ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-16

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەةڭ قەةدىمقى ئةەجدادى –ھونلار - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41107923.html

    تۇرغۇن ئالماس


    ئۇيغۇرلار ۋة باشقا تۈركىي خەةلقلەةرنىڭ ئەةڭ قةەدىمقى ئەةجدادى بولغان ھونلار مىلادىدىن ئۈچ ئةەسىر بۇرۇنقى چاغلاردىن باشلاپ ناھايىتى قۇدىرةتلىك بىر دۆلةت سۈپىتىدة دۇنيا تارىخىنىڭ سىياسىي سةھنىسىگة چىققان.ھونلار شۇنىڭدىن باشلاپ 255يىل ھۆكۈم سۈرگةن ئۇلۇغ ھون تةەڭرىقۇتلىقى(مىلادىدىن بۇرۇنقى209-يىلدىن باشلاپ مىلادىدىن كېيىنكى 46-يىلغىچةە)،170يىل ھۆكۈم سۈرگةن غةربىي ھون تەةڭىرقۇتلىقى(مىلادىي46-يىلدىن مىلادىي216-يىلغىچة)،95يىل ھۆكۈم سۈرگەةن ياۋرۇپا ھون ئىمپىريىسى (مىلادىي375-يىلدىن469-يىلغىچەة)145-يىل ھۆكۈم سۈرگةەن ئاق ھون ئىمپىريىسى(مىلادىي 420-يىلدىن 565-يىلغىچة)،قاتارلىق تۆت ئۇلۇغ ئىمپىريىنى قۇرۇپ،ئاسىيا ۋة ياۋرۇپا خةلقلىرى تارىخىدا ئىجابىي ۋة سةەلبىي جەةھەةتلةەردىن ئاجايى خاتىرلەةرنى قالدۇرغان.
    ھازىرقى زامان تىلشۇناسلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچەة، «ھون»دېگةن ئاتالغۇ «كۈن» دېگەةن ئاتالغۇدىن كېلىپ چىققانلىقى مةلۇم. قةدىمقى چاغلاردا ھونلار،ئۇيغۇرلار،تۈرۈكلةر،ساكلار قامان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان.قامان ئةقىدىسىگة قارىغاندا،‹‹كۈن تةڭرى››ىگة ئېتىقاد قىلىش موھىم ئورۇندا تۇراتتى. شۇڭا ھونلار ئۆزلىرىنى «كۈنلەةر» دةپ ئاتىغان ئىكەةن.«كۈن» ئاتالغۇسى كېيىنچە ةكېلىپ«ھون» ئاتالغۇسىغا ئايلىنىپ قالغان.
    خةنزۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئورۇشقاق، جةڭگىۋار ھونلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلةڭلىككەة بېسىپ كىرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن مىلادىدىن بەةش ئەةسىر بۇرۇنقى چاغلاردىن باشلاپ،جۇڭگونىڭ شىمالىي چىگىرسىغا سېپىل سالغان.مانا بۇلار سةدىچىن سېپىلىنىڭ دةسلةپ كى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىشى ئىدى.
    چىن شىخۇاڭ مىلادىدىن ئىلگىركى221-يىلى جۇڭگونى بىرلىككة كةلتۈردى. دةل مۇشۇ چاغدا ھونلارمۇ مىسلى كۆرۈلمىگةن ھالدا كۈچىيىپ 500يىل ھۆكۈم سۈرگةن(مىلادىدىن ئىلگىركى210-يىلدىن مىلادىدىن كېيىنكى 216-يىلغىچة) ئۇلۇغ، قۇدىرةتلىك ھون تةڭرىقۇتلىقىغا ئاساس سالغان ئىدى.
    تۈمةن تةڭىرقۇتنىڭ چوڭ ئوغلى باتۇر تةڭرىقۇت مىلادىدىن 210يىل بۇرۇن ھونلارنىڭ تةڭرىقۇتى بولغان مةزگىلنىڭ ئۆزۈدىلا 400مىڭ كىشلىك ئاتلىق قوشۇن تةشكىل قىلدى. ئۇ تةڭرىقۇتتىن باشقا يةنة 24خىل دةرىجىگة بۆلۈنگةن ئةمةلدارلىق تۈزۈمى ئورنىتىپ،دۆلةتنى باشقۇرۇش ئۈچۈن خانلار،بةگلةرنى تةيىنلىدى.
    ھونلار ئىچكى ئىسيانلار،بۆلۈنۈش،دۈشمةنلةرنىڭ پۇرسةتتىن پايدىلىنىپ قىلغان ھۇجۇملىرى نةتىنجىسىدة ئاجىزلاپ كةتتى. ھونلار مىللادى 48-يىلى شةرقى ۋة غةربىي ھونلارغا بۆلۈنۈپ كةتتى. بۇ ۋةقة يۈز بةرگةندىن كېيىن سىيانپىيلار، ئاۋغانلا شةرقىي ئۇيغۇرلار بىلةن ئىسىيان كۆتةردى.خةن سۇلالىسى شةرقىي ھونلار،سىيانپىيلار بىلةن بىرلىشىپ غةەربىي ھونلارغا ھوجۇم قىلدى.بولۇپمۇ شةەرقىي ھونلار خةن سۇلالىلىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇيىچة،ئۆز قېرىدىشى غةربىي ھونلارنى تارمار قىلىشتا ئاساسلىق رول ئوينىدى.  
    ھونلار قةدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشةتتى،ئۇيغۇر-يىنسةي يېزىقىنى قوللانغان.ھونلاردا موزىكا، سةەنئةەت،تىبابەةتچىلىك،بىناكارلىق خېلى دەةرىجىدەة تەةرەةققىي قىلغان ئىدى.ئۇلار قامان  دىنىغا ئىشىنەةتتى. ئۆرۈپ–ئادةتلىرى ئۇيغۇرلار بىلەةن ئوخشاش ئىدى.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.