ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-16

    «قۇتادغۇبىلىگ» ۋە بۈيۈك تاڭ يوسۇنلىرى(2) - [تەتقىقاتلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41089364.html

    −− شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ

    50 يىللىقىغا بېغىشلايمەن

     

    چېن شۆشۈن

     

    تارىخ بىزگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈممەدلىرىدىن 400 يىلدىن كېيىن ئاندىن ئىسلام دىنى مەدرىسلىرىنىڭ بارلىقا كەلگەنلىكىنى دەلىللەپ بەردى. ھىجىرىيە كالېندارىدىكى 400 - يىلى دەل مىلادى 1006 - يىلىدۇر. مانا بۇنىڭدىن ئىلگىرى كاشغەرىيەنىڭ غەربىدە ئىسلام مەدرىسى يوق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچكەن ۋاقتى 840 - يىلى ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. بۇنىڭدىن ئىلگىرى كونكرېتلاشقان خەنزۇ مەدەنىيەت - مائارىپى كاشغەرىيەدە 200 يىلدىن ئارتۇق مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. دەل مۇشۇ تارخىي شارائىتتا، قاراخانىيلار خاقانى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئاۋۋال خۇپىيانە ھالدا ئىسلام دىنغا ئېتىقاد قىلغان، ئاندىن ھاكىمىيەت سەلتەنەتىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئىسلام دىنىنى ئاشكارا ھالدا تارقاتقان، ئۆز سەلتەنەتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تەبىئىي ھالدا تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەدرىس ئېچىش شەكلى بويىچە ساچىيە خانلىق مەدرىسىنى قۇرۇپ ئىسلام دىنى ئۆلىمالىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنلا بارتولدنىڭ: «ئىسلام دىنىنى كېڭەيتىدىغان، ئىسلام روھىيەت ئىلمىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىي دىنىي بىلىم يۇرتى (ئۇنىۋېرسىتېت) ئەڭ دەسلەپتە ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىدە بارلىققا كەلگەن، 11 - ئەسىردىن كېيىن ئاندىن غەربىي ئىران ۋە خەلىپىلىكنىڭ پايتەختى باغدادتا بارلىققا كەلگەن» دېگەن تەتقىقات يەكۈنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دەل مۇشۇنداق خەنزۇ تىلى مەدەنىيىتىنىڭ ئىزناسى بولغاچقىلا قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ «بەزى ئىسلام دىنىغا كىرگەن خانلىرى ئۆزىنى جۇڭگونىڭ خانى (تۈركچىدە Tabghachkhan ياكى Tanghan، يەنى تابغاچخان − ئاپتور ئىزاھاتى) دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن»، نەتىجىدە قاراخانىيلارنىڭ خانى يۈسۈف قادىرخان 1006 - يىلى ئۇدۇن (خوتەن) نى تەسەررۇپىغا ئالغاندىن كېيىن، دەرھال جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتىپ جۇڭگو خانىغا ئولپان تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن «قۇتادغۇبىلىگ» ۋە ئۇنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى كاشغەرىيە زېمىنىدا ئاپىرىدە بولغان. دېمەك، يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ مۇھىم تۆھپىسى كاشغەرىيە زېمىنىدا تارقالغان بۈيۈك تاڭ ئېلىنىڭ مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش يوسۇنلىرى تۈرك تىلى −− ئۇيغۇر تىلىدا ئىسلاملاشقان. ناۋادا بۇ يەكۈنىمىزدىن گۇمانلىنىدىغان ئالىملار بولسا، ئۇنداقتا بۇ يەردە يەنە مۇنداق ئىككى مىسالنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى قايىل قىلىمىز:

