ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-14

    غايىڭىزدىن تەۋرەنمەڭ - [ھايات ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41014719.html



    بىر كۈنى تاشپاقا قېرى تۇخۇمەك دەرىخىنىڭ ئاستىدا چىرايلىق بىت دەمدەرنىڭ 28-نۆۋەتلىك شىر پدىشاھنىڭ توي قىلماقچى بولىۋاتقانلىقىنى، بارلىق جاندارلارنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلغانلىقى توغرىلىق سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قاپتۇ .   <شىر پاھىشاھ ھەممە جاندارلارنى زىياپەتكە تەكلىپ قىپتۇ، مەنمۇ بارسام بولغۇدەك  > دەپ ئويلاپتۇ تاشپاقا ۋە يولغا چىقىپتۇ . ئۇ يولدا ئۆمۈچۈك ، پاقا، يەر يولۋىسى، يەنە بىر توپ قاغىغا ئۇچراپتۇ . ئۇلار تاشپاقىنىڭمۇ ماڭغىنىدىن ھەيران قاپتۇ ۋە <ھەي تاشپاقا ، بىزلەر دىمىسەكمۇ ، شۇنچىلىك ئاددىي گەپنى سەنمۇ ئويلاپ بېقىشىڭ كېرەققۇ، زىياپەت باشلىنايلا دەۋاتسا ، سەن مۇشۇ مېڭىشىڭدا ئۈلگۈرۈپ بارالامسەن ؟ قوي ، سەن بارغۇچە زىياپەت ئاخىرلىشىدۇ، ئۆڭكۈرمۇ توشۇپ كىتىدۇ. ساڭا ساقلايمىز دىسە يېڭى توغۇلغان بوۋاقمۇ يوغىناپ، خوتۇن ئېلىپ بولار> دەپ نەسىھەت قىلىشقان بوپتۇ . ئەمما تاشپاقا جاھىللىق بىلەن يولىنى داۋام قىلىۋېرىپتۇ .
    نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپتۇ. تاشپاقا ئاخىرى شىر پادىشاھنىڭ ئۆڭكۈرىنىنڭ ئېغىزىغا يىتىپ كەپتۇ . قارىغۇدەك بولسا ھەممە ياققا رەڭگارەڭ پانۇسلار ئېشىلغان ، پۈتكۈل جاندارلار سېغدىلىشىپ تۇرغۇدەك .
    -بۈگۈن،- دەپتۇ نەلەردىندۇر يىتىپ كەلگەن ھەييار قىسقا سېرىق مويلۇق مايمۇن،- ھەممىمىز يېغىلىپ 29- نۆۋەتلىك شىر پادىشاھنىڭ توي مەرىكىسىنى تەبرىكلەۋاتىمىز .
    مۇبادا تاشپاقا باشقىلارنىڭ نەسىھىتىگە كىرىپلا نىيىتىدىن يانغان بولسا ، مۇشۇ زىياپەتكىمۇ يىتىپ كېلەلەرمىدى ؟

