-
2009-06-17
ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى - [ھايات ھەققىدە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41139566.html
(نەسىر)
ئەي....ھاياتلىق،
سەن كۆرمەيدىغان، بىلمەيدىغان، ھەتتا ئۈزەڭمۇ سىزەلمەيدىغان بىر كۈچ سىنى ھەيدەپلا يۈرۈيدۇ... سەن نىمىگە، نەگە ئالدىرايدىغىنىڭنى بىلمەيسەن. بۇ ساڭا نامەلۇم......
شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ، بۇ ھاياتنىڭ لەززىتى چەكسىز! شۇڭا ئادەملەر قايغۇ-ھەسىرەت، ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى تىزلا ئۇنتۇپ،نامەلۇم بىر ئارمان ئۈچۈن ئىنتىلىدۇ. بۇ ئىنتىلىشنىڭ چىكى يوق.....
كىشىلىك ھاياتتىكى نۇرغۇن ئازاپ- ئوقۇبەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ھاياتلىققا ئېرىشكىنىمىز،بىز ئۈچۈن زور خوشاللىق،دەپ ئېيتىشقا ھەقلىقمىز...!
ئازاپ-ئوقۇبەت بىزگە دائىم ھەمرا بۇلۇپ تۇرۇدۇ.بىز تۇرمۇشقا ،ھاياتلىققا ، شات-خوراملىق پۇزۇتسىيىسى بىلەن قاراپ، كىشىلىك ھاياتتىكى قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ھەرقانداق ۋاقىتنى قەدىرلىشىمىز لازىمدۇر....
قەدىرلىك دوستۇم ، سىز بىلەمسىز؟ ساغلاملىق ۋە گۈزەللىكنىڭ سىرى:-- شاد-خورام كەيپىياتنى مەڭگۈ ساقلاشتۇر..!
ئادەم ھاياتىدا، ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قىلىشى، ھەممە نەرسىگە ئېرىشىشى مۈمكىن، ۋە ياكى ھەممە نەرسە ئادەمنى تاشلاپ كىتىشىمۇ مۈمكىن......ئەمما ، بىرلا نەرسە ، بىلىم، ھۆنەرلا ئادەم بىلەن تەڭ ياشايدۇ.!
ئەي...ھاياتلىق......!!
سەن ئىنسان ئۈچۈن تۇلىمۇ قىممەتلىك،چۈنكى سەن ئىنسان ئۈچۈن بىرلا قىتىم مەنسۇپ بولىسەن! بىز ئەنە شۇ قىممەتلىك ، ئەمما تولىمۇ قىسقا بولغان بۇ مۇساپىنى مەنىلىك ئۈتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىمىز.
ئەي...ھاياتلىق ، سەندە نۇرغۇنلىغان كۆزلەر بار،" كۆز كۈڭۈلنىڭ ئەينىگى " ئەمما ،سەللا بىخەستىلىك قىلساڭ بۇ كۆزلەرنىڭ نىمە مەنا ئىپادىلىگەنلىكىنى بىلمەيلا قالىسەن، تۇرمۇش مۇساپەڭدە ئازىسەن،خاتالىق ئۈتكۈزىسەن، مانا بۇ سىنىڭ " شەيتان كۆز" گە يولۇققانلىغىڭ...!
ھاياتلىق! سەن تۇلىمۇ سىرلىقسەن. ساڭا نىمىلەرنىڭ يۇشۇرۇنغانلىغىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ ! ھىلى شادلىق تاشقان يۈرۈكۈڭدە، بىردەمدىلا جارادەت پەيدا بولىدۇ. ھىلى كۆزۈڭدە كۈلكە چاقنىسا، ھىلى ئەلەملىك ياش يالتىرايدۇ......سەن شۇنداق نەرسە، بىر قارىساڭ كۈڭۈللۈك، بىر قارىساڭ كۈڭۈلسىز، بىردە راھەت، بىردە ئازاپ..........
历史上的今天:
<<ئىگىسىنى تونۇمىغان گۆھەر كىروران>> 2009-06-17ﺑﯩﻞ.ﮔﻪﻳﺘﯩﺴﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﮬﯩﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭ 2009-06-17ئۇيغۇرلاردىكى تۇغقان ناملىرى 2009-06-17گۈزەل -ئەخلاق 2009-06-17
收藏到:Del.icio.us