ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-17

    بىز راستىنلا مىللىچە كىيىملىرىمىزدىن ياتلىشىپ كەتتۇقمۇ؟ - [ئۆرۈپ -ئادەتلىرىمىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41141920.html

    بىر مىللەتنىڭ مەدىنىيەت بايلىىقلىرى ئىچىدە كىيىم –كېچەك ناھايتى مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ.<<كىيىم كېچەك بىر مىللەتنىڭ كۈرۈنۈپ تۇرىدىغان كىملىكى>> دەپمۇ قاراش مۈمكىن.
    كىيىم كېچەكلەر ئىلگىركى چاغلاردا پەقەت ئەۋرەتنى ئوراش ۋە كۈن نۇرىنىڭ بەدەنگە زىيان ئېلىپ كىلىشىدىن ساقلىنىش رۇلىغا ئىگە دەپ قارالغان بولسا،جەميەتنىڭ تەرەقىياتى ۋە
    ئىستىتىك ئېڭىمىزنىڭ يۇقرى كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ ھازىرقى ۋاقىتتا كىيىم بىر ئادەمنىڭ خارەكتىرى،مەدىنيەت سەۋيىسى شۇنداقلا مىللى ئوبرازى ۋە كىملىكىنى ئۆلچەيدىغان
    ئۆلچەملەرنىڭ بىرسى بۇلۇپ قالدى.
    كىيىم –كېچەكلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللىق ئىستىتىك كۆز قارشىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە بارلىققا كەلگەن بىر مەدىنيەت ھادىسىسى.
    بىر كۈنى دەرىسخانىدا مىللى مەدىنيەتكە ئائىت دەرىس ئۈتۈش زۈرۈرىيىتىدىن مىللىچە كىيىمنى كىيىپ كىرگەنىدىم،ئىلگىركى دەرىس سائەتلىرىدە دەرىسكە دىققەت قىلماي،ئويناپ
    ئۇخلاپ ئولتۇردىغان ئۇقۇغۇچىلىرىمنىڭ كۆزلىرىدىن ماڭا بولغان ھۆرمەت، قىزىقىش ،مايىللىق تۇيغۇسىنى كۆردۈم،ئۇلار ئۈن-تىنسىز ئاغزىمغا قاراپ ئولتۇراتتى،ئىلگىرى بىر سائەت
    دەرىس توشقىچە 15،10 قېتىم جىم ئولتا،پاراڭ سالما دەپ چىقاتتىم،بۈگۈن بولسا يەرگە يىڭنە چۈشۈپ كەتسە ئاڭلانغۇدەك جىمجىتلىق ھۈكۈم سۈرگەنىدى،ئۇقۇغۇچىلاردىن كالتا-كۈسۈي
    كىيىم كىيدى ،مىللى ئېڭى تۆۋەنلەپ كەتتى دەپ ئاغرىنىپتۇقيۇ ئۆزىمىز ئۈلگە بۇلۇپ ئۇلارغا ئەمىلى مىللى مەدىنيەت،ئەخلاق ئېڭى يىتىلدۈرۈشكە سەل قاراپتۇق ئەسلىدە ئۇلارغا نەزىريىنى
    ئەمىليەتتىمۇ قىلالايدىغان،ئۈلگە كۆرسىتەلەيدىغان،ۋۇجۇدىغا تەبئىي يۇسۇندا مىللى ئاڭنى يىتىلدۈرەلەيدىغان ،مەسئۇلىيەتچان ئۈلگىلىك ئۇقۇتقۇچى لازىمكەنتۇق ئەمەسمۇ......
    ياخشى مائارىپ مەدىنيەتنىڭ كاپالىتى بۇلۇپ قالماستىن بەلكى مەدىنيەتنىڭ كاتالىزاتۇرى،خۇددى مۇنەۋۋەر كىتاپلار ئەقىلنى ئاچقۇچى بۇلۇپ قالماستىىن يەنە يۇقرىغا ئۆرلەشنىڭ بالدىغى بولغاندەك.
