-
2009-06-14
ھەرگىز چېكىنمەڭ - [ھايات ھەققىدە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41014675.html
تۆۋەندىكىسى بىر ئادەمنىڭ كۈرەش تارىخى :
1816-يىلى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەسلى ماكانىدىن قوغلاندى. ئۇ، ئىشلەپ ئائىلىسىنى بېقىشقا مەجبۇر بولدى.
1818-يىلى ئانىسى ئالەمدىن ئۆتتى .
1831-يىلى سودىدا مەغلۇب بولدى.
1832-يىلى پارلامېنت ئەزالىق سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ سايلىنالمىدى.
1832-يىلى خىزمىتىدىنمۇ قۇرۇق قالدى .قانۇن ئىنىستىتوتىغا كىرىپ ئوقۇمامچى بولىديۇ،ئوقۇشقىمۇ كىرەلمىدى .
1833-يىلى دوستلىرىدىن پۇل ئۆتنە ئېلىپ سودىغا كىرىشتىيۇ،يىل ئاخىرغىچە ۋەيران بولدى. گەدىنىدىكى قەرىزنى 16 يىل تۆلەپ قۇتۇلدى.
1834-يىلى پارلامېنت ئەزالىق سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ يەڭدى.
1835-يىلى توي قىلىشقا پۈتۈشكەن بولغۇسى ئايالى ئالەمدىن ئۆتۈپ ، يۈرىكىدە ساقايماس ھىجران قالدى.
1836-يىلى روھى جەھەتتىن پۈتۈنلەي بەربات بولۇپ ئالتە ئاي ياتتى .
1838-يىلى پارلامېنت ئەزاسىنىڭ باياناتچىلىقىنى تالىشىپ مەغلۇب بولدى.
1840-يىلى سايلامغا قاتنىشىشقا بار كۈچى بىلەن تىرىشتىيۇ مەغلۇب بولدى.
1843-يىلى پارلامېنت چوڭ سايلىمىغا قاتناشتى ، ئەمما سايلىنالمىدى.
1846-يىلى پارلامېنت چوڭ سايلىمىغا يەنە قاتىنىشىپ سايلاىدى ۋە ۋاشىنگىتوننى نىشانلاشقا باشلىدى، ئىپادىسى يامان ئەمەس بولدى.
1848-يلى پارلامېنت ئەزالىقىغا قايتا سايلىنىشقا تىرىشتىيۇ مەغلۇب بولدى.
1849-يىلى ئۆزى تۇرۇشلۇق شىتاتنىڭ يەر - زىمىن ئىدارىسىگە باشلىق بولۇش خىيالىدا چاپتىيۇ،رەت قىلىندى.
1954-يىلى ئامېرىكا ئالى پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىنى تالىشىپ سايلىنالمىدى.
1856-يىلى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر چوڭ يېغىنىدا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا كۆرسىتىلىشنى قولغا كەلتۈردى، ئەمما ئېرىشكەن بېلەت سانى يۈزگىمۇ يەتمىدى.
1858-يىلى يەنە بىر قېتىم ئامرىكا ئالىي پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىنى تالىشىپ، يەنە سايلىنالمىدى.
1860-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلاندى .
بۇدەل ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ زور شۆھرەت قازانغان زۇڭتۇڭ لىنكولىندۇر !
<بۇ يول شۇقەدەر جاپالىق ھەم ئەگرى - توقاي بولدى. بىر پۇتۇم ئازراقلا تېيىپ كەتسە ، يەنە بىر پۇتۇممۇ لىڭشىپ قالىدۇ، ئەمما مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ، ئۆز-ئۆزۈمگە شۇندق دەپ كەلدىم. بۇ ئازراقلا پۇت تېيىش ، مۈدۈرۈپ كىتىش ،ھەرگىزمۇ ئۈلۈش ياكى دۈم چۈشۈش ئەمەس!>لىنكولىن ئالىي پالاتا ئەزالىق سايلىمىدا مەغلۇب بولغاندىن كىيىن شۇنداق دىگەنىدى .
مۇۋەپپىقىيەتتە ھېچقانداق مەخپىيەت يوق. بار دىيىلسە :
بىرىنجى ، ئاخىرغىچە تىركىشىش،ۋاز كەچمەسلىك ، مەغلۇب بولغىنىنى ھەرگىزمۇ تەن ئالماسلىق؛
ئىككىنجى ، ۋاز كېچىش خىيالىغا كەپ قالغان چاغلاردا،ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ بىرىنجى مەخپىيەتكە قاراش؛ئاخىرغىچە تىركىشىش، ۋاز كەچمەسلىك،مەغلۇب بولغىنىنى ھەرگىز تەن ئالماسلىق .
قەتئىي ئىرادىل ، قول سېلىپ ئىشلەشلا بولىدىكەن، مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق. بۈيۈك شائىر شىللى شۇنداق دىگەنىدى :<مەن ئۆز تەقدىرىمنىڭ خوجىسى، ئۆز روھىمنىڭ رولچىسى>.پەقەت شۇنداق بولغاندىلا، مەڭگۈ چىكىنمەي ئالغا باسالايسىز .
ئىبراھام لىنكولىن يولۇققان دۈشمەنگە ھەممىمىز ئۇچرىغان . ئۇ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ۋاز كەچكەن، قاچقان ئەمەس ،بەلكى داۋاملىق تىرىشىپ كۈرەش قىلغان . ۋاز كىچىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان . شۇڭا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغان .
قېنى ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ ، سىز قانداق قىلىسىز ؟ قانداق قىلىۋاتىسىز ؟
نۇر مۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن - <بايقىساڭ توپىمۇ - ئالتۇن> دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى.历史上的今天:
ئەخلاقنىڭ جۇلاسى ۋە نىداسى 2009-06-14تەقدىرىڭىز ئۆز قولىڭىزدا 2009-06-14ئۆزىڭىزنى تونۇڭ 2009-06-14غايىڭىزدىن تەۋرەنمەڭ 2009-06-14ھاياتنىڭ قىممىتى 2009-06-14
收藏到:Del.icio.us