-
2009-06-16
ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە بىلىم......نىڭ داۋامى - [تەتقىقاتلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41096830.html
( ئەدىب ئەھمەد بىننىي مەھمۇد يۈكنەكى : <<ئەتەبەتۇل ھەقايىق>> < ئۇيغۇرچە >، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1980 - يىل نەشرى ).
كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن ئەھمەد يۈكىنەكىينىڭ بىلىم قارىشىدا ئوخشاشلىق ۋە ئىزچىللىق بار. ئەھمەد يۈكىنەكىينىڭ نەزەرىدە بىلىم بەختنىڭ، ھاياتتىكى قەدىر - قىممەتنىڭ، كاپالىتى. ئىنساننىڭ ھاياتى جىسمانىي ھايات ۋە روھىي ھايات دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئىنساننىڭ جىسمانىي ھاياتى دەل ئۇنىڭ مەنىۋى ھاياتىنىڭ يېقىلغۇسى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ جىسمانىي تەلەپلىرىنى ئادىل - ھالال قاندۇرۇش ئۈچۈن بىلىم ئېلىپ، روھىنى كامال تاپقۇزۇشى لازىم. كامالەتكە يەتكەن روھتىن كامالەتلىك سۆزلەر قالىدۇ. بۇ سۆزلەر كېيىنكىلەرنىڭ روھىي ھاياتى بىلەن ئۇلىنىپ، ئىنساننى مەنىۋى ياقتىن ئەبەدىي مەۋجۇد بولۇش ماقامىغا يەتكۈزىدۇ.
ئەھمەد يۈكنەكى <<ئەتەبەتۇل ھەقايىق>> ( <<ھەقىقەت بوسۇغىسى>> )تا مەردلىك، سېخىيلىق، ناتىقلىق قاتارلىق پەزىلەتلەر ئۈستىدىمۇ توختىلىدۇ، لېكىن مەسىلىلەر بىلىمنى يادرو قىلىپ ئېچىلىدۇ، بىلىم بولغاندىلا ئۇ خىل پەزىلەتلەر ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتەلەيدۇ.
<<بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى>> دەپ سۈپەتلىنىۋاتقان ھازىرقى دەۋرىمىزدە ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان بىلىم مىراسلىرى ۋە بىلىم ئۈگۈتلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى بىز تېخى يېتەرلىك چۈشىنىپ يەتمىدۇق. <<قۇتادغۇبىلىك>> نىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق، مەدەنىيەتشۇناسلىق، مائارىپشۇناسلىق، بىلىمشۇناسلىق، باشقۇرۇش ئىلمى تەرەپلىرىدىكى ئىلغار ھەم يىراقنى كۆرەر دۇردانىلىرىنى قېزىشنىڭ ئورنىغا دېئىل كارنىگ، ناپولېئون خېل قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن كۆزىمىزنى ئالىچەكمەن قىلىپ، ئەنئەنىمىزدىكى بىباھا ئەقلىي بايلىقلارغا تۇزكورلۇق قىلدۇق. بۇ، ئۆتمۈشتىكى نادانلىقنىڭ بۈگۈنكى زامان ۋارىيانتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بىلىم ئىجادىي تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى، ئۇنى كىم ياراتقان بولسا ئۇ ئالدى بىلەن شۇنىڭغا مەنسۇپ، ئاندىن باشقىلارغا مەنسۇپ. ئىجادكارلىق خىسلىتىنىڭ يىلتىزى بىر مىللەتنىڭ تەپەككۇر ئەنئەنىسىدە ۋە ئۇنىڭ ئىزچىللىقىدا بولىدۇ. پەقەت شۇ خىسلەتنى يوقاتمىغانلارلا باشقىلارنىڭ ئىجادىيەت مېۋىسىدىن توغرا پايدىلىنىش لاياقىتىگە ئىگە بولىدۇ.
ئاپتور : شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە شۆبە ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات پروفېسسورى
( <<شىنجاڭ مەدەنىيىتى>>历史上的今天:
‹‹ ياش ۋە كۈلكە›› 2010-06-16(يۈسۈپ خاس ھاجىپ) قۇتادغۇبىلىك 2009-06-16ئۇيغۇرلارنىڭ ئەةڭ قەةدىمقى ئةەجدادى –ھونلار 2009-06-16ئۇزاق تارىخنى باشتىن سۆزلەيلى 2009-06-16ئۇيغۇر ئاتالمىسىنىڭ كىلىش چىقىشى 2009-06-16
收藏到:Del.icio.us