    بىرىنچىسى: ھەممىگە ئايانكى، ئورخۇن خانلىقىنىڭ مەڭگۈ تاش ئەدەبىياتى قەدىمكى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بۇنىڭ ئىچىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان «تۇنيۇقۇق ئابىدىسى» شۇ قەبرىنىڭ ئىگىسى بولغان تۇنيۇقۇقنىڭ ئۆز ھاياتىدىكى بارلىق تۆھپىلىرىنى 1 - شەخس تىلىدا خاتىرىلىگەن، شۇڭا «تۇنيۇقۇق تۆھپىلىرىنىڭ ئابىدىسى»، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفىسسورى ئابدۇكېرىم راھمان تۈزگەن «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» دا بايان قىلىنغان مەڭگۈ تاش ئەدەبىياتىنىڭ 1 - بابىدا «تۇنيۇقۇق ئابىدسى» نىڭ ئەدەبىي قىممىتى تونۇشتۇرۇلغان. تۇنيۇقۇق تەخمىنەن 725 - يىلى ۋاپات بولغان، بۇ ۋاقىت دەل تاڭ سۇلالىسى سەلتەنەتى دەۋران سۈرۈۋاتقان مەزگىل ئىدى. ئابىدىنىڭ ئاپتورى بولمىش تۇنيۇقۇق ئابىدىنىڭ بىسمىللىسىدىلا: «پېقىر جۇڭگودا ئىلىم تەھسىل قىلدىم» دەپ يازىدۇ، تۇنيۇقۇقنىڭ مانا مۇشۇنداق مەردانىلىك بىلەن ئېيتقانلىرى تۈرك - ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ باشلىنىشىدىكى بارلىق سىرلارنى يېشىپ بېرىدۇ.

    ئىككىنچىسى، «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىدىكى ئىسلام دىنى تارىخى» دېگەن كىتابنىڭ 2- تومىنىڭ 93 - بېتىدە باي ناھىيىسىدە تۇغۇلغان ئۇيغۇر ئالىمى موللامۇسا سايرامى 1903- يىلى يازغان «تارىخىي ھەمىدى» ناملىق ئەسىرىنىڭ تونۇشتۇرۇلمىسى خاتىرىلەنگەن. قىزىقارلىقى شۇكى، موللامۇسا سايرامى «تارىخىي ھەمىدى» دە «تاڭ سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىق» «تارىخى» مەخسۇس باب قىلىپ يېزىلغان. روشەنكى، بۇنى ئالىم ئۆزى يازغان. ئەمما ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن بۈيۈك تاڭ مەدەنىيىتى ئىزنالىرى (يوسۇنلىرى) نىڭ مىلادى 725- يىلىدىن 1908 - يىلىغىچە كاشغەرىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ خاتىرىسىدە زادىلار ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

     «قۇتادغۇبىلىگ» نىڭ ئىدىيىۋى مېتودى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيەتچىل پەلسەپە سىستېمىسىغا مەنسۇپ

     «قۇتادغۇبىلىگ» نىڭ ئىجادىيەت مۇددىئاسى «ئەلنى ئاسايىشلىققا ئېرىشتۈرۈپ ئىدارە قىلىش» تىن ئىبارەت بولغاچقا، مۇئەللىپ پادىشاھلارنىڭ ئاۋۋال «ئۆزىنى ياخشى ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئەلنى ئىدارە قىلىش» لايىھىسىنى، يەنى ئۆزىگە، ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا ۋە ئاۋامغا توغرا، ئادىل مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى لايىھىلىگەن. يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ ئېڭىدا بۇ ئۇسۇل قانداق شەكىللەنگەن؟ بەزى ئالىملار بۇ يەردە قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى ئەپلاتوننىڭ «غايىۋى دۆلەت» ناملىق ئەسىرىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ئامىللىرى بار، دەپ قارىماقتا. بۇ، مۇھىم پەلسەپەلىك مەسىلىگە چېتىلىدىغان بىر نۇقتا، يەنى شەرق بىلەن غەرب پەلسەپە سىستېمىسىنىڭ پەرقىگە بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلە. گېرمانىيىلىك مەشھۇر پەيلاسوپ Gottfried Wilhelm Leibniz مۇنداق يازىدۇ:

    «جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتنىڭ تېررىتورىيىسى پۈتكۈل ياۋروپا قىتئەسى بىلەن تەڭ دېگۈدەك بولسىمۇ ئاھالىسى ياۋروپانىڭكىدىن خېلىلا كۆپ. نۇرغۇن جەھەتتە جۇڭگولۇقلار  بىلەن بىز ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى بولسىمۇ ئەمما باراۋەر رىقابەت داۋامىدا بەزىدە بىز ئۇلاردىن ئېشىپ كەتكەن بولساق بەزىدە ئۇلار بىزدىن ئېشىپ كەتتى».

    «كۈندىلىك تۇرمۇشتا زۆرۈر بولغان ئىقتىدار ۋە تەجرىبە ئاساسىدا تەبىئەتنى چۈشىنىش ئىقتىدارى جەھەتتە بىز ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىدارى ئۆزئارا ئوخشاش دېگۈدەك بولدى (ناۋادا كىشىلەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى لىللا سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغانلا بولسا)، بىز ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشتا قارشى تەرەپنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگىمىز. يۈرگۈزگەن تەپەككۈرلىرىمىزنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىقلىقىدىكى ئوي - پىكرىمىز جەھەتتە بىز ئۇلاردىن كۆرۈنەرلىك ئۈستۈنلۈكتىمىز. لوگىكا ئىلمى، مېتافىزىكا ھەمدە غەيرىي ماددا شەيئىلىرىگە بولغان تونۇشىمىز −− بىز ياراتقان ئىلىم - پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى، دەپ قاراشقا تولۇق ئاساسىمىز بولغان −− دىن باشقا بىز ماتېماتىكا −− ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنىش ئارقىلىق كونكرېت شەئىيلەردىن ئابىستراكىتلاشتۇرۇلغان تەپەككۈر ئۇسۇلى −− جەھەتتە يەنىلا ئۇلاردىن روشەن ئۈستۈن تۇرىمىز

    «ناۋادا بىز قول ھۈنەرۋەنچىلىك ماھارىتىدە ئۇلار بىلەن تەڭ تۇرالايمىز، نەزەرىيە ئىلمى جەھەتتە ھەتتا ئۇلاردىن ئېشىپ كەتتۇق، دېسەك، ئۇنداقتا ئەمەلىيەتچىلىك پەلسەپەسى ساھەسىدە، يەنى تۇرمۇش ۋە ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك ئۆرپ - ئادەتلىرى جەھەتتىكى ئېتىكا ئەخلاقى ۋە سىياسىي تەلىمات جەھەتتە بىز ئۇلاردىن ناھايىتى ئارقىدا قالدۇق. مەن بۇ نۇقتىنى تەن ئالغىنىمدا تولىمۇ خىجىل بولدۇم. بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىمكانقەدەر ئاز سۈركىلىش پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئاۋامنىڭ ئىناقلىقى، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تۇرمۇش تەرتىپىنى قالتىس ئەتراپلىق ئويلىيالىغانلىقىنى، باشقا مىللەتلەرنىڭ قانۇنىنى بىلمىگەننىڭ قانچىلىك ئەۋزەللىكى بارلىقىنى ئويلاپ يېتەلىگەنلىكىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمىز»(جۇنىڭ تۈزگەن، ئىتتىپاق نەشرىياتى 1999 - يىلى نەشىر قىلغان «غەربلىكلەر نەزەرىدىكى 2000 يىللىق جۇڭگو» نىڭ 1 - توم 466 -، 467 - بەتلىرىگە قاراڭ).

