-
2009-06-17
ئىقتىدارىڭنى قانداق نامايەن قىلىشنى بىل - [ھىكمەتلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41140303.html
كۇندىلا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدىغان ئادەم بولمايدۇ.لېكىن ھەرقانداق ئادەمگە ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلڭدىغان پۇرسەت ھامان كېلىدۇ ، گەپ شۇنىڭدىن پايدىلنىشتا . بەزى ئىستىداتلىق كىشىلەر ئۆزىدىكى كىچىككىنە قابىلىيەتنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئۆز ۋۇجۇدىدىكى جەلىپكار نۇختىغا ئايلاندۇرىدۇ . ئۇلارنىڭ تېخىمۇ زور ئىستىداتى نامايان بولغان چاغدا كىشىلەر ھاڭ -تاڭ بولۇپ قالىدۇ. سەن ھەم ئىقتىدارلىق ھەم ئۆز ئىقتىدارىڭنى نامايان قىلىشقا ماھىر بولساڭ ، چوقۇم ھەيران قالارلىق نەتىجىگە ئېرىشىسەن . دۇنيا يېڭى ئاپىردە بولغان چاغدا يورۇغلۇق ئارقىلىق ئۆزىنى نامايەن قىلغان . ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش_كىشىنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇپ ، يېتىشسىزلىكلىرىنى تولۇقلايدۇ ، باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈش شەرتىنى ھازىرلايدۇ ، نامايەن قىلىنغان ئىقتىدار ئەمەلىيەت جەريانىدا مەزمۇت پۇت تېرەپ تۇرالىسا ، ئۇنىڭ ئەكىلىدىغان پايدىسى تېخىمۇ زور بولىدۇ ، قابىلىيەت ئۆزۈڭدە ئۇنى قانداق جارى قىلدۇرۇشمۇ ئۆزۈڭگە باغلىق ، بىزدە تەڭرى ئىلتىپات قىلغان مۇكەممەل ئىقتىدار بولغان ئىكەن ، ئۇنىڭدىن تولۇق پايىلنىشىمىز كېرەك .
ئىقتىدارنى نامايەن قىلىشتا ھۇنەر كېتىدۇ ، ئەڭ يۈكسەك ئىقتىدارنى نامايەن قىلىش ئۈچۈنمۇ مۇھىتقا تايانماي بولمايدۇ ، ناۋادا ئۆز ئىقتىدارىڭنى بىمەزگىل چاغلاردا نامايەن قىلىپ سالساڭ ، قىلغان ئەجرىڭ بىراقلا نولگە تەڭ بولىدۇ. ھالى چوڭلۇق قىلساق يەنە بولمايدۇ چۈنكى ئۇ مەنمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، مەنمەن كىشىلەر ئاسانلا باشقىلارنىڭ نەزىردىن چۇشۇپ قالىدۇ، نامايەن قىلىشقىمۇ كەمتەر پوزىتسىيەدە بولۇش كېرەك ، بولمىسا يامان تۇس ئېلىپ قېلىشى مۈمكىن .ئۆز ئىقتىدارىنى زىيادە نامايەن قىلىۋېتىش ئاقىلانىلىك ئەمەس ،ئۇنى ئۈن -تىنسىز بەخىرىمان ھالەتتەئىپادىلەش كېرەك . ئۆز- ئۇزىنى مۇۋااپىق يوشۇرۇش ماختاشقا ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى ، چۈنكى كىشىلەر ئۆزى چۈشەنمەيدىغان نەرسىلەرگە قىزىقىدۇ ، ئۆز ئىقتىدارىڭنى بىراقلام بەش قوللاپ ئاشكارلىۋەتمەىستىن ، ئاستا- ئاستا،ئاز -ئازدىن نامايەن قىل .بىر قېتىملىق مۇۋەپپىقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈپ بولۇپ ، ئاندىن كېيىنكىسىگە تۇتۇش قىل ،قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن ، ئاندىن تېخىمۇ زور ئۇتۇققا ئۈمۈد باغلا .
مەنبە:<<ھىكمەتنامە>>دىن历史上的今天:
<<ئىگىسىنى تونۇمىغان گۆھەر كىروران>> 2009-06-17ﺑﯩﻞ.ﮔﻪﻳﺘﯩﺴﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﮬﯩﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭ 2009-06-17ئۇيغۇرلاردىكى تۇغقان ناملىرى 2009-06-17گۈزەل -ئەخلاق 2009-06-17
收藏到:Del.icio.us