ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-16

    «قۇتادغۇبىلىگ» ۋە بۈيۈك تاڭ يوسۇنلىرى(1) - [تەتقىقاتلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41089287.html

    −− شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ

    50 يىللىقىغا بېغىشلايمەن

     

    چېن شۆشۈن

     

     {مۇقەددىمە} بۇ يەردە بىز قاراخانىيلار تەسەررۇپىدىكى زېمىننى «كاشغەرىيە» دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئالدۇق. چۈنكى ئامېرىكىلىق ئالىم .W.M مەكگوۋېرن (William Montgomery McGovern)     ئۆزىنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى زامان تارىخى» دېگەن ئەسىرىدە: «تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىنىڭ شەرقىدە تارىم دەرياسى ۋادىسى بولۇپ، ئادەتتە چىنى تۈركىستان (جۇڭگو تۈركىستانى) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ نامنى تارىخىي ئاتالغۇ سۈپىتىدە قوللىنىش تازا مۇۋاپىق ئەمەس، چۈنكى مىلادى 9 - ئەسىردىن ئىلگىرى بۇ رايوندا زور مىقتاردىكى تۈركلەر ياكى تۇرانلىقلار ئولتۇراقلاشمىغان (تۈركىستان، دېگەن نامنىڭ مەنىسى ’تۈركلەر ئولتۇراقلاشقان ماكان‘ دېگەنلىكتۇر). شۇڭا بىز گرۇسسېت (M.Grousset) نىڭ قەشقەر دەپ ئاتاش ئىزىدىن ئەگەشمەي كاشغەرىيە، دەپ ئاتىدۇق» دەپ يازىدۇ.

    بىز مەزكۇر ماقالىمىزدە بۇ بىر ئابزاسنى تەھلىل قىلىپ پۈتكۈل تارىم ۋادىسىنى «كاشغەرىيە» (Kashgaria) دېگەن بۇ جەلپكار ئىسىم بىلەن ئاتىدۇق، ئۇنىڭ مەركىزى بۈگۈنكى كۈندىكى غەربىي جۇڭگودىكى مەرۋايىت - قەشقەردۇر.

    مىلادىيە 1070 - يىلى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر ئالىمى يۈسۈف خاس ھاجىپ سۇلالىنىڭ مەركىزى بولمىش قەشقەردە ئۆزىنىڭ ئۆلمەس شاھانە ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىگ» نى ئەڭ دەسلەپتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە يېزىلىدىغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىپ تاماملىغان، سەل كېيىنكىلەر ئەينى زاماندا مودىغا ئايلانغان قەدىمكى ئەرەب ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈپ چىققان، مانا شۇ نۇسخىلىرى غەربكە تارقىلىپ نەمەنگان، قاھىرە ۋە ھىراتقىچە يېتىپ بارغان. تارىخ 20 - ئەسىرگە كەلگەندە، تۈركىيە ئالىملىرى شۇنىڭغىچە بايقالغان 3 پارچە قوليازما نۇسخىسىنى جەمئىيلەپ ئايرىم -  ئايرىم ھالدا ئەسەرنىڭ ئەسلى فوتو نۇسخىسىنى (فاكسىمىل نۇسخىسى) نەشىر قىلدۇرغان، 1947 - يىلىغا كەلگەندە پۈتكۈل ئەسەرنىڭ لاتىنچە ترانسىفىكسىيىلىك نۇسخىسىنى نەشىر قىلدۇرغان، 1959 - يىلى تۈركىيە تۈركچىسىدىكى نەسرىي تەرجىمىسىنى  نەشىر قىلدۇرغان. 1971 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە تاشكەنتتە «قوتادغۇ بىلىگ» نىڭ ئۆزبېكچە تەرجىمىسى، ئارقىدىن 1983 - يىلى موسكۋادا رۇسچە تەرجىمىسى، 1984 - يىلى بېيجىڭدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسى، 1984 - يىلى چىكاگودا ئىنگلىزچە تەرجىمىسى، 1986 - يىلى بېيجىڭدا خەنزۇچە تەرجىمىسى، 1987 - ئالمائاتادا قازاقچە تەرجىمىسى، 1993 - يىلى بېشكەكتە قىرغىزچە تەرجىمىسى نەشىر قىلىنغان. يۈسۈف خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ «بىرىنچى كىرىش سۆز» ىدە: «بۇ بەك ئەزىز بىر كىتابتۇر، (ئۇ) چىن ھېكىملىرىنىڭ ھېكمەتلىرى بىلەن بېزەلگەن، ماچىن ئالىملىرىنىڭ شېئىرلىرى بىلەن ياسانغاندۇر» دەپ ئاشكارا خىتاب قىلغان. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقان «ماچىن» ئەينى دەۋردىكى جۇڭگودىكى  سۇڭ سۇلالىسى، «چىن» قىتانلار قۇرغان لياۋ سۇلالىسىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ يەردىكى ھەر ئىككى سۇلالە جۇڭگو ئىدى،  ئىككى سۇلالىنىڭ تىلىمۇ خەنزۇ تىلى ئىدى. «چىن ھېكىملىرىنىڭ ھېكمەتلىرى ۋە ماچىن ئالىملىرىنىڭ شېئىرلىرى» ئەمەلىيەتتە خەنزۇ تىلى مەدەنىيىتى ئىدى. «قۇتادغۇبىلىگ» خەنزۇ تىلى مەدەنىيىتىنى تەرغىب قىلىدىغان ئەسەر بولۇش سۈپىتىدە قانداقلارچە كاشغەرىيەدە بارلىققا كېلىدۇ؟ ئۇ تارىختىكى تاسادىپىي ھادىسىدىمۇ ياكى مۇقەررەر ھادىسىدىمۇ؟ ناۋادا ئۇ مۇقەررەر ھادىسە، دېيىلسە ئۇنىڭ مەنبەسى زادى نەدە؟ «قۇتادغۇبىلىگ» نىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيەتچىلىك پەلسەپەسىگە مەنسۇپمۇ - ئەمەسمۇ؟ مانا بۇلار «قۇتادغۇبىلىگ» تەتقىقاتىدا ھەل قىلىنغىنى يوق. بۇ ماقالەمدە مەن مۇشۇ مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا زۆرۈر بولغان مۇھاكىمە ۋە ئىزدىنىشلەرنى كەسىپداش مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

