-
2009-06-17
<<130>>ھىكىمەتلىك سۆزلەر - [ھىكمەتلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41139111.html
ئاللاھتائالا ئىنسانلارغا نۇرغۇن ئىلىم ھىكىمەت،روھى لەززەتنى ئاتا قىلغان بولۇپ،ھېكىمەت ئىلىمى دۇنيادا زۇر تەسىر كۇرسىتىدۇ ، ئەمىسە تۇۋەندىكى ھېكىمەتلەرنى كۇرىپ بىقىڭ:
1 . ئاللاھ غەزىپى ساڭا چۈشمەسلىكى ئۇچۇن ئىبادەت ، ئىستىقامەتتە چىڭ تۇر .
2 . تولا داۋالاشما ، غەزەپكە يولقۇپ قالىسەن .
3 . دۇنيا ئەھۋالىنى ياخشى بىلسەڭ ، ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيلىيەلەيسەن .
4 . ئەدەپ - ئەخلاقنىڭ ئازلىقى ، خارلىقنى ئېلىپ كېلىدۇ .
5 . زىياپەتتە ياخشى تائام ئالدىڭغا قويۇلسا ، ئالدىراپ كەتمە ، سۇنى تېز ئىچكەن ئادەم تېز ئۇسسايدۇ ، ئالدىراڭغۇلۇق شەيتاندىن .
6 . ئەگەر سەن ئىلىم-ھېكمەتكە ئەمەل قىلالىساڭ ، دۇنيا- ئاخىرەتتە ئىسىل پەزىلەتكە لايىق بولىسەن .
7 . كىشىلەرنىڭ ئۇلۇغىنى تونۇشمۇ بىر نېئمەتتۇر .
8 . رەببىڭ سەندىن ئىنتىقام ئالمىسۇن دېسەڭ ، كىشىلەرنى قورقۇتما .
9 . زۇلۇم قىلىپ باي بولساڭ ، كىېيىن زۇلۇمغا ئۇچىراپ پېقىر بولىسەن .
10 .ئاللاھ خالىغاننى ئەزىز ، باي ، خالىغاننى پېقىر ، خار قىلىدۇ . بۇ ئىرادىگە ئىتراز ، چاخچاق قىلغىلى بولمايدۇ .
11 . سېنى ئاللاھ سىنايدۇ ، سەن ئاللاھنى سىنىمايسەن ، ئۇ خالىغىننى قىلىپ سوراققا تارتىلمايدۇ ، سوراق قىلىدۇ ، نىمە قىلدىڭ دېمەيدۇ . بۇنى نېمە ئۇچۇن قىلدىڭ دەيدۇ .
12 . ئاقىل بولساڭ ، بالاڭنى ياخشى تەربىيلە ، ياخشى ئەدەپ-ئەخلاق ئۇگىتىپ ، يامان كىشىلەردىن يىراق قىل ، چۇنكى ، ئۇ ئاق دەپتەر شۇنداق قىلالىساڭ ، دۇنيا ئاخىرەتتە ئاۋارچىلىقتىن قۇتىلىسەن .
13 . شۇنىڭغا ھەيرانمەنكى ، پۇتكۇل مەخلۇقلارنى ياخشى كۆرۇپ ، كۆيۇنۇپ يارتىپ ، تۇردىغان ئاللاھنىڭ قولىدا ، تەقدىر بار ۋە تەدبىر بار .
14 . بىلگىنكى پېقىرلىقتىن كىيىن دۆلەتكە ، خارلىقتىن كېيىن ، ئىززەتكە ئېرىشسەڭ ، بالدۇرقى كۈنۇڭنى ئۇنۇتماي شۈكرى قىل ، مال-مۇلۇكىنى ساقلاپ بېخىللىق قىلىپ ، ھەقنى توسىما ، چۇنكى ئۇ ساڭا ئامانەت ، ياخشى ئادا قىل ، ئۇمۇ سەندىن يۆتكىلىپ كېتىدۇ ، ساڭا پەقەت ئاخىردا ياخشى يامان ھۆكۇم چىقىرىش قالىدۇ خالاس .
15 . ھەق يولغا ، ھىدايەت تاپقان كىشىدىنمۇ ئۇلۇغ كىشىنى تاپالايسەن .
16 . كىمكى ، قانۇن-تۇزۇم شەىئەتكە خىلاپلىق قىلسا ، يامان جالىنىدۇ .
17 . كۇفىرىدىن چوڭ گۇناھ يوق ، دوۋزاخ ئوتىدىن چوڭ زازا يوق .
