ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-17

    نورۇزلۇق تائام -سۈمەلەك ئېتىش ئۇسۇلى - [ئۆرۈپ -ئادەتلىرىمىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41140334.html

       نورۇز -دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر ،ئۆزبېك ،قازاق ،قىرغىز ، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرگە ئورتاق ئەنئەنىۋىي مىللىي بايرام .ئۇلارنىڭ بۇ بايرامنى نىشانلاش ۋاقتى ،مەزمۇنى بىردەك بولسىمۇ ،ئادەتلەر جەھەتتە مەلۇم خاسلىققا ئىگە .مەسىلەن : نورۇزلۇق تائام ئۇيغۇرلاردا <<نورۇز ئېشى >>،قازاقلاردا<< كۆجە >>،ئۆزبېكلەرە <<سۈمەلەك >>،.....بولغىنىدەك .
         سۈمەلەك يىيىشلىك ،ئۆزگىچە تائام بولۇپ ،ئۇنى تەييارلاش جەريانى مۇنداق :ھەريىلى 3-ئاي كىرىشى بىلەن ،يەنى نورۇز كۈنلىرىگە 12-13كۈن قالغاندا مەلۇم مىقداردا بۇغداي (مۇراسىمغا قاتنىشىدىغان ئادەم سانىغا قاراپ )چوڭ تەڭنە (جاۋۇرغا) سېلىنىپ سۇ قۇيۇپ ئىككى ئۈچ كۈن ئەتراپىدا چىلاپ قۇيىلىدۇ .ئۇنىڭدىن كىيىن بۇغداي سۈزىۋېلىنىپ ،ئىسسىق ئۆيگە يېيىتىلىپ ،ئۈستىگە كىليۇنكا يېپىپ ،كۆرپىلەر بىلەن چۈمكىلىپ ،ئىلمان سۇ چېچىپ ئىككى كۈن تۇرغۇزىلىدۇ .بۇ جەرياندا بۇغداي 4~5 سانتىچە بىخلىنىدۇ .بۇ چاغدا يۇغان تاختاي پاكىز يۇيۇلۇپ ،بۇغداي مايسىسى تاختا ئۈستىگە يېيىپ قۇيىلىدۇ .ئۈندۈرمە شۇ ھالەتتە ئىللىق جايدا بىر ھەپتە تۇرغاندىن كىيىن يەنە بىرنەچچە سانتېمىتىر ئۆسىدۇ.شۇنىڭدىن كىيىن مايسىنىڭ ئۇچىدىن ئىككى -ئۈچ سانتېمېتىر قىرقىۋېتىپ قالغان قىسمى تازا ئىزىپ -يانجىپ ئەلگەكتە سۈزىۋېلىنىدۇ .بۇ تەرتىپ تاماملانغاندىن كېيىن ،داش قازان ئېسىلغان ئوچاققا ئوت قالىنىپ ، بىر چارەك (سەككىز كىلوگىرام )بۇغداي ئۈندۈرمىسى ئۈچۈن قازانغا بەش كىلوگىرام ئەتراپىدا ئۈسۈملۈك يېغى قۇيۇلۇپ ،ياغ داغلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا بىر چىلەك سۇ قۇيۇپ ، ئاندىن بۇغداي ئۈندۈرمىسىنىڭ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلگەن سۈيى (سۈتى )قۇيىلىدۇ .ئۇ بىر ئاز قاينىغاندىن كىيىن قازان مۇۋاپىق مىقداردا سۇ بىلەن تولدۇرۇلۇپ يەنە بەش چارەك بۇغداي ئۇنى سېلىپ چىلىنىپ ،ئون سائەتچە قاينىتىلىدۇ .بۇ جەرياندا قازاندىكى سۇ تەركىبى پۈتۈنلەي پارغا ئايلىنىپ ،ئۇن ،ياغ ، بۇغداي مايسىسىنىڭ شىرنىسىلا قالىدۇ .بۇنىڭ بىلەن جىگەر رەڭگە كىرگەن ،ئاقسىل ، ۋىتامىن قاتارلىق ئادەم تىنىگە يېقىشلىق تەركىبلەر مول بولغان ،قەنىت -شېكەر سېلىنمىسىمۇ شېرىن ، يىيىشلىك بولغان بۇ تاڭسۇق تائام تەييار بولىدۇ .


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.