ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-17

    ئۇيغۇر قىزى - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41139463.html

     رەنا ئابلىپىز

    ئۇيغۇر قىزى،ئەي ئۇماق ئۇيغۇر قىزى،سېنىڭ گۈزەل چىرايىڭ،ئۆزگىچە مىجەز-خۇلقۇڭ. سۈزۈك بۇلاقتەك كۆزلىرىڭ،ھىلال ئايدەك قاشلىرىڭ،خۇددى بىرەر رەسسام ھىچكىمنىڭكىگە ئوخشاتماي سىزىپ قويغاندەكلا نېپىز لەۋلىرىڭ، قاپقارا ئۆرۈم چاچلىرىڭ سېنى خۇددى ئاسماندىكى تولۇن ئايدەك، كائىناتتا بىر مېھرى ئىسسىق قۇياشتەك شۇنچىلىك ئىللىق ھەم جەلپ قىلارلىق كۆرسىتىدۇكى،سېنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشىسەندىن كۆزىنى ئۈزەلمەي، گويا پەرىزاتنىڭ ئۆزى ئىكەنغۇ دەپ ھەيرانۇ ھەس بولىدۇ. ئۇيغۇر قىزى،سېنىڭ ئىزا تارتقاندىكى يۈزلىرىڭ قىزىرىپ پىشقان توقاچقا ئوخشىسا، باشقىلارغا بولغان ئىللىق مۇئامىلەڭدىن تومۇزدىكى قۇياشنىڭ تەپتى كىلىدۇ. سەندىكى شەرم-ھايا، سېنى تېخىمۇ سۈيۈملۈك، ساداقەتمەن قىلىپ يىتىشتۈرگەن. سېنىڭ ئەپچىل، ئەمگەكچان بىر جۈپ قولۇڭ ۋە ھەممىگە ماھىر يۇمران بارماقلىرىڭدىن تىكىلگەن گۈل- كەشتىلەر، ئېتىلگەن مەززىلىك تائاملار، كومپىيۇتىرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن چاغدىكى تەمەننالىق كۈلكەڭ، تاپشۇرۇق تەكشۈرگەندىكى ئەستايىدىل پۇزۇتسىيەڭ،جاپا-مۇشەققەتتە ئېتىز ئەمگىكىدىن ئېگىلگەن تال چېۋىقتەك بەللىرىڭ ئىنسان قەلبىدە چەكسىز سۆيۈنۈش، ھىسداشلىق تۇيغۇسىنى ئويغۇتىدۇ. ئەي ئۇيغۇر قىزى، سېنى قانچە-قانچە داستانلار بىلەن كۈيلىسەممۇ ئەرزىيسەن، سەن دۇنيادىكى ئەڭ سۈيۈملۈك ئانا، سەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇھەببەتنىڭ خورىماس بولىقى. ئگەر باش ئەگدۈرىمەن دىسەڭ، ھەرقانداق پالۋاننى باش ئەگدۈرەلەيسەن، ھەرقانداق يامان ئادەمنى ياخشى ئادەمگە ئۆزگەرتەلەيسەن. ئەي ئۇيغۇر قىزى، سەن مەڭگۈ ساداقەت ۋە جاسارەتنى ئۆزەڭگە قوس قانات قىلىپ ئۆرلە. پاكلىق بىلەن جىسمىڭ گۈزەل، غۇرۇر بىلەن روھىڭ گۈزەل بولسۇن. گۈزەل ئەتەڭ سېنىڭدەك گۈزەللىشىدۇ. مەنبە: «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژورنىلى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.