18 . ھەقىقى ئادالەت بەلگىلمىسى ، ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلمايدۇ
19 . بەزى چاغلاردا سوئال سورىمىسا ، گەپ قىلما . ,
20 . چوڭلار ئىشقا بۇيرىسا ، خاتا بولمىسلا ئېجارا قىل ، بولمىسا خەتەرلىك .
21 . ئىلىم-ھېكمەتتە ، بىرەرسىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھىس قىلساڭ ، ئۇنۇڭغا چوڭچىلىق قىلما ، چۇنكى سەن ، ئىلىم-ھېكمەتتىن چوڭ بولالمايسەن .
22 . ئالىملار مەجلىسىدە ئالدىراپ سۆز قىلما ، چۇنكى ، سەندىن ئالىمراقى باردۇر .
23 . نۇرغۇن جايلاردا بىر خىل سۆز قىلىش نادانلىق ، ھەر خىل جايلاردا ، لايىقىدا سۆز قىلىش دانالىق .
24 . بىرەرسىنى ياخشى ئەمەلدىن توختىتىپ قويما ، بولمىسا سەن ياخشىلىقنىڭ دۇشمىنى بولىسەن .
25 . ئامانەتكە خىيانەت قىلمىساڭ ، ئىززىتىڭ ، ئىشەنچىلىكىڭ ئاشىدۇ .
26 . ھەقىقى ئالىم ، ئۇستاز ياكى ، ئىمام ، بەسلەشكەن كىشى ، ھەقىقى ئەخمەق بولىدۇ .
27 . بىرەر ئۆيگە كىرسەڭ ، شۇ ئۆيدىكى گۇزەل ئاياللاردىن قاتتىق ھەزەر قىل ، كۆز قىرىڭنى سالما ، مايىل بولما ، ئەنە شۇنداق قىسقا لەززەت ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمىرنى نابۇت قىلدى ، زىنا ئويى ، خارابلىق جايى ، زىننانى مەخسەت قىلغان قەلىب ، خاراپ ، زىناخور بولسا ، توغرا يولنى تاپالمايدۇ ، غەزەپكە يولۇقىدۇ .
28 . ئاقىل بولساڭ ، ئۆز ئۆيۇڭنىڭ تەدبىرىنى ياخشى قىل ، ياخشى ئىگە بول ، دەيۇز بولما ، يولىدا كۇنلە ، ئىككى ئالەمندە شېرىكىك بولغان ئايالىڭغا ياخشىلىق قىل ، يۇمشاق دىللىق ، سوغا -سالاملىق بولۇپ قەلبىنى ئۇت .
29 . ئىلىمىڭدىن ئەجەپلەنمە ، چۇنكى ئىلىم دېگەن قىرغىقى يوق چەكسىز دېڭىز ، سەن بىر گوھەرگە ئېرىشسەڭ ، باشقىلار مىڭغا ئېرىشكەن بولىشى مۆمكىن ، ئىلىم - ھېكىمەت گۆھەر ، مەرۋايىتتىنمۇ قىممەتلىك ، چۇنكى گۆھەر مەھجۇد بولغان مادى تاش ، ھىكمەت بولسا ۋۇجۇدى كام مەنىۋى ئۇلۇغ نەرسە .
30 . باش بولساڭ ، كەينىڭدىكىلەرگە ياخشى ئۇلگە بولغۇدەك بول ، قازى بولساڭ ، ياخشى ئاڭلاپ ، غەزەپلەنمەي توغرا ھۆكۇم قىل .
31 . سېنىڭ بۇيرۇقۇڭ ياكى چەكلىشىنىىڭ ، ئىدارە قىلىشىڭ ياخشىققا ئېرىشىش ئۇچۇن ئەمەس ، بەلكى ئىرادىنى ياخشىلاش ئۇچۇن بولسۇن ، ئەمەللەر نىيەت بىلەن بولىدۇ ، .
32 . ئازماسلىقىڭ ئۇچۇن ، پىكىر ، تەپەككۇر ، كۆز قاراشتا مۇستەبىدىلىك قىلما ، ھەم سېنىڭ دوستلىرىڭ ئالدىدا شەخسىيەتچىلىك قىلما .
33 . قاتتىق بولما سۇنۇپ كىتىسەن ، يۇمشاق بولما سىقىلىپ كېتىسەن .
34 .ئىقتىساددا بېخىللىق ياكى ئىسىراپچىلىق قىلماي ئوتتۇر ھال بول .