    يۇقىرىقى بايانلار پەلسەپەنىڭ غەربنىڭ خىيالكەشلىك پەلسەپەسى ۋە شەرقنىڭ ئەمەلىيەتچىلىك پەلسەپەسى، دەپ ئىككى چوڭ سىستېمىغا بۆلۈنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. «خىيالكەشلىك پەلسەپەسى» دېگىنىمىز ئومۇمەن سېزىمدىن ھالقىغان مەۋجۇدلۇق (دۇنيا) نى ئەلا سېزىمدىن يۇقىرى تۇرىدىغان مەۋجۇدلۇق (دۇنيا)، دەپ قاراش، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ئىدراكنىڭ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش، ئۇنىڭ تۈپ ۋاسىتىسى يەنىلا لوگىكا ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىنتىلگەن نىشانغا يېتىش، شۇ ئارقىلىق ئۇقۇم كاتېگورىيىسى سىستېمىسى ھاسىل قىلىش ھەمدە تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش، كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەرنى يىغىنچاقلاپ، ئاخىرقى ھېسابتا پۈتكۈل دۇنيانى مۇپەسسەل، تولۇق، توغرا شەرھىيلەشتىن ئىبارەت؛ ھالبۇكى «ئەمەلىيەتچىل پەلسەپە» بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇ سېزىمدىن ھالقىغان مەۋجۇدلۇق (دۇنيا) نى رېئال مەۋجۇدىيەت، دەپ قاراشقا قارشى تۇرىدۇ ھەمدە مۇپەسسەل ئۇقۇم كاتېگورىيىسى سىستېمىسى ھاسىل قىلىشقا كۈچىمەستىن باشتىن - ئاخىر ئادەمنىڭ ھەرىكىتى، ئادەمنىڭ ئەمەلىيىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، كىشىلەرنى ئەمەلىيەتنى باشتىن ئۆتكۈزۈشكە، ھەرىكەتلىنىشكە يېتەكلەشتە چىڭ تۇرىدۇ (خۇاڭ سۇڭجيې يازغان «ئەمەلىيەتچىل پەلسەپەگە يۈزلىنەيلى» دېگەن كىتابقا قاراڭ). مۇشۇ نۇقتىدىن «غايىۋى دۆلەت» بىلەن «قۇتادغۇبىلىگ» نى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، گەرچە ئىككىلا كىتابتا بىر نەچچە شەخس ئۆزئارا مۇنازىرىلەشسىمۇ ئەمما «غايىۋى دۆلەت» نىڭ باشتىن - ئاخىر تەسۋىرلىگىنى «ھەققانىيەت» ئېتىقادى توغرىسىدىكى بىر مەيدان بەس - مۇنازىرە بولۇپ، بۇ مۇنازىرىدىن «غايىۋى دۆلەت» ئۇقۇمىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ بىر مەيدانبەس - مۇنازىرىدە رېئال دۇنيا −− ئەينى زاماندا يۇنان شەھەر دۆلىتى ئىدى −− نىڭ تەجرىبىلىرى ناھايىتى ئاز بولۇپ، كۆپىنچىسى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى بىر نەچچە ئىلاھ توغرىسىدىكى رىۋايەتتۇر. دەرۋەقە، ئەپسانىمۇ ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى بىلىشىدىكى بىر خىل ئۇسۇل. دەل ئاشۇ ئەپسانە بولغىنى ئۈچۈنلا كىتابقا «غايىۋى دۆلەت» دەپ ئىسىم قويۇلۇپ رېئال دۇنيادا بولمىغان نەرسىگە بولغان غايىۋى ئىنتىلىش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئاددىيراق ئېيتقاندا، ئەپلاتوننىڭ «غايىۋى دۆلەت» ناملىق ئەسىرى ئېتىقاد توغرىسىدىكى بىر مەيدان مەنتىقىلىق ھۆكۈم بولۇپ، قارشى تەرەپ «ئىنكار قىلغان» ئۇقۇم ئۈستىدە مۇنازىرە يۈرگۈزۈپ ئەكس ئىسپاتلار ئارقىلىق ئۆز ئېتىقادىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. «غايىۋى دۆلەت» نى ئەستايىدىل ئوقۇغاندىلا بۇ نۇقتىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. ۋاھالەنكى، «قۇتادغۇبىلىگ» تە بۇ خىل مەنتىقىلىق بەس - مۇنازىرە ئارقىلىق ئەكس ئىسپات كۆرسىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلماستىن باشتىن - ئاخىر ئىنسانلارنىڭ تەجرىبىسى بايان قىلىنغان، بۇ بايانلار ئىچىدە ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ تۆرە - ئاقساقاللىرى، بەگلىرى ۋە ئەجدادلىرىنىڭ نۇرغۇن ئەقلىيەلىرى، پەندى - نەسىھەتلىرى، ماقال - تەمسىللىرى بولۇپ، بۇلار ئەمەلىيەتتىن ئۆتۈپ تاۋلانغان تەجرىبىلەر ئىدى (بەلكىم باشقا تۈركىي قوۋملارنىڭمۇ بولۇشى مۇمكىن). دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كىتابتا يەنە پادىشاھ ئۆزىنىڭ ۋە قول ئاستىدىكى 9 دەرىجىدىكى ئەمەلدارلىرىنىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلىرى مەخسۇس بايان قىلىنغان بولۇپ، كۇڭ زى (مىلادىدىن ئىلگىرى 551 - يىلدىن 479 - يىلغىچە ياشىغان) نىڭ «ئۆزىنى تۇتۇپ ئەدەبكە قايتىش» ئىدىيىسى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە.

