-
2009-06-17
ئۇيغۇرلاردىكى تۇغقان ناملىرى - [ئۆرۈپ -ئادەتلىرىمىز]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41141993.html
ئۇيغۇرلاردا بىر ئائىلە ئەزالىرى يەنى قانداش جەمەت بىرلىكى ئاساسىدىكى تۇغقانلار ئەجداد تەرتىپى ، ياش تەرتىپى بويىچە خاس نام بىلەن پەرقلەندۈرىلىدۇ .
1 . ئەجداد تەرتىپى بويىچە : ئۇيغۇرلاردا ئەنئەنە بويىچە ئەجداد تەرتىپىنىڭ خاس نامى ۋە شەخس ئىسمى يەتتىنچى ئەجدادقىچە خاتىرىدە تۇتىلىدۇ :
(1) دادا ( ئاتا ) ، ئانا ( ئاپا ) ؛
(2) چوڭ دادا ( ئاتا ) ، چوڭ ئانا ( ئاپا ) ؛
(3) بوۋا (م) ، موما (م) ؛
(4) چوڭ بوۋا (م) ، چوڭ موما (م) ؛
(5) ئۇلۇغ بوۋا )م) ، ئۇلۇغ موما (م) ؛
(6) بەشىنچى ئەۋلاتتىن يەنى ئۇلۇغ بوۋىدىن يۇقۇرىدىكىلەر ئۇلۇغ بوۋامنىڭ بوۋىسى ياكى ئالتىنچى ، يەتتىنچى بوۋام دەپ يۈرگۈزىلىدۇ . بۇرۇن ئالتىنچى ، يەتتىنچى ئەجدادنىڭ خاس نامى بولغان بولىشى مۈمكىن . ئەمما بىزنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگۈچە ئۇنتۇلغان بولسا كېرەك . شۇنىڭدەك ھازىرقى ئۈچىنچى ئەجدادلىرىدىن يۇقۇرى ئەجدادىنىڭ خاس نامى شەخس ئىسىملىرىنى تولۇق ئېيتىپ بېرەلەيدىغانلار ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى .
2. ئەۋلاد تەرتىپى بويىچە : ئۇيغۇرلاردا دادا جەمەت ئەۋلادى ئالتە بوغۇمدا يەنى ئالتە ئەۋلادىدا ئاخىرلىشىدۇ . ئۇلار :
(1) ئوغۇل ، قىز
(2) نەۋرە
(3) ئەۋرە
(4) چەۋرە
(5) پەي نەۋرە
(6) كۆكۈن نەۋرە دېيىلىدۇ . نەۋرە ئوغۇل ، قىز دەپ پەرقلەندۈرىلىدۇ .
3 . دادا جەمەت بويىچە : دادا ، ئانىسىنىڭ ئاكا - ئۇكا ، ئاچا - سىڭىللىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ تاغا ياكى ئاغا ، ئاكا ، ھامما دەپ پەرقلەندۈرىلىدۇ . ئەمما ئادەتتە يېقىنلىق ، مېھرى - ھۆرمەت ئېتىبارى بىلەن ئۇلارنىڭ شەخس ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا دادا (م) ، ئاپا (م) ، سۆزى قوشۇلىدۇ . بەزى رايونلاردا دادىسىنىڭ ئاكىسى چوڭ ئاتا ، ئۇكىسى كىچىك ئاتا ؛ ئانىنىڭ ئاچىسى چوڭ ئاپا ، سىڭلىسى كىچىك ئاپا دەپمۇ يۈرگۈزىلىدۇ .
4 . قۇدا تۇغقان ناملىرى : پەرزەنتلەرنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى بىلەن شەكىللەنگەن غەيرىي قانداش سېستىمىسى ئاساسىدىكى تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەت : قۇدا تۇغقان " دېيىلىدۇ ۋە خاس نام بىلەن پەرقلەندۈرىلىدۇ .
(1) ئوغۇل ۋە قىز تەرەپ ئاتا - ئانىلىرى قۇدىلارنى پەرقلەندۈرۈش زۆرۈرىيىتى بولغاندا ئەر ( ئەركەك ) قۇدا ، ئايال ( چىشى _ قۇدا دەپ يۈرگۈزىلىدۇ .
(2) ئوغۇلنىڭ ئايالى " كېلىن " ياكى " كېلىن بالا " ؛ قىزنىڭ ئېرى " كۈيە ياكى كۈيئوغۇل " دەپ يۈرگۈزىلىدۇ . ئەمما ئوغۇل تەرەپ ئادەتتە كېلىنىنى ئائىلىنىڭ رەسمىي ئەزاسى سۈپىتىدە " قىزىم ياكى بالام " دەپ ئاتايدۇ . قىز تەرەپ بولسا كۈيئوغۇلنؿ" ئوغلۇم ياكى بالام " دەپ ئاتايدۇ .
(3) ئوغۇلنىڭ ئايالىنىڭ شۇنىڭدەك ، كېلىننىڭ ئېرىنىڭ دادا ( ئاتا ) سى ، ئانا ( ئاپا ) سى ، " قېيىن ئاتا " ، " قېيىن ئانا " دېيىلىدۇ . ئادەتتە دادا ( ئاتا ) ، ئانا ( ئاپا ) دەپ يۈرگۈزىلىدۇ .