35 . ساڭا باشقىلار ئىتائەت قىلغاندا ، قادىر بولالايدىغانغا تەكلىپ قىل .
36 . ئىككى تەرەپكە ئوتتۇردا تۇرۇپ ئادىل ھۆكۇم قىل ، بىر يانغا يان باسما .
37 . ساڭا يامانلىق قىلغان كىشىنى ئەپۇ قىلغان بولساڭ ئىككىنجى شۇ ئىشنى تىلغا ئالما .
38 . كىم تىرىشسا ، ئىخلاس قىلسا ، ئاللاھ ئۇنىڭ نەتىجىسىنى چىقىرىپ بىرىدۇ .
39 . بۇگۇنكى پۇرسەتنى ئەتىگە قويما ، تىرىشقان تاپىدۇ .
40 . ھاياتىڭدا ئىنتىزامچانلىق بىلەن ئۆزۇڭنى كونتىرول قىلالىساڭ ، زور غەلبە قىلغان بولىسەن ، شەھۋەتكە بويسۇنغان خار ، مەغلۇپتۇر
.41 . چوڭلار ئالدىدا ھەقنى دىسەڭمۇ ، تاكاللاشقان بولىسەن ، ئۆزەڭنى كەمتەر تۇت ، سۆزى توختىغاندا پۇرسەت تېپىپ سۆزلە .
42 . مۇنازىرلەشكەندە ، كۇلۇپ تۇرۇپ ، ئەخلاقلىق بىلەن مۇنازىرىلەش .
43 .قېرىندىشىڭ ساڭا يامان گەپ قىلسا ، سەن ياخشى گەپ قىل .
44 . باشقىلار گەپ قىلىۋاتسا ، گىپىنى بۆلمەي ، بېرىلىپ ئاڭلا ، سۈكۈت ، گۆھەردىن قىممەتلىك ، سۆزلىسەڭ قىممەتلىك سۆزلە.
45 . پېقىرنى ۋە ئۇنىڭ كۆز قارىشىنى ھاقارەتلىمە ، بۇ ئالىجاناپنىڭ ئىشى ئەمەس . *
46 . كىشىلەر ئارىسىدا ھەقىقەتنى بۇرمىلما ، بولمىسا ، زور ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ .
47 . ساڭا باشقىلار ئاشكارلىغان سىرنى ، سەن باشقىلارغا ئاشكارلىما .
48 . سىيىرسۇ يەنى ھاياتى تەرجىمھالى ياخشى بولمىغان كىشى ئازغۇن ، سەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئازما ئىبىرەت ئال .
49 . تارىخ دىگەن كەلگۇسىگە تونۇلغان ئەينەكتۇر ، ياخشى كۆرۇپ باق .
50 . ھەر قانداق قەۋىم بىلەن ياشىساڭ ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئۇتىۋال.
51 . سۆزلىرىڭ دائىم قىسقا ، پايدىلىق بولسۇن .
52 . توغرا يول تاپاي دىسەڭ ، ياماندىن يىراق بول ، مەخلۇققا بولغان تامادىنمۇ يىراق بول ، ئۇ داۋاسى يوق كىسەل ، پېقىر قىلىۋىتىدۇ .
53 . ئۆزىنىمۇ بارچە غېمىنىمۇ ۋاختىنىمۇ دۇنياغىلا قاراتقان كىشى قىلچە لەززەت ئالالماي كېتىدۇ ، كىشىلەردىن قورۇققان كىشى ، غەمدە ئۆلۇپ كېتىدۇ ، لەززەتنىمۇ ، باتۇرلار تېتىيالايدۇ .
54 . كۇندۇزدىكى ئەمەل ۋاختىنىمۇ شەھۋەتكە بەرگەن كىشىنىڭ ئائېلىسى ۋەيران ، خاراپ بولغاندەك ، بۇ دۇنيادىكى بارلىق ۋاختىنى شەھۋەتكە بەرگەن كىشى ئاخىرەتتە ۋەيران ، خاراپتۇر .
55 . دوستۇڭنىڭ تەبىئىتىنى ، مىجەز-خاراكتىرېنى ئۇقماقچى بولساڭ ، ئۆتمۇشىنى سورا .
56 . ھاياتلا بولساڭ ، خۇشخۇي ، ئەخلاقلىق بول .
57 . كىشىلەر ئارىسىغا ئاداۋەت سالغان كىشى يالغۇز قالىدۇ ، ھەمىراھ تاپالمايدۇ .