     بىرىنچى، «قۇتادغۇبىلىگ» نىڭ مائارىپ ئىدىيىسى بۈيۈك تاڭ يوسۇنلىرىدىن كەلگەن

     «قۇتادغۇبىلىگ» نى تەپسىلىي ئوقۇغانلار پۈتكۈل كىتابقا سىڭدۈرۈلگەن ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكنىڭ پادىشاھلارنىڭ ۋە ئاۋامنىڭ بىردەك ئىلىمغا ئىنتىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىپ كېلىپ، «جاھانئەھلى ئىلمۇ - ئىرفان ئارقىلىق گۈزەل ئەخلاققا ئېرىشەلەيدۇ، شۇ ئارقىلىق ھەر بىر ھەرىكىتىدە مېھىر - شەپقەت ۋە ئەدەب - ئەخلاقنى نامايان قىلالايدۇ» ھەم دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلالايدۇ، شۇڭا پادىشاھلار «پۇقرالىرىنى ئىلمۇ - ئىرفان ئارقىلىق يورۇقلۇققا يېتەكلىشى لازىم» دەپ قارىغانلىقىنى بايقىۋالالايدۇ، ھازىرقى زامان تىلىمىز بىلەن ئېيتقاندا بۇ مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى روناق تاپقۇزۇش، دېگەنلىكتىن ئىبارەت. «قۇتادغۇبىلىگ» نىڭ بۇ خىل ئىدىيىسى زادى نەدىن كەلگەن؟ غەربتىكى ئەرەب ئىسلام ئىدىيىسىدىن كەلگەنمۇ ياكى شەرقتىكى جۇڭگو زېمىنىدىن كەلگەنمۇ؟ بۇ يەردە بىز ئەمەلىي پاكىتنىڭ سۆزلىشىگە ئىمكان بېرەيلى:

     

    كاشغەرىيەنىڭ تارىخى خەنزۇ تىلىدا خاتىرىلەنگەن

     

     تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنبەسى يەنىلا يازما مەنبەدۇر. سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۆتكەن ئالىم ۋىلادىمىر ۋاسسليېۋىچ بارتولد(.V.V بارتولد 1869 - يىل تۇغۇلۇپ 1930 - يىل ۋاپات بولغان) ئۆزىنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قىسقىچە تارىخى» دا:

    «بىزنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2 - ئەسىردىن مىلادى 7 - ئەسىرگىچە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا توغرىسىدىكى بىلىدىغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىدىن كەلگەن... بىزنىڭ فەرغانە، شىنجاڭدىكى ئاھالىلەر رايونى ۋە مەركىزىي ئاسىيا يايلاقلىرىدىكى چارۋىچىلار توغرىسىدا ئەڭ بۇرۇنقى بىلىدىغانلىرىمىزمۇ جۇڭگولۇقلاردىن كەلگەن... جۇڭگولۇقلار ئوتتۇرا ئاسىيادىن تەك (ئۈزۈم) ۋە بېدە ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى كىرگۈزگەن... فەرغانىلىكلەر جۇڭگولۇقلاردىن ئالتۇن، كۈمۈش بۇيۇملىرىنى ياساش ۋە تۆمۈر قوراللارنى ياساشنى ئۆگەنگەن. ئىسلام دىنى تارقىلىپ كىرگەن دەسلەپكى بىر نەچچە ئەسىردە، بۇ قول ھۈنەر - سەنئىتى فەرغانىدە ناھايىتى روناق تاپقان ئىدى» (شۇ كىتاب 5 – بەت).

    «تاڭ (618 - يىلى قۇرۇلغان) دەۋرىدىكى جۇڭگونىڭ سىياسىي كۈچى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. بۇ دەۋردىكى جۇڭگو تارىخىي ماتېرىياللىرى بىزنى تۈركىستاننىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتىگە دائىر خېلىلا تەپسىلىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ بېرىدۇ... كۇشانىيە (كۇشان بەگلىكىنى كۆرسەتسە كېرەك − ئاپتورنىڭ ئىزاھى) شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا تام رەسىملىرى سىزىلغان قۇرۇلۇشلار بار، بۇ قۇرۇلۇشلاردىكى تام رەسىملىرىنىڭ بىرىدە شىمال تەرەپتىكى تامغا جۇڭگو پادىشاھى، كۈن چىقىش تەرەپتىكى تامغا ھىندى براھمانى بىلەن تۈرك خاقانى، غەرب تەرەپتىكى تامغا ئىران (پارس) شاھىنشاھى  بىلەن رىم ئىمپېراتورىنىڭ رەسمى سىزىلغان» (شۇ كىتاب 8- بەت).

    قۇتادغۇبىلىگ‘ ناملىق  بۇ كىتابنىڭ بارلىققا كېلىشى قىسمەنلىك ياكى تاسادىپىيلىق ئەمەس، ئۇ تۈركلەر ئەدەبىياتىدا <قەشقەر> دەۋرىنى ياراتقان. ئۇ دەۋردە تېخى ئىلگىرىكى تۈرك ۋە خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ زىچ باغلانغان تەسىرى يەنىلا بار ئىدى. بۇ خاقاننىڭ نامىدىلا ئىپادىلەنگەن ئەمەس. ’دىۋان‘ («تۈركىي تىللار دىۋانى» نى دېمەكچى − ئاپتوردىن، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش) دا قىتانلارنىڭ لياۋ سۇلالىسىدىكى خەنزۇچە ئەمەل نامى Tayangu دېگەن نام قوبۇل قىلىنغان («دېۋان»، 3 - توم، 281 - بەت)، بۇ سۆز ئەرەبچىدىكى ھاجىب (hajib)، يەنى ئىشىك ئاغىسى، (خاس ياساۋۇل، خاس نۆكەر) دېگەن سۆز بىلەن مەنىداش كېلىدۇ... يەنە ئورخۇن مەڭگۈ تېشى تېكستلىرىدە ئۇچرايدىغان Kunqiu (مەلىكە، دېگەن مەنادىكى خەنزۇچە سۆز − گۇڭجۇ) خانىم، دېگەن سۆز ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا قوبۇل قىلىنغان، ’دىۋان” دا ماددىي مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان نۇرغۇن سۆز ئىچىدە ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر بولغىنى ulatu دېگەن سۆز بولۇپ («دىۋان»، 1 - توم، 122 - بەت)، مەيدىسىگە تىكىۋېلىپ بۇرنىنى سۈرتۈشكە ئىشلىتىلىدىغان يىپەك ياغلىقنى ئىپادىلىگەن... يىراق قەدىمدە ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە بولسۇن يۇنان ۋە ئىسلام دۇنياسىدا قولياغلىق تېخى ئىشلىتىلمىگەن. غەربىي ياۋروپادا 15 - ئەسىرگە كەلگەندىلا ئۇ يەردىكىلەر جۇڭگولۇقلار ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىنلا ئاندىن بۇ نەرسە بارلىققا كەلگەن. ھالبۇكى جۇڭگولۇقلار ناھايىتى قەدىمدىلا ئۇ نەرسىنى ئىشلەتكەن. جۇڭگونىڭ تەسىرىدە موڭغۇللارمۇ 13 - ئەسىردە قولياغلىق ئىشلەتكەن. 11 - ئەسىردە تۈركلەرنىڭ قولياغلىق ئىشلىتىشى يىراق شەرق مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدىن، دەپ ئېيتالايمىز» (شۇ كىتاب 137 - بەت) دەپ يازىدۇ.

    ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىلمىي ئىستىلى دۇرۇس ئالىملارنىڭ تۈپ ئەخلاق - پەزىلىتى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەسلىپىدىكى مەزگىللىرىدە ھاياتىنىڭ ئاخىرىنى ئۆتكۈزگەن بارتولدنىڭ جۇڭگوغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ماختىشىنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن ئاشۇ ئەسىرىدە چىقارغان يەكۈنىدە تارىخنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، تا بۈگۈنگىچە ھېچكىم ئۇنى ئاغدۇرۇۋېتەلمىدى. پەقەت خەنزۇلارنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىلا مىلادىدىن بۇرۇنقى 2 - ئەسىردىن مىلادى 7 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى تەتقىقات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىيەلىدى، بۇمۇ خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تارىخىي تۆھپىسى، خالاس. بۇلار 11 - ئەسىردىن ئىلگىرىكى قاراخانىيلار سۇلالىسى مەدەنىيىتىنىڭ خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرۇپتۇ.

     

    ئىسلام دىنى مەدەنىيىتىدىكى مەكتەپ كاشغەرىيەدىن باشلانغان

     

     نوپۇزلۇق ئىلىم مۇتەخەسسىسى، مىسىرلىق ئالىم ئەھمەد ئەمىن يازغان «ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى» ناملىق ئەسەرنىڭ 3 - تومىنىڭ 48 -، 49 - بەتلىرىدە (خەنزۇچە نەشرى بولسا كېرەك − تەرجىماندىن): «ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە تېخى مەكتەپ (مەدرىس) يوق ئىدى. دەسلەپتە دىن تارقاتقانلار ۋە كېيىنچە دىن تارقاتقۇچىلاردىن مەكتەپ (مەدرىس) نى بىلىدىغانلار يوق ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇھەممەدتىن 400 يىللارچە كېيىنلا مەكتەپ بارلىققا كەلگەن. مەكتەپنى دەسلەپتە بىنا قىلغۇچىلار نىشاپۇرلۇقلاردۇر. ئۇلار ئىسلام تارىخىدىكى تۇنجى مەكتەپ (مەدرىس) بولمىش بەھگىيە مەكتىپىنى بىنا قىلغان، تۇنجى مەكتەپنى 1027 - يىلى ۋاپات بولغان ئەبۇ ئىسھاق ئىسفەرەئىي دېگەن زاتنىڭ بىنا قىلغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. ئەمما كۆپىنچە ئالىملار، ھىجىرىيە 456 - يىلىدىن 485 - يىلىغىچە (مىلادى 1065 - يىلىدىن 1094 - يىلىغىچە) سەلجۇق سۇلالىسى (سەلجۇق تۈركلىرى ئېلى) نىڭ ۋەزىرى بولغان نىزامۇلمۈلك تۇنجى مەكتەپ بىنا قىلغان كىشىدۇر، ئۇ باغداد، بەلخ، نىشاپۇر، ھىرات قاتارلىق جايلاردا مەكتەپ بىنا قىلغان، دەپ دەلىللەشمەكتە» دەپ ئېنىق يازغان (شۇ كىتاب 206 - بەت، خەنزۇچە نەشرى بولسا كېرەك − تەرجىمان).

