئارىسىدىكى جايلاردا ياشىغان. >يۇقىرىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، مىلادى III ئەسىردە غەربىي تۇرالارنىڭ سانى 300 مىڭدىن كۆپ بولسا كېرەك. چۈنكى، غەربىي تۇرالارنىڭ ھەربىي قوشۇنىدا، 60 مىڭ جەڭچى بارلىقىنى نەزەردە تۇتساق، بەش كىشى ئىچىدىن بىر كىشى ھەربىي قوشۇنغا قاتناشقاندىمۇ ئۇلارنىڭ ئادەم سانى 300 مىڭدىن كەم بولۇپ چىقمايدۇ. شۇ چاغدا شەرقىي تۇرالارنىڭ سانىمۇ 300 مىڭدىن كەم ئەمەس ئىدى. «خەن سۇلالىسى يىلنامىسى» نىڭ «سۇۋۇ ھەققىدە قىسسە» بابىدا، مىلادىدىن تەخمىنەن بىر ئەسىر بۇرۇن شەرقىي تۇرالارنىڭ ئاھالە سانىنىڭ بىر نەچچە تۈمەن ئىكەنلىكى بايان قېلىنغان. بىر نەچچە ئەسىردىن كېيىن (مىلادىدىن بىر ئەسىر بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىنىڭ III ئەسىرىگىچە) شەرقىي تۇرالارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىپ غەربىي تۇرالارنىڭ سانىغا يېقىنلاپ بارغان.
    مانا شۇ پاكىتقا ئاساسلانغاندا، شەرقىي ۋە غەربىي تۇرالار دەپ ئاتالغان ئەجدادلىرىمىز ئۆز زامانىسىدا سان جەھەتتىن باشقا قېرىنداشلىرى (قاڭلى، قىرغىزلار)غا قارىغاندا ناھايىتى كۆپ بولغان.جۇڭگونىڭ قەدىمكى تارىخچىلىرىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي تۇرالار ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتى تارىخىي جەھەتتىن خېلى يۇقىرى قىممەتكە ئىگە بولسىمۇ، تۇرالارنىڭ ياشىغان جايلىرىنىڭ دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئىكەنلىكىنى تولۇق بايان قىلالمىغان. بۇ بوشلۇقنى سوۋېت ئارخېئولوگىيىە ئالىملىرى تولدۇردى. سوۋېت ئارخېئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ 1940 ـ يىللىرى جەنۇبىي سىبىرىيىدە ئېلىپ بارغان ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشلىرىنىڭ نەتىسىگە ئاساسلانغاندا، تۇرالار مىلادىدىن مىڭ نەچچە يۈز يىللار بۇرۇن شەرقتە بايقال كۆلىنىڭ بويىدىن تارتىپ غەربتە بالقاش كۆلىنىڭ شىمالىدىلا ياشاپ قالماي، بەلكى غەربتە ئۇرال تاغلىرىدىن تارتىپ، شەرقتە ئالتاي تاغ تىزمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىپايان تېررورىيىدە ياشىغانلىقى ئىسپاتلاندى. بۇنىڭدىن شۇ نەرسە مەلۇم بولدىكى، تۇرالار مىلادىدىن مىڭ نەچچە يۈز يىللار بۇرۇنلا ئالتاي تاغلىرى بىلەن تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئارىسىدىكى جۇڭغارىيە دالاسىدىمۇ ياشىغان.(7)
    جۇڭگونىڭ قەدىمكى تارىخچىلىرى شەرقىي ۋە غەربىي تۇرالار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما تارىم ۋادىسىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك خۇسۇسىيىتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرەلمىگەن. سىماچىيەن بىلەن بەن گۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىنى جاڭ چىيەننىڭ خەن ۋۇدى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 140 - يىلىدىن 87 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) غا يوللىغان مەلۇماتىدىن ئالغان. سىماچىيەن بىلەن بەن گۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەرنىڭ كۆپرەك شەھەرلەردە ياشايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق، ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر قانچە ئون خانلىق بارلىقى