ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-16

    ئۇزاق تارىخنى باشتىن سۆزلەيلى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41107474.html

          شىنجاڭ ئۇزاق تارىخقا ۋە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبىي قىسمى. ئارخېئولوگىيلىك قېزىشتىن قارىغاندا، بۇنىڭدىن 20 مىڭ _ 10 مىڭ يىل ئىلگىرىلا شىنجاڭدا ئىنسانلار پائالىيەت قىلغان. بۇنىڭدىن 4000 يىل ئىلگىرى شىنجاڭ مىس قوراللار دەۋرىگە كىرگەن، بۇنىڭدىن 2700 نەچچە يىل ئىلگىرى تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە كىرگەن. يېغىلىق دەۋرىدە ھونلار ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا قەد كۆتۈرۈپ ۋە كۈچىيىپ، شەرقتە لياۋخې دەرياسى، غەربتە كۆكئارت(پامىر)، شىمالدا بايقال كۆلى، جەنۇبتا سەددىچىن سېپىلىغىچە بولغان بىپايان زېمىننى تىزگىنلىگەن، غەربىي يۇرتمۇ ئۇنىڭ دائىرىسىدە ئىدى. «خەننامە» دە ئېيتىلىشىچە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپى ۋە تەڭرىتاغ جىلغىسىدا «36 بەگلىك» بار ئىكەن، چوڭراقلىرىنىڭ 80 نەچچە مىڭ نوپۇسى، كىچىكرەكلىرىنىڭ 1000 - 2000دىن ئارتۇق نوپۇسى بار ئىكەن. ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا ساكلار، توخرىلار، ئۇيسۇنلار سۇ، ئوتلاق قوغلىشىپ ئولتۇراقلاشقانىكەن.
         
    خەن ۋۇدى ھونلارنىڭ خەن سۇلالىسىنىڭ چېگرا رايونلىرىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن، مىلادىدىن بۇرۇنقى 138-يىلى جاڭ چيەننى 1-قېتىم غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ، ئىلگىرى خېشى كارىدورىدا ياشىغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 177-يىلى ھونلارنىڭ خورلۇقىغا چىدىماي ئىلى دەرياسى، چۇ دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ كەتكەن توخرىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھونلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرماقچى بولغان، لېكىن شۇ چاغدا توخرىلار ئامۇ دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ كەتكەچكە ھەم شەرققە قايتىش ئويى بولمىغاچقا، جاڭ چيەن مەقسىتىگە يېتەلمەي قايتقان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 119-يىلى جاڭ چيەن پەرمانغا بىنائەن، ئۇيسۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھونلارنىڭ ئوڭ بىلىكىنى ئۈزۈۋېتىش ئۈچۈن، 2-قېتىم غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بارغان. بۇنىڭ ئۈچۈن خەن سۇلالىسى شى جۈن مەلىكە بىلەن جېيۈ مەلىكىنى ئۇيسۇنلارنىڭ پادىشاھى كۈنبېگقا ياتلىق قىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 121 - يىلى خەن سۇلالىسى خېشى كارىدورىدا تۇرۇۋاتقان ھون قوشۇنىنى مەغلۇب قىلىپ، ۋۇۋېي، جاڭيې، جيۇ چۈەن (مەي بۇلاق)، دۇنخۇاڭ (شەت ئاتا) دىن ئىبارەت تۆت ئايماق تەسىس قىلغان.
        
    ھونلار بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خەن ۋۇدى لى گۇاڭلىنى سۇترىشانا سانغۇنلۇققا تەيىنلەپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 104-يىلى ۋە مىلادىدىن بۇرۇنقى 102 - يىلى فەرغانەگە ئەۋەتكەن. ئۇ قوشۇن تارتىپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، غەربىي يۇرتتىكى ئەللەرنى چۆچۈتۈپ، خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھونلارنىڭ تەسىرىنى ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 101 - يىلى خەن سۇلالىسى يالۋاچ چېرىكچى قويۇپ، نەچچە يۈز لەشكەر بىلەن چاقپېلەكتام (بۈگۈر)، لوپنۇردا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاشلىق توپلاپ، ئەلچى ۋە سودىگەرلەرنى تەمىنلىگەن. بۇ خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتتا قۇرغان 1- تايانچ نۇقتىسى ئىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 60-يىلى غەربىي خەن ھۆكۈمىتى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، ئۇرلى (ھازىرقى بۈگۈ ناھىيىسىنىڭ چېدىر يېزىسى ئەتراپى) نى ئىدارە قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن «خەن ھۆكۈمىتى پەرمان چۈشۈرۈپ، غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىش» قا باشلىغان. بۇ غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتتا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
       
