-
2009-06-14
ھاياتنىڭ قىممىتى - [ھايات ھەققىدە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41014550.html
بىر قېتىملىق مۇھاكىمە يېغىنىدا، بىرداڭلىق ناتىق ھىچقانداق سۆزقىلمايلا،20 دوللارنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ يېغىن ئەھلىدىن :
بۇنى كىم ئېلىشنى خالايدۇ؟-دەپ سوراپتۇ.ئىككىز يۈزدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھەممىسى بىر- بىرلەپ قول كۆتۈرشۇپتۇ، ئۇ يەنە :
مەن بۇ پۇلنى ئاراڭلاردىن بىرىگە ھەدىيە قىلىمەن.ئەمما ئۇنىڭغىچە بىر ئىش قىلىشىمغا رۇخسەت بېرىڭلار،-دەپتۇ ۋە پۇلنى تامامەن مىجىقلا-پۈرلەپ تاشلاپ،- ئەمدى كىم ئېلىشنى خالايدۇ،- دىگەنىكەن، ئوخشاشلا ھەممە ئادەم قول كۆتۈرۈپتۇ.
ئۇ يەنە :
ئەگەر مۇنداق قىلسامچۇ؟-دەپتۇ ۋە پۇلنى تاشلاپ ئۈستىدىن دەسسەپ، يانجىپ،بىر چاغدا مەينەت ، پۇرلىشىپ كۆرگۈسىز بوپ كەتكەن پۇلنى ئېلىپ،-ئەمدى كىم ئالىدۇ؟ دىگەنىكەن، يەنە ئوخشاشلا ھەممە ئادەم قول كۆتۈرۈپتۇ.ناتىق سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ دەپتۇ :
-بۇرادەرلەر، يۇقىرىدا ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك دەرستىن بىرنى ئاڭلىدىڭلار، مەيلى مەن پۇلنى نىمە قىلاي،سىلەر ئوخشاشلا ئۇنىڭدىن يالتايمىدىڭلار، نىمە ئۈچۈن ؟ چۈنكى پۇلنىڭ قىممىتى چۈشمىدى ، يوقالمىدى. ئۇ ھېلىھەم 20 دوللار. ھاياتلىق مۇساپىسىدە بىزمۇ سان - ساناقسىز ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ زەربىسىگە، ئەخمەق قىلىشىغا،ھەتتا تەلتۈكۈس ۋەيران قىلىشىغا ئۇچرايمىز .ھەتتا ئۆزىمىزمۇ ئەمدى بىر تىيىنغا ئەرزىگۈچىلىكىم قالمىدى، دەپ ئويلاپ قالىمىز . ئەمما نىمە ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، تەڭرىنىڭ نەزىرىدە سىلەر مەڭگۈ قىممىتىڭلاردىن قالمايسىلەر ! مەيلى پاسكىنا ياكى پاكىزە بولۇڭلار ،سالاپەتلىك ياكى جۇلدۇر - كېپەن بولۇڭلار سىلەر يەنىلا بىباھا قىممەتكە ئىگەسىلەر. ھاياتنىڭ قىممىتى بىزنىڭ نىمە ئىش قىلىشىمىزغا، كىملەر بىلەن باردى - كەلدى قىلىشىمىزغا ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئۆزىمىزگە باغلىق ! مەڭگۈ ئۇنۇتماڭلاركى، سىلەر بىباھا !
ھاياتنىڭ قىممىتى ئۆزىمىزگە باغلىق. ئۆزىمىزدىن بۆلەك ھېچكىم بىزنى پەسلەشتۈرەلمەيدۇ.نۇر مۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن - <بايقىساڭ توپىمۇ - ئالتۇن> دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
历史上的今天:
ئەخلاقنىڭ جۇلاسى ۋە نىداسى 2009-06-14تەقدىرىڭىز ئۆز قولىڭىزدا 2009-06-14ئۆزىڭىزنى تونۇڭ 2009-06-14غايىڭىزدىن تەۋرەنمەڭ 2009-06-14ھەرگىز چېكىنمەڭ 2009-06-14
收藏到:Del.icio.us