-
2009-06-16
ئۇيغۇر ئاتالمىسىنىڭ كىلىش چىقىشى - [ئۇيغۇرتارىخى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41106348.html
" ئۇيغۇر " ئاتالمىسىنىڭ كېلىپ چېقىشى ۋە مەنىسى توغرىسىدا تارىخى كىتاپلاردا مۇنداق خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان :
1. "ئۇيغۇر" سۆزى " ئۇيۇشماق" ، "ياردەملەشمەك" دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ . بۇ قاراش تۆۋەندىكى رىۋايەتكە ئاساسلانغان :
ئۇ ( ئوغۇزخان ) يىگانە تەڭرىگە ئېتىقات قىلاتتى ، ئەمما ئۇنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ، تاغىلىرى ، ئاكا - ئۇكىلىرى خۇداغا ئېتىقات قىلىشنى قوبۇل قىلمىدى ، نەتىجىدە ئوغۇزخان بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ، ئاكا - ئۇكىلىرى ئوتتۇرسىدا قاتتىق جەڭ بولدى . ئادەملەردىن بەزىلىرى ئۇنىڭغا ياردەم قىلدى ، بەزىلىرى ئۇنىڭغا قارشى جەڭ قىلدى . ئاخىرىدا دۈشمەنلەر قەبىلىلىرى بىلەن كېلىپ تەسلىم بولدى . غەلىبىدىن كېيىن ئوغۇزخان داغدۇغۇلۇق مەرىكە ئۇيۇشتۇرۇپ ، ئۆزىگە ياردەم قىلغان ۋە قوشۇلغان قېرىنداشلىرىنى ، سەركەردە ، لەشكەرلىرىنى كۈتۈۋالدى ، ئۆزى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيۇشقانلارغا "ئۇيغۇر" نامىنى بەردى . تۈركى تىلدا "ئۇيغۇر" سۆزىنىڭ مەنىسى "ئۇيۇشماق" ، "ياردەملەشمەك" دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ . بۇ ئاتالما مۇشۇ مەنىدە بارلىق قەبىلىلەر ، قەبىلە تارماىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرىغىمۇ تەدبىق قىلىندى . ( <جامىئۇت تەۋارىخ>، 1-باپ، رادلوۋ يازغان "قۇتادغۇ بىلىك" نىڭ كىرىش سۆزى ) .
2. ئۇيۈۇر ئاتالمىسى "ئۇيۇشقاق" ، "يېپىشقاق" دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ توغرىدا مۇنداق رىۋايەت بار :
دېمەك ، يۇقۇرقىلاردىن بىلىۋېلىش مۈمكىنكى ، "ئۇيغۇر" ئاتالمىسى "ئۇيۇشۇش" ، "ياردەملىشىش" ، "يېپىشىش" دېگەن مەنىلەرگە ئىگە .
مەنبە: "ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى" دېگەن كىتابتىن ئېلىندى .历史上的今天:
‹‹ ياش ۋە كۈلكە›› 2010-06-16(يۈسۈپ خاس ھاجىپ) قۇتادغۇبىلىك 2009-06-16ئۇيغۇرلارنىڭ ئەةڭ قەةدىمقى ئةەجدادى –ھونلار 2009-06-16ئۇزاق تارىخنى باشتىن سۆزلەيلى 2009-06-16
收藏到:Del.icio.us