    مىلادى 8-يىلى ۋاڭ ماڭ پادىشاھ بولۇپ، غەربىي يۇرتتىكى بەگلەرنى تۆرىلەرگە ئۆزگەرتكەن. بۇ غەربىي يۇرتتىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. شۇ چاغدا غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىك 50 نەچچىگە يەتكەنىدى. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ھۆكۈمەت غەربىي يۇرتتا داۋاملىق «غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى»نى تەسىس قىلغان، لېكىن غەربىي يۇرتتىكى بەگلىكلەر ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ، قوشۇلۇپ، پەيدىنپەي ساكرائۇل، قاڭقىل، ئۇدۇن، پىشامشاندىن ئىبارەت تۆت بەگلىكنىڭ ئىدارە قىلىشىغا ئۆتكەن.
        
    شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى غەربىي يۇرتتىكى بەگلىكلەر ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ، پىشامشان، ئۇدۇن، ئاگنى (قارا شەھەر)، سۇلى(قەشقەر)، كۇسەن، ئالدى قوش، ئارقا قوشتىن ئىبارەت يەتتە بەگلىك تىركىشىپ تۇرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. مىلادى 222-يىلى پىشامشان بېگى، ئۇدۇن بېگى، كۇسەن بېگى ئەلچى ئەۋەتىپ، ۋېي سۇلالىسىغا ئولپان تاپشۇرۇشقا باشلىغان، غەربىي يۇرتتىكى جايلارمۇ بېقىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن، ۋېي ۋېندى قۇچۇ قەلئەسى (ھازىرقى تۇرپاننىڭ قۇچۇ قەدىمىي شەھىرى)دە چېرىك تۇرغۇزۇپ بوزيەر ئاچقان، شۇنداقلا پىشامشان بەگلىكىنىڭ لوپنۇر شەھىرىدە غەربىي يۇرت دورغابى قويۇپ، غەربىي يۇرتتىكى بەگلىكلەرنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغان. شەرقىي جىن سۇلالىسى ۋە 16 بەگلىك دەۋرىدە ئالدىنقى چىن، ئالدىنقى لياڭ، كېيىنكى لياڭ، غەربىي لياڭ ۋە شىمالىي لياڭدىن ئىبارەت بەش ھاكىمىيەت غەربىي يۇرتنى باشقۇرغان ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسەتكەن، ئالدىنقى لياڭ قۇچۇدا ساقلاۋچى چېرىكچىبېگىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قۇچۇ ئايمىقىنى قۇرغان، ئۇنىڭ قارمىقىدا ناھىيە، يېزا تەسىس قىلىنىپ، غەربىي يۇرتتا ئايماق- ناھىيە تۈزۈمى تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلغان.

         سۈي سۇلالىسى خانلىق سەلتەنىتىنى سۈرۈۋاتقان دەسلەپكى مەزگىللىرىدە مەنسەپ - تۇتۇق پىرقىسىنىڭ ياندا بېگى پېي جۈنى جاڭيې، ۋۇۋېيغا ئەۋەتىپ، غەربىي يۇرتتىكى سودا ئىشلىرىنى باشقۇرغان ۋە غەربىي يۇرتتىكى خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن، لېكىن تۇيغۇنلار غەربىي يۇرتقا بېرىشتىكى  ئاساسلىق توسالغۇ بولۇپ قالغانىدى. مىلادى 609 - يىلى سۈي سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرى تۇيغۇنلارنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى يوقىتىپ، پىشامشان، چەرچەن، ئىۋىرغولدىن ئىبارەت ئۈچ ئايماق تەسىس قىلىپ، غەربىي يۇرتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغان.
        