    ناجۇڭ ئەپەندى يازغان «ئەرەب ئومۇمىي تارىخى» دېگەن كىتابنىڭ 1 - توم 625 - بېتىدە (خەنزۇچە) «نىزامۇلمۈلك سالدۇرغان نۇرغۇن مەكتەپلەر بىردەك <نىزامىيە مەدرىسى> دەپ ئاتالدى. بۇنىڭ ئىچىدە باغدادتىكى نىزامىيە مەدرىسى ھەممىدىن مەشھۇردۇر» دەپ قەيت قىلىدۇ. مەزكۇر كىتابنىڭ 236 - بېتىدە يەنە مىلادى 1010 - يىلى باغدادتا بەيت ھېكمەت دارىلئۇلۇمى (ئۇنىۋېرسىتېت) قۇرۇلغانلىقىنى، ئاندىن سەل كېيىن قاھىرەدە دارۇلئىلىم (Daral - ilim) قۇرۇلغانلىقىنى يازىدۇ. مانا شۇلاردىن ئىلمىي يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، «جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ئىسلام دىنى تارىخى» (خەنزۇچە) نىڭ 1 - تومىنىڭ 117 - بېتىدە خاتىرىلەنگەن تارىخىي پاكىتتا، قاراخانىيلار ھۆكۈمرانى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان (مىلادى 910 - يىل −− 955 - 956 - يىل) دەۋران سۈرگەن مەزگىللەردە قەشقەردە ساچىيە مەدرىسنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنغان، مانا بۇ ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخىدىكى تۇنجى ئالىي بىلىم يۇرتى (ئۇنىۋېرسىتېت) بولۇشقا مۇناسىپ. ساچىيە مەدرىسى سەلجۇقلار خاندانلىقىنىڭ ۋەزىرى نىزامۇلمۈلكنىڭ مىلادى 1065 - يىلى −− 1094 - يىلى ئارىلىقىدا سالدۇرغان باغدادتىكى نىزامىيە مەدرىسىدىن بىر ئەسىردىن كۆپرەك بۇرۇندۇر؛ ئەبۇ ئىسھاق ئىسفەرەئىي  (مىلادى 1027 - يىل ۋاپات بولغان) سالدۇرغان مەدرىسلەردىنمۇ يېرىم ئەسىرچە بۇرۇندۇر. «ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى» جۇڭگو زېمىنىدىكى قاراخانىيلارنى ئۆز سىستېمىسىغا كىرگۈزمىگەچكە، كاشغەرىيەدىكى بۇ مەدەنىيەتنى خاتىرىلىيەلىشى مۇمكىن ئەمەس. دېمەك بىز شۇنداق دەپ ئېيتالايمىزكى، مەدرىس كاشغەرىيەدىن غەربكە تارقىلىپ باغدادقىچە يېتىپ بارغان.

    بۇ يەردە بىر تارىخىي پاكىتنى تولۇقلىما ئورنىدا قىستۇرۇپ ئۆتۈش زۆرۈر، دەپ قارايمىز:

    سەلجۇقلار تۈركىي قەۋملەرنىڭ بىر تارمىقى بولغان كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە ئىدى، 10- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سىر دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغاقلىرىدىكى بىپايان دالىلاردا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلاتتى، 10 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئېتىبارەن ئىككى دەريا ئارىلىقى −− ماۋاررە ئۇننەھرگە قاراپ سىلجىپ تەدرىجىي بۇ رايونغا كىرگەن. سەلجۇقلار ئۇرۇشقا ماھىر ئىدى، ئۇلار خۇراسان رايونىدا پۇت دەسسەپ بېكىۋالغاندىن كېيىن تەدرىجىي سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىكىنى باشلىغان. ئالاھىزەل بىرەر ئەسىرچە ئىستېلا ئۇرۇشى قىلىپ يۈرۈپ ناھايىتى كېلەڭسىز (چوڭ) سەلجۇقلار ئىمپېرىيەسىنى قۇرۇپ، باغداد خەلىپىلىكىنى ئۆزىگە قارام قىلىپلا قالماستىن بەلكى پۈتكۈل غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا، كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىدىكى بىپايان زېمىننى ئۆز تەسەررۇپىغا ئالغان. سەلجۇق ئىمپېرىيەسىنىڭ ۋەزىرى نىزامۇلمۈلك يازغان «سىياسەتنامە» نىڭ خەنزۇچە نەشرىگە بېرىلگەن «تەرجىماننىڭ كىرىش سۆزى» دە: «سەلجۇقلار ئات ئۈستىدىكى چەۋەندازلىق جاسارىتى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن سەلتەنەتىنىڭ تەسەررۇپىدىكى ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ناھايىتى قەدىمىي مەدەنىيەت ۋە كۆپ خىل دىنىي ئېتىقادقا ئىگە رايون ئىدى، مۇقىم ئولتۇراقلاشقان مەدەنىيەت بىلىملىرى كەمچىل بولغان سەلجۇقلارنىڭ بويسۇندۇرغان زېمىندا قانداق قىلىپ دەۋران سۈرۈپ سەلتەنەت تۇتۇشى ئۇلار (سەلجۇقلار) دۇچ كەلگەن مۇھىم مەسىلە ئىدى» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. مۇشۇ نۇقتىدىن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، بۇ جەھەتتە سەلجۇقلار خانىدانلىقى ئۆزلىرىگە قېرىنداش بولغان قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. مىلادى 1070 - يىلى «قۇتادغۇبىلىگ» تاماملانغاندىن كېيىن، يۈسۈف خاس ھاجىپ ئەينى دەۋردىكى قاراخانىيلارنىڭ سەلتەنەت ساھىبى −− ھۆكۈمران تابغاچ بۇغراخانغا ئۆز ئەسىرىنى تەقدىم قىلغان. شۇ چاغدىكى سەلجۇق ئىمپېرىيەسى بىلەن قاراخانىيلار خانىدانلىقى قۇدىلاشقان ئىدى. ۋاڭ جىلەي يازغان «ئوتتۇرا ئاسىيا ئومۇمىي تارىخى» نىڭ قەدىمكى زامان 2 - قىسمىدا: «سەلجۇقلار خانىدانلىقىنىڭ 2 - پادىشاھى ئالىپ ئارسلان (1063 - يىلىدىن 1072 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) 1063 - يىلى تەختكە ئولتۇرۇپ سۇلتان، دەپ ئاتالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاراخانىيلار خانى يۈسۈف قادىرخاننىڭ مەلىكىسىنى خانىشلىققا ئالدى، ئالپ ئارسلاننىڭ ئوغلى مەلىكشاھ قاراخانىيلارنىڭ يەنە بىر مەلىكىسىنى ئەمرىگە ئالدى. 1072 - يىلى ئالپ ئارسلان جەڭگە چىققاندا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى، ئوغلى مەلىكشاھ تەختكە ۋارسلىق قىلىپ سەلتەنەت تەختىگە ئولتۇردى. دەل مۇشۇ مەزگىلدە يەنە بىر مەشھۇر ئالىم مەھمۇد قەشقەرى ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ باغدادقا كېتىۋاتاتتى. مەھمۇد قەشقەرى دەل سۇلتان ئالپ ئارسلاننىڭ تۇل قالغان خانىشى تۈركان خاتۇننىڭ  ھامىيلىقىدا <تۈركىي تىللار دىۋانى> نى تاماملىدى»، دەپ  يازىدۇ. مۇشۇ تارىخىي پاكىتلاردىن كۆرۈش مۇمكىنكى، باغداد بىلەن قەشقەرنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن ئىدى. كونكرېتراق قىلىپ ئېيتساق، قۇدا - باجىلىق مۇناسىۋىتى بولغاچقا، سەلجۇق ئىمپېرىيەسىگە قىلىنىدىغان ئەڭ ياخشى ياردەمنىڭ ئەلنى ياخشى ئىدارە قىلىشتىكى شاھانە ئەسەر «قۇتادغۇبىلىگ» نى يەتكۈزۈپ بېرىش ئىكەنلىكىدە شەك يوق. سەلجۇق ئىمپېرىيىسىنىڭ خانىشى بولغان قاراخانىيلار مەلىكىسى تۈركان خاتۇننىڭ قەشقەردە ئىسلام ئالىي بىلىم يۇرتى بەرپا قىلىنغانلىق ئەھۋالىنى سەلجۇق ئىمپېرىيىسىگە تونۇشتۇرماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. دەل شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن سۇلتان مەلىكشاھ 479 - ھىجىرىيىدە، يەنى مىلادى 1086- يىلىدا ۋەزىرى نىزامۇلمۈلككە (مىلادى  1018 - يىلىدىن 1092 - يىلىغىچە ياشىغان) ۋە باشقا ۋەزىر - ۋۇزرا، ئەمرۇل - ئۆمەرالىرىغا ئەلنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرى تۈزۈپ چىقىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن ھەمدە بۇ ۋەزىر نىزامۇلمۈلكتە دىنىي مەكتەپلەرنى كۆپلەپ قۇرۇش قىزغىنلىقىنى قوزغاتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمىزكى، سەلجۇقلار ئىمپېرىيىسى تەسەررۇپىدىكى مەكتەپلەر قاراخانىيلارنىڭ تەسىرىدە قۇرۇلغان. ئۇنىڭمۇ يىلتىزىنى سۈرۈشتۈرسەك، ئاخىرقى ھېسابتا بۈيۈك تاڭنىڭ رەسىم- يوسۇنلىرىدىن كەلگەن.