توغرىسىدىلا مەلۇمات بەرگەن. مانا شۇ تارىخچىلار «غەربىي يۇرت» دەپ ئاتالغان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ، بولۇپمۇ (تارىم ۋادىسدىكى) ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك خۇسۇسىيىتى، تىل، ئۆرپ -  ئادەتلىرى توغرىسىدا بىر قەدەر ئېنىق مەلۇمات بېرەلمىگەن. بۇنداق بولۇشى تەبىئى ئىدى. چۈنكى، شۇ چاغدا جۇڭگو تارىخچىلىرى «غەربىي يۇرت» توغرىسىدا ئەلچىلەر، سودىگەرلەر ئارقىلىق ئىگىلىگەن يۈزەكى ماتېرىيالدىن باشقا ئەمەلىي خاتىرىلەنگەن، ئەتراپلىق، تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىدىن يىراق ئىدى._  
    VI ئەسىردە يېزىلغان «ۋېي سۇلالىسى يىلنامىسى» نىڭ «ئېگىز ھارۋىلىقلار ھەققىدە قىسسە» بابىدا، شەرقىي تۇرالار (L) دەپ يېزىلغان. قەدىمكى چاغلاردا شەرقىي تۇرالار (شەرقىي ئۇيغۇرلار) موڭغۇلىيىنىڭ ئالاھىدە بولغان جۇغراپىيىۋى شارائىتى (يايلاق، دالا، چۆل، قۇملۇق) نى ھېساپقا ئېلىپ، ئېگىز چاقلىق ھارۋىلارنى ئىشلەتكەن. مىلادى IV ئەسىردىن VI ئەسىرگىچە بولغان دەۋردە: «چېگرىغا يېقىنراق جايلاردا ياشىغان خەنزۇلار تۇرالارنىڭ يايلاقلاردا (موڭغۇلىيە يايلاقلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ساياھەت قىلغاندا ياكى تۇرمۇشقا كېرەكلىك ماللارنى توشۇغاندا، دائىم بىر تۈرلۈك ئېگىز چاقلىق ھارۋىلاردا ئولتۇرۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ‹ئېگىز ھارۋىلىقلار› دەپ ئاتىغان.» (9)
    مىلادىنىڭ 150 -  يىللىرى غەربىي ھۇنلار ئىلى ۋادىسىدىن غەربكە كۆچۈپ بالقاش كۆلى، ئارال كۆلى تەرەپكە كەتكەندىن كېيىن، ئۇلۇغ ئوغۇز -   ھۇن تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ قەدىمكى يۇرتلىرىدا سىيانپىلار ئىمپېرىيىسى (مىلادى 150 -  235) قۇرۇلدى. سىيانپىلار ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئىمپېراتۇرى تانىشقۇي (مىلادى 147 -  181) ئۆلگەندىن كېيىن ئىچكى جەھەتتىن بۆلۈنۈپ كەتتى. غۇران (مىلادى 181 -  216)، بۇدۇكىن (مىلادى 216 -  233)، قىبەنىن (مىلادى 233 -  235) قاتارلىق خانلارنىڭ ۋاقتىدا (مىلادى 181 -  235) سىيانپىلار تانىشقۇي ۋاقتىدىكى قۇدرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدى. مىلادىنىڭ 235 -  يىلى قىبەنىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سىيانپىلار ئىمپېرىيىسى تارقىلىپ كەتتى. مانا شۇ سىيانپىلار ئىمپېرىيىسى ۋاقتىدا تۇرالار سىيانپىلارغا بېقىنغانىدى.
    سىيانپىلار ئىمپېرىيىسى تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىدا توبا سىيانپىلار دۆلىتى قۇرۇلدى. توبا سىيانپىلار دۆلىتى (مىلادى 235 – يىلىدىن  394 ـ يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) مىلادىنىڭ 394 ـ يىلىغا كەلگەندە كېلىپ چىقىشى سىيانپىلاردىن بولسىمۇ، خېلى دەرىجىدە تۈركلەشكەن ئاۋارلار تەرىپىدىن يوقىتىلدى. مىلادىنىڭ 394 - يىلى «ئېگىز ھارۋىلىق تۇرالار» دەپ ئاتالغان شەرقىي تۇرالارنىڭ يۇرتىدا (ئاساسەن ھازىرقى موڭغۇلىيە ۋە ئىچكى موڭغۇلدا) توبالار خانلىقى (مىلادى 394 -  535) ۋە ئاۋار قاغانلىقى (مىلادى 394 -  552) دېگەن ئىككى دۆلەت قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ تۇرالار، توبالار ۋە ئاۋارلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۈزلۈكسىز ئۇچراپ تۇردى.
