ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-17

    سازايى قىلىڭ ئىللەتلەرنى - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41129850.html


    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
    بىز ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدىن ، خەلق ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن ، << قۇتادغۇبىلىك >> ، << ئەتەبەتۇل ھەقايىق >> ، << مەھبۇبۇلقۇلۇب >> ، << مەسنەۋى خەراباتى >> قاتارلىق كلاسسىك ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىدىن ، ئابدۇقادىر ئەزىزى ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق دېموكراتىك - مەرىپەتچىلەرنىڭ شېئىر ۋە تەشەببۇسلىرىدىن مىللەت گەۋدىسىنى چىرمىۋالغان روھىي ئىللەتلەرگە بىلدۈرۈلگەن كۈچلۈك نەپرەت بىلەن گۈزەل ئەنئەنىۋى پەزىلەتلەرگە قارىتىلغان يالقۇنلۇق مەدھىيىنى كۆرىمىز ، بۇ بىزگە مىللىي روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللىتىمىزنىڭ ھەر قايسى دەۋرلەردىكى مۇنەۋۋەر مۇتەپەككۇرلىرى ئىزچىل تەكىتلىگەن تەشەببۇس ئىكەنلىكىنى ، بۇمۇ مىللىتىمىزدىكى يەنە بىر مۇنەۋۋەر ئەنئەنە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ . مەسىلە شۇكى ، بۇ ئۇلۇغ تەشەببۇس ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنى يوق !

    ئىللەت _ ساندۇقنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ساقلايدىغان << گۆھەر >> ئەمەس ، ئۇنى ئېچىپ تاشلاپ مىللەت گەۋدىسىدىن تازىلىشىمىز لازىم .

    تۇرمۇش رەستىلىرىدە ئۇچرايدىغان سەلبىي قىياپەتلەر :
    ياغاچ ئاياغ قاداپ گەۋدە كۆرسىتىش
    ئۆزىنى رامكىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ يۈرۈش
    ئۆزىنى كۆپتۈرۈپ ، ئۆزگىنى چۆكتۈرۈش
    سۈر كۆرسىتىپ سېيرىۋېتىش
    ئىتتىك قىلىچتا ئوغلىنى چاناپ سىناپ كۆرۈش
    ياڭاق شاكىلىغا قوڭغۇز سېلىپ ، ئەپسۇن بىلەن قىمىرلىتىپ ئەۋلىيا بولۇۋېلىش
    ئارىنى بۇزۇپ سۇلتان بولۇش
    كېچىسى بوغۇزلىۋېتىپ ، كۈندۈزى ھازىدار بولۇۋېلىش
    بالىخانىغا چىقىرىپ ، شوتىنى تارتىۋېتىش
    ئوڭ قوۋۇرغىسىنى سۇغۇرۇۋېلىپ سول بېقىنىغا سانجىش
    قۇلىقىغا كۇسۇلداپ ، غەزەپ قىلىچىنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ ئالدۇرۇش
    باشقا ئادەم قولىدا قەتىل قىلدۇرۇپ ، بىگۇناھقا ئارتىپ قويۇش
    خانىقا ئېشىدا مۇرىت بېقىپ سېخىي ساخاۋەتچى بولۇۋېلىش
    گۈل ئارىسىغا زەھەر يوشۇرۇش
    سەتەڭ - سەنەم كوزىرى ئىشلىتىش
    خوجا كۆردى بولۇۋېلىش
    تاش ئېتىپ چىراغ چېقىش ، چالما ئېتىپ مېۋە قېقىش
    يولۋاسنى كۆرسە مۈشۈك ، مۈشۈكنى كۆرسە يولۋاس بولۇۋېلىش
    قارىغۇنى كۆۋرۈكتە قىستاپ ، قوينىدىن گۆھىرىنى ئېلىۋېلىش
    يۈزى قېلىن بولۇۋېلىش
    ھاماقەتلەرنى توپلاپ ھاقارەتلىتىش
    قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەش
    يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ ، يالغان گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش
    بىر كىيىم بىلەن بىر قانچە قېتىم خوتۇن ئېلىش
    قايتا تويلۇق ئۈچۈن قايتا ئەرگە تېگىۋېرىش
    ھارامدىن ھامىلە پەيدا قىلىش
    غەيۋەت بىلەن كۆڭۈل ئېچىش
    تۈز يەردىن قۇيۇن چىقىرىش
    گال مايلاپ گېلىنى بوغۇش
    قۇرئان بېتىگە ساختا خەت يېزىش
    ھۆل قىشقا دەسسىتىپ لەت قىلىش
    سەيلىگە ئېلىپ چىقىپ خۇپىيانە سېتىۋېتىش
    ھەر ئىككى تەرەپكە يامان قىلىۋېتىش
    ياغاچ قازان قىلىش
    ماختاپ كۆپتۈرۈپ پۆپۈك ، تىللاپ چۆكتۈرۈپ كۆپۈك چىقىرىش
    كۇسۇلدىشىپ دوست بولۇش ، سوكۇلدىشىپ شېرىك
    ئوقۇتقۇچىلىقنى خار بىلىش
    خوتۇنى قېيىدىغانغا ئېرى قېيىداش
    ئاغزىدىن بەدىۋى سۆز ، ھەرىكىتىدىن بەدىۋى قىلىق يېغىپ تۇرۇش
    كۈچلۈكنى يۆلەپ ، ئاجىزنى شۈلۈش
    ھەسەتخورلۇق قىلىش
    ئۆتكەنگە سالىۋات دېگەننى ئوتتۇز قېتىم تەگەش
    نامەردلىك ، ۋەھاكازالار . . .
    قەدىرلىك قېرىندىشىم ! باشقىلارنىمۇ ئاياپ ئولتۇرماي ، ئۆزىڭىزنىمۇ كۆزەتچى قىلىۋالماي ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بىر قاتار سەلبىي ھالەت << قېلىپ >>لىرىنى بىر - بىرلەپ كونكرېت تارىخىي ياكى رېئال ئېپىزوتلار بىلەن توشقۇزۇپ كۆرۈڭچۇ ! بۇلار << قىمىرلىسۇن >> _ چىنلىق ئىقتىدارىنى كۆرسەتسۇن . ياپىرەي ! قانداق بۇلغىنىش ئىچىدە ياشاپ كەلگەندىمىز - ھە ! شۇنداق ، مەن تېخى تولۇق << تەنزە >> يايالمىدىم .

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.