    ئىچىم سىقىلىپ قالسا ياكى ئەتراپىمدىكى بولمىغۇر قىلمىشلاردىن نارازى بولغانلىرىمدا مىللىچە كىيىمنى كىيىپ قەدىمى ئىزلاردا،ئاۋات كوچا-رەستىلەردە ئايلىنىپ ئۆزەمگە تەسەللى ئىزلەيتىم،كۈزۈم
    سۇمبۇل چاچلىق ئەتلەس كۆڭلەكلىك قىزلارنى،بادام دوپپا،كانۋاي كۆينەك كىيگەن يىگىتلەرنى ئىزلەيتى،لىكىن ئۇنداق كىيىدىغان يىگىت،قىزلار<< تېپىلماسنىڭ خورمىسىغا>> ئايلىنىپ قېلىشقا ئاز قالغانىدى!
    بېشىمغا دوپپا ئۇچامغا كانۋاي كۆينەك بىلەن يوپكا كىيىپ چاچلىرىمنى تال-تال ئۈرۈپ يولدا كىتىۋاتاتتىم،چوڭ كىچىك،قېرى ياش ھەممە ئادەم ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ كەتتى.مەن
    ئۆز-ئۆزەمگە؛ئۇلار ماڭا ھەۋەس قىلىپ قاراۋاتامدىغاندۇ ياكى زاڭلىق قىلىپ قاراۋاتامدىغاندۇ؟،دىدىم.تۇيۇقسىز كىچىك كوچىدا ئالدىمغا ھەرەڭ-سەررەڭ كىيىنگەن 4،3 يىگىت ئۇچرىدى،ئۇلار يولنى
    بىر ئالغاشقا قانداق ئۈتەمەن دىگەن سۇئال بىلەن ئەنسىرەپ ماڭدىم،بىراق ئۇلار دەرھال ماڭا ئۇرۇن بوشاتتى،ئارقىمدىن <<ئەجەپ چىرايلىق قىزۋالىكىنا،پاخخۇي!،ئۇيغۇر قىزى دە، ئۇيغۇر قىزى>>
    دىگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم،بىر دەمدىن كىيىنلا يەنە نەچچە10 ياشلار توپلىشىپ ئولتاغان يەردىن ئۈتۈپ قالدىم،ئۇلار ئالدىمدا كىتىۋاتقان پادىچىلار شىمى بىلەن بۇيۇن بەللىرى كۈرۈنۈپ تۇرىدىغان تار
    يېپىشقاق گاڭسەر كىيىپ،چاچلىرىنى توبادەك پاخپايتىپ ئالا تاغىل بوياپ،يۈزلىرىنى مايمۇندەك قىلىۋالغان قىزلارغا ئىسقىرتىۋاتاتتى،مىنى كۈرۈپمۇ بىرسى ئىسقىرتقانىدى،يېنىدىكى يىگىتلەر؛ھەي
    گۇي نىمە قىلىۋاتىسەن؟،ئۇ قىزنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىمگە قاراپ باق،سەن ئىسقىرتىدىغان قىزلارغا ئوخشامدىكەن،ھىچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىمگە بولسىمۇ ھۆرمەت قىلساڭ بولمامدۇ؟
    دەپ ھېلىقى يىگىتنى ئەيىپلەپ كىتىشتى.ئىلگىرى تاماكا چىكىپ كوچا دوقمۇشلىرىدا تاۋكا قۇرۇپ ئولتاسا كۈزۈمگە لۈكچەك،بىكاتەلەت كۈرىنىدىغان ئۇ يىگىتلەر ئەمدى بېلەكچىلا ئىسسىق كۈرۈنۈپ
    ئۇچامدىىكى بۇ كىيىمنىڭ مىنى بۇنچىلا ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغىنىدىن پەخىرلىنىپ ۋۇجۇدۇمدا مىللىچە كىيىملىرىمىزگە بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى يەنە بىر بالداق يۇقرى كۆتىرىلدى.مەن تېخى
    خىيالىمدابۇنداق كىيىمنى كىيىۋالسام كىشىلەر مىنى زاڭلق قىلپ قالامۇ؟دەپ ئويلاپتىكەنمەن،ئەمما بۇ يىگىتلەرنىڭ گەپلىرىدىن،ئۇقۇغۇچىلىرىمنڭ پوزىتسىيىسىدن ياشلىرىمىزدا مىللىچە كىيىملىرىمىزگە بولغان