    «ئۆزىنى تۇتۇپ ئەدەبكە قايتىش» دېگەن نېمە؟ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە فاكۇلتېتى تۈزگەن «جۇڭگو پەلسەپە تارىخى» (سودا نەشرىياتى 2004 - يىل نەشىر قىلغان) دېگەن كىتابتا بۇ ھەقتە مەخسۇس بايان بېرىلگەن. كۇڭ زى ياشىغان ئەمىنىيە دەۋرىدە ئارقا- ئارقىدىن زالىم پادىشاھلار سەلتەنەت سۈرۈپ، بىدئەتچىلىك ئەۋج ئېلىپ، ۋەزىر پادىشاھنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغان، ئوغۇل ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغان قاباھەتلەر دائىم يۈز بېرىپ تۇرغان. مەسىلەن، مىلادىدىن بۇرۇنقى 607 - يىلى جىن بەگلىكىدىكى جاۋ چۇەن جىن لىڭگۇڭنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، مىلادىدىن ئىلگىرى 548 - يىلى چى بەگلىكىدىكى سۈي جۇ چىجۇاڭگۇڭنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 559 -  يىلى شيەنگۇڭ بەگلىك زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 510 - يىلى لۇ جاۋگۇڭ بەگلىك زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن سەرسانلىقتا يۈرۈپ ئۆلۈپ كەتكەن... بۇنىڭغا بەزىلەر باھا بېرىپ «تاجۇ - تەخت دائىم تۇرماس، شاھ - ۋەزىرلەرنىڭ ئورنى تىنجىماس! ئەلمىساقتىن شۇنداقتۇر، بۇ يوسۇنلار بۇزۇلماس» دېگەن. بۇنىڭ مەنىسى دۆلەت قۇرۇلمىسى، شاھ - ۋەزىرلەرنىڭ نىسبىيلىك ئورنى ئەلمىساقتىن بېرى شۇنداق بولۇپ كەلگەن، دېگەنلىكتۇر. مانا بۇلار كۇڭ زىنىڭ ئېڭىدا «پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇپ»، شاھلارنى، ئاتىلارنى ئۆلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق جاھاننى مالىمان، جەمئىيەتنى گۇمران قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمىغان كۇڭ زى چوقۇم جۇ سۇلالىسىنىڭ يوسۇنلىرىنىڭ نوپۇزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پاترىئارخاللىق دەرىجە تۈزۈمى تەرتىپلىرىنى قايتا مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك، بۇنىڭدا مۇھىمى «ئۆزىنى تۇتۇپ ئەدەبكە قايتىش كېرەك» دەپ قاراپ: «ئۆزۈڭنى تۇتۇپ ئەدەبكە قايتمىساڭ سۆزۈڭ ئۆتمەيدۇ، سۆزۈڭ ئۆتمىسە ئىشىڭ ئاقمايدۇ، ئىشىڭ ئاقمىسا يوسۇنلىرىڭ كۈچتىن قالىدۇ، يوسۇنلىرىڭ كۈچتىن قالسا جازا ئۆتمەيدۇ، جازا ئۆتمىسە پۇقرالار بويۇنتاۋلىق قىلىپ ئىتائەت قىلمايدۇ» دېگەن («مۇھاكىمە ۋە بايان. پەرزەنتلەر يولى» دىن). كۇڭ زى ئۆمۈر بويى جۇ سۇلالىسىنىڭ قائىدە- يوسۇنلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىنتىلگەن، بۇ ئىنتىلىشلىرىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ئۇ ئېيتقان: «پادىشاھ پادىشاھتەك، ۋەزىر ۋەزىردەك، ئاتا ئاتىدەك، ئوغۇل ئوغۇلدەك بولۇشى كېرەك» دېگەن ھېكمەتتە ئىپادىلىنىدۇ، بۇ دېگەنلىك پادىشاھ بولغۇچىدا پادىشاھلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق - پەزىلەت بولۇشى، ۋەزىر بولغۇچىدا ۋەزىردە بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق - پەزىلەت بولۇشى كېرەك، پەقەت شۇنداق بولغاندىلا ئۆز ھەرىكىتىڭنى قائىدە - يوسۇن ئىزىغا سېلىپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرتىپىنى ساقلىيالايسەن، دېگەنلىكتۇر. بۇلارنى «قۇتادغۇبىلىگ» نىڭ ئۇئەللىپى يۈسۈف خاس ھاجىپ ھايات چېغىدىكى قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ قىسمەتلىرىگە باغلىساق بولىدۇ، دەل ئاشۇ دەۋرلەردە قاراخانىيلار خانىدانلىقىدىمۇ ۋەزىرلەر پادىشاھلارغا قەست قىلىدىغان، ئوغۇللار ئاتىسىنى ئۆلتۈرىدىغان، قېرىنداشلار ئارا قىرغىنچىلىق قىلىشىدىغان ئىشلار ئەۋج ئالغان، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە خانىدانلىقتا ئىچكى نىزالار تۈگىمىگەن. يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ نەزەرىدە، مۇشۇنداق بىر دۆلەتنى ئىدەرە قىلىشتا «ئۆزىنى تۇتۇپ ئەدەبكە قايتىش» زۆرۈر ئىدى. ئەمما يۈسۈف خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىگ» تە «ئۆزىنى تۇتۇپ ئەدەبكە قايتىش» دېگەن ئاتالغۇنى ئاددىيلا تەرجىمە قىلماستىن بەلكى زېرىكمەي - تېرىكمەي ئۇ ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى تەپسىلىي رەۋىشتە پادىشاھ ۋە پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكى توققۇز دەرىجىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندۇرغان. بولۇپمۇ «قۇتادغۇبىلىگ» دە تەسۋىرلەنگەن پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكى «ئاشچى» (ئاشپەز) 〔36 - باب〕 بىلەن «ئىدىشچى» (شاراب قۇيغۇچى، ساقى) 〔37 - باب〕 ئەسلىدە ناھايىتى تۆۋەن ئەمەل دەرىجىسى بولسىمۇ ئەمما مۇئەللىپ ئۇلارنى مۇھىم ئورۇندا بىلىپ:

    «خەلق باشلار ئەرگە بولۇر مىڭ يېغى،

    ھەمىشە قۇرۇقلۇق يېغى توزىغى.

    بولمىسا پۈتۈن، چىن، پىششىق بۇ كىشى،

    خەتەرلىك بولۇر ئىشتا بەگلەر ئىشى»(2834-، 2835- بېيت)

    (يەشمىسى: خەلقنى باشلىغۇچى كىشىنىڭ مىڭلاپ دۈشمىنى بولىدۇ، كىمنىڭ دۇشمىنى بولسا، ئۇنىڭغا توزاق قۇرۇلغاندۇر. بۇ كىشى <ئاشپەز> ئىشەنچلىك، چىن - ھەققاننىي بولمىسا، يېمەك- ئىچمەكتە بەگلەرنىڭ ئىشى خەتەرلىك بولىدۇ.)

    بۇگالدىن بولۇر بەگكە ھەممىدىن خەتەر،

    بۇ گال تاتقى ئاشچى، ئىدىشچى تۇتار.

    بۇ ئاشچى، ئىدىشچى سادىق بولمىسا،

    بولۇر بەك قىيىن بەگكە ئىچسە - يېسە.»(2890-، 2891- بېيت)

    (يەشمىسى: بەگلەرگە بارچە خەتەر بوغۇزدىن كېلىدۇ، بوغۇزنىڭ لەززىتى ئاشپەز ۋە ساقى <ئىدىشچى> نىڭ قولىدا بولىدۇ. ئاشپەز بىلەن ساقى ئىشەنچلىك بولمىسا، بەگنىڭ (خاتىرجەم) يەپ - ئىچىشى بەك قىيىن بولىدۇ) دەپ كۆرسىتىدۇ.

    مۇئەللىپ «ئاشچى» بىلەن «ئىدىشچى» نىڭ پادىشاھقا «پۈتۈن، چىن» بولۇشىنى (2831- بېيت)،  «سادىق» بولۇشىنى (2885 - بېيت) ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. بۇ تەسۋىرلەر ئارقىلىق يۈسۈف خاس ھاجىپ تارىخنىڭ چىن قىسمەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، ناھايىتى روشەنكى، «مالىمانچىلىق تۇغدۇرۇپ» سادىق بولماسلىق ئەينى چاغدىكى قاراخانىيلار ئوردىسىدىكى ئىچكى نىزالارنىڭ مۇھىم سەۋەبى بولۇپ قالغان. مەشھۇر «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد قەشقەرى ئاتىسىنىڭ زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبلىك ئوردىدىن كېتىپ قالغان. مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، «قۇتادغۇبىلىگ» نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈف خاس ھاجىپ دۆلەتنىڭ ئاسايىشلىقى، ئەمىنلىكى، مىللەتنىڭ روناق تېپىپ گۈللىنىشى ئۈچۈن بارلىق زېھنىنى ئىشقا سالغان. «قۇتادغۇبىلىگ» نىڭ پۈتكۈل تەپەككۈر ئۇسۇلى تىپىك جۇڭگو ئەمەلىيەتچىل پەلسەپەسىنىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئېيتىلىۋاتقان «ئەلنى ئاسايىشلىققا ئېرىشتۈرۈپ ئىدارە قىلىش» تىكى «ئىدارە قىلىنىدىغان ئەل» جۇڭگونىڭ كاشغەرىيە زېمىنىدا سەلتەنەت سۈرگەن قاراخانىيلار خانلىقىدۇر. «قۇتادغۇبىلىگ» نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى زورمۇزور ئەپلاتوننىڭ «غايىۋى دۆلەت» ناملىق ئەسىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىتىش ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي ئاق - قارىنى ئاستىن- ئۈستىن قىلىۋەتكەنلىك، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئۇزاقتىن بۇيان «ياۋروپا مەدەنىيەت سېنترالزمى» (ياۋروپا مەدەنىيەت مەركەزچىلىكى) نىڭ ناچار تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۇلۇغلىرىمىزنى، بولۇپمۇ قەدىمكى زاماندىكى ئۇيغۇر ئۆلىما - ئەللامەلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئىجادكارلىقىنى بىلىپ - بىلمەي پەس كۆرگەنلىكتۇر، بۇنىڭ مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە پايدىسى يوق!