58 . تېشىڭدا ياخشى بولغاندەك ، ئېچىڭدىمۇ ياخشى بول .
59 . ئىنسان قېرىسا كىچىكلىكىگە قايتىدۇ . كۆزى ، سۆزى ، قۇلىقى ، ئەقلى ، ئەستە تۇتىشى ، كۈچ -قۇۋىتى ھەممىسى شۇ .
60 . ئاتا - ئاناڭغا ياخشىلىق قىل ، قېرىلارغا كۆيەن .
61 . ئەمەللىرىڭدە ئاللاھقا ئىخلاس قىل ، بۇ قۇلچىلىقىڭنىڭ سەمىمىيتى .
62 . رەببىڭ ياختۇرمايدىغان ئىشلار بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق ئىزدىمە ، تەغدىردىكى سىرنى كوچىلما ، بۇ ئەقلى ئىدراكدىن ياشقىرى ئىشتۇر
63 . بىرەرسى مەسلىھەت سورىسا ، ساماۋى قۇرئاندىن مەسلىھەت بەر ، مۇسۇلمان بولۇپ كارامەت بېرىلگەن بىر زاھىد دىگەن :
64 . مەن ئىسلام دىننى نەپسىمگە دەڭلىسەم ، ئۇ ياختۇرمىدى ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئىسلام دىنى توغرا ئىكەن دەپ مۇسۇلمان بولدۇم .
65 . ئاياللارغا مەسلىھەت سېلىپ ، قارشىسىنى قىلساڭ غەلبە قىلىسەن .
66 . زۇلۇمغا ئۇچۇرغان كىشى ، ئاللاھقىلا ئەرزى قىلىش كىرەك ، چۇنكى ، ئۇ ھەقنى ئاشكارلاپ باتىلنى يوقاتقۇچىدۇر .
67 . ياخشى باشلىنىشقا ئېرىشىش ، ئاخىرى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .
68 . تىلىڭنى ئوبدان ساقلا ، چۇنكى ، ئۇ ھەممە يامانلىقنىڭ سەۋەپچىسى ، قىيامەت كۇنى ھەر بىر لەۋزىنمۇ ھېساپ بىرىسەن ،
69 . يېشىڭ كىچىك ۋاقتىدا ، يېشى كىچىك قىز بىلەن توي قىل ، بەخىتلىك بولىسەن ، پات يېقىندا بالاڭ قولۇڭنى بوشتىدۇ .
70 . ئاتا - *** قەدىرلە ۋە ياخشىلىق قىل ، سەنمۇ شۇ ياخشىلىقلارغا ئېرىشىسەن .
71 . قېرىندىشىڭنىڭ ھەققىنى قېرىنداشلىق ھەققىگە تاينىپ ئېلىۋالما .
72 . ئىرادەم كۇچەيسۇن دىسەڭ ، ئايال كىشىنى قەلبىڭگە غالىب قىلما .
73 . ئايال كىشىگە مايىل بولما ، ئازساڭ ، دىنىڭ ، شەئىيىتىڭ بىلەن ئويناشقان بولىسەن .
74 . ھاراق ئىچكەن ئادەم ، خارلىق ئىچكەن ، خاراپ ئىچكەنلىكتۇر .
75 . قورقۇنچاقلىق ھاياتنى ئۇزارتالمىغاندەك ، باتۇرلۇق قىسقارتالمايدۇ .
76 . ئىبادەت بىلەن ئويۇڭنى بىر قىل ، ياخشىلققا بۇيرۇغىچى ئالىمنى زىيارەت قىلساڭ ، يېقىن دوستۇڭنى كېسەلدىن يوقلىساڭ بولىدۇ
77 . بىر پۇرسەت قولدىن چىقىپ كەتسە ، ئۇمىد ئۇزمەي ئىككىنجى پۇرسەتنى چىڭ تۇت .
78 . ھەيىبىنىڭ يوقالمىسۇن دىسەڭ ، كىچىك باللار بىلەن ئوينىما .
79 . يامانلىقنى سۆزلىسەڭ ، ئاقىۋىتىگە ئۆزە قالىسەن .
80 . نەپسىنى باشقۇرۇش دېگەن ھاۋايى - ھەۋەسندىن توسۇشتۇر .
81 . سەن ھەرگىز تىككەندىن ئۇزۇم ئۇسەلمەيسەن .
82 . ھەر بىر ئىنسان باشقىلار بىلەن ئەمەس ، ئۆزى بىلەن مەشغۇل بولىشى كىرەك .
