ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-14

    تەقدىرىڭىز ئۆز قولىڭىزدا - [ھايات ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41014852.html


    بىر تىلەمچى سەدىقە سوراپ كەپتۇ. ئۇنىڭ ئوڭ قولى مۈرىسىدىنلا يوق بولۇپ، قۇرۇق يېڭى بوشلۇقتا لەپىلدەپ تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ بىچارە ھالىنى كۆرگەن كىشى ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭغا سەدىقە سۇنىدىكەن. بىراق تىلەمچى كەلگەن ئۆيدىكى ئايال:
    -بۇ خىشلارنى ئۆينىڭ كەينىگە يۆتكىشىپ بەرسىڭىز قانداق؟- دەپتۇ.
    -بىر قولۇم بىلەنمۇ؟ سەدىقە بەرگىڭىز كەلسە بېرىڭ، بولمىسا ئادەمنى تولا ئەخمەق قىلماڭ، دەپتۇ تىلەمچى ئاچچىقلىنىپ.
    ئەمما ھىلىقى ئايال خاپا بولۇشتا يوق، ئەتەي بىر قولى بىلەن خىش يۆتكەپ تۇرۇپ: -قاراڭ، ئىككىلا قول بولمىسا ئىش قىلغىلى بولمايدۇ دەپ كىم دەيدۇ؟ مەن قىلالىغاننى سىز نېمىشقا قىلالمىغۇدەكسىز؟- دەپتۇ.
    تىلەمچى بىردەم تىڭىرقاپ تۇرۇپ قاپتۇ ۋە بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ، ئېڭىشىپ خىشنى يۆتكەشكە باشلاپتۇ. بىر قېتىمدا ئىككى دانىدىن يۆتكىسىمۇ، ئىككى سائەت ئىچىدىلا خىشلارنى پاك- پاكىز يۆتكەپ بوپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ چىلىق- چىلىق تەرگە چۆمۈپ، چىرايى قارىغۇسىز بولۇپ كەتكەن، ھېرىپ ھالىدىن كېتەيلا دەپ قالغانىكەن. خۇجايىن ئايال ئۇنىڭ تەرلىرىنى ئېيتىشى ئۈچۈن پاكىزە لوڭگىدىن بىرنى سۇنۇپتۇ. تىلەمچى يۈزىنى سۈرتكەنىكەن، لۆڭگە قاپقارا بولۇپ كېتىپتۇ.
    ئايال ئۇنىڭغا 20 يۈەننى سۈنۈپتۇ. تىلەمچى ھەشقاللا- رەھمەت دېگىنچە پۇلىنى ئاپتۇ.
    -نېمىگە رەھمەت ئېيتىسىز؟ بۇ دېگەن ئۆزىڭىز ئىشلەپ تاپقان پۇل، دەپتۇ ھىلىقى ئايال.
    مەن سىزنىڭ بۇ ياخشىلىقىڭىزنى مەڭگۈ ئۈنتىمايمەن، خاتىرە ئۈچۈن بۇ لۆڭگىنى ماڭا بېرىڭ دەپتۇ تىلەمچى.
    ئارىدىن خىلى يىللار ئۆتكەندىن كېيىن خۇجايىن ئايالنىڭ ھويلىسىدا كېيىنىشى سالاپەتلىك، گەپ- سۆز، يۈرۈش- تۇرۇشدىنلا ئۆزىگە ئىشنىدىغانلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان تەمكىن بىر كىشى پەيدا بوپتۇ. شۇغىنىسى، ئۇنىڭ ئۆڭ قولى يوق، قۇرۇق يېڭى بوشلۇقتا لەپىلدەپ تۇرىدىكەن. كەلگۈچى ياشىنىپ قالغان ئايال خۇجايىنغا ئىگىلىپ سالام قىپتۇ ھەمدە تونوشلۇق بىرىپ:
    -سىز بولمىغان بولسىڭىز، مەن ھازىرقىدەك باش مۇدىر ئەمەس، يەنىلا تىلەمچى پىتىم يۈرىۋەرگەن بۇلاتتىم. سىز ماڭا ئىشەنچ ئاتا قىلدىڭىز- دەپتۇ.
    -ھەممىسى ئۆزىڭىزنىڭ ئەمگىكى- دەپتۇ ئايال خۇجايىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسكە ئېلىپ.
    قولى يوق خۇجايىن ئايالنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە شەھەرگە ئەكىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.
    -كەچۈرۈڭ، ھەممىمىز بىجىرىم ئادەملەرمىز؟ ياردىمىڭىزنى قوبۇل قىلالمايمىز- دەپتۇ ئايال.
    -مەن چىن كۆڭلۈمدىن كەلدىم- دەپتۇ ھىلىقى كىشى، -سىز ماڭا قانداق ئادەم بولۇشنى، قانداق ياشاشنى ئۆگەتتىڭىز. شەھەردىن سىزگە ئاتاپ ئۆيمۇ ئېلىپ قويدۇم، ئۇ ماڭا بەرگەن تەربىيىڭىزنىڭ ھەققى بولسۇن.
    ئايال كۈلۈمسىرىگىنىچە شۇنداق دەپتۇ: -ئۇنداق بولسا شۇ ئۆينى بىر قولىمۇ يوق ئادەملەرگە ھەدىيە قىلايلى.
    دەرۋەقە، تەقدىر ئۆزىمىزنىڭ قولىمىزدا، مەيلى كىچىك ياكى چوڭ قارار بولسۇن ھەر بىر تاللاش، قارار بىزنىڭ تەقدىرىمىزگە مۆلچەرلىگۈسىز تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. كىچىك- كىچىك تاللاش قارارلار يىغىلىپ كېلىپ ھەر بىرىمىزنى يا غەلىبىگە يا مەغلۇبىيەتكە سۆرەيدۇ.
    ئىنسان ئۆزىنىڭ رەنجى- بەختىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلمەيدۇ، شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ پاراغەت ئىچىدە غەپلەت بىسپ قالغانلار تۇرمۇشقا، جەمئىيەتكە مۇستەقىل يۈزلىنىپ، ھاياتنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى تەنھا ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كەلگەندە تىركىشىدۇ-يۈ مەغلۈپ بولماي قالمايدۇ.
    بىل گېيتىس شۇنداق دەيدۇ: "ھاياتتىكى بەختىسىزلىكتىن قېچىش مۇمكىن ئەمەس، ئەمما ئۇ بالدۇر ياكى كېيىن بولسۇن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ۋاقىت ئاشۇ ئازابلىق ھېسلارنى ھامان ئۇنتۇلدۇرىدۇ. "بۇ ھېچنىمە ئەمەس" دېگەننى ھەر دائىم تەكرارلاپ تۇرۇڭ شۇنداقلا يەنە شۇنداق ھەرەج تارتماسلىق ئۈچۈن ئورنىڭىزدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزىڭىز قىلىشقا تىگىشلىك ئىشقا دەرھال كىرىشىڭ.

    نۇر مۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن - <بايقىساڭ توپىمۇ - ئالتۇن>  دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.