-
2009-06-17
ھايات ھەققىدە ھىكمەتلەر - [ھىكمەتلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41139973.html
1 - ھاياتلىق سەپىرىدە ئۈمىد، ئىشەنچ ۋە قەتئىي ئىرادىنى ھەر ۋاقىت ھەمراھ قىلغان كىشى كۆزلىگەن مەنزىلىگە چوقۇم يېتەلەيدۇ.
2 - ھاياتلىق سەپىرىنىڭ ھەر بىر قەدىمىنى بېسىشتىن ئىلگىرى،شۇ قەدەمنى باسسا ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى،قايسى يولغا مېڭىش، قايسى يولغا ماڭماسلىقنى ئەقىل تارازىسىدا ئوبدان دەڭسەش كېرەك.
3 - باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغانلىق باشقىلارنىڭ مال - دۇنياسىنى كۆزلەپ، جېنىغا زامىن بولغانلىق بىلەن باراۋەر بولسا،
ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغانلىق ئۆزىنى ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلتۈرۈۋالغانلىق بىلەن باراۋەر.
4 - كىشىلىك ھايات خۇددى ئەگر - توقاي، داۋانلىق مۈشكۈل سەپەرگە ئوخشايدۇ. ھايات سەپىرىدە ئىرادىلىكلەر <<قورام تاش>>قا يولۇقسا،ئۇنى ئالغا بېسىشنىڭ پەلەمپىيى قىلىدۇ، ئىرادىسىزلەر ئۇنى توسالغۇ، دەپ بىلىدۇ.
5 - بىكارچىلىق ئىنسان ئۈچۈن بىر دۈشمەن، ئۇ ئادەمنى ھېچ نەرسىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ھۇرۇنلارغا ئايلاندۇرىدۇ.
6 - ئىشەنچنى يوقاتقان ھايات - پاجىئەلىك ھاياتتۇر، تېڭىرقاش ئىچىدە ئۆتكەن ھايات - بىچارىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
7 - ئۆزىگە ئىشىنىش ھاياتلىق سەپىرىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك مەغلۇبىيەتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر.مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى
历史上的今天:
<<ئىگىسىنى تونۇمىغان گۆھەر كىروران>> 2009-06-17ﺑﯩﻞ.ﮔﻪﻳﺘﯩﺴﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﮬﯩﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭ 2009-06-17ئۇيغۇرلاردىكى تۇغقان ناملىرى 2009-06-17گۈزەل -ئەخلاق 2009-06-17
收藏到:Del.icio.us