ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-17

    ئاتا-ئانىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلەمسىز؟ - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41140022.html

        ھازىر ياشلار ۋە بالىلار تولىمۇ ئەقىللىق، ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ھەتتا چولپانلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىمۇ بىلىدۇ، لېكىن ئاتا- ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. مەنمۇ ئاتا- بوۋامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلمەيتىم، بىر كۈنى بالام بوۋىسى بىلەن مومىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى سورىۋېدى، دەرھال جاۋاپ بېرەلەي ئىنتايىن خىجالەتچىلىكتە قالدىم.
    ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى پەرزەنتلەرنىڭ بىلمەسلىكىدىكى سەۋەپلەر كۆپ بولىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ بەزە ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئېنىق بىلمەيدۇ، سورىسا<<60تىن ئاشتىم>>،<<70كە تاقاپ قالدىم>>،<<پالانچى بىلەن تەڭ ئاڭلىسام ئۇ70كەكىرىپتۇ، مەنمۇ70كە كىردىمغۇ دەيمەن؟>>،<<كالا يىلى ياكى ئات يىلى تۇغۇلغان>> دەپلا جاۋاپ بېرىدۇ؛ بىراق ئاتا- ئانىلار تۇغۇلغان كۈنىنى پەرزەنتلىرىگە دەپ بېرەلمىگەندىن باشقا،پەرزەنتلەر ئاتا- ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلىشنى خالىمىغان، دەپ بەرگەن تەقدىردىمۇ ئېسىدە چىڭ ساقلىماسلىقتەك سەۋەپلەرمۇ بولىشى مۇمكىن.
    ھازىر تۇرمۇشنىڭ كۈنسايىن ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ خاسىيەتلىك كۈنلەرنى خاتىرلەيدىغان ئىشلار ئۇمۇملىشىپ كەتتى، بولۇپمۇ ياشلار ۋە بالىلارئارىسىدا تۇغۇلغان كۈننى خاتىرلەيدىغان ئىش خۇددى ھەر يىلدابىر كېلىدىغان قۇربان ھېيىتقا ئوخشاپ قالدى. بەزىقول ئىلكىدە بارلارنىڭ باللىرى يۇقىرىسى تاغدا، تۆۋىنى باغدا ۋە يۇلتۇزلۇق رېستۇرانلاردا ھەشەمەتلىك سورۇن تۈزەپ ، ئاتا- ئانىسىنىڭ مىڭبىرجاپادا تاپقان پۇللىرىنى سورۇن توپىدەك سورۇپ، ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان بولىۋېلىشتى. قولى قىسقىلارنىڭ باللىرى بولسا<<ئىشەك ئىشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس >>دېگەندەك دورامچىلىق قىلىپ، ئاتا-ئانىسىنى<<قارىغۇنى تار يەردە قىستىغاندەك>>قىستايدىغان بولىۋېلىشتى.
    بۇيەردەمەن تۇغۇلغان كۈننى خاتىرلەشكە قارشى چىقماقچى ئەمەسمەن،چۈنكى بۇ ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئۆزئىختىيارىدىكى ئىش.ئەمما تۇغۇلغان كۈننى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزسەئاسماندا ئۇچمايدۇ، پەقەت ياشقا ياش قوشۇلىدۇ ،خالاس. تۇغۇلغان كۈننى خاتىرلىمىسە، باشقىلار ئۇلارنى <<پىخسىق>>دەپ ئەيىپلەپ كەتمەيدۇ. بىراق ھازىرقى بەزى بالىلار خۇددى <<ئاتا- ئانام بولسىكەن،ئاغزى- بۇرنى بولمىسىكەن>>دېگەندەك تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلىگەندە ئاتا- ئانىسىدىن پۇل ئېلىشنى بىلگىنى بىلەن، بىللە تاماق يېيىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئەسلى تەبرىكلەشكە توغرا كەلسە، ئۇلارنى بۇدۇنياغا مىڭ بىر تولغاق يەپ ئاپىرىدە قىلغان ئانىسىنى تەبرىكلىسە تېخىمۇ مەنىلىك بولاتتى،ھېچبولمىغاندا<<بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ>>دېگەندەك بىر، ئىككى ئېغىز ياخشى گەپ قىلسا ياكى تۇغۇلغان كۈنىدە ئاتا- ئانىسىغا بىر دەستە گۈل سوۋغا قىلسا، ئۇلار ئالەمچە خوشال بولماسمۇ؟!

     

    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.