    «قۇتادغۇبىلىگ»نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈف خاس ھاجىپ كۇڭ زى تەلىماتىدكى «ئۆزىنى تۇتۇپ ئەدەبكە قايتىش» ئىدىيىسىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ  شەرھىيلەپ پادىشاھ ۋە پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندۇرۇپ، «ئەلنى ئاسايىشلىققا ئېرىشتۈرۈپ ئىدارە قىلىش» تەدبىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك مەشغۇلاتچانلىققا − يولغا قويۇشچانلىققا ئىگە قىلدى، بۇ «قۇتادغۇبىلىگ» ئىدىيىۋى مېتودىنىڭ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيەتچىل پەلسەپە سىستېمىسىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ  بېرىدۇ.

     

    خاتىمە

     

     «16 - قۇرۇلتاينىڭ دوكلاتى» دا: «مىللىي روھ  بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۇيغۇرلار قەدىمىي مىللەت ھەم مەدەنىيەتلىك مىللەت، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا نەچچە مىڭ يىلغىچە ساقلىنىپ كېلەلىشىدە بۇ مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي روھى رول ئويناپ كەلگەن. بۇ خىل مىللىي روھ «قۇتادغۇبىلىگ» دىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك ئەسەردە تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئۇ بولسىمۇ قەدىم- قەدىم تارىخلاردىن بېرى ئۇيغۇرلار باشتىن - ئاخىر مەۋجۇدلۇق ۋە تەرەققىياتقا ئىنتىلىپ، ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيىتىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، خەنزۇ تىلى مەدەنىيىتىنى ئۆزىنىڭ مۇھىم تەرەققىيات بايلىقى قىلىپ، خەنزۇ تىلى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلىكتە ياشاپ، دۇنياغا يۈزلىنەلىگەن ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى بولمىش «قۇتادغۇبىلىگ» دەك شاھانە نادىر ئەسەرنى ياراتتى. «قۇتادغۇبىلىگ» دەل مۇشۇ خىل مىللىي روھنىڭ نادىر ئۈلگىسىدۇر!

    بۇ يىل دەل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىق كاتتا مەرىكىسى بولغان يىل، شۇنداقلا «قۇتادغۇبىلىگ» نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىجاد قىلىنغىنىغا 935 يىل بولغان خاتىرە يىلى. بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ «قۇتادغۇبىلگ» نىڭ كاشغەرىيىدە ئاپىرىدە بولغانلىقىنى سۆزلىشىمىزنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. مىلادى 840 - يىلى ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندە بۈيۈك تاڭ مەدەنىيىتىنىڭ سېھرلىك تەسىرىنى ئېلىپ كاشغەرىيىگە كەلگەن؛ مىلادى 1070 - يىلى يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىگ» ى بۈيۈك تاڭنىڭ يوسۇنلىرىنى نامايان قىلىپ دۇنياغا كېلىپ قەشقەردىن جاھانغا يۈزلەنگەن. بۇ يەردە ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى مائارىپنىڭ گۈللەندۈرۈلگەنلىكى. مائارىپ بولغىنى ئۈچۈنلا مىللىي مەدەنىيەت بۈگۈنگىچە داۋاملىشالىدى ۋە تەرەققىي قىلالىدى. «قۇتادغۇبىلىگ» ئىجادىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئىسپاتلىدىكى، خەنزۇ تىلى مەدەنىيىتى قەدىمكى تۈرك - ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولمايلا قالماستىن بەلكى ئۇنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بايلىق مەنبەسى بولۇپ قالدى.

       تۇرغۇن ئابدۇلئەزىز تەرجىمىسى

    شىنجاڭ تارىخ- مەدىنىيىتى ژورنىلى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.