    بېل گېيتىس بالىلىق ۋاقىتلىرىدىلا باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزىگە خاس خارەكتىرنى شەكىللەندۇرۇپ بولغانىدى .يەنى ، ئىشنى قەتئىيلىك بېلەن قىلىش؛ باشقىلارغا بېقىنىپ قالماسلىق ؛ قىلىشنى نىيەت قىلغان  ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش ؛ باشقىلار بىلەن مۇسابىقىلىشىپ قالساجەزمەن يېڭىش ؛ مۇسابىقە ۋە رىقابەتلەردە ، ئۇ پەۋقۇلئالددە ئۆزگىچە ئىستەكنى ساقلاشقا تىرىشاتتى . ئۆزمەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئۇ كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپلا  مۇھىت ۋە كىشىلەرنىڭ پىكىر چەلىمىسىگە پەرۋا قىلمايتتى . مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكتىمۇ ، باشقىلارنىڭ نىمە دىيىشىدىن قەتئىينەزەر پۈتۈن ۋوجۇدى بىلەن شۇ ئىشنى ئاخىرىغا ئېلىپ چىقىشقا تىرىشاتتى .
    گېيتىس تەڭتۇش بالىلار بىلەن بىرگە ئويناشنى خالىمايتتى . تەڭتۇشلىرى ياقتۇرۇپ كۈرىدىغان بالىلار ھىكايىلىرى ، چاتما رەسىملەرنى كۈرۈشنى تېخىمۇ خالىمايتتى . بەلكى دادىدىنىڭ كۈتۈپخانىسىغا كىرىپ چوڭلار ئوقۇيدىغان كىتابلار بېلەن ھەپىلكلىشىشنى بەكرەك ياقتۇراتتى .
    ئۇ يەتتە ياشقا كىرگەندە ئاشۇ توم - توم كىتابلار ئىچىدىن ئۆزى ھەقىقەتەن كۈرۈشنى خالايدىغان <دۇنياۋى كىتابلار قامۇسى> نى تېپىۋالىدۇ .  ئۇ بۇ كىتابنى قولىغا بىر ئالغىنىچە  نەچچە سائەت ئوقۇپ كىتەتتى .باشقىلار ئۇنىڭدىن كىتابتىكى مەزمۇنلارنى چۈشىنەلەيدىغان ياكى چۈشىنەلمەيدىغانلىقىنى سورىغاندا ، ئۇ پىشەنتمۇ قىلىپ قويماستىن  ئىخلاس بىلەن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىۋېرەتتى .
    مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن گېيتىسنىڭ جاھىل خارەكتىرى تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلىنىشكە باشلىدى . ئۇنىڭ بۇ خىل خارەكتىرى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك تىرىشچانلىق بىلەن  بىرلىشىپ ھەرقانداق بىر ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش ئادىتىگە ئايلاندى .
    بىر قېتىم ئۇ ئوقۇۋاتقان مەپتەپنىڭ پوپى بارلىلارنىڭ <ئىنجىل> غا قىزىقمايۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ <ئىنجىل> نىڭ ئەڭ قىيىن بىر بۆلىكىنى تالاپ ، ئوقۇغۇچىلارنى يادلاشتا مۇسابىقىلەشتۈرىدۇ ۋە بىر ھەرپنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي يادلادپ بېرەلىگەنلىرىنى بوشلۇق مۇنار رىستورانىدا ئۆتكۈزىلىدىغان زىياپەتكە ھەقسىز قاتناشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ . بوشلۇق مۇنارى سىئاتىلدىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش بۇلۇپ ، مۇنارنىڭ چوققىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ رىستۇرانمۇ ئەڭ ھەشەمەتلىك رىستۇرانلاردىن ئىدى . كۆڭۈل ئېچىش ، ساياھەت ، غىزالىنىش بىر گەۋدىلەشكەن مۇنارغا چىقىش ھەرقانداق بىر بالا ئارزۇلايدىغان ئىش ئىدى .
    گەرچە گېيتىسنىڭ ئائىلىسىنىڭ شارائىتى مۇنارغا چىقىپ  غىزالىنىشقا يار بەرسىمۇ ، لېكىن گېيتىس ئىقتىدارىغا تايىنىپ ، بۇ قېتىمقى پۇرسەتكە ئېرىششىكە بەل باغلىدى ۋە بەلگىلەنگەن بۆلەكنى يادلاپ مۇنارغا چىقىپ غىزالىنىش پۇتسىتىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ كىچىككىنە غەلبە گېيتىسنىڭ جاھىل خارەكتىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى . ئۇ ئىشەنچلا بولسا ، ھەرقانداق ئىشتا غەلبە قازىنالايدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى .
    ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە بېل گېيتىسنىڭ جاھىل خارەكتىرى تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىشكە باشلىدى . ئۇ نەچچە قېتىم ئاتا - ئانىسىغا خارۋارد ئونۋېرستىتىدىن چىكىنىپ چىقىپ دوستى ئېلىن بىلەن كومپىيۇتېر ئىشلىرى بېلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئېيتماقچى بولدى . سىئاتىل گەرچە ئۇنىڭ يۇرتى بولسىمۇ ، ئۇ يەردە شىركەت قۇرۇشنى ئويلاپ باقمىغانىدى ، بەلكى سىئاتىللىقلارنىڭ نەزىرىدە پۈتۈنلەي قۇم توپا ئۇچۇپ تۇرىدىغان  چۆللۈك ھىسابلىنىدىغان ئالبۇكۋېركىغا بېرىش ئىدى .
    بۇ ئىنتايىن غەلىتە ئوي ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنى ھەيران قالدۇردى . ئوغلىنىڭ بۇ تاللىشىغا توغرا مۇئامىلە قىلالمىدى . شۇڭا ئۇلار ئوغلىنىڭ ئوقۇشتىن چىكىنىشىچە پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇردى . ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ ئاۋۇكات بولىشىنى خالايتتى . نىمىلا دىگەن بىلەن ئادۋۇكاتلىق كىشىلەر ھۆرمەت قىلىدىغان ، بىر قەدەر يۇقىرى كىرىم ھەمدە يۇقىرى ئىجدىمائىي ئورۇنغا ئىگە كەسىپ ئىدى . ئانىسى ئوغلىنىڭ بۇ تاللىشىنى ئۇچچىغا چىققان ئەخمىقانىلىق دەپ قارىدى ۋە گېيتىس خارۋاردنىڭ ئۇنۋانىغا ئېرىشسىلا  ئوغلىنىڭ كىيىنكى خىزمەت تاللىشىغا ئارلاشمايدىغانلىقىغا كاپالەت بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .ئاتىسىنىڭمۇ قارشى تۇرۇش نەتىجىسىدە ، گېيتىس ئوقۇشتىن چىكىنىش غەرىزىدىن ۋاقتىنچە يېنىشقا مەجبۇرى بولدى .
    بېل گېيتىس ئاتا - ئانىسىنىڭ قارشىلىقىنى دەپلا ئۆز غايىسىدىن پۈتۈنلەي كەچمىدى . خارۋاردتا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە ، ئۇ ئېلىن بىلەن شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى تەڭ ئېلىپ ماڭدى  ھەمدە ئۆزى تاللىغان كەسىپ بىلەن ئوقۇۋاتقان كەسىپ ئوتتۇرىدىكى زىددىيەتنى قايتا - قايتا ئانالىز قىلىش ئارقىلىق كەسكىن قارار چىقاردى .
    پىشىپ يىتىلگەن پۇرسەت كۆز ئالدىدىلا ئىدى . ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇشنى تاللىغان  گېيتىس ئاخىرى ئوقۇشتىن قېلىشنى تاللىدى ۋە ئۆز شىركىتىنى رەسمىي قۇرۇپ چىقتى .  


    نۇر مۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن - <بايقىساڭ توپىمۇ - ئالتۇن>  دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.