(4) كۆپ پەرزەنتلىك ئائىلىلەردە چوڭ ئوغۇلنىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئۇكا ، سىڭىللىرى تەرىپىدىن " يەڭگە " ياكى " ئېگىچە " ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا بولسا " ئايلا " دەپ ئاتىلىدۇ . كېلىنلەر ئارىدىن چوڭلىرىنى ئاكا ياكى ئاغا ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا " موللاكا " ، " ئاچا " ياكى " ھەدە " " ئايلا " ؛ كىچىكلىرىنى " ئۇكام " ، " سىڭلىم " دەپ ئاتايدۇ . بىر ئائىلىدىكى ئاكا - ئۇكىنىڭ ئاياللىرى ئۆزئارا " ئېپى يەڭگە " دەپ ئاتىشىدۇ .
(5) ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئاكا - ئۇكىسى " قېيىن ئاغا " ، " قېيىن ئىنى " ، ئاچا - سىڭىللىرى " قېيىن ئېگىچە " ، : قېيىن سىڭىل " دەپ يۈرگۈزىلىدۇ .
(6) بىر ئائىلىدىن ياتلىق بولغان ئاچا ، سىڭىلنىڭ ئەرلىرى شۇنىڭدەك ئەر - ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئاكا - ئۇكا ، ئاچا - سىڭىللىرى ئارىسىدا قۇدىلاشقانلارمۇ "باجا" دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى " قايچا قۇدا " دەپ ئاتىلىدۇ .
ئۇيغۇر جەمىيىتىدە قۇدا تۇغقانلار بىۋاستە تۇغقانلاردىن ھېسابلانمىسىمۇ ، لېكىن ئۆزئارا قاتتىق ھۆرمەتلىشىدۇ . بۇ "قۇدا كالدى ، خۇدا كەلدى" ، "كۈيئوغۇل كەلدى ، خان كەلدى" دېگەن تەمسىلدە ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن .
(7)پەرزەنتلەرگە ئائىت خاس نام : يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان بىر جان ئىگىسى بىر تۇتاش "بالا" ، جىنسىي پەرقىگە قاراپ "ئوغۇل" ، "قىز" دەپ ئاتىلىدۇ . بالا تۇغۇلۇپ يېشىغا توشقىچە "بوۋاق" ، ئالتە - يەتتە ياشلىق بالىلار "نارەسىدە" ، يەتتە - سەككىز ياشتىن 11-12 ياش ئارىلىقىدىكى بالىلار "ئۆسمۈر" دەپ ئاتىلىدۇ . بىر قېتىملىق تۇغۇتتا تۇغۇلغان ئىككى بالا "قوشكېزەك" دەپ ئاتىلىدۇ .
(8)نەۋرىلەر : بىر جەمەتتىن بولغان نەۋرىلەر ئادەتتە تۇغقان دەپ يۈرگۈزىلسىمۇ ، ياش تەرتىپى بويىچە يەنىلا "نەۋر ئاكا" ، "نەۋر ئىنى" ، "نەۋرە ئاچا ياكى نەۋرە سىڭىل" دېگەن خاس نام ئارقىلىق پەرقلەندۈرىلىدۇ . ئۇيغۇرلاردا تۇغقان ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان دادا ، بوۋا ، ئانا (ئاپا) ، ئاكا - ئۇكا (ئىنى) ، ئاچا - سىڭىل ، يەڭگە ، ئايلا ، بالا ، قىز ، ئوغۇل قاتارلىق ئاتالغۇلار ئادەتتە يېقىنلىق ، مېھرى - ھۆرمەت ئىپادىسىدە يەنە كەڭ قوللىنىدۇ . مەسىلەن ، قولۇم - قوشنا ، يارۇ - بۇرادەرلەر ئۆزئارا ئۆزىدىن چوڭلارنى بوۋا ، دادا ، ئاكا ؛ ئاياللارنى ئانا (ئاپا) ، ئايلا ، ئاچا ، يەڭگە ؛ كىچىكلەرنى ئۇكام ، ئىنىم ، بالام ، ئوغلۇم . سىڭلىم ، قىزىم دەپ ئاتايدۇ . ناتۇنۇش كىشىلەر مەلۇم زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ئۇدۇل كەلگەن بىرىدىن گەپ سوراش توغرا كېلىپ قالغاندا ، قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي پەرقىي بويىچە قىياسەن ياش - قۇرامىغا قاراپ يۇقۇردىكى ناملاردا چاقىرىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا دىنىي زاتلارنىڭ ئاياللىرى "قۇشناچ" ، يۇقۇرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئاياللىرى "ئاغچا" دەپ ئاتىلىدۇ .مەنبە:<< ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى >> ناملىق كىتابى
历史上的今天:
<<ئىگىسىنى تونۇمىغان گۆھەر كىروران>> 2009-06-17ﺑﯩﻞ.ﮔﻪﻳﺘﯩﺴﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﮬﯩﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭ 2009-06-17گۈزەل -ئەخلاق 2009-06-1780 تۇرلۇك <<يامان بولىدۇ>>لار 2009-06-17
收藏到:Del.icio.us