-
2009-06-17
"ئەنەلھەق" ئەپسانە ئەمەس
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41129817.html
ئىنسان كائىناتتىكى ئوتتۇرىچە زات، ئاسمان- زىمىن ئارسىدىكى پائالىيەتچان تۈركۈم. ئىنساننىڭ تەبىئەت بىلەن، ئىلاھىيەت بىلەن، ئۆز- ئۆزى ۋە ئۆز تۈركۈمى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مىڭ- مىڭ يىللاردىن بېرى ئېتىقاد، ئىلىم ۋە پىسخولوگىيە پائالىيەتلىرى مەشغۇل بولۇپ كەلگەن تولىمۇ كونا ھادىسە.
ئىنسان زادى نېمە؟ ئۇنىڭ تۆۋەندە ھايۋان، يوقىرىدا تەڭرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرى قانداق؟
يەڭگىلتەك مىقتار ماتېماتىكىلىرى بىلەن ئۇقۇم ۋە مۇھاكىمە مەنتىقىلىرىنىڭ بىر قىسمىي ئىنساننى تەڭرىگە قارشى قويۇپ چوقان كۆتۈرگەن چاغلاردا باغداد مەيدانىدا مەنسۇر ھەللاجىنىڭ دارغا ئېسىلغانلىقى كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالدى. ئۇ، مۇجەسسەم تەپەككۇر بىلەن ئەركىن گۇمانلىنىش تۇيغۇسىنى قوشۇپ، داۋاملىق ئىنساننىڭ يوشۇرىدىغان ماھىيەتلىرىنى ئاقتۇردى. ئۇ، تەڭرىنىڭ تەبىئەت ۋە ئىنساندىن تاشقىرى ئالەم بىنا مۇھەندەس ياكى كائىنات پىرئەۋىنى سالاھىيىتىدىكى مۇشەببىخ ( ئادەم قىياپەتلىك-ئانتروپومورفىزم) ئالامەتلىرىنى ئىنكار قىلدى. ئۇ، ئىپتىدائىي ئانىمىزىملىق قاراشلاردىن بېرى ساقلانغان روھنىڭ ئۆلمەستىن كۆچۈپ يۈرىشى- «تەنەسسۇف ئەل ئەرۋا» ( ئىسلامدا)، « سانسارا» ( بۇددىزىمدا)، « مېتېمپىسخوز» (گرېكلار دىنىدا) تەلىماتىدىن تاكى ئۆزگىچە بولغان تەڭرى، ئىنسان ۋە « ۋەسلى ئىلاھىيە» تەلقىنلىرىنى تەتقىق قىلدى. ئۇ، رابىيە تىلغا ئالغان ئىنساننىڭ ئۆز چۈشىدە « ۋەسلى ئىلاھىيە» گە مۇيەسسەر بولۇش قاراشلىرى بىلەن تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ تۆتىنچى ماقامى- « ھەقىقەت» دە تەكىتلەنگەن ئىنساننىڭ شەخسى سۈپەتتە تەڭرىگە سىڭىپ كېتىشى، دېگەن چۈشەنچىلەرنى داۋاملىق قايتا- قايتا مۇلاھىزىدىن ئۆتكۈزدى. ئۇ ئاخىر ئىنساننىڭ تەڭرىگە بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇلى- ئىنساننى مەنىۋى جەھەتتىن كامالەتكە يەتكۈزۈش ئىكەنلىگىنى بىلدى.
«يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى历史上的今天:
<<ئىگىسىنى تونۇمىغان گۆھەر كىروران>> 2009-06-17ﺑﯩﻞ.ﮔﻪﻳﺘﯩﺴﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﮬﯩﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭ 2009-06-17ئۇيغۇرلاردىكى تۇغقان ناملىرى 2009-06-17گۈزەل -ئەخلاق 2009-06-17
收藏到:Del.icio.us