-
2009-06-17
ئالتە خىسلەت سىزنى يېڭىلدۇرمەيدۇ - [تەرمىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41140276.html
رىقابەت كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىر ئادەمنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا شۇنچە نۇرغۇن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز چوقۇم مەڭگۈ<< مۇستەبىت>> بولۇۋالماستىن <<ھەمكارلاشقۇچى>> بولغىنىڭىز ياخشى.
1. ھەمكارلىشىش روھى :ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى ھەممىدە يېتىلگەن دەپ قالماڭ، سىز ھەرقانداق چاغدا ھەمكارلىققا مۇھتاج بولىسىز .
2. ئالاقىلىشىشكە ماھىر بولۇش:بىلىم ، ئىقتىدار، كەچۈرمىش ئوخشاش بىر ئىشقا ئوخشاشمايدىغان قاراشتا بولىدىغان پەرىقنى پەيدا قىلىدۇ ، شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغانلىرىڭىزنى دادىل ئوتتۇرغا قويۇپ ، ئۇنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ بېقىڭ .
3. باراۋەر ۋە دوستانىلىك :گەرچە سىز ئىقتىدارىڭىزغا تايىنىو كۆز ئالدىڭىزدىكى ئىشلارنىڭ ھوددىسىدىن چىقىپ كېتىشكەئىشەنسىڭىزمۇ، لېكىن بەك كۆرەڭلەپ كەتمەڭ ، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، كېيىن ئىشلارنى تۈگۈتەلمەي پۇشايمان قىلىپ قېلىشىڭىز مۈمكىن ، شۇڭا يەنىلا قارشى تەرەپكە باراۋەر مۇئامىلە قىلىڭ .
4.ئاكتىپ ۋە ئۈمىتۋارلىق:روھى كەيپىيات يۇقۇچان كېلىدۇ ، قاپىغىنى تۈرۈپ ھومىيىپلا تۇرىدىغان ئادەم بىلەن بىللە بولۇشنى ھەرقانداق ئادەم خالىمايدۇ .
5. ئىجادچانلىق روھى:ئۆزىڭىزنىڭ ئىجاتچانلىق روھىنى يېتىلدۈرۈشتە، يوشۇرۇن كۈچىڭىزنى قېزىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭ . ئىپادىسى ئالاھىدە كىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ھازىر بار بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە كاپالەتلىك قىلغاندىن باشقا ، يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھەمكارلىشىشىنى خالايدىغان روھقا ئىگە بولغىلى بولىدۇ .
6. تەنقىدنى قوبۇل قىلىش:ئەڭ ياخشىسى سىز بىلەن ھەمكارلاشقۇچىنى دوست قاتارىدا كۆرۈڭ ، ئاندىن ئۇنىڭ تەنقىدىنى قوبۇل قىلىڭ . تەنقىدنى قوبۇل قىلالمايدىغان ھەرقانداق ئادەم جايىدا قارشى ېلىنمايدۇ .مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 16- مارت سانىدىن ئېلىندى .
历史上的今天:
<<ئىگىسىنى تونۇمىغان گۆھەر كىروران>> 2009-06-17ﺑﯩﻞ.ﮔﻪﻳﺘﯩﺴﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﮬﯩﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭ 2009-06-17ئۇيغۇرلاردىكى تۇغقان ناملىرى 2009-06-17گۈزەل -ئەخلاق 2009-06-17
收藏到:Del.icio.us