-
2009-06-14
ئۆزىڭىزنى تونۇڭ - [ھايات ھەققىدە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41014781.html
بۇ تارىختا رىكوت ياراتقان بىر قېتىملىق ئەسىر چوڭ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى . تەنھەرىكەتچىلەر سانىمۇ 300 مىليۇندىن ھالقىپ ، تارىختىكى ھەرقانداق
بىر رېكورتنى بۇزدى . مۇسابىقە مۇساپىسى ئىنتايىن جاپالىق ، ئەمما تالىشىدىغىنى بىرلا دەرىجە ، بىرلا نامزات ، ھەتتا ئىككىنجى دەرىجىمۇ يوق .قاتناشقۇچىلارنىڭ ساننى كۆپ بولىشىدىكى سەۋەپ ، يەڭگۇچى تارىختىكى ئەڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ .
مۇسابىقە باشلاندى . تۇنجى ئۆتكەلدىكى توسالغۇنىڭ ئۆزىلا نۇرغۇن تەنھەرىكەتچىنى شالىۋەتتى . بىر قىسىملىرى توسالغۇدىن قورقۇپ چېكىنگەن بولسا ،
يەنە بىر قىسىملىرى قىيىنلىقى يۇقىرى ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەي شاللىنىپ كەتتى - دە ، ئارانلا مىڭدىن بىر ئادەم ، يەنى 300 مىڭ ئەتىراپىدىكى ئادەم قېپقالدى .
كىيىنكى ئۆتكەل كۆز يەتكۇسىز قۇملۇق بولۇپ ، مۇسابىقە قائىدىسى بويىچە تەنھەرىكەتچىلەر سۇ ئىلىۋىلىشىغا يول قويۇلمايتتى . پەقەت ئۆزىنىڭ چىدامچانلىقى ۋە جىسمانى كۈچىگە تايىنىپلا پۈتۈن مۇساپىنى يۈگۈرۈپ تاماملىشى كېرەك ئىدى . بىرىنچى ئۆتكەلدىن ئۆتكەن مىڭنىڭ ئىچىدىن بىرى تاللانغان غالىپلار قۇرغاق چۆل جەزىرىدە ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە ئۈچۈن جان تىكىپ تىركىشمەكتە . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇنلىرى بىر-بىرلەپ يىقىلماقتا ...
پۇتۇن قۇملۇق مۇساپىنى غەلبىلىك تاماملىيالىغانلار ئارانلا ئىككى - ئۈچ يۈزگە يىقىن ئادەم بۇلۇپ ، بىرىنچى ئۆتكەلدىن ئۆتكەنلەرنىڭ مىڭدىن بىرىگە توغرا كېلەتتى .
تېخىمۇ قىيىن سىناق تېخى ئالدىدا ئىدى . قۇملىقتىن چىقىپلا تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ دۇچ كەلگىنى ھېچقانداق يول بەلگىسى يوق كېسىشمە يولار ئىدى . تەنەركەتچىلەر جەزمەن ئۆزىنىڭ ئەقىل -پاراسىتىگە تايىنىپ تاللىشى كېرەك ئىدى . يولنىڭ توغرا تاللىنىشى ئازىراق ئۇمۇدتىن دېرەك بېرەتتى . خاتا تاللاش
ئىلگىركى بارلىق تىرىشچانلىقنى يوققا چىقىرىپ ، تەلتۆكۈس مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ باراتتى .
ئەقىل - پاراسىتى تولۇپ - تاشقان بىر توپ ماھىر يولنى توغرا تاللىيالىدى . ئۇلار ھالسىزلانغان تېنىنى سۆرىشىپ ئەڭ ئاخىرقى يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتىشماق بولاتتى . ئۇلار مىليونلىغان رەقىبىنى يىڭىپ چىقانلىقى ، پەقەت ئەڭ ئاخىرقى مۇشۇ مۇساپىگە بەرداشلىق بېرەلىسىلا ، چىمپىيونلىقنى قولغا
كەلتۈرەلەيدىغانلقىنى بىلىشەتتى .
بىر ماھىر بارلىق كۈچ-غەيرىتىنى يىغىپ ، جان تىكىپ ئالغا تاشلاندى - دە ، ئاخىرقى پەللىدىن ئۆتۈپ بىردىن بىر غەلبە قازانغۇچىغا ئۆزگەردى .
شۇ ھامان ھەممە ئۇنىڭغا ئالقىش ياڭراتتى . ئۇ ئەڭ ئاخىرقى يەڭگۈچى ، ئۈزۈل - كېسىل غەلبە قىلغۇچى ، تارىختىكى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئىدى .
ھېكايىدىكى ئەسىر چوڭ مۇسابىقىسى تارىختىكى ئەڭ قىيىن مۇسابىقە ، غەلبە قىلغۇچى جەزمەن ئۆزىنىڭ جاسارىتى ، جىسمانى كۈچى
،چىدامچانلىقى ، قەتئىيلىكى ، ئەقىل - پاراسىتى ، شۇنداقلا يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي قوزغاتقان بولىشى كېرەك . ئەلۋەتتە ، بۇ خىل خاسلىقلار
ھەر بىر تەنھەرىكەتچىنىڭ ھەممىسىدە بار . شۇڭا غەلبە قىلغۇچى ھەرقايسى جەھەتلەردىن 300 مىليۇن رەقىبىدىن ئۈستۈن تۇرالىغاندىلا چىمپىيۇنلىقنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ .
ئەسىر چوڭ مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلبە قازانغۇچىسىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرگىڭىز بارمۇ ؟ بۇ تەس ئەمەس ، ئەينەكنىڭ ئالدىغا بارسىڭىزلا
ئۇنى كۆرەلەيسىز .
ھەئە ، سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا ، سىز تۇغۇلغان ئاشۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدىلا باشلانغان بۇ كاتتا مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چىمپىيۇنى دەل سىز . ھېچقانداق شۇبھىلەنمەڭ . سىز ئەڭ مۇكەممەل شارائىتقا ئىگە . سىز ئاللىقاچان 300 مىليۇن ھەمراھىڭىزدىن ھالقىپ ، بىردىنبىر غەلبە قازانغۇچىغا ئايلىنىپ بولغان . سىزدە سىزنى مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان چەكسىز يۇشۇرۇن ئىقتىدار بار . ئاشۇ مەشھۇر ھېكمەتتە دىيىلگەندەك: << سىز تۇغۇلغاندا ، تەڭرى سىزگە ئەڭ ئالدىنقى
ئورۇننىڭ بېلىتىنى ھەدىيە قىلغان >> .
سىز ئەڭ قالتىس ، سىزدە ئەڭ كاتتا غەلبە قىلغۇچىغا ئايلىنالايدىغان بارلىق يۇشۇرۇن پەزىلەت ۋە ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى مۇجەسسەم . پەقەت سىز خالىسىڭىزلا ، مەڭگۇ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايسىز .
نۇر مۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن - <بايقىساڭ توپىمۇ - ئالتۇن> دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى.历史上的今天:
ئەخلاقنىڭ جۇلاسى ۋە نىداسى 2009-06-14تەقدىرىڭىز ئۆز قولىڭىزدا 2009-06-14غايىڭىزدىن تەۋرەنمەڭ 2009-06-14ھەرگىز چېكىنمەڭ 2009-06-14ھاياتنىڭ قىممىتى 2009-06-14
收藏到:Del.icio.us