ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-17

    ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش بىلەن ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ قايسىسى مۇھىم؟ - [ئەخلاق تېمىلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41139512.html



    <<سىز پەرزەنتىڭىزگە ئەخلاقىي پەزىلەتنى ئۆگىتىڭ ، ئادەمنى بەختلىك قىلىدىغىنى پۇل ئەمەس ، بەلى ئەخلاق – پەزىلەت .>> ___ بىتخوۋىن

    بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاتا – ئانىلار ئومۇمىيۈزلۈك تىرىشىدىغان نىشان . بالىلارنى ئۆگىنىشتە يۇقىرى نەتىجە ئالالايدىغان قىلىپ تەربىيلەپ ، كەلگۈسىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش ھەر بىر ئاتا – ئانىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى .

    لېكىن ، بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى تەرەققىي قىلسا ياكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرسىلا ، ئۇلارنى ياراملىق ئادەم بولدى ، دەپ قارىغىلى بولامدۇ؟ كەلگۈسىدە ئاتا – ئانىلار ياشانغان چاغدا چوقۇم بەخت – سائادەتنىڭ لەززىتىنى تېتىيالامدۇ ؟

    نۇرغۇن پاكىت __ ئىشنىڭ بۇنداق بولمايدىغانلىقىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بەردى .

    ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر ئوغۇل بالا شېنجىنغا << ئالتۇن تاسقىغىلى >> بېرىپ، تۇرمۇش پۇلىنى پۈتۈنلەي خەجلەپ تۈگىتىپمۇ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالمىغان . ئۇ يېنىدا بىر تىيىنمۇ قالمىغاچقا ، تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ۋە ئائىلىسىگە ئامالسىز قالغان . باشقىلار ئۇنىڭغا بىرەر يەردە ۋاقتىنچە ئىشلەپ تۇرمۇش پۇلى بولسىمۇ تاپساڭ بولمامدۇ ، دېگەن تەكلىپنى بەرسە ، ئۇ << مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن تۇرسام ، جىسمانىي ئەمگەك قىلاتتىممۇ ؟>> دېگەن ھەمدە كوچىغا چىقىپ تىلەمچىلىك قىلغان ، ئۇ ئۆتكەن – كەچكەنلەرگە يېلىنىپ : << رەھىم قىلىپ مەندەك بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى قۇتقۇزۇپ قېلىڭلار ، ئۆيۈمگە قايتىشىمغا ياردەم قۇلۇڭلارنى سۇنۇڭلار >> دەپ ئىلتىجا قىلغان . بەزىلەر ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ ، ئۇنى مەلۇم بىر شىركەتكە تونۇشتۇرماقچى بولغان ، شىركەت خوجايىنى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن ، << شىركىتىمىزدە مۇشۇ خىل ئىختىساس ئىگىلىرى كەمچىل ، لېكىن بۇنداق يارامسىز ئادەم ماڭا كېرەك ئەمەس >> دېگەن .

    بۇ ھەقىقىي ئەھۋال بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى ، ھازىرقى جەمئىيەت ئىختىساس ئىگىلىرىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى ، دېپلوم بولسىلا ، مەلۇم كەسىپنى ئىگىلىسىلا كۇپايە قىلمايدۇ ، ئۆز ئىشىدا تەرەققىي قىلىمەن دەيدىكەن ، ئالدى بىلەن كۈچلۈك ياشاش ئىقتىدارى بولۇشى لازىم ، چىداملىق ، ئىشچان ، قەيسەر بولمايدىكەن ، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇش ھەم تەرەققىي قىلىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ .

    2000- يىلى چاغاننىڭ ئالدى – كەينىدە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنخۇا 4- ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى بىر ئوقۇغۇچى ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولمىغاچقا ، ئاتا – ئانىسىنىڭ بېسىمىغا چىدىماي بولقا بىلەن ئانىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن . ۋېنجۇ شەھىرى يۇڭجا ناھىيىسىدىكى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككى ئوقۇغۇچىسى بىر ساۋاقدىشىنىڭ پۇلىنى قاقتى – سوقتى قىلىش ئۈچۈن ، ئۇنى چاناپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ؛ يەنە بىر قىز ئوقۇغۇچى ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا قويغان << ئۆگىنىشتە چوقۇم ئالدىنقى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشىسەن >> دېگەن تەلىپىنىڭ بېسىمىغا چىدىماي زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغان .

    يۇقىرىدىكى پاجىئەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەپلەر كۆپ تەرەپلىمە بولسىمۇ ، لېكىن تۈپ نىگىزى ئاتا – ئانىلاردا ، ئاتا – ئانىلار شۇنى تۇنۇپ يېتىشى لازىمكى ، بىر تەرەپلىمە ھالدا بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىنى قوغلىشىپ ، ئىدىيىۋى ئەخلاق تەربىيىسىگە ، قانۇن – ئىنتىزام تەربىيىسىگە ئۇزۇن مۇددەت سەل قاراش ؛ بىلىم ئۆگىنىشكىلا ئەھمىيەت بىرىپ ، بالىلارنىڭ پىسخىك تەلىپى ۋە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا سەل قاراش بۇ پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئائىلىۋى سەۋەپتىن ئىبارەتتۇر . بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى بوۇپ ، ئۇ مەكتەپتە چوڭ ئەترەت باشلىقى ئىكەن . ئۇنىڭ ئانىسى ئىشچى بولۇپ ، ئادەتتە ئۆزى ناھايىتى تىجەشلىك ئىكەن ، لېكىن ھەممە ئىشتا بالىسىنىڭ رايىغا بېقىپ ، ئۇنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىكەن . ئانىسى ئۇنى ھەددىدىن زىيادە ئەركىلەتكەچكە ، ئۇ قوپال ، ئۆكتەم ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ ، ئانىسىنىمۇ چاكار ئورنىدا ئىشقا سالىدىغان بولۇۋاپتۇ . بىر قېتىم مەكتەپكە پائالىيەت ئېلىپ بارماقچى بولۇپ ، سەھەردىلا مەكتەپ بېرىشقا توغرا كەپتۇ ، ئانىسى سائەت جىرىڭلىماي قالمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ ، كېچىچە ئۇخلىماي ئۆرە ئولتۇرۇپتۇ . تاڭ ئاتاي دىگەندە كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپ قاپتۇ ، قېرىشقاندەك سائەتمۇ جىرىڭلىماپتۇ . ئانا ئۇيقۇسىدىن ئويغانغاندا ، ۋاقىت يېرىم سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ ، ئۇ دەرھال ئوغلىنى ئويغىتىپتۇ ، ئوغلى ۋاقىتنىڭ يېرىم سائەت ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن ، ئانىسىغا خۇددى غالجىر ئىتتەك ئېتىلىپ كېلىپ ، ئانىسىنىڭ پاچىقىنى جان – جەھلى بىلەن چىشلىۋاپتۇ .

    ئانىسىنىڭ كۆڭلى قاتتىق بىئارام بولۇپ ، بۇنداق ۋاپاسىز ئوغۇلنى نېمىشقىمۇ باققاندىمەن ؟ تۇغۇلغاندا شۇنداق رەھىمدىل بالا قانداق بولۇپ بۇنچە رەھىمسىز بولۇپ كەتكەندۇ؟ دىگەن خىيالغا كەپتۇ . بالىلارنى ياخشى تەربىيىلىمەسلىك ئاتا- ئانىنىڭ گۇناھى ، ئەركىتلىتىشنىلا بىلىپ ، باشقۇرمىغاندا ھامان يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ . ئەقەللىي ئەخلاق ۋە ۋىجدانى بولمىغان بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولغاننىڭ نېمە پايدىسى ؟ مانا بۇ مەسىلىلەر ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ ، بۇ ئائىلە تەربىيىسى ۋە مەكتەپ تەربىيىسىگە قىلىنىۋاتقان خىرىس ئەمەسمۇ ؟

    بەزىلەر بەلكىم يۇقىرىدىكى مىساللارنى ئايرىم ئەھۋال دەپ قارىشى مۇمكىن ، ئۇنداق بولسا بىز تۆۋەندىكى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بېرىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قاراپ باقايلى :

    ئامېرىكىدا كۆلىمى بىر قەدەر زور بولغان بىر تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ ، 250 مىڭ ئۆسمۈرنىڭ ئىچىدىن 1528 نەپەر ئەڭ ئەقىللىق بالىنى تاللاپ ، ئون يىلغىچە ئىز قوغلاپ كۆزىتىپ ، ھەممىسىنىڭ ياراملىق بولالايدىغان – بولالمايدىغانلىقىنى كۆزەتكەن . نەتىجىدە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئوخشىمىغان دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن مۇتەخەسىس ، ئالىم ، كارخانىچى ۋە ئوخشاشمىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە كىشىلەر چىققان ، ئەكىسچە يارىماسلار ، سەرگەردانلار ھەتتا بىر مۇنچە جىنايەتچىلەرمۇ چىققان . پۇرسەت قاتارلىق ئىجتىمائىي ئامىللارنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ ، ئوخشاشمىغان بۇ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تەھلىل قىلغاندا ، شۇنداق خۇلاسىگە كېلىش مۇمكىنلىكى ، مەغلۇپ بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەخلاقىي پەزىلىتى ۋە شەخسى پىسخىكىسى ياخشى بولمىغانلاردۇر . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىلىپ تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار ، بەزىلىرى ئىرادىسى ئاجىزلاردۇر .

