ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-16

    تەقدىر توغرىسىدا مۇلاھىزە - [تەتقىقاتلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41096873.html

    بىز دائىم “ھەركىمنىڭ تەقدىرى ئۆز قولىدا. ئاللانىڭ ئىرادىسىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ. سەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا تەقدىرىڭ پېشانەڭگە پۈتۈلگەن”. دېگەندەك تەقدىر توغرىسىدىكى ئۈزۈندىلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز ھەم تەقدىر ئالدىدا قايمۇقۇپ قالىمىز. ئۇنداقتا تەقدىرنىڭ تەبىرى نىمە؟
    ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتساق ياشاش ھوقۇقىدۇر. ياشاش ھوقۇقى ھەرقانداق جانلىقتا بولىدۇ. لېكىن، قانۇنىيەتلىك ھالدا نىسپىي تۇرغۇنلۇققا ئىگە بولغان بولىدۇ. ھاياتلىق قانۇنىيەتلىرى بىز ئۈچۈن تەقدىر. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىرىمۇ يەنىلا قانۇنىيەتلىك ھالدا تۇرغۇن مەۋجۇتتۇر. تەقدىر دىگەن سۆز باشقا تىلدىن كىرگەن بولغاچقا كىشىلەرنى داىم قايمۇقتۇرۇپ كەلدى. بۇ كىشىلەردىكى مەدىنىيەت ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكى بىلەن قوشۇلۇپ. ھۆكۈمران سىنىپ ياكى مىللەتنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنىپ، “خۇدا ساڭا شۇنداق قۇللۇق تەقدىرىنى بەرگەن ئىكەن سېنىڭ ھېچ ئامالىڭ يوق. بوي سۇنۇشىڭنى تەقدىرىڭدىن كۆر.” دېگەندەك پىكىر رامكىسى ئىچىدە ھاياتلىق پاالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ھەممىنى تەقدىرىگە ئارتىپ ئاجىزلىق ھالىتىنى يوشۇرۇشى. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەقدىرگە قانداق تەبىر بېرىشنى بىلمىگەنلەردۇر. قۇل ئۆزىنىڭ قۇل ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلىپ ئىگىسىگە سادىق بولسا. كېيىن ئازاد قىلىۋېتىلسىمۇ. قۇللۇق پىسخىكىسىدىن ئازاد بولىشىغىمۇ خېلى ۋاقت كېتىدۇ. بەلكىم، باي بولۇشنى قۇلدار بولۇش دەپ تەپەككۈر قىلىشى مۇمكىن. مەن تەقدىرنى ھاياتلىق پاالىيىتى دەپ چۈشىنىمەن سىز بىلىدىغان بارلىق تەقدىر توغىسىدىكى ماقالە تەمسىللەرنىڭ “تەقدىر” دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ھاياتلىق ياكى ياشام دىگەن سۆزنى ئالماشتۇرۇپ بېقىڭ. مەسىلەن: ھەركىم ئۆز تەقدىرىنى(ھاياتلىق ھەركىتىنى) ئۆزى بەلگىلەيدۇ. دىگەندىن نىمە قىلىشنى نىمە كىيىشنى قانداق كەسىپكە قىزىقىشىنى ئۆزى بەلگىلەش يەنى ياشاش ھوقۇقى ئۆزىنىڭ قولىدا دېسەك بىزگە تېخىمۇ چۈشىنىشلىك ئاڭلانمامدۇ. مېنىڭ خۇلاسەم تۆۋەندىكى تەڭلىمىگە يىغىنچاقلايمەن.
    ياشاش=ھايات ھەركىتى=تەقدىر=ياشاش ھوقۇقى
    ياشاش سۆزى ساپ تۈركچىدۇر. ياشا دىگەن سۆزگە “دادام، ئاپام يەنى ماڭدام، ئالدام، قارام” دىگەن سۆزلەرگە قوشۇلغان بىرىنچى شەخسنىڭ قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ “مېنىڭ ياشاش ھوقۇقۇم، ھاياتلىقنىڭ ھەركىتى” دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ، بۇ سۆز تەقدىر دىگەن سۆزگە قارىغاندا كۆپ ئەۋزەلدۇر. مېنىڭ ساپ تۈركچە دىگەن سۆزنى ئىشلىتىشىم ساپ ھازىرقى تۈركىيىنىڭ سۆزى دىگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ بەلكى بارلىق تۈركىي مىللەتلىرىگە ئورتاق سۆزلىگىنى كۆزدە تۇتقانلىقىمدۇر. بۇنداق سۆزلەر “تۈركىي تىللار دىۋانى” دىمۇ كوپ ئۇچىرايدۇ. يېقىنقى زامان تۈركىي مىلەتلىرى ئالاقە ئىشلىرىنىڭ سۇسلىشى بىلەن پەرقلەر چوڭايغان بولسىمۇ پەرق ئانچىلا چوڭ ئەمەس. شۇڭا سۆزلۈكلەرنى ئىزدىگەندە باشقا تۈركۈمدىكى مىللەتلەرنىڭ سۆزىنى بىۋاستىلا كۆچىرىۋالماي بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ قانداق ئىپادىلىگەنلىكىگە قاراپ بېقىش كېرەك. ئاتالغۇلارنى ساپلاشتۈرۈش بىز ئۈچۈن تولىمۇ زورۇر شۇڭا ھەر بىر بىلىك ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىدە ئامال بار ساپ سۆزلەرنى ئىشلىتىشىنى، زىيالىيلار قاتلىمى بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى چوڭلىتىپ تاشلىماسلىغىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنداق بولمايدىكەن بىلىكلەر بىلەن ئاددىي كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا باشقا بىر مىللەتلىك تىل جىلغىسى پەيدا بولۇپ مەخسۇس ئۇيغۇرچىنى(ئۇيغۇرچە يازمىسىنى) ئۇيغۇرچىغا (ئۇيغۇر تەپەككۈر مەنىسىگە) تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.