83 . ھەقىقى بەخىت مال دۇنيا بىلەن ئەمەس بەلكى ئەقىل نۇرى ، پەزىلەت ، ئېسىل ئەخلاق ، قانائەت ، رازىلىق بىلەن بولىدۇ .
84 . ئۇزتازىڭنىڭ ئاچچىقى بېسىققىچە نېرى تۇر .
85 . قانچە قاتتىق كۇنگە قالساڭ ، شۇنچە ئۇمىد ئۇزمە ، چۇنكى بىر مۇشكۇللۇك ، قېيىن ئىش بىلەن ئاسان بىلىندۇ .
86 . ۋەكىل تۇتماقچى بولساڭ ، ئىشەنچىلىك ، ئاقىلنى تۇت .
87 . كىشىلەرنىڭ تاشقى كۆرۇنىشىگە قاراپ ئىشنىپ قالما ، ھالاك بولسۇن .
88 . كىشىنىڭ ياخشى - يامانلىقىنى دوستىدىنمۇ ، دۇشمىنىڭدىنمۇ سورىما .
89 . قىلىۋاتقان خىزمەتتە ھورۇنلۇق قىلساڭ ، ئاقىۋىتى زور زىيان .
90 . توشقان ئالىم بولغاندا ، پىقىر بولسىمۇ ، ئۇستۇن مەنزىلگە ئىگىدۇر .
91 ئالىم دېگەن دۇنيالىقتا پېقىر بولسىمۇ، ئىلىمنى ھۆرمەتلە ئوبدان ھىمايە قىل .
92 . نەرسە يىسەڭ بىللە تۇرغان تۇرغانلارغىمۇ بىرىپ يە .
93 . ئىنسان ، يېيىش ئۇچۇن يارتىلمىغان ، بگلۆخ . ئۇ پفۆ ، ئېسخل ھفيفـ ۆگچۇرۇش ئۇچۇنلف يەپ قويىدۇ ، بۇ ھاياتنى ئەبەدى ھاياتقا ئۇلايدۇ .
94 . ھەر قانداق زامان ، ماكانغا يولۇققان ھادىسە ئۆزگىرىدۇ ، ۋە ئاخىردا يوقايدۇ . شۇڭا ئاخىرەتتەدۇنياسىدا كېچە - كۇندۇز ، زامان يوق .
95 . مۇھەببەت كور ۋە گاس قېلىۋىتىدۇ ، مەھبۇبىنىڭ قەبىھلىكىنىمۇ گۇزەل كۆرسىتىدۇ .
96 . ئوغىرلىق قىلما ، بولمىسا جاھانغا ئىبىرەت بولۇپ قالىسەن .
97 . باي پېقىرنى خارلىسا ، ئۇنى ئاللاھ خارلايدۇ
98 . ئاللاھقا ئىتائەت قىل ، شەيتانغا ئاسىي بول ، نىجات تاپىسەن .
100 . ھالالدىن تاپقان بىر يۇەن ، ھارامدىن تاپقان 1000 يۇۋەندىن ياخشى .
101 . كىشىلەرگە ئېچىڭدىكىدىنمۇ ئەكىسى ئۇئامىلە قىلساڭ ، ئۇلارنى ئالدىغان بولىسەن
102 . تۇتۇقسىز ئۆلۇم بولغاچقا ، كۇنلىرىڭنى بىكار قىلىۋەتمە .
103 . ئۆز ئۆيۇڭدە ئەركىن ھالدا يىگىن بىر پارچە نان ، .ەھبۇس بولۇپ ياكى خارلىق ، ئاھانەت ئاستىدا يىگەن گۆش پولودىن ياخشى .
104 . قەلبىڭگە مال-دۇنيانى ياخشى كۆرسەتمە ، مال دۇنيا يىغىشقىمۇ ھېرىسمەن بولما ، چۇنكى ،ئۇ تەقسىم قىلنىپ بولغان
105 . مال-دۇنيا ، پۇل-پۇچەككە خوشال بولغىنىڭ ، دوسىت تۇتقىنىڭ شۇ .
106 . دائىم ئىشلاردا چۇشۇڭگە تايىنۋالما ، ئوڭۇڭغىمۇ قاراپ باق .
107 . ياخشى ئەمەلدە يوغان تاش ئىزىدا چىڭ تۇرغاندەك چىڭ تۇر .
108 . يالغانچىنىڭ سۆزىنى تەستىقلىما ، رەددىيە بەر بولمىسا باشقىلار سەن سەۋەبلىك راسىتكەن دەپ قالىدۇ -دە سەنمۇ بىر كاززاپ ھېساپلىنىسەن .