    ھۆرمەت،سېغىنىش تۇيغۇسىنىڭ ھېلھەم يوقالمىغانلىقىنى،مىللىتىمىز ئارسىدا ئەۋىج ئېلىۋاتقان داۋالغۇش،يىتىرقاش تۇيغۇسىنىڭ پەقەت بىر مەزگىللىك ئىكەنلىكىنى ھامان بۇ پاجىئەدىن
    قۇتۇلۇپ چىقالايدىغانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم،باشتا ماڭا قاراپ قالغان يىگىتلەرنى يامان كۆزدە قارىغان دەپ ئاچچىقىم كەلگەن بولسا ئەمدى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن مىللىچە كىيىمگە بولغان سۈيۈنۈش
    ۋە ھۆرمەت نەزىرىنى سەزدىم،ماڭا قارىغان بوۋاي مومايلارنىڭ كۈزىدىن ئىپتىخارلىق پەخىرلىنىش ھىسياتىنى،بالىلارنىڭ كۈزىدىن ھەۋەسنى كۆرگەندەك بولدۇم
    مىللىچە كىيىملىرىمىزنى كىيگۈمىز بولسىمۇ خە نىمە دەپ قالا دەپم كىيەلمەي كىيسەكمۇ خۇدىكسىرەپ ماڭالماي ئۇقۇغۇچىلاردىن جەميەتتىكى كىشىلەردىن مىللىچە كىيىملەردىن ياتلىشىپ كەتتى
    دەپ ئەتراپىمىزدىكىلەرنى مىللىچە كىيىملەرگە نىسپەتەن ياراتماسلىق تۇيغۇسى بار دەپ يۈرۈپتۇق،مانا ئەمىلى پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئەمىليەتتە مىللىتىمىزدەۋە ئەۋلاتلىرىمىزدا ھەرگىزمۇ مىلىچە كىيىمگە نىسپەتەن
    ياراتماسلىق ۋە ياتلىشىش پىسخىكىسى يوقتەك قىلىدۇ،ئەسلىدە ئۇلار مىللىچە كىيىملىرىمىزنى سېغىنىپ تۇرىدىكەن ۋە ھۆرمەتلەيدىكەن
    ھەممىسىگە مىللىچە كىيىملىرىمىزنى كىيەلمىسەكمۇ ھىچ بولمىغاندا زامانىۋى كىيىملەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ماسلاشتۇرۇپ كىيسەك ھەر قانداق سۇرۇنغاياراشقۇچىلىكى بار  بىر يارىشىملىق كىيىم ئەمەسمۇ ئۇ؟
    ئەمما بىز شۇنىمۇ قىلالمايۋاتىمىز....بىز ئۆزىمىزنىڭ كىيىمىنى كىيەلمەي،كىيىشتىن نۇمۇس قىلىپ تۇرغان ھالىمىزغا بەدىنىنىڭ بىر قىسمىنى ئۇچۇپ قويسىمۇ نىمىلا بولمىسۇن  مىللىچە كىيىملىرىنى
    پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن كىيىۋاتقان ھىندىستان، پاكىستان ئاياللىرىنى كىندىكىنى ئۇچۇپ قويدى دەپ ئەيىپلەپ ‹‹تۈفى مەينەتلەر›› دەپ تىللاپ كىتىمىز تېخى،ئۇچىمىزغا بىرەرقېتىم مىللىچە كىيىمنى ئارتىپ بېقىپ
    ئاندىن باشقا مىللەتلەرنىڭ كىيىنىشىگە باھا بەرسەكمۇ كىچىكمەيتۇق،
    ئەي سۈيۈملۈك ئۇيغۇرۇم؛ئۇيغۇر مىللى كىيىملىرىمىزنىڭ كۆزنى قاماشتۇردىغان،سەلتەنەتلىك لاتاپىتى ۋە جەزبىدارلىقىنى مىللى غۇرۇرىمىز ۋە كىيىنىشىمىز ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا نامايەن قىلايلى.......!!!!
     
    مەنبە :ئەلگىيار مۇنبىرى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.