    مىلادىنىڭ 487 - يىلىغا كەلگەندە، شەرقىي تۇرالار ئاۋارلارنىڭ يولسىزلىقىغا چىدىماي بۆركلى قەبىلىسىنىڭ خانى ئاي ئوجرونىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىسيان كۆتۈردى. شەرقىي تۇرالاردىن 120 مىڭ ئائىلە (تەخمىنەن 600 -  700 مىڭ كىشى) موڭغۇلىيىدىن غەربكە كۈچۈپ، ئالتاي تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، جۇڭغار دالاسىغا، ئىلى ۋادىسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا ۋە تۇرپان، قاراشەھەر ئەتراپلىرىغا كەلدى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئاۋار قاغانى تۇلۇنخان II (مىلادى 485 - يىلىدىن 492 - يىلىغىچە قاغان بولغان) ۋە ئۇنىڭ تاغىسى ناغايخانلار قوشۇن تارتىپ، تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىغا كۆچكەن «ئېگىز ھارۋىلىقلار»نىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەلدى. شەرقىي تۇرالار جەنۇبىي ئالتايدا بولغان ئۇرۇشتا تۇلۇنخان II نى تارمار قىلدى. مانا شۇ «ئېگىز ھارۋىلىقلار» تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمال ۋە جەنۇبىدا ئەزەلدىن تارتىپ ياشاپ كىېلىۋاتقان قېرىنداشلىرى غەربىي تۇرالار  بىلەن بىرلىشىپ، تارىختا «ئېگىز ھارۋىلىقلار خانلىقى» (L) دەپ نام ئالغان دۆلەتنى  قۇردى. بۇ ئۇيغۇر خانلىقى 60 يىل (مىلادى 487 -  546) ھۆكۈم سۈردى.
    مىلادىنىڭ 487 -  يىلى شەرقىي تۇرالارنىڭ بىر قىسمىنىڭ موڭغۇلىيىدىن تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىغا كۆچكەنلىكى توغرىسىدا «ۋېي سۇلالىسى يىلنامىسى» نىڭ «ئېگىز ھارۋىلىقلار ھەققىدە قىسسە» بابىدا خېلى تەپسلى مەلۇمات بېرىلگەندىن تاشقىرى، «جەنۇبىي چى سۇلالىسى يىلنامىسى» نىڭ «ئاۋارلار ھەققىدە قىسسە» بابىدا مۇنداق دېيىلگەن: «شىڭمىڭنىڭ 2 - يىلى (مىلادىنىڭ 487 - يىلى)... يىجۇ (ھازىرقى سىچۋەندىكى چىڭدۇ شەھىرى) ۋالىيسى لىيۇ جۈن ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ۋە سەلتەنىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، تۇرالارغا جاڭ جىڭشۈننى ئەلچى قېلىپ ئەۋەتتى. ئەلچى پىشامشان (ھازىرقى چارخىلىق)، ئۇدۇن (ھازىرقى خوتەن) غا بارماقچى ئىدى، لېكىن پىشامشاننى تۇرالار بېسىۋالغان بولۇپ، خەلقى تەرەپ -  تەرەپكە تارقىلىپ كەتكەن. ئۇدۇنلۇقلار بۇددا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىكەن. تۇرالار ئۆزلىرىنى تەڭرىقۇت (تەڭرىنىڭ ئوغۇللىرى) دەپ ئاتايدىكەن. تۇرالار ئەلچى جاڭ جىڭشۈننى كۈتۈۋالغان ۋە ئۇنى قايتىپ كېتىشكە دەۋەت قىلغان.»(6)
    مانا شۇ خاتىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاي ئوجرو مىلادى 487 - يىلى ئاۋارلارنى تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى (تۇرپان، قەراشەھەر) جايلاردىن قوغلاپ چىقىرىپ، پىشامشاننى تىبەت خانلىقىنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان. -u{aI Z  
    p-Lpc @c\"  
    «سۈي سۇلالىسى يىلنامىسى» نىڭ ئاپتۇرى ۋېي جېڭ (مىلادى 580 -  643) تۇرالار توغرىسىدا ناھايىتى كەڭ، ئىشەنچىلىك مەلۇمات بەرگەن ۋېي جىڭ «سۈي سۇلالىسى يىلنامىسى» نىڭ «تۇرالار ھەققىدە قىسسە» بابىدا، VI ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، شەرقتە قىدىرقان تاغلىرى (ھازىرقى ھىنگان تاغلىرى) دىن تارتىپ، غەربتە قارا دېڭىزنىڭ بويىغىچە بولغان بىپايان تېررىتورىيىدە ياشىغان تۇرالارنىڭ قىرىقتىن ئارتۇق قەبىلىلىرىنىڭ ناملىرى، شۇ قەبىلىلەر جايلاشقان جايلىرىنىڭ جۇغراپىيىۋى ئورنى، تۇرالارنىڭ تۈركلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئىقتىسادى ئىگىلىكى توغرىسىدا تارىخى، جۇغراپىيىۋى، ئېتنىك قىممىتى توغرىسىدا ناھايىتى مۇھىم مەلۇماتلارنى بېرىدۇ.