    بۇ تەتقىقات بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى ، پەقەتلا ئەقىللىق بولۇپ ، بىلىملىك بولسىلا ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقالىشى ناتايىن . ياراملىق بولۇش ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش كېرەك . دۇرۇس ، تىرىشچان ، ئاق كۆڭۈل ، كەمتەر بولمىسا ھەم ئەخلاقلىق ئادەم بولمىسا ، ھەر قانچە تالانتلىق بولغان تەقدىردىمۇ ، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلالمايدۇ .

    ئېلىمىز 400 نەپەر 45 ياشتىن تۆۋەن مەشھۇر ياش ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان . تۆۋەندىكى سان – سىفىرلار بىزگە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ :

    ئۇلارنىڭ %75.65 باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەلا ئوقۇغۇچىلار ئىكەن . ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ئەلا بولۇشى يەنىلا ھازىرقى جەمئىيەتتە ياراملىق ئادەم بولۇشنىڭ مۇھىم ئامىلى ، بۇ كىشىلەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە .

    ئۇلارنىڭ %33.47 ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە << 3 تە ياخشى ئوقۇغۇچى >> ، << سىنىپ كادىرى >> بولغانلار ۋە مەلۇم جەھەتتە گەۋدىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئوقۇغۇچىلار ئىكەن . بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە تۇلۇق ئىشەنچ قىلىدىغانلىقى ، كۈچلۈك غۇرۇرغا ۋە پائالىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .

    ئۇلارنىڭ % 81.08 كىچىكىدىن باشلاپ ئائىلىسىدە ئاتا – ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئىش قىلىدىغانلار ئىكەن . بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىش ئىقتىدارىغا ۋە ئائىلە ئالدىدا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .

    ئۇلارنىڭ %79.73 ئادىل بولمىغان ئىشلارغا قاتتىق نەپرەتلىنىدىغانلار ئىكەن . بۇ ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ھەق – ناھەق قارىشى ۋە ئادالەتپەرۋەرلىك تۇيغۇسىنىڭ روشەن بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .

    ئۇلارنىڭ %41.89 كىچىكىدىن تارتىپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان ، چىداملىق ، كەمتەر پەزىلەتكە ئىگە كىشىلەر ئىكەن .

    يۇقىرىدىكى سانلىق ئاساسلار كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ، ئۆزىگە ئىشىنىش ، مۇستەقىللىق ، تەلەپچانلىق ، ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇش قاتارلىقلار مەشھۇر ياشلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى << سىرى >> ئىكەنلىكىنى ، يەنە كېلىپ دەل مۇشۇ ئامىللارنىڭ ئادەم بولۇشنىڭ مىزانى ئىكەنلىكىنى تۇلۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .

    ئەپسۇسكى ، نۆۋەتتە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مەزمۇنىغا بولغان چۈشەنچە بىر تەرەپلىمە بولغاچقا ، ئاتا – ئانىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا يەنىلا بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى بولماقتا . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچى ، سانجى قاتارلىق جايلاردىكى ئاتا – ئانىلار ئىچىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا %90 تىن كۆپرەك ئاتا – ئانىلار ھەممىدىن خۇشال بولىدىغىنىمىز بالىلارنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشى ، ھەممىدىن بەك خاپا بولىدىغىنىمىز بالىلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ ناچار بولۇپ قېلىشى ، دەپ جاۋاپ بەرگەن . دېمەك ، بالىلار ئۈگىنىشتە ياخشى بولسا ، ئاتا – ئانىلار ھەر قانداق جاپانى تارتىشقا رازى ئىكەن .

    بىز ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز ، لېكىن ئاتا – ئانىلارنىڭ ئالدى بىلەن بالىلارنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ، بالىلارنى قانداق ئادەم بولۇش توغرىسىدا تەربىيىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . مانا بۇ تۈپ يىلتىزىنى تۇتقانلىق بولىدۇ .

    قەدىرلىك ئاتا – ئانىلار ، بىز << ئىلىم ئۆگىنىشمۇ مۇھىم ، ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش تېخىمۇ مۇھىم >> دېگەن قاراشنى تىكلەيلى .

    شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاتا – ئانىلار مۇنۇ نۇقتىغىمۇ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى لازىم :

    بىز پەرزەنتلەرنىڭ ئۆگىنىشىگىلا يۇقىرى تەلەپ قۇيۇپ ، ئەخلاق – پەزىلىتىنى ئۆز مەيلىگە قۇيۇۋەتمەسلىكىمىز لازىم .

    ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئالدى بىلەن بالىلارنى ياراملىق ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ، چوڭلارنىڭ ھالىغا يىتىدىغان، ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق قىلىپ يېتىشتۈرۈش ، ئۇنىڭدىن كېيىن بىلىم ، ئىقتىدار جەھەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش بۇلۇشى كېرەك .

    ئەقىللىق ، لېكىن پەزىلىتى ناچار بولسا ، ھامان يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ .

    بالىلارنى ئورتاق تەربىيىلەيلى دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.