109 . كۇن چىققىچە يېتىپ قالما ، سەھەر تۇر بۇ بەك پايدىلىق .
110 . ئاقىلدا تەدبىر بولغاچقا ، كۇچ- قۇۋۋەتمۇ بولىدۇ .
111 . سەن بىر كىشىنى ئالداپ قويساڭ ، سېنى ھەممە كىشى ئالداپ قويىدۇ .
112 . پاسىق ، يامان كىشىلەرگە سۆز قىلما ، ئۇئامىلىمۇ قىلما شېرىك بوپ قالىسەن .
113 . ئېشەنچىلىك كىشىنى ئامانەت قويغاندا بىلىسەن ، ئادىلنى ئۇ مەنسەپكە ئولتۇرغاندا بىلىسەن ، دوسىتنى قاتتىق كۇنگە قالغاندا بىلىسەن ،
114 . ياخشى ئىنسان دائىم ئاللاھنى ئاخىرەتنى ئەسلەيدۇ .
115 . جەننەت قۇربان بېرىشكە تەييار كىشىگە تەييارلانغان .
116 . ئىنسان بەختى ، جىسمانى ئوزۇقتا ئەمەس ، روھىي ئوزۇققا ، ئازاپمۇ شۇدۇر
117 . ياشلىق ، ئەمما ، ئۇ ، جاپالىق چېنىقىشقا تولغان .
118 . ھەرگىز غەيۋەت قىلىپ قالما .
119 . سەندىن پايدىلىنىشنى غەزەر قىلمىغان ئاقىل ، كىشىنىڭ سۆزىنى تاشلاپ قويما .
120 . ئۆيۇڭدىمۇ قالايمىقان سۆز ، ھەركەت قىلما چۇنكى ، ئۇلار ساڭا ئىقتىدا قىلىدۇ .
121 . دائىم قەلبىڭنى ئايال كىشىگە ئالاقىدار قىلىپ قويما ھاياتىڭ نابۇت بولىدۇ .
122 . ئەخلاقلىق ، گۇزەل ئايال ، مۇنكەر ئىشنى قىلمىسلا ئاقىل ھېساپلىنىدۇ .
123 . ئاقىل كىشى دىگەن ئاخىرەت تەييارلىقىنىلا قىلىدۇ .
124 . سىنى شەيتان ئازدۇرالايدىغان ھەر قانداق يولدىن يىراق تۇر .
125 . سەن ئەڭ ئۇنتۇشقا تىگىشلىك ئىش ، بەك ئېسىڭدە قالغان بولىدۇ شۇڭا ئۇنتۇشنى بىل ، پەقەت ئۇنتالمىساڭ ، ئۇنى ئەسلىمەسلىككە تېرىشقىن
126 . ھەق يولغا بېخىللىق قىلما ، يا سەندىن مال - دۇنيا كېتىپ قالىدۇ يا سەن كېتىپ قالىسەن .
127 . يېقىنلىرىغا ياخشىلىق قىلمىغان كىشى باشقا قۇشنىڭ تۇخۇمىنى باشقان قۇشنىڭ تۇخۇمىنى باسقان قۇشقا ئوخشاش .
128 . ئەدەپ - ئەخلاق يامان كىشىگە كىشىلەر ئالدىدا قوپاللىق قىلما .
129 . ھارام ئىشلارنى قىلىش . ئاخىرەتتىكى نىسۋەڭنى قىرىپ تۇگۇتىدۇ .
130 . بۇ ئىلىم-ھېكمەتنى ئوقۇغان ئاقىل كىشى ، ئەمەل قىلىپ ، ئاخىرەت ئۇچۇن ئۇزۇق تەييارلايدۇ، تېخىمۇ موھىم دەپ قارىغاننى يادغا ئېلىپ ، باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىدۇ .((( تەنتاۋى رەھمەھۇللا ئەلەي 1930- يىلى ))) 2006 -يىل -1 - ئاي تەرجىمە
历史上的今天:
<<ئىگىسىنى تونۇمىغان گۆھەر كىروران>> 2009-06-17ﺑﯩﻞ.ﮔﻪﻳﺘﯩﺴﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﮬﯩﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭ 2009-06-17ئۇيغۇرلاردىكى تۇغقان ناملىرى 2009-06-17گۈزەل -ئەخلاق 2009-06-17
收藏到:Del.icio.us