-
2009-06-17
80 تۇرلۇك <<يامان بولىدۇ>>لار - [ئۆرۈپ -ئادەتلىرىمىز]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41141871.html
ئاتا بوۋىلىرىمىز ئەۋلاتلارنى تەربىيەلەشتە ئەزەلدىن ئائىلە ۋە قەمىيەت ئەزالىرى رايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە يوسۇنلارنى شەكىللەندۈرۈپ ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ھەر خىل پائالىيەت ھەم سورۇنلاردىكى ھەركەتلىرىنى قېلىپقا سېلىپ كەلگەن ؛ مۇشۇ ئاساستە ئائىلە ۋە پۈتۈن جەمىيەتتە ئومۇملاشقان بىر يۈرۈش قائىدە - مىزانلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن . ئۇلار بۇ قائىدە - يۇسۇنلارنى << يامان بولىدۇ >>دېگەن سۆزگە يىغىنچاقلاپ، مۇشۇ <<يامان بولىدۇ>>لارنىڭ ئىچىگە تالاي ھېكمەتلەرنى سىڭدۈرۋەتكەن .
جەمىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن نۇرغۇن يېڭىلىقلار كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭىپ كىردى ۋە بىر قىسىملىرى كىشىلەرنىڭ ئەمەلى ھەركىتىگە ئايلاندى . لېكىن ، << ئۇششاق ئىشلار >> دەپ قارىلىدىغان ، مەكتەپلەتدە مەكتەپلەردە مەخسۇس سۆزلەنمەيدىغان ، ئەمەلىيەتتە ئەۋلادلارنىڭ تەربىيەسىدە ، ئادەم بولۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان نۇرغۇن ئەخلاقى قاراشلىرىمىز ۋە ئەنئەنىلىرىمىزدىن ئەۋلادلار تازا تولۇق خەۋەردار بولالمىدى .خەۋەردار بولغانلىرىمۇ سەل قاراپ ، بۇ قائىدە- يوسۇن ۋە ئەنئەنىلىرىمىزدىن يىراقلاشتى. بۈگۈنلى كۈندە ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان بۇ ئېسىل مەدەنىيەتلىرىمىزنى توپلاپ، ئەۋلادلارنىڭ ئېسىگە سېلىپ ، ئۇلارنىڭ ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ يېتىلىشىدە ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن . ئەجداتلار شۇنداق دەيدۇ:
1. <<سەھەر تۇرمىسىڭىز يامان بولىدۇ>>.
2. <<ناشتىسىز تالاغا چىقماڭ ،يامان بولىدۇ>>.
3.<<كېچىدە ئۆيدە يۇندا- ئەخلەتلەرنى ساقلىماڭ، يامان بولىدۇ>>.
4. << ئۆيگە مېھمان كەلگەندە مۈشۈكنى <پەش> توخۇنى <تاخ> دېمەڭ، يامان بولىدۇ>>.
5. << مېھمانغا دەز كەتكەن چاغدا <غىزا> چاي سۇنماڭ ، يامان بولىدۇ>>.
6. << چاچنى قۇرۇق تارىماڭ، يامان بولىاۇ>>.
7. << چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەڭ ، يامان بولىدۇ>>.
8. <<چوڭلار بىلەن تاكاللاشماڭ ، يامان بولىدۇ>>.
9. << سەھەر تۇرۇپ ئۆي سۈپۈرمىسىڭىز ، يامان بولىدۇ>>.
10. << چوڭلاردىن بۇرۇن داستىخانغا قول ئۇزاتماڭ ، يامان بولىدۇ>>.
11. <<غەيۋەت قىلماڭ ، يامان بولىدۇ>>.
12. << كىشىلەرنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەڭ، يامان بولىدۇ>>.
13. << كىشىنىڭ ھەققىنى يېمەڭ ،يامان بولىدۇ >>.
14. << خوشنىڭىز بىلەن ئىناق ئۆتمىسىڭىز يامان بولىدۇ>>.
