ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-17

    پۇل، مال- دۇنيا توغرىسىدا ھىكمەتلەر - [ھىكمەتلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41140250.html

    ئەسسالام ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى ئەزىز دوستلار . مەن ئەتىگەندە ئولتۇرۇپ قولۇمغا << پۇل ۋە مال- دۇنيا ھەققىدە >> ناملىق ھىكمەتلەر يېزىلغان كىتاپنى ئېلىپ باشتىكى بىرنەچچە بەتنى  كۆرۇپ  ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن  ئويلىنىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى مۇۋاپپىق كۆرۈپ تۆۋەندىكى  ئاز بىر قىسىم ھىكمەتلەرنى مۇنبەرگە يوللىدىم ، داۋامىنى  دائىم يوللاپ تۇرىمەن مەرھەممەت قىلغايسىلەر :

    پۇل، مال- دۇنيا توغرىسىدا ھىكمەتلەر


      *ئالتۇننىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى سىناق تېشى بىلىدۇ، شۇنىڭدەك پىخسىقنىڭ كىملىگىنى گاداي بىلىدۇ.
      *باياۋاننىڭ قۇمى ئۈنچە-مەرۋايىتقا ئايلانغان تەقدىردىمۇ گاداينىڭ كۆزى تويۇشى ئەقىلگە سىغمايدۇ.
      *قەيەردە بولمىسۇن، سەن يوقسۇللۇقنىڭ قاتتىقچىلىغىنى تارتقان ۋە ئاچچىق ئەلەم چەككەن كىشىلەرگە قارا، ئۇلار ئاچ كۆزلۈكتىن ئۆزىنى خەتەرلىك ئىشلارغا ئاتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان يامان ئاقىۋەتلەردىن ساقلانمايدۇ.
      *قەھرىمان ئەرلەر مۇھتاجلىق سەۋەبىدىن تام تېشىپ قولغاچۈشىدۇ ۋە ئۇشۇقى چېقىلىدۇ، شۇ نەرسىنىڭ ئېھتىمالى باركى، بىر كەمبەغەلنىڭ نەپسى ئۈستۈنلۈك قىلىپ قاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇنى تولۇق قانائەتلەندۈرۈش ئىمكانىيىتى بولمىسا، نەپسى ئۇنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئىتتىرىدۇ.
      *كۆپىنچە يوقسۇللار پاكلىق ئىشىكىنى گۇناھ ئۆتكۈزۈش بىلەن بۇلغاپ قويىدۇ، ئاچلار نان ئوغۇرلايدۇ.
       *قانچىلىك پاك دىل كىشىلەر كەمبەغەللىك سەۋەبى بىلەن بۇزۇقچىلق قاينىمىغا چۈشۈپ قالىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ياخشى نامىنى بەتناملىق شامىلىدا سورىۋېتىدۇ.
      *دۇنيادا كەمبەغەللەر بايلارغا ھەسەت بىلەن باقىدۇ .
      *يوقسۇللۇقتىن ئېغىز ئېچىۋەرمە، ئۈزۈڭدىن ئاجىزنىمۇ نەزەردە تۇت.
      *كىمكى يېڭىدىن ئىمارەت سالسا، ئۇ كېتىپ راھىتىنى باشقىلار كۆرىدۇ .
      *بايلىق- مالدا ئەمەس، ھۇنەر - قابىلىيەتتە؛ ئۇلۇغلۇق ياشتا ئەمەس باشتا .
      *مېلىڭ ئاشسا زاكات بەرگىن ، چۈنكى باغۋەن تەكنى قىرقىپ تۇرسا، ئۈزۈم شۇنچە ئوخشايدۇ.
      *دۇنيانىڭ مال ۋە بايلىقىغا ئىشەنچ قىلىپ بولمايدۇ ، ئالتۇن كۈمۈش (دېگەن نەرسە) بۇ ئۆتكۈنچى دۇنيادا خەتەر ئۈستىدىدۇر:يا ئوغرى سۈپۈرۈپ كېتىدۇ، ياكى ئىگىسى ئاز-ئازدىن يەپ تۈگۈتىدۇ. ئەمما ھۇنەر پۈتمەس تۈگىمەس بۇلاق ۋە ئەبەدى بايلىقتۇر. ئەگەر ھۇنەرۋەن دۆلىتىدىن يىقىلسا ھىچبىر غەم يىمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ھۈنەر بايلىق، نەگە بارسا ھۆرمەت تاپىدۇ ۋە تۆردە ئولتۇرىدۇ، بىھۈنەر ئادەم بولسا تىلەمچىلىك قىلىدۇ ، مۇھتاجلىق تارتىدۇ .
    *كىرىم دېگەن ئاقار سۇ، تۇرمۇش دېگەن چۆرگىلەپ تۇرغان تۈگمەن، يەنى كۆپ خىراجەت قىلىش دائىمى كىرىمى بولغان كىشىگىلا مۇمكىن.
    *سەن ياخشى دېسە ، بارۇ يوقنى تۆكمە. ۋاختى كەلسە بىر تىيىنمۇ تاپالمايسەن . خەيرىڭ بىلەن دىۋانە تويۇپ كەتمەس، ئۈزۈڭنىڭ ئاچ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلغىن .
                                                       سەئىدى : << گۈلىستان>>دىن


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.