    مىلادى 630 - يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغىشى بىلەن شەرقىي تۈرك خانلىقى ھالاك بولغان، بۇ خانلىق كونترول قىلىپ كەلگەن ئىۋىرغولدىكى يەتتە شەھەرمۇ تاڭ سۇلالىسىغا بەيئەت قىلغان، تاڭ سۇلالىسى ئىۋىرغولنى غەربىي ئىۋىرغول ئايمىقىغا ئۆزگەرتكەن. مىلادى 640 - يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرى غەربىي تۈركلەرگە ئەگەشكەن كيۇ جەمەتى ھۆكۈمرانلىقىدىكى قۇچۇ خانلىقى (مىلادى 501 - يىلىدىن مىلادى 640 - يىلىغىچە) نى بويسۇندۇرۇپ، قۇچۇ ئايمىقى قۇرۇپ، قاغانبۇت شەھىرى (ھازىرقى جىمسار) نى بېشبالىق ئايمىقىغا ئۆزگەرتىپ، ئايماق - ناھىيە تۈزۈمىنى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىغا كېڭەيتكەن. شۇ يىلى قۇچۇدا غەربنى تىنچلاندۇرغۇچى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. بۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتتا تەسىس قىلغان تۇنجى ھەربىي مەمۇرىي باشقۇرۇش ئاپپاراتى. شۇنىڭدىن كېيىن تاڭ سۇلالىسى غەربىي يۇرتقا كەڭ كۆلەمدە قوشۇن يۆتكەپ، غەربىي تۈركلەرنىڭ غەربىي يۇرتتىكى كۈچىنى چېكىندۈرگەن، ئاگنى (قارا شەھەر)، كۇسەن، سۇلى قاتارلىق جايلاردا تۇتۇق مەھكىمىسى قۇرغان، بۇلارنىڭ قارمىقىدا بىر قانچە ئايماق تەسىس قىلغان، مىلادى 648 - يىلى غەربنى تىنچلاندۇرغۇچى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى كۇسەن شەھىرىگە كۆچۈرگەن ھەم كۇسەن، ئۇدۇن، سۇلى، سۇيابتىن ئىبارەت تۆت ھەربىي قورغان قۇرغان، بۇ تارىختا «ئەنشىدىكى تۆت قورغان» دەپ ئاتالغان، بۇنىڭ بىلەن «يىپەك يولى» دىكى مۇھىم قاتناش بوغۇزى تىزگىنلەنگەن. مىلادى 658 - يىلى غەربنى تىنچلاندۇرغۇچى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ دەرىجىسى باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە كۆتۈرۈلگەن. بۇ مەھكىمە شەرقتە ياڭگۈەن قوۋۇقى، قاشقۇۋۇقتىن غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئارال دېڭىزىغىچە بولغان جاينى باشقۇرغان. ئۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى ھەربىي مەمۇرىي ئورگان ئىدى ھەم ئاۋام ئىشلىرىنىمۇ باشقۇراتتى. مىلادى 670 - يىلى تىبەتلەر غەربىي يۇرتقا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغىغان، ئەنشىدىكى تۆت قورغان قولدىن كەتكەن، كېيىن يەنە قايتۇرۇۋېلىنغان. مىلادى 702 - يىلى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ۋۇزېتيەن بېشبالىقتا قورۇقچىبەگە مەھكىمىسى قۇرغان، مىلادى 709 - يىلى ئۇنى بېشبالىق باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىپ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ۋە بالقاش كۆلى ئەتراپىغىچە بولغان زېمىننى باشقۇرغان؛ غەربنى تىنچلاندۇرغۇچى باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى، كۆكئارتنىڭ غەربىدىكى زېمىننى باشقۇرغان. مىلادى 755 - يىلى ئۆڭلۈك - سۆيگۈن توپىلىڭى يۈز بەرگەن. غەربىي يۇرتتىكى تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ كۆپ قىسمى توپىلاڭنى تىچىتىش ئۈچۈن ئىچكى جايلارغا يۆتكەلگەن. بۇ چاغدا تىبەتلەر پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، غەربىي يۇرتنى ئىگىلىۋالغان. مىلادى 9 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىغىچە شىمالدىكى قارلۇقلار، خاككاسلار (قىرغىزلار)، ئۇيغۇر قاتارلىق بىر تۈركۈم كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر غەربكە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن تىبەتلەر غەربىي يۇرتتىن چىقىپ كەتكەن. مىلادى 840 -يىلى چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى تەبىئىي ئاپەت، ئىچكى ماجىرا ۋە خاككاسلارنىڭ بېسىپ كىرىشى سەۋەبلىك پارچىلىنىپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى غەربكە كۆچكەن، ئۇلارنىڭ بىر تارمىقى ھازىرقى جىمىسار ۋە تۇرپان رايونىغا كېلىپ، قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان؛ يەنە بىر قىسمى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قەشقەر ئەتراپىغا كۆچۈپ بېرىپ، قارلۇقلار، ياغمالار قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن بىرلىشىپ قاراخانىيلار خانلىقى قۇرغان. قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان، مىلادى 1063 - يىلى سۇڭ سۇلالىسى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ قاغانىغا «سادىق، ئىتائەتمەن ئالتۇن قاناتلىق قاراخان» دەپ ئوتۇغات بەرگەن، مىلادى 1211 - يىلى قاراخانىيلار خانلىقى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن.
        