    «سۈي سۇلالىسى يىلنامىسى» نىڭ «تۇرالار ھەققىدە قىسسە» بابىدىكى خاتىرىگە ئاساسلانغاندا، تۇرالارنىڭ VI ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئەھۋالى مۇنداق: «تۇرالارنىڭ ئاتا -  بوۋىلىرى ھۇنلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۇرۇق -  جەمەتلىرى ناھايىتى نۇرغۇن.»(10)
    شۇ يىلنامىگە ئاساسلانغاندا، تۇرالارنىڭ جايلاشقان ئورۇنلىرى، قەبىلە ناملىرى تۆۋەندىكىچە: 1. بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدا توبا قەبىلىسى ياشىغان.
    2. موڭغۇلىيىنىڭ سېلىنگا، تۇغلا، ئۇرخۇن دەريالىرىنىڭ بويلىرىدا بۆكۈ، توڭرا، ئۇيغۇر، بايىرقۇ، بۆركلى قەبىلىلىرى ياشىغان. بۇلار «ئەركىن» دەپ ئاتالغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە موڭغۇلىيىدە مونچىن، تۇرۇغۇر، خوغۇرسۇر قاتارلىق قەبىلىلەر ياشىغان.  
    3. جۇڭغارىيىنىڭ شەرقىدىن تارتىپ ئىلى ۋادىسىغىچە بولغان رايونلاردا چېبنىلار، بۇرجلار، ئازىلار، سىغىناقلار، ئوغۇزلار، قىرغىزلار، ئونىغۇرلار ياشىغان.
    4. ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا سۇرتاردۇشلار، جەرۇقلار، زابىندىرلار، تۈركەشلەر ياشىغان.
    5. سەمەرقەندنىڭ شىمالىدا (بالقاش، ئارال كۆللىرىنىڭ ئەتراپلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ)، ئىدىل دەرياسىنىڭ بويلىرىدا ئادىزلار، ھازارلار، بولغارلار، پېچىنەكلەر، قوغايلار، قىپچاقلار، سىۋارلار، بورتاسلار، يەمەكلەر ياشىغان.
    6. يايىق(ئورال) دەرياسىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي تەرەپلىرىدە سارىغۇرلار، ساقسىنلار، موكشالار، چېركەسلەر ياشىغان.
    7. شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقىدە، ئوغۇزلار، ئالانلار، باشقىردلار، خونلار... ياشىغان.   
    مانا شۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۇرا قەبىلىرىنىڭ نامى ھەرخىل بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئورتاق نامى «تۇرالار» دەپ ئاتىلاتتى. تۇرالار ئۆزلىرىنىڭ جايلاشقان ئورۇنلىرىغا قاراپ شەرقتىكىلىرى شەرقىي تۈركلەرگە، غەربتىكىلىرى غەربىي تۈركلەرگە قارىغان.
