-
2009-06-17
كىتاب ۋە تۇرمىشىمىز - [تەرمىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41140044.html
پىسخىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە ، كىتاپ ئوقۇش ئادەمنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇپلا قالماي ،يەنە مەلۇم دەرىيجىدە شۇ كىشىنىڭ مىجەز - خاراكتىرىنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن:
مۇھەببەت ھىكايىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلار - ئىنتايىن ھىسياتچان بولۇپ ، سەزگۈر ۋە ئۈمۈدۋار كېلىدۇ ، ئادەتتە تېزلا ئۈمۈتسىزلىكتىن قۇتۇلۇپ ،قايتىدىن ئىش باشلايدۇ .
رازۋېتكا ھىكايىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلار - ئىدىيە جەھەتتىكى رىقابەتنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلار بولۇپ ،مەسىللەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ .باشقىلار ھەل قىلالمىغان قىيىن مەسىللەرگەتاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ .
فانتازىيە ھىكايىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلار - خىيالى ئارزۇسى كۈچلۈك ، ئىجادچانلىققا باي بولۇپ ، پەن - تېخنىكىغا ھەۋەس قىلىپ ، كەلگۈسى ئۈچۈن ، پىلان تۇزۇيدۇ .
مالىيە - ئىقسادقا دائىر كىتاپ - ژورناللارنى ياخشى كۆرىدىغانلار - رىقابەتلىشىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەردىن بولۇپ ،باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇشقا ئىنتىلىدۇ .
ئاياللارغا دائىر كىتاپ - ژورناللارنى ياخشى كۆرىدىغانلار - < دەرىيجىدىن تاشقىرى > ( قابىل ئايال) بولۇشنى ۋە ھەممە ئىشقا ماھىر بولۇشنى ئۈمۈت قىلدىغانلار
مودا كىيىم - كېچەكلەرگە دائىر كىتاپ - ژورناللارنى ياخشى كۆرىدىغانلار - ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىگە ناھايىتى دىققەت قىلدىغانلار بولۇپ ، ئۇلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىنىڭ كىشىلەر ئالدىدىكى قىياپىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىدىغانلاردۇر .
تارىخى كىتاپلارنى ياخشى كۆرىدىغانلار - ئىجادچانلىققا ئىگە، قۇرۇق پاراڭ سېلىشنى خالىمايدۇ ،ۋاقىت چىقىرىپ بىرەر ئىجادىي خىزمەت بىلەن شوغۇللىنىشنى خالايدۇ .ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى خالىمايدۇ
تەرجىمىھال كىتاپلارنى ياخشى كۆرىدىغانلار -شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشى كۈچلۈك ،ھەم ئېھتىياتچان ، ئىرادىلىك كېلىدۇ ، بىرەر قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن ، چوقۇم ئالدى بىلەن ، ھەر - خىل پايدا - زىياننى ۋە شۇ ئىشنىڭ ئۈنۈم بېرىدىغان - بەرمەيدىغانلىقى بىلەن ھېساپلىشىدۇ .
ھەجۋى سۈرەتلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلار -ئويۇن - تاماشا قىلىش ۋە ئەركىن - ئازادە يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ ، ئۆزىنىڭ ھاياتىغا بەكمۇ ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتۇپ كەتمەيدۇ .
گېزىت ، ئاخبارات تۈرىدىكى ژورناللارنى ياخشى كۆرىدىغانلار - ئىرادىسى مۇستەھكەم كېلىدۇ ، رېئاللىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ ، بۇلار يېڭى ئىدىيىنى قوبۇل قىلىشقا ماھىركەن.ماتىريالدىن .
历史上的今天:
<<ئىگىسىنى تونۇمىغان گۆھەر كىروران>> 2009-06-17ﺑﯩﻞ.ﮔﻪﻳﺘﯩﺴﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﮬﯩﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭ 2009-06-17ئۇيغۇرلاردىكى تۇغقان ناملىرى 2009-06-17گۈزەل -ئەخلاق 2009-06-17
收藏到:Del.icio.us