     

    كاشغەرىيەدىكى بۈيۈك تاڭ يوسۇنلىرى

     

     ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئېلىنىڭ كۇڭ زى تەلىماتى مەرىپەتچىلىكى (551 - يىلدىن 479 - يىلغىچە ياشىغان) تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېنگۇەن يىللىرىغىچە (مىلادى 626 - يىلى باشلانغان) بولغان ئارىلىقتا تەرەققىي قىلىپ ناھايىتى يېڭى بىر يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ئىدى. قاراخانىيلار سۇلالىسى زېمىنى بولغان كاشغەرىيە ئەينى چاغدا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەنشىدىكى تۆت قورغىنى، يەنى سۇلې (قەشقەر)، كۈسەن، ئۇدۇن (خوتەن)، سۇيئاب (توقماق) جايلاشقان جاي ئىدى. چېن شېڭيۇەن، تاھىرجان قاتارلىق 4 ئالىم جۇڭگو تارىخىي ماتېرىياللىرىنى مەنبە قىلغان ئاساستا يېزىپ چىققان «ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى» دېگەن كىتابتا: «مىلادى 639 - يىلى (جېنگۇەننىڭ 13 - يىلى) تاڭ تەيزۇڭ <كۇڭ زى تەلىماتلىرىنى كېڭەيتىش» يۈزىسىدىن شاھزادىلەر سارىيىدا خانلىق مەدرىسى تەسىس قىلغان... تالىپلار تۇرالغۇسى 1200 دىن ئاشقان... كامالەتكە يەتكەن ئۆلىما- دانىشمەنلەر ساۋاق بەرگەن. تەرەپ - تەرەپلەردىكى يات تائىپىلەردىن، مەسىلەن كورىيەلىكلەر، پىكچىلەر، سىللالار، ئىدىقۇتلۇقلار، تۈبۈت (تىبەت) لەرنىڭ ئاقسۆڭەكلىرى ئوغۇللىرىنى بۇ خانلىق مەدرىسىگە ئەۋەتكەن، تالىپلار سانى 8 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن». بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان تەرەپ- تەرەپتىكى يات تائىپىلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار ئىدى. مىلادى 640 - يىلى (تاڭ تەيزۇڭ جېنگۇەننىڭ 14 - يىلى) تاڭ سۇلالىسى بۈگۈنكى شىنجاڭ تەۋەسىدە ئىۋىرغول ئايمىقى، قوچۇ ئايمىقى (يەنى قوچۇ - ئىدىقۇت تەۋەسى)، بەشبالىق ئايمىقى (جۇڭغارىيە تەۋەسى)، ئەنشىدىكى تۆت قورغان قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى ۋە بەشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلغان. تاڭ سۇلالىسى شۇ دەۋردە چاڭئەن (ئاستانە)، لوياڭدىكى شاھزادىلەر مەدرىسى بىلەن خانلىق مەدرىسىگە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاقسۆڭەك پەرزەنتلىرىدىن قوبۇل قىلغان، ھەر قايسى ئايماق، ناھىيىلەردە ئايماق مەدرىسى، ناھىيە مەدرىسى تەسىس قىلغان. بۈگۈنكى شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئۈچ ئايماق، 12 ناھىيىدە تاڭ سۇلالىسىنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى بويىچە مەدرىس تەسىس قىلىنغان، ئايماق مەدرىسلىرىگە 50 تالىب، ناھىيە مەدرىسلىرىگە 32 تالىپ قوبۇل قىلىنغان، شۇنداق بولغاندا ئۈچ ئايماقتىكى مەدرىسكە 150، ناھىيە مەدرىسىگە 384 تالىب قوبۇل قىلىنغان. قورۇقچىبەگ تۇرۇشلۇق جاي ۋە ئەنشىدىكى تۆت قورغاننىڭ ھەر بىرىدە ئوخشاشلا مەدرىسلەر تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە يېزىلاردا يېزا مەدرىسى، بەگلەر مەدرىسى بولغاندىن سىرت پۇقرالار ئۆزلىرى قۇرۇۋالغان پۇقرالار مەدرىسى بولغان، بۇلارنى قوشۇپ كەلگەندە، تالىبلارنىڭ سانى 1000 غا يېتىپ قوپقان، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى يەرلىك ئاز سانلىق مىللەت پەرزەنتلىرى بولغان، دەپ يازغان. 1969 - يىلى تۇرپاندىكى ئاستانە قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان مىلادى 709 - يىلغا ئائىت (تاڭ سۇلالىسىنىڭ خانى تاڭ جۇڭزۇڭ سەلتەنەتىنىڭ جىڭلۇڭنىڭ 4 - يىلى) قوچۇ ئايمىقىدىكى پۇقرالار پەرزەنتلىرىدىن بولغان تالىبلار كۆچۈرگەن «جېڭ خەلپەتنىڭ مۇھاكىمە ۋە بايانغا بەرگەن شەرھى»، تالىبلارنىڭ تاپشۇرۇق ئورنىدا يازغان نەچچە كۇبلېت شېئىرى يۇقىرىدا ئېيتقان نەقىللىرىمىزگە ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ. ئەينى دەۋردىكى قوچۇ ئايمىقىدىكى مەدرىسلەردە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار «ماۋچاڭ - ماۋخېڭ نەزمىلىرى»، «مۇھاكىمە ۋە بايان»، «ۋاپانامە» دىن باشقا يەنە «مىڭ سۆزلۈك نەسىرلەر»، «تاڭ نەزمىلىرى» قاتارلىقلارمۇبولغان. بۇنداق روناق تاپقان ئىلمۇ - ئىرفان قىزغىنلىقىنى بۇ دەۋردىن خېلىلا ئىلگىرى بولغان جەنۇب - شىمال سۇلالىلەر زامانىگىچە سۈرۈشكە بولىدۇ. مىلادى 6 - ئەسىردىكى «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى» دا: «قوچۇنىڭ ئۆرپ - ئادەت، ئەمىر - مەئىرۇپلىرى خۇاشيا (ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك) بىلەن ئوخشاش ئىدى... يېزىقىمۇ خەنزۇ يېزىقىغا ئوخشىشىپ كېتەتتى. قوشۇمچە غۇز (ئۇيغۇر) يېزىقىمۇ قوللىنىلاتتى، <ماۋچاڭ - ماۋخېڭ نەزمىلىرى>، <مۇھاكىمە ۋە بايان>، <ۋاپانامە> كەبى كىتابلارنى خەلپەتلەر تالىبلىرىغا غۇز تىلىدا شەرھلەپ سۆزلەپ ساۋاق بېرەتتى» دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، ئەينى زاماندىكى شىنجاڭدا ئىلمۇ- ئىرفان تەھسىل قىلىش ئاللىقاچان يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ئىدى، مائارىپنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلۇپ ئاقارتىش ئېلىپ بېرىلغىنىغىمۇ 100 نەچچە يىللار بولغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇ يېزىقى ئاساس قىلىناتتى، چۈنكى ئۇيغۇر يېزىقى تاڭ تيەنباۋنىڭ 3 - يىلى (744 - يىلى) نىڭ ئالدى - كەينىدە شەكىللەنگەن بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يازما ئەدەبىياتى تېخى شەكىللەنمىگەن ئىدى، شۇڭا خەنزۇ تىلى مەدەنىيىتى كاشغەرىيەدە خېلى ئۇزاققىچە داۋاملاشقان. «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ «كىرىش سۆز» ىدە بۇ ھەقتە:

    «ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ساپ تۈركچىدۇر، ئەمما ئۇلار ئۆزئارا ئالاقىدە يەنە بىر خىل شېۋىدە سۆزلىشىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ دىۋاننىڭ باش قىسمىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك 24 ھەرپلىك تۈرك يېزىقىنى قوللىنىدۇ. كىتاب، خەت - چەكلىرىنى مۇشۇ يېزىقتا يېزىشىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ چىنلىقلارنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان يەنە بىر يېزىقى بار. ھۆكۈمەت پەرمانلىرى مۇشۇ خىل يېزىقتا يېزىلىدۇ. كاپىر ئۇيغۇرلار ۋە چىنلىقلاردىن باشقىلار بۇ خىل يېزىقنى بىلمەيدۇ» دېگەن پاكىت بار.

    بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئۇيغۇرلارنىڭ چىنلىقلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر خىل يېزىقى»، ئۇنىڭ ئۈستىگە «ھۆكۈمەت پەرمانلىرىنىڭ مۇشۇ خىل يېزىقتا يېزىلىدىغانلىقى» ئەمەلىيەتتە خەنزۇ يېزىقىدۇر. بۇ بىزگە كاشغەرىيە زېمىنىدا ئەينى دەۋردە خەنزۇ تىلىنىڭ قوللىنىلىۋاتقانلىقى، خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان مەدرىسلەرنىڭ بارلىقى ۋە «چىنلىقلار» −− خەنزۇلارنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ۋاسىتىلىك ھالدا ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

    شىنجاڭ تارىخ مەدىنىيىتى ژورنىلى.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.