15. << تېپىۋالغان نەرسىنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋالماڭ، يامان بولىدۇ >>.
16. << يالغان سۆزلىمەڭ يامان بولىدۇ>>.
17. << كىشىلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلمىسىڭىز، يامان بولىدۇ>.
18. << ئۇياتلىق يەرلىرىڭىز ئېچىلىپ قالىدىغان كىيىملەرنى كىيمەڭ ، يامان بولىدۇ >>.
19. << تاماق ۋاختىدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەڭ، يامان بولىدۇ>>.
20. << باشقىلارنى قارىتىپ قويۇپ كۇسۇرلاشماڭ، يامان بولىدۇ >>.
21. <<چوڭلاردىن تۆر تالاشماڭ، يامان بولىدۇ >>.
22. << ئوت ئوينىماڭ، يامان بولىدۇ >>.
23. << يولدا توغرا تۇرىۋالماڭ،يامان بولىدۇ >>.
24. << تاماق يەۋېتىپ گەپ قىلماڭ، يامان بولىدۇ >>.
25. <<ئادەم بار يەردە تۈكۈرمەڭ، يامان بولىدۇ >>.
26. << تاماق يەۋېتىپ بۇرنىڭىزنى تارتماڭ ،يامان بولىدۇ >>.
27. << باشقىلارنىڭ گېپىگە قوشۇق سالماڭ ، يامان بولىدۇ>>
28. << جامائەت سورۇنىدا بۇرنىڭىزنى كوچىلىماڭ ،يامان بولىدۇ >>.
29. <<ھاجەتخانىدىن چىقىپ قولىڭىزنى يۇمىسىڭىز، يامان بولىدۇ >>.
30. << قولىڭىزنى يۇماي تاماق يېمەڭ، يامان بولىدۇ >>.
31. << ئاتا- ئانىڭىزغا ئالىيىپ قارىماڭ، يامان بولىدۇ >>.
32. << ئۈلۈم پەتىسىگە رەڭلىك كىيىم كىيىپ بارماڭ ،يامان بولىدۇ >>.
33.<<ھازىدارلارنىڭ ئالدىدا كۈلمەڭ ،يامان بولىدۇ>>.
34. << ئۇدۇل كەلگەن يەرگە ئەخلەت تاشلىماڭ، يامان بولىدۇ>>.
35. << ئۆتنە ئالغان نەرسىنى ۋاختىدا قايتۇرمىسىڭىز. يامان بولىدۇ >>.
36. <<باشقىلارغا تۆھمەت چاپلىماڭ ،يامان بولىدۇ >>.
37. <<سۇخەنچىلىك قىلماڭ ، يامان بولىدۇ >>.
38. << ئاغىنىڭىزنىڭ خوتۇنىغا قارا سانىماڭ، يامان بولىدۇ >> .
39. << قېينانىڭىزنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭ ، يامان بولىدۇ >>.
40. << ھەسەتخورلۇق قىلماڭ ، يامان بولىدۇ>>.
41. << ئەر- خوتۇن جامائەت ئالدىدا سوقۇشسا ،يامان بولىدۇ >.
42. << بايلىق ياكى ئەمىلىڭىزنى كۆز-كۆز قىلماڭ ،يامان بولىدۇ >>.
43. << ھارام مال- دۇنياغا ئىگە بولۇشنى ئويلىماڭ، يامان بولىدۇ>>.
44. <<ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت ساقلىماڭ ، يامان بولىدۇ >>.
45. << باشقىلارنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالمىسىڭىز ،يامان بولىدۇ >>.
46. << ۋەدىڭىزگە ۋاپا قىلمىسىڭىز ، يامان بولىدۇ>>.
47. << مەكتەپتە ئوقۇمىسىڭىز ، يامان بولىدۇ >>.
48. << باشقىلارنىڭ ئەمگىگىنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋالماڭ، يامان بولىدۇ>>.
49. << مېھماننى ئۇزاتقاندا ئىشىكنى قاتتىق ياپماڭ ،يامان بولىدۇ>>.