    مىلادى 1124 - يىلى جىن سۇلالىسى قوشۇن تارتىپ قىتانلار (لايۋلار)نى يوقاتقان، قىتانلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان يوللىغ تاشىن قالغان ئادەملىرىنى باشلاپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن چېكىنىپ چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلگەن، مىلادى 1131 - يىلى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ مۇھىم شەھىرى بالاساغۇننى ئىشغال قىلىپ غەربىي قىتان ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ، غەربىي جەنۇبتا ئامو دەرياسىدىن غەربىي شىمالدا بالقاش كۆلىگىچە، شەرقتە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغىچە بولغان زېمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مىلادى 1218 - يىلى موڭغۇل خانلىقى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.

    1209 - يىلى قۇچۇ ئۇيغۇرلىرى غەربىي قىتان باسقاۋۇلىنىڭ ئەلىمىگە چىدىماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىننىڭ باشچىلىقىدا باسقاۋۇلنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، 1212 - يىلى بارچۇق ئارت تېكىن كۇرۇلۇن دەرياسى ۋادىسىدىكى موڭغۇللارنىڭ ئوردىسىغا بېرىپ، چىڭگىزخان بىلەن كۆرۈشۈپ، موڭغۇللارغا قېتىلىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالمالىق (ھازىرقى قورغا) تا ھەرىكەت قىلىپ يۈرگەن قارلۇقلارمۇ چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن موڭغۇل خانىدانلىقى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى جايلارنىڭ كۆپ قىسمىنى تىزگىنلىگەن. 1218 - يىلى موڭغۇل قوشۇنى غەربىي قىتان، كاشىغەر، ئۇدۇننى بويسۇندۇرغا، موڭغۇل خاقانى غەربىي يۇرتتا دارۇغاچ (دارغاچ)، بېشبالىق ۋاقىتلىق دېۋان ۋازارىتى تەسىس قىلىپ، ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئىشلارنى باشقۇرغان.
       
    مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مەركىزىي ھۆكۈمەت ھازىرقى قۇمۇلدا «قۇمۇل باسقاۋۇلى» (1406 - 1529) قويۇپ، يەرلىكنىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى سودا بىخەتەرلىكىنى قوغدىغان.
        1644 -
    يىلى چىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغان، قۇمۇل، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى چاغاتاينىڭ ئەۋلادلىرى ئۇنىڭغا بويسۇنغان ھەم ۋەزىر ۋۇزرالىرىنى ئىچكىرىگە ئەۋەتىپ، شاھقا ئۇلپان تاپشۇرغان. 1680 - يىلى ئىسلام دىنىدىكى ئاق تاغلىق غوجىلارنىڭ سەردارى ئاپئاق خوجا موڭغۇل جۇڭغار قەبىلىسىنىڭ سەردارى غالداننى جەنۇبقا باشلاپ كېلىپ، شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىنى تىزگىنلىگەن. غالدان غەربىي يۇرتنى يالغۇز سوراش غەرىزىدە، چىڭ سۇلالىسى بىلەن قارشىلاشقان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، كاڭشى خان، يۇڭجېڭ خان، چيەنلۇڭ خانلار 1690 - يىلى، 1755 - يىلى ۋە 1756 - يىلى ئۈچ قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قوزغاپ، جۇڭغار ھاكىمىيىتىنىڭ توپىلڭىنى تىنچىتقان. 1758 - يىلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرى چوڭ - كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1762 - يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسىنى قۇرۇپ، بۇ جايلاردا قوشۇن تۇرغۇزۇپ، غەربىي يۇرتتىكى جايلارنىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرغان. 1771 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىر ۋولگا دەرياسى ۋادىسىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان تۇرغۇت قەبىلىسى سەردارى ئوباشنىڭ باشچىلىقىدا شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن، چيەنلۇڭ خان ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالغان ھەم يۇلتۇز ئوتلۇقى بىلەن قوبۇقسارغا ئورۇنلاشتۇرغان.
       
    ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، جۇڭگو يېرىم فېئوداللىق، يېرىم مۇستەملىكە ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ، چىڭ سۇلالىسى بارغانسېرى ئاجىزلاشتى. 1851 - يىلى روسىيە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى «جۇڭگو - روسىيە ئىلى، چۆچەكتە سودا ئالاقىسى قىلىش نىزامنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ ئىلى، چۆچەكتە كونسۇل كېسىم ھوقۇقى قاتارلىق ئىمتىيازلارغا ئېرىشىۋالدى. چارروسىيە 1864 - يىلى يەنە چىڭ ھۆكۈمىتىنى «جۇڭگو - روسىيە غەربىي شىمال چېگرىلارنى تەكشۈرۈپ ئايرىش كېلىشىمى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىدىكى ۋە جەنۇبىدىكى 440 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىننى ئىگىلىۋالدى. 1867 - يىلى قوقەنلىك ياقۇپ بەگ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئاتالمىش «يەتتە شەھەر خانلىقى» نى قۇردى. چىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ كۈنسايىن يامانلىشىپ كېتىۋاتقان ۋەزىيىتى ۋە بۆلۈنۈپ كېتىش خەۋپىنى كۆزدە تۇتۇپ، 1875 - يىلى شەنشى - گەنسۇنىڭ ۋالىيىسى زو زۇڭتاڭنى خان مۇپەتتىشى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەربىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قويۇپ، غەربكە توپىلاڭنى تىنچىتىشقا ئەۋەتتى. ئۇ 1877 - يىلى 2 - ئايدا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارنى  قايتۇرۇۋالدى. چىڭ ھۆكۈمىتى 1881 - يىلى 2 - ئايدا چارروسىيە 11 يىلدىن ئارتۇق ئىگىلىۋالغان ئىلىنى قايتۇرۇۋالدى. 1884 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكىسى قۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ مەمۇرىي تۈزۈمى، مەمۇرىي پەرمانى ئىچكىرى بىلەن بىردەك بولدى. 1909 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ قارمىقىدا تۆت ۋىلايەت، ئالتە يامۇل، ئون نازارەت، ئۈچ ئايماق، 21 ناھىيە قۇرۇلدى.
         1911 -
    يىلى شىنخەي ئىنقىلابى پارتلىدى، شىنجاڭدىكى ئىنقىلابىي پارتىيىنىڭ ئەزالىرى 1912 - يىلى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئىلىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىلى باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى قۇرۇپ، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى، لېكىن شىنجاڭنىڭ باش تۇتۇقى ياڭ زېڭشىڭ ئۇلارنى ناھايىتى تېزلا پارچىلىۋاتتى. 1937 - يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئومۇميۈزلۈك پارتلىدى. 10 - ئايدا شىنجاڭنىڭ باش تۇتۇقى شېڭ شىسەي جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بىلەن ئۈرۈمچىدە 8 - ئارمىيىنىڭ ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنى قۇرۇشقا قوشۇلدى. بۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شېڭ شىسەي بىلەن بولغان بىرلىك سېپىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى. 1944 - يىلى ئىلى، تارباغاتاي، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتتە گومىنداڭغا، شېڭ شىسەينىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىنقىلاب پارتلىدى ھەم ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت قۇرۇلدى، 1945 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولدى، 1955 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تارىخ تەتقىقات ئىشخانىسى، سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتى، تەڭرىتاغ تور پونكىتى بىرلىشىپ ئويۇشتۇرغان.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.