    مىلادىنىڭ 551 - يىلى قۇرۇلغان ئۇلۇغ كۆك تۈرك قاغانلىقىنىڭ قاغانى تۈمەنخاننىڭ ئۇكىسى ئىستېمى يابغۇ مىلادىنىڭ 552 -  يىللىرى شەرقتە قىدىرقان تاغلىردىن تارتىپ، غەربتە قارا دېڭىز بويلىرىغىچە سوزۇلغان بىپايان تېررىتورىيەدە ياشىغان تۇرا قەبىلىلىرىنى بويسۇندۇرغان. مانا شۇ تۇرا قەبىلىلىرى مىلادىنىڭ 600 -  يىللىرى تۈرك قاغانلىقى شەرقىي ۋە غەربىي تۈرك قاغانلىقىغا بۆلۈنۈپ كەتكەندە، شەرقتىكىلىرى شەرقىي تۈرك قاغانلىقى، (مىلادى 600 -  744) غا، غەربتىكىلىرى غەربىي تۈرك قاغانلىقى (مىلادى 600 -  765) غا قارىغان.
    «سوي سۇلالىسى يىلنامىسى» نىڭ «تۇرالار ھەققىدە قىسسە» بابىدا: «تۇرالارنىڭ غەرب تەرەپكە جايلاشقانلىرى كۆپىنچە باغۋەنچىلىك، دېھقانچىلىق قىلاتتى. كالىسى كۆپ، يىلقىسى ئاز ئىدى» دېيىلگەن. ئەپسۇسكى «تاڭ سۇلالىسى يىلنامىسى»نىڭ «ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە» بابىغا يۇقىرىدىكى مۇھىم خاتىرە كىرگۈزۈلمىگەن. كونا ـ يېڭى «تاڭ يىلنامىسى»نى يازغان تارىخچىلار كۈچمەنچىلىك ئاساسىدىكى چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان شەرقىي ئۇيغۇرلارنىلا كۆرۈپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان غەربىي ئۇيغۇرلارنى نەزەردىن چەتتە قالدۇرغان. «سۈي سۇلالىسى» يىلنامىسى»دىكى «غەرب تەرەپ» دېيىلگەن رايون تارىم ئويمانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىنى كۆرسىتىدۇ.  
    «سۈي سۇلالىسى يىلنامىسى»نىڭ «تۇرالار ھەققىدە قىسسە» بابىدا يەنە «تۇرالارنىڭ ئۆرپ ـ ئادەتلىرى ئاساسەن تۈركلەرگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ» دېيىلگەن. «تۇرالار» دىگەن بۇ ئاتالغۇ VI ئەسىردىن كېيىن، جۇڭگونىڭ تارىخىي يىلنامىلىرىدە «ئۇيغۇر» دېگەن نام بىلەن ئالماشتى. مىلادىدىن بىر نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادى VI ئەسىرگىچە جۇڭگونىڭ تارىخىي يىلنامىلىرىدا «تۇرالار»، «ئېگىز ھارۋىلىق تۇرالار» دېگەن نام بىلەن يېزىلىپ كەلگەن ئەجدادلىرىمىز VII ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ «ئۇيغۇر» دېگەن نام بىلەن يېزىلىدىغان بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ نام شەرقىي (موڭغۇلىيە، جۇڭغارىيە دالالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە غەربىي (تارىم ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى) تۇرالارنىڭ ئورتاق نامى بولۇپ قالدى. شەرقىي ۋە غەربىي تۇرالار بىر قانچە قەبىلە ۋە ئۇرۇقلاردىن ئىبارەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قانداشلىق، تىل ۋە ئۆرپ ئادەت جەھەتتىن ئاساسەن بىر خەلق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرا قەبىلىلىرى ئىچىدە «ئۇيغۇر» نامى بىلەن ئاتىلىدىغان قەبىلە بار ئىدى. بۇ قەبىلە باشقا قېرىنداش قەبىلىلەرگە قارىغاندا سان جەھەتتىن كۆپ، جەڭگىۋارلىقى ئۈستۈن قەبىلە ئىدى. شۇڭا تۇرالارغا مىلادى V ئەسىردىن باشلاپ، ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قەبىلە يېتەكچ

    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • كۈندىن-كۈنگە ياخشى يازمىلارنى يوللاۋاتىسىز،غەيرىتىڭىزگە بارىكاللا.
    ئەتتىرگۈل回复ھونزادە 说:
    rahmat sizga , talap pikirlar bolsa yekindin yardamda bolgaysiz
    2010-10-15 17:03:22
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.