50. << تاماقنى ئاۋاز چىقىرىپ شالاپشىتىپ يېمەڭ ، يامان بولىدۇ>>.
51. << نان ئۇۋىقىغا دەسسىمەڭ ، يامان بولىدۇ >>.
52. << يىمەك- ئىچمەكنى ئىسراپ قىلماڭ ، يامان بولىدۇ >>.
53. <<گۈل- گىياھلارنى قالايمىقان ئۈزمەڭ ،يامان بولىدۇ >>.
54. << چوڭلاردىن يول تالاشماڭ، يامان بولىدۇ >>.
55. << باشقىلارنىڭ ئەمگىگىگە ھورمەت قىلمىسىڭىز، يامان بولىدۇ>>.
56. <<ياخشىلىقنى ئۇنتۇپ قالماڭ ، يامان بولىدۇ .>>.
57.<< بىر گەپنى تەكرار دەۋەرمەڭ ، يامان بولىدۇ>>.
58. << ئاتا- ئانىڭىز ۋە يۇرتىڭىزدىن نومۇس قىلماڭ ، يامان بولىدۇ >>.
59.<< ياخشىلىق قىلىپ بولۇپ مىننەت قىلماڭ، يامان بولىدۇ>>.
60. << بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماڭ ،يامان بولىدۇ >>.
61.<< باشقىلارنىڭ ئەيىپىنى كوچىلىماڭ، يامان بولىدۇ >>.
62.<< چاقىرمىغان يەرگە بارماڭ، يامان بولىدۇ >>.
63. <<چاقىرغان يەرگە بارمىسىڭىز ، يامان بولىدۇ >>.
64.<< ئۇچرىمىغانغا سالام قىلماڭ، يامان بولىدۇ >>.
65.<< سورىمىغانغا جاۋاپ بەرمەڭ، يامان بولىدۇ >> .
66.<< ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتماڭ، يامان بولىدۇ >>.
67.<< ئاتا-ئانىڭىزنىڭ نەسىھىتىنى ئۇنۇتماڭ. يامان بولىدۇ >> .
68. << ئەل كۆزىچە گىرىم قىلماڭ ، يامان بولىدۇ >>.
69.<< ئۆتكەن ئىشنى تەگىمەڭ ، يامان بولىدۇ >>.
70. << باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى بىسوراق تۇتماڭ، يامان بولىدۇ>>.
71. << ھەممىلا يەردە قىزىقچىلىق قىلىۋەرمەڭ، يامان بولىدۇ >>.
72. << ئېرىڭىزنىڭ يانچۇغىنى ئاختۇرماڭ ، يامان بولىدۇ >>.
73. << خوتۇنىڭىزنىڭ سومكىسىنى ئاختۇرماڭ، يامان بولىدۇ>>.
74. << ئۆزىڭىزنى ماختىماڭ،يامان بولىدۇ >>.
75. << ئاجىزلارنى بوزەك قىلماڭ، يامان بولىدۇ>>.
76. << چېقىمچىلىق قىلماڭ ، يامان بولىدۇ>>.
77.<< باشقىلارغا ئورا كولىماڭ، يامان بولىدۇ >>.
78. << باشقىلارنى تەڭقىسلىقتا قويماڭ، يامان بولىدۇ >>.
79. << باشقىلارنى جامائەت ئالدىدا خىجالەت قىلماڭ ،يامان بولىدۇ >>.
80. << گەپ توشۇماڭ ،يامان بولىدۇ >>
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى . بېلىقىز سۇلايمان يازمىسى .历史上的今天:
<<ئىگىسىنى تونۇمىغان گۆھەر كىروران>> 2009-06-17ﺑﯩﻞ.ﮔﻪﻳﺘﯩﺴﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﮬﯩﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭ 2009-06-17ئۇيغۇرلاردىكى تۇغقان ناملىرى 2009-06-17گۈزەل -ئەخلاق 2009-06-17
收藏到:Del.icio.us